ئۆيلەنمەكچى بولغان يىگىتلەر دىققەت! ئۈرۈمچىدە خوتۇن ئېلىشقا كېتىدىغان چىقىملار…
توي قىلىش – بويىغا يېتىپ قالغان قىز-يىگىتلەرنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بىرى. ئەلۋەتتە، ھەممە ئىشنىڭ قائىدىسى بولغىنىدەك، توينىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق غېمى بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى، مەلۇم بىر تورداشنىڭ ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرىھال بىر قىزنى ئېلىش ئۈچۈن تۈزگەن ھېساباتى بولۇپ، بويتاق يىگىتلەر ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
1. ئۆي بىر يۈرۈش، شەھەر مەركىزدىن يىراقراق داۋاندىن، ئوتتۇرىچە باھاسى 5000 دىن 100 كىۋادرات مېتىر بويىچە، 500 مىڭ.
2. ئۆينى بېزەش، ئوتتۇرىھال دەرىجىدە ، ماتېرىيالنى ئۆزى ئالغان ئەھۋال ئاستىدا، تەخمىنەن 50 مىڭ يۈەن.
3. ئۆي جاھازلىرى، ئېلكتېر ئۈسكۈنىلەر، كارىۋاتمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، جەمئىي 50 مىڭ يۈەن ( قىز تەرەپ سەل غەرەز ئۇقسا بىر قىسمىنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىشى مۇمكىن )
4. تويلۇق، ئۈرۈمچى شارائىتىدا كەم بولغاندا 20 مىڭ ، ئوتتۇرىچە بولغاندا 30 – 40 مىڭ، يۇقىرىسى 50 مىڭدىن كۆڭلى تارتقانغىچە.
4. توي ماشىنىسىدە يۆتكەش، 6 ئاۋدى، 1 لېنكولىن ياكى كادىلاك ، تۆۋەن بولغاندا 2500 يۈەن.
5. رېستۇران ، 300 كىشى چاقىرىلدى دېگەندە، 30 شىرە تاماق، ھەر شىرە ئۈچۈن 350 يۈەندىن بولغاندىمۇ، 10 مىڭ 500 يۈەن. ھەر شىرەگە 50 يۈەندىن ھاراق – تاماكا، ئىچىملىك 1500 يۈەن، جەمئىي 12 مىڭ يۈەن. قىز – يىگىت نىڭ ئايرىم ئولتۇرۇشى ئۈچۈن 1000 دىن 2000 كەتسە، ھەممىسى 15000 ھەر شىرەدىن 500 يۈەندىن قايتتى دېگەندىمۇ 15 مىڭ يۈەن، شۇنىڭ بىلەن ئالمىغان بەرمىگەن بولىدىغان گەپ.
6. يىگىتنىڭ ئايلىق كىرىمى 2000*12 ، ياۋا كىرىمىنى 800 * 12 بويىچە بولغاندا، يىللىق كىرىمى 35 مىڭ يۈەن.
مۇشۇ بويىچە بولغاندا تويغا كېتەرلىك جەمئىي چىقىم : 700 مىڭ بولۇپ، يىگىت بۇنى راسلاش ئۈچۈن يەنە يېمەي – ئىچمەي 22 يىل پۇل يىغسا، ئاندىن ئۈرۈمچىدىن يامان ئەمەس خوتۇندىن بىرنى ئالالىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن سىرت، تويدىن بۇرۇن قىزنى قوغلىشىش، كەلتۈرۈش، مۇھەببەتلىشىش مەزگىلىدىكى چىقىملار، قىزنىڭ ھەدە-سىڭىللىرى، چوڭلارغا بولغان خۇشامەت، ھېيت-بايراملىق سوۋغا، ساياھەت قاتارلىقلارنى قوشساق، يەنە خېلى جىق چىقىم قوشۇلىشى مۇمكىن. شۇڭا، يىگىتلەر، تىرىشىڭلار!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: توي,تۇرمۇش,نىكاھ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 2,807 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: urumchide-oylinish.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كىچىك تېخنىكا: Windows 7 دە ۋەزىپە ستونىدا قانداق قىلىپ ھەپتە كۈن نامىنى كۆرسىتىمىز؟
- كېيىنكى يازما > كۆرۈنمە يۈزى ئەڭ ئېسىل دەپ تەرپلىنىدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى : تەنھا ئارالدىكى كىرزىس2
تۆت ئەر بىر يەرگە كەلسە خوتۇننىڭ گېپى…
‹ كۆڭلۈم چۈشتى ئىشەككە دەپ ، بۇرمۇنچە پۇلنى خەجلەپ خوتۇن ئالسام ئەسلىدە خان ۋالىدىكەن ئەمەسمۇ ›
ئەڭ ياخشىسى ماي سەرپىياتى يۇقىرى ماشىنىلارنى ئاشۇ باي غوجامنىڭ باللىرى ئالسۇن.
بۇ تېما مىسرانىمدا قايناپ كېتىپتۇ
ئۈتۈپ كەتكەن ئىسراپخورلۇق ،،،،،،،بىمەنىلىك دە بۇ ھەي،،،،،،،،،،،،،
تەدبىركارنىڭ بويتاقلىقىنىڭ سەۋەبىكەندە بۇ!
مىسرانىمدا دەششەت قايناپ كەتتى بۇ تىما … بۇ ئەڭ ھەشەمەتچە ئۆتكەزگەن توي بولدىمۇ قانداق …
مەندەك بۇرۇنراق توي قىلىۋالغان بولساڭلارچۇ كاشكى…
كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇۋەرمەي بۇرۇنراق توي قىلىڭىلار جۇمۇ، يىگىتلەر! بولمىسا بۇ باھا تېخمۇ ئۆسۈپ كېتىدۇ…
شۇ مەنمۇ ئالدى كەينى بوپ 300مىڭلىق بولغان ھى ھى 1 يىلنىڭ ئالدىدا ھازىر تىخىمۇ يۇقىرى بولدىمىكىن
ئۇلۇغ ئاللا ئىشلىرمىزنى ئاسان كىلار …بۇ توي كىلىش نىمانچە تەسلىشىپ كەتتى ئەمدى ….ئۇلۇغ ئاللا قىزلىرمىزنىڭ كوڭلىگە ئىنساپ بىرەر ………
بۇرۇن ـوي قىلغانلارغا پايدىكەن ،ھازىر توي قىلىش تسلىشىپ كىتىپتۇ ئامال يوق ئەرزانراق بولسىمۇ خوتەندىن ئالايلى!
مىليونىر بولغاندا ئاندىن خوتۇن ئالغىلى بولىدىكەندە….ھەي ،بويتاق ئۆتۈپ كەتكۈدەكمەندە