بەلگىلەپ قويغان سۈرەتكە ئوخشاش سۈرەتكە تارتمىسا، توختىماي تېلىفوننى سايرىتىدىغان ئەپ
ئەتىگەنلىكى تېلىفون ياكى باشقا نەرسىدە قوڭغۇراق تەڭشەپ قويۇپ ئويغىنىش ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى بىر ئادەتكە ئايلىنىپ كەتتى، قوڭغۇراقنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش ۋە كىشىلەرنىڭ ھورۇنلۇق ئېڭىنى تېزرەك تاشلىشى ئۈچۈن، كىشىلەر ھەمىشە بىر قىسىم ئىجادىيلىقى يۇقىرى قوڭغۇراقلارنى ئىجاد قىلماقتا.
iOS تىكى بۇ قوڭغۇراق App مۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەر قېتىم سايراشقا باشلىغاندا، سىز چوقۇم تېلىفوننى قولىڭىزغا ئېلىپ، ئىلگىرى بەلگىلەپ قويغان ئورۇنغا ئوپمۇ-ئوخشاش قىلىپ بىر پارچە سۈرەتكە تارتمىسىڭىز، قوڭغۇراق سايراشتىن ھەرگىز توختىمايدۇ. نورمال ئەھۋالدا، بۇ مەشغۇلاتلارنى تاماملاپ بولغاندا سىز ئاللىقاچان ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ يېڭى بىر كۈننى كۈتۈۋېلىشقا تەييار بولۇپ بولىسىز. ناۋادا قىززىقىدىغان تورداشلار بولسا كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.
بەلگىلەنگەن ئورۇننى سۈرەتكە تارتمىسا سايراشتىن توختىمايدىغان قوڭغۇراق App
مۇناسىۋەتلىك يۇمۇرلار:
تۆنۈگۈن ئاغىينەم ئامراق ئىستاكانىنى چېقىپ ساپتۇ، ئاڭلىشىمچە ئۇ ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئۇ ئىستاكاننى بىر پارچە سۈرەتكە تارتىمىشكەن…
يەنە بىر ئاغىينەم قوڭغۇراقنى توختىتىدىغان رەسىمگە ئايالىنىڭ ئۇخلاۋاتقان ھالىتىنى بەلگىلەپتىكەن، ئاڭلىسام كېيىنكى ئايدا ئاجراشماقچى بوپتىمىش…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Alarm، App، ئەپ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,418 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 03-كۈنى
- يازما مەنزىلى: sleep_if_u_can.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > راست-يالغانلىقىنى ئۇققىلى بولمايدىغان سۈرەت – پىرىنسىپى زادى قانداقتۇ؟ ئەجىبا ھۆججەتنى ئېچىش ئۇسۇلىمدىكى خاتالىقمىدۇ؟
- كېيىنكى يازما > قولىڭىز سۇنۇپ كەتسە چوڭ ئىش يوق، پرېنتىردە بېسىپ چىقىرىۋالىمىز | ئۈچ ئۆلچەملىك پرىنتېر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات
- iPhone 5s نىڭ M7 بىر تەرەپ قىلغۇچىنى ئىشلىتىدىغان يېڭى ئەپ – Strava Run
- Android Studio – گۇگېل تارقاتقان ئاندرويىد ئۈچۈن مەخسۇس پروگرامما ئېچىش قورالى
- ئۇچۇر تورى ئايفۇن ئەپ دىتالى ئېلان قىلىندى | ئەمدى يانفۇندىلا ئۇچۇر يوللىيالايسىز/ ئۇچۇر كۆرەلەيسىز
- Android چى باللا بادۇ؟ | ئويۇن تەڭگىسى يېتىشمەي بويۇن قىسىپ قالدىڭىزمۇ؟ ئەمدى ھەرقانداق ئويۇننى باكاغا ئوينايسىز
- iPhone دىكى كۆپ تىللىق ھەقسىز لۇغەت – بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتى ۋە بىلكان ئەرەپچە لۇغىتى
- بۇ تۈلكىنىڭ قانداق قىلىپ بىر دانە ئەپكە ئالدانغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ، قىززىق ئىشلار جىق دېسە…
- تورخۇمارلارغا ئايەملىك سوۋغا | «كەپتەر» ئۇيغۇرچە قىسقا ئۇچۇر يوللاش ياردەمچىسى
- قارلۇقتىن يەنە بىر ئەپ- ئوكيان لوغىتىنى ئەمدى ئامراق ئايفونىڭىزدىلا ئوينايسىز
- ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخىسلەر تونۇشتۇرۇلغان ئەپ – شەخىسلەر
- قارلۇقتىن يەنە بىر يېڭى ئەپ: Eli For iPhone | پۈتۈنلەي ھەقسىز، iOS 4.0 دىن يۇقىرى iPhone غا ماس كېلىدۇ
بولىدىغان ئەپكەن
ئەمدى تالاش – تالاش بولاپ كەتتى
پەچەتكەن
دىۋان كەممەيۋاتىدىيا ……………
مەن ئۆزۈمنى تارتىپ قوياتتىم. چۈنكى تاپالماي قېلىشىمدىن ئەنسىرمەيمەندە….
جەينامازنى تارتىپ قويۇپ ئۇخلىسا بولدىكەن.
ما گەپنىڭ جىنى با ..
جىنى يوقتۇ؟ جېنى بادۇ؟!
ماۋۇ بولىدىغان ئەپكەن، پەقەت بولمىسا ئوبۇرنىنى سۈرەتكە تارتىپ قويسا بولغۇدەك،
يۇقارقى سىندىمۇ تازلىق ئۆينى سۈرەتكە تارتىپتىغۇ،؟
ھا ھا ھا
تېلىفۇنىنى ھەر بەش مىنۇتتا بىر سايرايدىغان قىپ تەڭشەيدىغانلار ئۈچۈن بۇ ئۇسۇل تولىمۇ ماس كەلگۈدەك
بولىدىكەن، مەن 6 بىلەن تۇرماقچى بولسام 5:30 دا بىر قېتتىم، 5:40 دا بىر قېتىم، 5:50 دە بىر قېتىم سايرايدىغان قىپ قوياتتىم، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ئايفوننىڭ ئىكرانى كىچىككەن دەپ 5ديۇملۇق ئىكرانى بار ئاندىروئىد ئىشلىتىۋاتقان… ئاندىروئىد نۇسخىسى بارمىدۇ…
مەنلا شۇنداق قىلامەنمىكىن دىسەم خېلى بار ئىكەن ھە ئارىمىزدا
مەن 15 مىنۇتنى بىر بىرلىك قىلىپ ئۈچكە تەڭشەيمەن.
ھاھاھا…. ئاۋۇ ئاخىرىدىكى قۇشۇمچە بەكەرەك قىزىقارلىقكەن !
لىكىن بولىدىغان ئەپ ئىكەن !
ئاندىرويىت نۇسخىسىنى چۈشۈرۋىلىڭلار:
http://static.apk.hiapk.com/html/2012/09/834574.html
ۋاھ ئەجەپ قالتىس ئەپكەن ، قايسىڭلار بۇ ئەپنىڭ ئىسمىنى بىلىسىلەر ؟
بولدىغان كاساپەتكەن جۇمۇ بۇ ئەمسە
ئاۋۇ مۇناسىۋەتلىك يومۇرلار بولىدىكەن. ئۇنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ زادى. تاساددىپىي شۇنداق بوپقالسا قوڭغۇراقنى توختىتالماي ئاۋارە ئاندىن …
بولىدىغان ئەپكەنغۇ ، ماڭىغۇ ئانام كىلىپ تۈرتمىسە قوڭغۇراقلىق سائەتلەر تەسىر قىلىپمۇ ساممايدۇ ، يۇقىرى ئاۋازلا ئاسان ئويغىتالمايدىغۇ تاڭ ،
ھەي ماۋۇ ئەپنىڭ ئىسمى نىمۇ ئالمامغا قاچىلاپ قۇياي دىگەن ئىدىم
ھەي ھەجەپ ىچىم پۇشتى’ھەقلىقكەن’