نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يېــڭــى ئىــشــلار > يازما مەزمۇنى

قولىڭىز سۇنۇپ كەتسە چوڭ ئىش يوق، پرېنتىردە بېسىپ چىقىرىۋالىمىز | ئۈچ ئۆلچەملىك پرىنتېر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات

يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان ئاخبارات ۋاستىلىرىدا يەنە بىر ئاتالغۇ مودا بولۇشقا باشلىدى. ئۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش، مېدىتسىنا ۋە ھەتتا قۇرۇلۇش-بىناكارلىق ساھەسىدە يىڭى بىر يۈكسۈلۈش ئۈمۈدى پەيدا بولدى. بەلكىم بۇ ئىنسانىيەت جەمىئىتىنىڭ يەنە بىر بالداق تەرەققى قىلىشىنىڭ ئاساسىنى سېلىشى مۈمكىن. نۇرغۇن ئەمگەك كۈچى ۋە زېھىن تەلەپ قىلىدىغان ئىشلىرىمىز، ئەمدى ئۈچ ئۆلچەملىك پرېنتېرنىڭ (3D printing) دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئۈسكۈنىدە ئاسانلاشقۇسى.

3dprentring

ئۈچ ئۆلچەملىك پرىنتېر (3D printing) بولسا تىز سۈرئەتتە شەكىل ھاسىل قىلىش تېخنىكىسىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىلا سانائەت ۋە ھەربىي ئىشلاردا كەڭ كۈلەمدە ئىشلىتىلىپ كەلگەن ، لېكىن ياسىلىش تەننەرخى خېلىلا قىممەت بولۇپ ، ئادەتتىكە شەخسلەرنىڭ سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشىقا قۇربى يەتمەيتى….

ئادەتتە رەڭلىك پرىنتېرلارنىڭ نەچچە خىل رەڭلىك قۇتىسى بولغىنىدەك ، ئۈچ ئۆلچەملىك پرىنتېرمۇ سۇيۇق ھەم تالقانسىمان ماتىرياللارنىڭ ياردىمىدە سىز ئويلىيالىغان ، كومپىيۇتېردا تەسۋىر ھاسىل قىلشقا بۇلدىغان ھەرقانداق شەكلنى ياساپ چىقالايدۇ . ئەلۋەتتە تالقانسىمان مېتال ئارقىلىق ۋەلسىپېت ماشىنىلارنىمۇ ياساپ چىقىشقا بولىدۇ تامامەن بولىدۇ. باساھىسىمۇ ئىشلىتىش ئورنىغا قاراپ 100 مىڭ يۈەندىن 25 مىڭ يۈەنگىچە بولىدۇ.

تۆۋەندە ئۈچ ئۆلچەملىك پرىنتېر ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان مەھسۇلاتلاردىن بىرقانچىنى كۆرۈپ باقايلى:

[ ]

كىچىك تىپتىكى ئۈچ ئۆلچەملىك پرىنتېر – Objet24

توردىشىمىز ئابومجاننىڭ مەزكۇر يازمىنى تەمىنلىگىنىگە رەھمەت!



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. تاماشىبىن 2013.04.05 , 14:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەلۇماتلىق بولدۇق مانا

    • ئابومجان 2013.04.05 , 20:04

      يې باللا كۆدۈڭلامۇ ئابومجان يوللىغان تېما كەن جۇما ماۋۇ ، تورخۇماركام خېلى تەھرىرلەپتۇ تېمامنى ، شۇنداقتىمۇ تەستىقلانغانلىقىدىن شۇنداق خۇش بولدۇم ، خۇماداشلا سىلەمۇ ئىسىل يازمىلار بولسا يوللاپ تۇرۇڭلا ، كۈندە نەچچە يېڭى تىما ئۈزۈلمەيدىغۇ دىۋان دىگەن كەڭتۇشا ھە

    • تورخۇمار 2013.04.05 , 20:34

      يازمىڭىزنى ۋىروس خېلى كۈچ سەرپ قىلىپ تەھرىرلەپتۇ، ياخشى تېمىلارنى يېزىپ تۇرۇڭ

    • ئابومجان 2013.04.05 , 22:57

      ما ۋىروسقا ھەقىقەتەن ھۆرمىتىم ئاشتى جۇما ، مەن تېخى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمە ، راسلا جىق يەرلەرنى تەھرىرلەپتۇ ، مەنمۇ خېلى ئىزدەنگەن ، لىكىن بەزى گەپلەرنى تازا بەلەن قاملاشتۇرالماي يازايمۇ يازمايمۇ دەپ ئىككىلەنگەن تېخى، رەخمەت بەلەن ۋىروس:cry:

    • ئابومجان 2013.04.05 , 23:00

      مانا ، سىزگە ئازراق نەپ تىگىپتۇ ، خۇش بولدۇم ، لىكىن ئەمما زە ئۆزەمنىڭ تىمىسىدىمۇ بوسا دىۋان يەتمەپتۇدە

  2. تاماشىبىن 2013.04.05 , 14:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    3D پرىنتېردا ياساپ چىققان ماشىنا قانداق بوپكەتتى. بازارغا سالغانمىدۇ؟

    • ئابومجان 2013.04.05 , 23:03

      ئۇ پەقەتلا لايىھىيە ماشنىسى ، مۇشۇنداق ياسىساق بۇلىدىكەن دەپ ياساپ باقىدۇ ، لىكىن يولدا يۈگۈرەممەيدۇ

    • تاماشىبىن 2013.04.07 , 00:50

      مېنىڭ دەۋاتقىنىم ئاۋۇ رەسىمدىكى ئەمەس ئابومجون. راس ماشىنا تەخمىنەن 50 خىل زاپچاسنىلا پېرىنتىردا چىقىرىپ قۇراشتۇرغان. يولدا يۈرەلەيدۇ. ھازىر 2_قېتىم تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىپ پرېنتىرلاپ چىقىرىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان خەۋەرنى نەدە كۆرگەن بولغۇيتىم ئەجەپ تاپالماي قالدىما. كەلگۈسىدە بازار تېپىشىدا چوڭ ئۈمۈد بار دەپ يېزىپ قويۇپتىكەن تېخى. ھەممىمىزگە مەلۇم، ھازىرقى زامان تېخنىكىسىدىكى ماشىنىلارنىڭ زاپچاسلىرى تەخمىنەن 5000 دىن كۆپرەك. 3D پرېنتىرلاش تېخنىكىسىنىڭ گېپى بولغاچقا كۆپچىلىكنى بىلەمدىكىن دەپتىمەن.

    • ئابومجان 2013.04.08 , 00:08

      يوۋ ماندا گەپمۇ با دەڭا ، مەن تېخى ماندالا مودىلىنى ياساپ باقىدىغان ئوخشايدا دەپتىمە ، ئەسلى جۇگۇردىغىننىمۇ ياسىغىلى بۇلدىكەندە ، قالتىس

  3. شامال 2013.04.05 , 15:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ تېخنىكا كىيىنچە ئومۇملاشقاندا نۇرغۇن ئىشلار ئاسان ھەم قولايلىق بولۇپ كەتكۈدەك جۇمۇ!:cool:

  4. شامال 2013.04.05 , 15:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھە راست !بىرسى ماڭا « تورخۇماردىكى دىۋاننى 3D پرېنتېردا ياسىغان بولسا چوقۇم ئۆزگىچە بولغان بولاتتى ! دىۋانغا پاتمىغانلارغا دەرھال 3D پرېنتېردا بىرنى ياساپ قوشۇپ بەرسە دىۋان تالىشىپمۇ يۈرمەيتتى»دەيدۇ . سىلەرچە قانداق ؟:mrgreen:

    • ئابومجان 2013.04.05 , 23:19

      تورخۇماردىكى دىۋانخور باللاغا ھىلىغۇ 3د كەن 4د قىپ ياساپ بەسىمۇ يەتمەيدۇ ، مىنىڭچە تېخنىكا يار بەسە مۇشۇ دىۋاننى باشقا ئىنكاسلادىن پەرىقلەندۈرۈپ چىرايلىقراق ياساپ قويسا بوپتىكەن ، دىۋاننىڭ غەلۋىسى تېىخىمۇ قىززىيتى ھې ھې ھې ، تەدبىركا مۇشتا قىپ ياساپ باققىلى بۇلاما ؟

  5. قۇياش 2013.04.05 , 15:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ يازما تورخۇماردىكى مەن كۆرگەن، دىۋان دەۋاسى بولمىغان بىر يازما بوپتۇ، غايەت زور ھەيرانلىقتىمەن ھازىر.:mrgreen:

    • ئابومجان 2013.04.06 , 00:17

      سىزنىڭمۇ دىۋان بىلەن خۇشىڭىز يوقما ؟ دىۋاننىڭ مەرى بەك ئىسسىق دەيمە ، بىر قېتىم ئولتاسا يەنە ئولتاغىسى كىلىدا دەيمە

    • مەنسۇر 2013.04.07 , 22:48

      ئابومجاننىڭ مۇبارەك نامىنى تېمىنىڭ ئاستىغا باسقىنىنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟ دىۋان ماراپ يۈرگەنلەر ئابومجاننىڭ نامىنى كۆرۈپلا دىۋان دىيىشكە پىتىنالمىغان گەپ.

    • ئابومجان 2013.04.08 , 00:10

      ما باللىنى گەپ دىگەننى قېلىپتا قۇيغاندەك دەيسىلە جۇما ، شۇنچا ماراپ باقتىم ئۆزەم يوللىغان تىمىنىڭمۇ بوسا دىۋانىغا قىستىلاي دەپ ، باللادىن ئاشمايدىكە ھېي

  6. بانكىر 2013.04.05 , 15:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇلۇتقا كۆچتۇق دىسە، قانداق گەپكىن دەپتىكەنمەن، ئەمدى بىلدىم، تىما دىگەننى ياغدۇرۇپ يىتىشەلمەي قالدىمغۇ، :roll:

    • ئابومجان 2013.04.06 , 00:20

      راس دەيلا بانكىركا ، بۇرۇن يېڭى تىما ساقلاپ ئىككى ئۈچ كۈن ماراپ يۈرەتتۇق ، كۈندە نەچچە تىما ئازراق كۈنەممىدىميا ، لىكىن ھەر كىرگەندە يېڭى تىما بوسا كۆڭلى باشقىچە خوش بۇلدىكەن

  7. HAYATIM538 2013.04.05 , 16:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىم مۇشۇنداق ئىشلارنى ئويلاپ ،يوقلقتىن بارلىققا ئەكەلگەندۇ ؟ دەششەت ئەقىلگە ھەم ئەقىلدىنمۇ زور بولغان ئادەملەرگە خاس بولمىغان مەغلۇبىيەتكە قارشى جاسارەت بار بەزى ئادەملەردە . مەن بۇ توغرىسدا ئازراق مەلەماتلانى ئاڭلىغان ئىدىم ، ئەمدى شۇ پرىنتېرنىڭ مەشغۇلاتتىنمۇ كۆردۇم رەھمەت مۇشۇ تېمنىڭ ئىگىسگە !

  8. خۇشال 2013.04.05 , 16:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ قالتىس تىخنىكىكەن ، مۇشۇ تەرەپلەرگىمۇ تىزراق كەلسە ………….:mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  9. ۋاقتىم 2013.04.05 , 16:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەرەققىيات نېمىدىگەن تېز….:cool:

    • ئابومجان 2013.04.06 , 10:11

      راس بەك تېز ، سىز بىز ئويلىغاندىنمۇ تىز ۋايىت ۋۇيىت

  10. ئويغان 2013.04.05 , 19:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىيجىڭدا رەسىمگە چۈشكىلى بولدىغان خىلى بار،باھاسى قىممەتكەن ،مۇشۇ تېخنىكا بىلەن مىللى سەنئەت بويۇملىرنى ياساپ چىقىردىغان ئىشمۇ يا؟

    • ئابومجان 2013.04.05 , 23:27

      يوۋ ما گەپ خېلى بوپ قالىدۇ ھە ، مىللى قول ھۈنەر بۇيۇملىرى بەك زىل ئىش ، ئەدەمنىڭ بەك كۆپ ۋاقتىنى ئالىدۇ ، ئەگەر راس دىگەندەك مۇشتا ئىشنى قىپ باقسا تۇنجى قېتىمدا تەننەرخى سەل يۇقىرى بولغىنى بىلەن كىيىنچە يۈرۈشۈپ كەتسە ئۇ پۇلنىمۇ بىر دەمدە تاپا ، لىكىن بۇنىڭ تېخنىكىغا بولغان تەلىپى سەل يۇقىرى ئوخشايدۇ ، مەن ھېلىغىچە بىرنى ئېلىپ سىناپ باقاي ، ئالدىنقى ھەپتا ئاغىنىمنى ئۇششاق چۈششەك نەسە ياساپ ئويناپ بۇزۇپ قويدۇم

  11. قاراخان 2013.04.05 , 22:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن ئىلغار تېخنىكا، مەن ئۆتكەن يىلى توردىن كۆرۈپ ھەيران قالغانتىم،
    چىڭلوڭ رول ئالغان 12 مۆچەل توغرىسىدىكى كىنوسىدىمۇ دەل مۇشۇ پېرىنتىرنى ئىشلىتىدۇ.

    • ئابومجان 2013.04.06 , 00:24

      كىنو دىگەننى رەسمى ئەستايىدىل كۈرتىكەنسىز جىما ، مەنمۇ مۇشۇ كىنودىكى ئاشۇ كۈرۈنۈشنى كۆرۈپ قىزىقىپ قېلىپ ئازراق ئىزدىنىپ بۇ تىمىنى يوللاپ قويغان ، ۋىروس خېلى ئەجىر قىپ تەھرىرلەپتۇ ، تەستىقلانغىنىغا شۇنداق خوش

  12. ئابومجان 2013.04.06 , 00:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارغا يوللىغان تۇنجى يازمام ، ۋىروسقا بەك رەھمەت ئېغىر كۆرمەي تەھرىرلەپ چىقىپتۇ ، ئۆزەمنىڭ يازمىسى بولغاندىكىن ئىنكاس دىگەننى بۇلىشىغا يېزىپ خۇمادىن چىقتىم

  13. كۈرەش 2013.04.06 , 09:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئابومجان تمىدىن بىرنى يوللاپ ھاياجاننىنى باسالمايلا قاپپتۇ ….. بىر تېمىغا 10 قېتىم ئىنكاس يېزىپ ، ئىنكاسنى ئىنكاس بولغىنىغا تويغۇزىۋىتىپتۇ …؟:grin:

    • ئابومجان 2013.04.06 , 10:10

      ھا ھا ھا ئاشتاراق بوپ قالدى ئەمدى، تىمغا ئىنكاس يازغاننىڭ ھەممىسىگە جاۋاپ يازىمە ئامال با ، ئۆزەمنىڭ يازمىسى ئەمەسمۇ كۈيۈنۈپ قۇياي

  14. Varta 2013.04.09 , 19:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمدا قوروق گه پنى تولا قىلىدو ما ئابوم دىگىنى، ئىنكاسنى پىپا قىلىپ…

    • سەردارى 2013.04.09 , 20:29

      ئىنكاس يا سىز يازمىسىڭىز ما مۇنبەر قانداق قىززىيدۇ بالاڭزا.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量