iPhone 5s نىڭ M7 بىر تەرەپ قىلغۇچىنى ئىشلىتىدىغان يېڭى ئەپ – Strava Run
iPhone 5s ئېلان قىلىنغاندا 5s كە A7 بىر تەرەپ قىلغۇچتىن سىرت يەنە M7 دەپ ئاتىلىدىغان يەنە باشقا بىر بىرتەرەپ قىلىش ئۆزىكى قوشۇلغانلىقى ئيېتىلغان ئىدى. بۇ ئۆزەكنىڭ رولى بولسا كومپاس ۋە گېرىسكوپقا ئوخشاش ھەرىكەت سېنزورىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. Strava Run دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئەپ نۆۋەتتە M7 ئۆزىكىنى ئىشلىتىدىغان تۇنجى ئەپ ئىكەن.
iPhone 5s كە ئىشلەتكەن بۇ ئۆزەك توختىماستىن ھەرىكەت سېنزورىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى مۇلاھىزە قىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئابونتنىڭ ھەرىكىتى، يۆتكىلىشى دېگەندەك ھەرىكەت ئۇچۇرلىرىنى A7 CPU غا يوللىماستىن ناھايىتى ئاز سەرپىيات بىلەن پەقەت ئۆزىلا بىر تەرەپ قىلىدۇ. GPS نى ئەپ تەلەپ قىلغاندا ئاپتۇماتىك ئېچىپ، ئابونتنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىغا ئاساسەن تاقاپ، ئەڭ ياخشى توك تىجەش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. بۇ جەرياندا ئالدىنقى ئەۋلاد ئايفونلارغا ئوخشاش بەدەن چېنىقتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەپلەردە داۋاملىق ئوچۇق بولىدىغان GPS كۆپلەپ توك خورىدىتىغان ئەھۋالمۇ كۆرۈلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇ نەرسىلەرنى CPU غا تاشلاپ بېرىپ، سەرپىياتى چوڭ CPU كۆپلەپ خىزمەت قىلغانلىقتىن توك تېز خورايدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلمەيدۇ. بۇ iPhone 5s تىكى يېڭىچە قوللىنىلغان تېخنىكا.
ئىشىنىمىزكى، بۇندىن كېيىن گېرىسكوپ، كومپاسقا ئوخشىغان ھەرىكەت سېنزورى ئىشلىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەپلەر ئالمىنىڭ iPhone 5s تىكى M7 تىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىزگە تېخىمۇ ئېسىل ئەپلەرنى سوۋغا قىلىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: App، ئەپ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,129 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 09-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: strava-run.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يانفون كامېراسىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئاجايىپ مەنزىرە | سۈرەتكە تارتقان شۇ دەقىقىدە نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- كېيىنكى يازما > يان تېلېفون ھەققىدىكى سىز بىلمەيدىغان 8 كىچىك ساۋات
- Android Studio – گۇگېل تارقاتقان ئاندرويىد ئۈچۈن مەخسۇس پروگرامما ئېچىش قورالى
- ئۇچۇر تورى ئايفۇن ئەپ دىتالى ئېلان قىلىندى | ئەمدى يانفۇندىلا ئۇچۇر يوللىيالايسىز/ ئۇچۇر كۆرەلەيسىز
- Android چى باللا بادۇ؟ | ئويۇن تەڭگىسى يېتىشمەي بويۇن قىسىپ قالدىڭىزمۇ؟ ئەمدى ھەرقانداق ئويۇننى باكاغا ئوينايسىز
- بەلگىلەپ قويغان سۈرەتكە ئوخشاش سۈرەتكە تارتمىسا، توختىماي تېلىفوننى سايرىتىدىغان ئەپ
- iPhone دىكى كۆپ تىللىق ھەقسىز لۇغەت – بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتى ۋە بىلكان ئەرەپچە لۇغىتى
- بۇ تۈلكىنىڭ قانداق قىلىپ بىر دانە ئەپكە ئالدانغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ، قىززىق ئىشلار جىق دېسە…
- تورخۇمارلارغا ئايەملىك سوۋغا | «كەپتەر» ئۇيغۇرچە قىسقا ئۇچۇر يوللاش ياردەمچىسى
- قارلۇقتىن يەنە بىر ئەپ- ئوكيان لوغىتىنى ئەمدى ئامراق ئايفونىڭىزدىلا ئوينايسىز
- ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخىسلەر تونۇشتۇرۇلغان ئەپ – شەخىسلەر
- قارلۇقتىن يەنە بىر يېڭى ئەپ: Eli For iPhone | پۈتۈنلەي ھەقسىز، iOS 4.0 دىن يۇقىرى iPhone غا ماس كېلىدۇ
IPhone 5s?
ياخشىغۇ ئۇنداقتا
مۇنبەر تاقىلىپ قالدىغۇ پاسىبان ئەپەندىم
ئېچىلىشقا ئاز قالدى ئىنشائاللاھ.
بۇ قېتىم ئالما 5 ئېس يامان ئەمەس يېڭىلىقلار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ.
ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغىنىم ئالما 5 ئېس ياكى ئۈچ يۇلتۇز (سەنشىڭ) ئېس 4 ياكى ئېس 5 ئەمەس بەلكى ئەڭ بايراقدار يانفۇنلار ئوتتۇرسىدىكى تىركىشىش.
مۇشۇنداق بولغاندىلا بايراقدار يانفۇن شىركەتلىرى كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنى ئاساس قىلىپ يانفۇن ئىشلەيدۇ. ئەگەر ئالما ۋە ياكى ئۈچ يۇلتۇز يانفۇنلىرى بىر-بىرىگە رىقابەت بولالمىسا ئۇلارنىڭ يانفۇنلىرىنىڭ جۇڭگودىكى خۇاۋېي ۋە ياكى جوڭشىنغا ئوخشاش يانفۇنلاردىن پەرقى قالمايدۇ.
ئاۋۇ سامسۇڭ كورىيانچىدىمۇ ئۈچ يۇلتۇز دىگەن مەنىدە كېلەمدا؟! ياكى خاڭزۇچىدىن بىۋاستىلا ئالدىڭىزمۇ؟
خەنچىدىن تەرجىمە قىپ قويدۇم، خەنلەر نىمىدىن تەرجىمە قىلدىكىن بۇنى بىلمىدىم.
iphone5s نىڭ بارلىق ئىختىدارلىرىنى ۋە ئۇنىڭدىن قانداق ئۇنۇملۇك پايدىلىنىشقا بۇلىدىغانلىغىنى بىر تۇنۇشتۇرىۋەتسەڭلار بۇلاتتى ..
سامسۇڭغا يەتمەيدىغاندەك يەنىلا
سامسۇڭغۇ ياخشى ئەمما . قوللىنىشچان ئەپلەرگە قارىساق يەنىلا ئالمىغا يەتمەيدۇ…
مەنمۇ ئەمدى ئاستا رىۋايەتلەردىكى گاللاكسىنى تاشلاپ ئايپونغا يۈرۈش قىلمىسام بولمايدىغان يەرگە كەپتۇ .،.
ئالمىنىڭ 5 ئېس نىڭ ئالدى كامىراسىدىن چاتاق چىقىپتۇ دەيدىغۇ،،،خەۋەر كۆرمىدىڭلامۇ ؟ يېڭىلاش بولىقى ئېلان قىلىدىغان ئوخشايدۇ
مەن ئېشلىتش جەرياندا ئۇنداق ئېشلارنى بايقىمىدىم..iPhone 5 بىلەن ئوخشاش بىلندى ئالدى كامېرا …iPhone 5 قارغاندا باتارىيە ئۇزاق يېتىدىغاندەك بىلندى ماڭغا…
مىنىڭ يانچۇقۇمغىلا تاشلاڭە ئەمىسە
تۆنۈگۈن نۇر-تورىغا كىرسەم ئالما بەش ئېس يانفۇنىنىڭ بەزەنبىر جايلىرىدىن مەسىلە تېپىلدى…دەپ يېزىپ قويۇپتىكەن
كاشىلىسى قاچانغىچە تۈگەر.. بۇ يېڭى مەھسۇلاتنىڭ