يان تېلېفون ھەققىدىكى سىز بىلمەيدىغان 8 كىچىك ساۋات
يانفون بۈگۈنكى كۈندە ھەر بىر ئادەمنىڭ يېنىدا بىردىن بولمىسا بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئومۇملىشىپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تامامەن سىڭىپ كىرىپ بولدى دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن نۇرغۇن تورداشلار يانفون ھەققىدىكى بىر قىسىم كىچىك ساۋاتلارنى ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن، بۈگۈن، شۇ يان تېلېفون ھەققىدىكى سىز بىلمەيدىغان 8 كىچىك ساۋات ھەققىدە توختىلىپ باقايلى.
1. NOKIA 1100 نى بىلەمسىز؟ بۇ يانفون 250 مىليون دانە سېتىلىش رېكورتى بىلەن، دۇنيادىكى سېتىلىشى ئەڭ ياخشى ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنىگە ئايلانغان.
2. 1983-يىلى، دۇنيادىكى تۇنجى ئەۋلاد يانفون ئامېرىكىدا 4000 دوللارلىق باھا بىلەن سېتىپ چىقىرىلغان.
3. يانفوندىكى باكتېرىيەنىڭ سانى، ھاجەتخانىدىكى سۇ ئېقىتىش كۇنۇپكىسىدىكى باكتېرىيەنىڭ سانىدىن 18 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن.
4. ياپونىيەدىكى 90% يانفوننىڭ سۇدىن قوغدىنىش ئىقتىدارى بار ئىكەن، چۈنكى ياپونلۇق ياشلار ھەتتا مۇنچىغا چۈشىۋاتقاندىمۇ يانفون ئوينايدىكەن.
5. يانفون رادىئاتسىيەسى ئېغىر بولغاندا ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىقى، كۆز خىرەلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
6. ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، سۈيدۈك ئارقىلىق يانفونغا توك قاچىلايدىغان بىر خىل ئامالنى تەتقىق قىلىپ چىققان.
7. دۇنيادىكى تۇنجى يانفوندا ئۇرۇلغان تېلىفوننى 1973-يىلى Martin Cooper ئۇرغان، Martin Cooper بولسا موتورولانىڭ ئىجادچىسى.
8. دۇنيادا يانفونى بار ئادەم ھاجەتخانىسى بار ئادەمدىن كۆپ ئىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: ساۋات، قىزىقارلىق، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,076 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: mobile-phones.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iPhone 5s نىڭ M7 بىر تەرەپ قىلغۇچىنى ئىشلىتىدىغان يېڭى ئەپ – Strava Run
- كېيىنكى يازما > iOS 7 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى ۋە دەرسلىك(iPhone5/5s/5c/4S/iPad)
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
بىلىپ قويغىدەك ئىشلاركەنبۇ:
دىۋان دىگەن مۇشۇما؟ ھېھېھې
مۇشۇ دىۋان تالىشىدىغان ئىش خېلى تۈگىگەن ئىدى تورخۇماردىكى مۇشۇ دىۋان تالىشىش توغرىسىدىكى بىر يازما بىلەن، يەنە باشلاندىمۇ نىمە بۇ كونا كىسەل، نىمە پايدىسى بادۇ بۇنىڭ، بىر بەلەن يازما بەرسە شۇ توغۇرلۇق گەپ قىلماي، دىۋان دەپ سەت ھىجايغاننىڭ….
« دۇنيادا يانفونى بار ئادەم ھاجەتخانىسى بار ئادەمدىن كۆپ ئىكەن. » نېمە گەپ بۇ ئۆزى
ھېندىستاندىمۇ ياكى دۇنيادىمۇ ؟
دېمەكچى بولغىنى، بىر ئولتۇرۇپ تەرەت قىلاي دېسە يېرى تەييار خەقتىن يانفونى بار خەق جىق دېگەن گەپ
تۇنجى يانفۇندا ئۇرۇلغان تېلفۇن دەيدۇ ، نەگە ئۇرغاندۇ شۇ تېلفۇننى ، سىگنال مۇناسى ياساپ بەگەنمىدۇ ئاتايىتىن ؟ 73-يىلى تۇنجى تېلفۇننى ئۇرۇپتۇ ، لىكىن 83-يىلى ئاندىن تۇنجى تېلفۇننى سېتىپ چىقىرىپتۇ ، ئون يىل جەريانىدا نىمىش قىلغاندۇ ئا بالا تېلفۇن ساتماي ؟ خوشلۇقتا خەخكە 10 يىل تېلفۇن قىممىغاندۇ ھاياجانلىنىپ كىتىپ؟
موتورالا شىركىتى قايسىمۇ(ئىنىق ئىسىمدە قالماپتۇ) بىر رىقابەتچىسىنىڭ شىركىتىگە تېلفۇن قىپتىكەن،چۈنكى ئۇلارمۇ يانفۇن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىكەن
6. ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، سۈيدۈك ئارقىلىق يانفونغا توك قاچىلايدىغان بىر خىل ئامالنى تەتقىق قىلىپ چىققان.
قانداق ئامال بۇلغىيدى .ئادەمنى قىززىقتۇرۇپ
سىزمۇ مۇشۇ نىڭغا بەكرەك قىززىقىپ سىزدە (توك يوق يەرلەردە تازا ئەسقاتقۇدەك)
سىز ئاشۇ ئامال بىلەن تىلفۇنغا توك قاچىلاي دىگەنمىتىڭېز؟ قاچىلاپ بوپ ئىشلەتكىسىمۇ كىلەمۇ تىلفۇننى
شۇ نەرسىدە زەرەتلەپ بولۇپ قۇلاقنىڭ تۈۋىگە يېقىن ئەكىلىشكە قانداق كۆڭلى كۆتۈرىدۇ
ھەممە ئەدەم ئۈزىنىڭكىدە زەرەتلىسە كۆڭلى كۈتۈرىۋىرەمىكى
خې خې دۇنيادىكى تېلپونى بار ئادەملەر ھاجەتخانىسى بار ئادەملەردىن كۆپكەن.. قىززىق ەەپكەن ماۋۇ ھە…
بۇ سانلىق مەلۇماتلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.. دېمىسمۇ… ھازىر ياشلىرمىزدىلا ئەمەس كىچىك ياش-ئۆسمۆرلەردىمۇ تېلفونئويناش كېسلى بەك ئېغىر.. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يولدا تۇرسام بىر باشلانغۇچنىڭ 4 5 يىللىقنىڭ بىر كىز ئوقۇغۇچىسى قولىدا 华为c8825dنى كۆتۈرۈپ دادىسى بىلەن تېلاون پاراڭلىشىپ مېڭىپتىكە … نېمە دەيدۇ دېمەمسىلەر… دادا قاقشاۋېردىكەنسە بۇ تېلفوننىڭ توكى يا تۇرمىسا ئايفون ئېپ بە دېسە يا ئۇنمايدىكەنسە دېمەسمۇ. كىچىك بىر قىز… سەت كۈلۋېتىپتېمەندە ئەمما ئىچىمدە…
ئايفۇننىڭ ئوبدان تۇرۋاتىدا دەپ قۇياڭلا ئا قىزچاققا .ھېلىمۇكۈندە ئىككى قېتىم قاچلايمەن مەن بۇنىڭغا توكنى
يانفۇن دۇنيانى ئوزگەرتى ..
مېھمان شۇ بانادا ئايفونىڭىز بارلىقىنى پاش قىلۋالدىڭىز ھە… خې خې چاخچاق ھە
زادە دىگەن گەپنى قالايمىقان ئىشلەتمەڭ بولمىسا مەنىسى ئۆزگۈرۈپ كىتىدۇ