تونىي ستارىكنىڭ قاباھەتلىك كۈنلىرى ئەمدى باشلاندىمۇ؟! تۆمۈر پالۋان3(iron man) نىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىق فىلىمى!
2013-يىلىدا ئېلان قىلىنماقچى بولغان «تۆمۈر پالۋان3»(iron man) نىڭ تۇنجى تەشۋىقات فىلىمى بۈگۈن ئېلان قىلىندى. 120 سكونتلۇق تەشۋىقات فىلىم، ئېنىقكى بۇ كىنونىڭ مەستانىلىرىنىڭ دەسلەپكى تەقەززاسسىنى ھەرھالدا قاندۇردى دېيىشكە بولىدۇ. فىلىمنىڭ ئاخىرىدا، توني ۋەيران بولۇپ كاردىن چىققان تۆمۈر كىيىمنى سۆرەپ ماڭغان كۆرۈنۈشلەر، تۆمۈر پالۋاننىڭ دېڭىز ئاستىغا تۇنجۇقتۇرىۋېتىلگەن كۆرۈنۈشلەر، كىشىنى ھەقىقەتەن ئەنسىرىتىدۇ.
تۆمۈر پالۋان3، مەزكۇر فىلىمنىڭ تۇنجى قېتىملىق 3D سۈرەتكە ئېلىنغان بۆلۈمى بولۇپ، 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى قويۇلىدۇ.
تۆمۈر پالۋان3(钢铁侠3) نىڭ تۇنجى تەشۋىق فىلىمى:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D، فىلىم ئۇچۇرى، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,801 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ironman3-trailer.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كرۇدىس جەمەتى (2013) | كىشىنى تەقەززا قىلىدىغان يەنە بىر فەچەت كارتون فىلىم
- كېيىنكى يازما > ئاللاھ خالىسا دىيىشنى ئۇنۇتماڭ ماقىما ! بولمىسا ئاسماندىن تاش ياغمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
ئەستا چىقمىدا.
ئەمدى چىقتى، ھەر يىلى يىڭى يىلغا يىڭى كىنولارغا ئىشتەي ساقلاپ كىرىمىزمۇ نىمە؟
ئەمما ئالامەت ئىشلەپ كويۇپتۇ كاساپەتلەر بۈگۈنلا كويىۋەتكەن بولسا كاشكى تەشۋىقات فىلىمىنىڭ ئورنىغا
ئەستا ما ئېلان جىق گەپ قىپ، دېۋاندا ئولتۇرالماي ئۆرە تۇرۇپ قالدىم مانا ، نەق گەپكە كەلسەك بۇ كىنونىمۇ تىزىملىكىمگە تىزىپ قوياي.. ئارتىسلىرى نوچىدەك قىلىدۇ.
سىتارىك دىگەن ئاداش ئاخىر ۋەيران بولوپ تۈگەمدۇ نىمە 1-2 بۈلۆملىرى ناھايتى ياخشى ئىشلەنگەن فىلىمتى بۇ
يامان ئەمەس!!!!!!!!
ئېسىت، تونىنىڭ دېڭىز بويىدىكى داچىسى بەك ھەيۋەت ئىدى. ماۋۇ قىسىمىدا ئۇ داچىمۇ يوق بولىدىكەن-دە!
ئىككىنجى قىسىمى ياخشى چىقمىغان، ئۇنىڭدىكى كەمچىلىكلەرنى «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» ئارقىلىق تولۇقلاپتىكەن. ماۋۇ پەچەت چىققاندەك قىلىدۇ.
بىرىنجى قىسمىدىكى تونىينى تۇتۇۋېلىپ قورال ياساتقۇزغان تېرورچى ئۆلمىگەنمۇ نىمە، بۇ قېتىم ئۇمۇ قالتىس تېخنىكىدىن بىرنى تېپىۋالغان ئوخشايدۇ . ئەمدى تۆمۈر پالۋان بىر قولىنى ئىككى قىلالماي ئالدىراشچىلىقتا يۇمۇرىستىك گەپ-سۆزلىرى تۈگەپ قالمىسا بولاتتىغۇ…..
ئالدىنقى قېتىم ماۋۇ سىندا ئالمىنىڭ بەلگىسى كۆرۈنگەن ئىدى.
the-croods-movie.html
بۇ سىننىڭمۇ ئاستى تەرەپ ئوڭ بۇرجەكتە ئالمىنىڭ بەلگىسى چىقىدىكەن، ئالما بىلەن بىرەر مۇناسىۋىتى بارمۇ ياكى ھەۋەسكارلار كىرگۈزىۋالغان بەلگىمۇ بۇ؟
تونىنىڭ كومپىيۇتېرلىرىنىڭ ھەممىسى ئالمىدەك قىلغان.
يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنو تەشۋىقات فىلىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى iTunes ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان، ھەمدە iTunes دا تارقىتىلغان فىلىملەرنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك ئالمىنىڭ بەلگىسى بېسىلىدىغان بولغاچقا شۇنداق. بۇ تەشۋىقات فىلىمىمۇ iTunes تىن چۈشۈرۈلۈپ ئاندىن تورغا يوللانغان.
تۆمۈر پالۋان 2 دەك ئىشلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن . يەنىلا 1 گە يەتمەيدۇ جۇما كاساپەت