كرۇدىس جەمەتى (2013) | كىشىنى تەقەززا قىلىدىغان يەنە بىر فەچەت كارتون فىلىم
80- يىللارنىڭ بالىلىرىنى 90- يىللارنىڭ بالىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئەڭ زور بەخت ھېس قىلىدىغىنىمىز بەلكىم بالىلىقىمىزغا ھەمراھ بولغان چەتئەللنىڭ نادىر كارتون فىلىملىرى بولسا كېرەك. بىچچارە ئۇكىلىرىمىز 喜洋洋 نىڭ ئەسقاتماس ئەقلىگە مەپتۇن بولدىكى، تام بىلەن جېررينىڭ چەبدەسلىكىدىن ھوزۇرلىنالمىدى. 图图 دىگەن مازغا مەجىبۇرى كۈلۈمسىرىدىكى، ماركونىڭ ئانا مېھرى ئۈچۈن تارتقان ئاسارەتلىرىدىن خەۋەرسىز قالدى. ئېسىت دىمەي نىمە ئامال، ئىشقىلىپ بىز قانچە چوڭ بوپ كەتسەكمۇ كارتون كۆرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز.
20- ئەسىر فوكىس شىركىتى بىلەن dream works _ 梦工厂 بىرلىشىپ ئىشلىگەن ئەڭ يېڭى كارتون فىلىم «كرۇدىس جەمەتى» نىڭ تەشۋىقان فىلىمى يىقىندا ئېلان قىلىندى. مىلادىدىن بۇرۇنقى ئۆڭكۈر ئادەملىرى ھەققىدە ئىشلەنگەن بۇ كارتون فىلىم يۇقىردىكى ئىككى ماگىناتنىڭ 2015- يىلىغىچە بولغان ھەمكارلىق پىلانىدا ئېلان قىلماقچى بولغان كارتون فىلىمنىڭ بىرسى بولۇپ، ھەتتا ھوللىيۋودنىڭ داڭلىق ئارتىسلىرىدىن نىكولاس قاتارلىقلارنى ئاۋاز بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. قارىغاندا 2013- يىلى ئېلان قىلىنىدىغان بۇ كارتون فىلىم بىزنى قاتتىق تەقەززا قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ.
«كرۇدىس جەمەتى» ۋەقەلىكى ھەققىدە :
بىر قېتىملىق قاتتىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن، ئۆڭكۈر ئادەملىرى يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىدۇ ۋە يېڭى ماكان تىپىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قەبىلە باشلىقى Crug جەمەتىدىكىلەرنى باشلاپ يېڭى ماكان ئىزدەش سەپىرىنى باشلايدۇ. سەپەر جەريانىدا ئۇلار بىر كۆچمەن ئوۋچى قەبىلىگە يولۇقىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆڭكۈر ئادەملىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىلغار تەپەككۈرى ۋە ئۆزىنى قوغداش تەدبىرلىرى ئۆڭكۈرلۈكلەرنى قايىل قىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئىككى قەبىلە ئارىسىدا يەنە نىمە ئىشلار بولىدۇ؟ راس گەپ قىلسام بۇنى مەنمۇ بىلمەيمەن. شۇڭا رەنجىمەي فىلىم ئېلان قىلىنىشىنى كۈتەيلى !
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D كارتون، فىلىم ئۇچۇرى، كارتون، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,435 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى
- يازما مەنزىلى: the-croods-movie.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىلمىگەننى خەقتىن سوراش كېرەكمۇ ئالما خەرىتىسىدىنمۇ ؟ مېنىڭچە يەنلا ئۆزىڭىزگىلا ئىشىنىڭ چۈنكى …
- كېيىنكى يازما > تونىي ستارىكنىڭ قاباھەتلىك كۈنلىرى ئەمدى باشلاندىمۇ؟! تۆمۈر پالۋان3(iron man) نىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىق فىلىمى!
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- يېقىندىن بۇيان توني ستارك ئازراق ئالدىراش – Iron Man VS transformers
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
پىچەت ئىشلەنگەن يەنە بىر كارتون..
مەن تەشۋىق قىلىشنى باشلىۋەتتىم ئەمىسە ھە …
ئوڭ تەرەپ ئاستى بۇرجەكتىكى ئالمىنىڭ بەلگىسىگە دىققەت قىلدىڭلارمۇ؟
قەيەردە ئىكەن…مەن كۆرمۇدۇمغۇ
ئاۋاتاردەك ئىككى قۇيرۇقلۇق قۇشلارمۇ بارمۇ نىمە…مۇشۇنداق تىخىنىكا نىمىشقا بىزدە يوقتۇ
3D ئوخشىمامدا……………راس ئالمىنىڭ رەسسىمى باكەن
يېقىنقى كىنولار خىلى ياخشى بولسىمۇ، كىنوخانىدىلا ھايانلىنىپ، كىنوخانىدىن چىققاندا ئۇنتۇپ قالىدىغان، ئۇچار ئادەم، ئۇچار ماشىنا، زىيادە ئۇچۇرلاشقان دەۋر ئادەمنى سەل ۋەھىمىگە سېلىپ قويىدىغان كىنولاركەن. بۇ كارتوننى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن.
يەنە بىر ئىسىل كارتۇن فىلىم.ھىممىتىڭىزگە رەھمەت.
پېچچەت كارتونكەن …. 2013 – يىلى 22 – مارت قۇيۇلىدىكەن … شۆلگىيىمىزنى ئېقىتىپ ئولتۇردىكەنمىزدە ؟؟؟؟؟