بىلمىگەننى خەقتىن سوراش كېرەكمۇ ئالما خەرىتىسىدىنمۇ ؟ مېنىڭچە يەنلا ئۆزىڭىزگىلا ئىشىنىڭ چۈنكى …
ئالما شىركىتى كەلگۈسىدىكى ئۇلۇغۋار پىلانلىرى ئۈچۈن، ئەڭ يىڭى نەشىردىكى ios سىستېمىسىغا سەپلىگەن ئالما خەرىتىسى ئويلىمىغان يەردىن قاتتىق مەغلۇب بولدى. شۇ سەۋەب ھازىرقى CEO تىم كوكمۇ جامائەتتىن ئاشكارا كەچۈرۈم سورىدى. قارىماققا ئالمىنىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرىغا نىسبەتەن بۇ قېتىمقى خاتالىق ئۇنچە كەچۈرگۈسىز بولمىسىمۇ، بىر قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئالمىنى مەسخىرە قىلىشقا ئاجايىپ پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرگەندەك قىلىدۇ.
گەرچە بىزمۇ ئالما ھەۋەسكارلىرى بولساقمۇ، بۇ قېتىم دادىل ھالدا ئالمىنى بىر مەسخىرە قىلىپ باقمامدۇق. ئويلاپ بېقىڭ ئەگەر شەپەرەڭ پالۋان، Katniss Everdeen (饥饿游戏) ، Jack Nicholson(闪灵 قاتارلىقلار ۋەزىپە ئادا قىلىشتا ئالما خەرىتىسىنى ئىشلەتكەن بولسا ئەھۋال قانداق بولار ئىدى ؟ تۆۋەندە بىر قىسىم تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كىرىشتۈرمە مەخسىرىسىنى كۆرۈپ باقايلى (ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن ئۈچۈن، كىنو ناملىرى خەنچە ئېلىندى)
Apple Maps —— شەپەرەڭ پالۋان
Apple Maps — 闪灵
Apple Maps — 饥饿游戏
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: iOS، ئالما، خەرىتە، مەسخىرە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,985 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: spoof-apple-map.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > فانتازىيەلىك كىنو «قارا كىيىملىكلەر3» نىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملىرىنىڭ ياسىلىش جەريانى، ساپلا كومپيۇتېر تېخنىكىسى!
- كېيىنكى يازما > كرۇدىس جەمەتى (2013) | كىشىنى تەقەززا قىلىدىغان يەنە بىر فەچەت كارتون فىلىم
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- 2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- سامسۇڭ Tizen قاتارلىق سىستېمىلار Android قا ھۇجۇم باشلىدى
- iOS 7 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى ۋە دەرسلىك(iPhone5/5s/5c/4S/iPad)
- iOS 7 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى(iPhone/iPad/iPod Touch)
- سىز كۆرۈۋاتقان iOS 7 تېخى پۈتمىگەن بىر چالا مەھسۇلات | iOS 7 يوقاتقان شۇ نەرسىلەر ھەققىدە بىر قىسىم كۆز قاراشلار
- پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھەلەنگەن iOS 7 Beta نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
- iOS 7 نىڭ ياپىلاقلاشتۇرۇلغان ئۇقۇم لايىھەسى – بۇنداق iOS 7 قاچىلانغان iPhone 6 گە قانداق قارايسىز؟
- ئۇچۇر تورى ئايفۇن ئەپ دىتالى ئېلان قىلىندى | ئەمدى يانفۇندىلا ئۇچۇر يوللىيالايسىز/ ئۇچۇر كۆرەلەيسىز
دىۋانمۇيا؟
دىۋان
ھا ھا ھا ، راسلا قىززىقكەن………. مۇبالىغە دىگەن مۇنداق بولمامدۇ………+
مۇشۇنداقمۇ مازەك قىلىش بارمۇ ئەمدى، بىزنىڭ ماۋۇ يەرلەردە نۇرمالغۇ خەرىتە گوگول ئۆزى بۇرۇن خاتالىشىپ باقمىغاندەكلا ئىشلەپ قوياپتا ماۋۇ ئېلاننى،
ھاھاھا… يامان بەك ھەزىللەشتۈرۈپتۇ …
مەن بۇ ئالمىنىڭ خەرىتىسىگە قاراپ ئاشخانا ئىزدىگەنتىم. خەپ ئاياللار ھاجەتخانىسىغا باشلاپ قويۇپتۇ. ئاقىۋەت ئاياللارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان دەپ ئەيىپلەپ قاماپ قويدى!!!
سىزنىغۇ ئاياللار ھاجەتخانىسىغا باشلاپتۇ ، مېنىڭ بىر ۋاقىتتا شۇ يەرگە قاتتىق ئىھتىياجىم چۈشۈپ قېلىپ ( دەۋاتقىنىم ئەرلەر ھاجەتخانىسى جۇمۇ ، خاتا چۈشەنمەڭلار يەنە ، ئاياللار ھاجەتخانىسىنىڭ يىنىدا ئەرلەرنىڭمۇ بولىدىغۇ ؟:oops: ) شۇ چاغدا سارىخاندىن سورىسام ئەدەمنى بىرمۇنچە ئاۋارە قىلىپ ھىچيەرنى تېپىپ بېرەلمىگەن ئىدى ، شۇ چاغدا سارىخاننىڭ ھەممىگە قادىر ئەمەسلىكىنى ھىس قىلغان ئىدىم
لېكىن يەنە بىر ۋاقىتتا چ چ دىن يېقىن ئەتىراپتىكى ئادەملەرنى ئىزدىسەم 600 مېتىر دائىرىدە تەدبىركارنىڭ چ چ سىنى تاپقان ئىدى
مەنغۇ گوگولنىڭ ئۆزىنىڭكىنى ياكى تىلفۇننىڭكىنى ئىشلىتىمەن…مۇنداقمۇ چاتاق چىقمىسا ئالما مونوپول بولۋالمامدۇ…بۇمۇ ئۆزىنى سومىغاننىڭ جازاسى
ئۇنداقمۇ دەپ كەتسەك بولماس. مەنمۇ بۇ قىتىم ئۈرۈمچىگە بىرىپ نۇرغۇن جايلارنى مۇشۇ ئالما تەمىنلىگەن خەرىتىلەرگە قاراپ توغرا تاپتىمغۇ، بىر قىتىممۇ ئىزىقىپ باقمىدىم. ھەتتا ھاجەتخانىنىمۇ شۇنداق توغرا تاپقان تىخى. (ئامال يوق كوچىدىكىلەردىن سورىغىلى بولمىغاندىكىن مۇشۇ ئالمىدىن سرىماي) ئىشقىلىپ گوگىل دىگەن خەرىتە كەسپى بىلەن شۇغللىنىۋاتقىلى نەچچە 10 يىل بولغان شىركەت. ئالما بىلەن سىلىشتۇرغاندا كۆرەڭلىگىدەك ھىچ ئىش يوققۇ.
ھەۋەسكار ئىدى ئىسمىم خاتا بولۇپ قاپتۇ.
بۇنداق ئېلانلارنىڭ كۆپىنچىسى رىقابەتلىشىۋاتقان كارخانىلار تەرىپىدىن ئىشلىنىدىكەن.
ماڭا ھەممىدىن بەك ياققىنى ماۋزۇ ئاسىتىدىكى كىرۇشتۇرگەن رەسىم ،تزا كەپ تۇ
ئەمدى ئالمىغىمۇ قۇرۇت چۈشۈپتىدە …
ئالمىنىڭ بۇ قىتىم ياسىغان خەرىتىسدىن ئازراق مەسلە كۆرۈلۈپ قاپتۇ.ئەمما كىيىنكى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن نەشىرىدە ئۇ خاتالىقلار تۈزۈتۈلۈپ پىچەت بولدىغانلىقىغا ئېشىنىشىمىز كىرەك.
بەك زاڭلىق ئىتىپتۇ مانا ….
دوسلار بۇنچە ناچارمۇ ئەمەستۇ ئالمىنىڭ خەرىتىسى.. مەنغۇ ئىشلىتىپ باقمىدىم.. لىكىن بۇنچىۋالا ناچار چىقماس دەپ ئويلايمەن تىخى .. لىكىن فىلىملىرى ئىسىلكەن. بولۇپمۇ ئاخىرىدىكى بەك ياقتى ماڭا
مەنچە بىرىنچىسى ياخشى چىقىپتۇ… مەن دەيمەن بۇنچىلىك خاتالىقلار چىقىشى نورمال ئەھۋال …. يەنە كىلىپ مەن ئاندىرويىد ئىشلىتىۋاتقان بىلەن ئالمىغا چوڭقۇر ھەۋىسىم بار قانداقلا بولمىسۇن ئالمىنى قوللايمەن