بالا چاغلىرىمىزدا تولا كۆرىدىغان ھېلىقى فىلىم ئىسىڭىزدىمۇ ؟ قايسى دەمسىز؟ ۋاي ھېلىقىچۇ؟!
ھېلىمۇ شۇنداق ئىسىمدە، كىچىكىمدە قىسقا-قىسقا ئېلانلارنى كۆرۈشكە شۇنداق ئامراقتىم. گەرچە ئېلانلارنىڭ سۈپىتى شۇنچە ناچار ئوبرازى شۇنچە يېقىمسىز بولسىمۇ، ئۇزۇن-ئۇزۇن كىنولارنى كۆرۈپ تۈگۈتۈشكە پەقەتلا تاقىتىم بولمىغاچ ئۆزۈمچە شۇ تېز باشلىنىپ تېز تۈگەيدىغان ئېلانلاردىن ھوزۇرلۇنۇپ كىتەتتىم.
ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ كىچىكىمدە كىنو كۆرمەي چوڭ بولغانلىقىمنى بىلدۈرمەيدۇ. كارتون فىلىملەرنى ھېسابقا ئالمىغان دۆلىتىمىزنىڭ سەنماۋ ئوبرازى بىلەن چەت-ئەلنىڭ چاپلىن ئوبرازى ماڭا ئاجايىپ تەسىرلەرنى قالدۇرغان. تېخى بىر قىسىم كىنولارنىڭ مەخسۇس بىر قىسىم بۆلەكلىرىنىلا كۆرۈدىغان ئاجايىپ خۇيلىرىممۇ بار بولۇپ، تۆۋەندىكى 1965-يىلىنىڭ كونا فىلىملىرى بولغان «مۇزىكا ئاۋازى» فىلىمىنىڭ دەل مۇشۇ ناخشا بۆلىكىنى قانچە-قانچە قېتىملاپ كۆرۈۋەتكىنىم ئىسىمدە يوق. بەلكىم تورخۇمارلارنىڭمۇ مەندەك بالىلىق دەۋىرلىرىدە ئالاھىدە ياقتۇرغان بىر قىسىم فىلىم ياكى ئارتىسلىرى بولىشى مۈمكىن. خالىساڭلار بۈگۈن مۇشۇ تېمىنى چۆردىگەن تاتلىق بالىلىق ئەسلىمىلىرىمىزدىن ئورتاقلىشىپ باقساق.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر,مــۇڭ كـۈيــلــەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئەسلىمە، بالىلىق، مۇزىكا، ناخشا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,643 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 09-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: the-sound-of-music-song.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «بىئو-خىمىيەلىك كىرزىس6» ئويۇنىنىڭ بىر قىسىم يېڭى كۆرۈنۈشلىرى ئېلان قىلىنىپتۇ، يېڭىچە ۋەقەلىك، يېڭىچە جەسەتلەر…
- كېيىنكى يازما > يامغۇرلۇق بىر كۈنى بىر موماي تاللا بازىرىغا كىرىپتۇ ۋە بىر نەرسە ئېلىپ يولىغا راۋان بوپتۇ، ئەمما …..
- سەتەڭ قىزلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى See You Again
- سەھنە تۇيغۇسى ئاجايىپ كۈچلۈك چولپان بوۋاق
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- بۇ قېتىمكى ئوسكارنىڭ نامزاتى – مۇز مەلىكە(Frozen) فىلىمىنىڭ ناخشىسى: Let It Go
- ئاشۇ يىللاردىكى بىزگە تونۇشلۇق سەلبىي ئوبرازلار
- 49 ئادەم بىرمۇ كۆرۈنۈش ئالماشتۇرماي ئىشلەپ چىققان قالتىس MV! بۇنىڭدىنمۇ قالتىس بولامدۇ؟!
- فەچەت ناخشىلار بىلەن كىرىشتۈرۈلگەن يەنە بىر يۈرۈش فەچەت كىنو پارچىلىرى!
- بور بىلەن سىزىپ ئىشلەنگەن ئۆزگىچە كارتون – خاسىيەتلىك ئادەم VS تىيىن دىۋە
- ما ئۈچ قىزچاق iPhone دا مۇزىكا دېگەننى چەپ ئۆتتۈرىۋېتىدىكەن ئەمەسما؟! ھەممە ئويۇننىڭ مۇزىكىسى باركەن!
- ھازىرقى بايلىق ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمىلەردىن ئايرىلىپ قالغانسىز؟
دىۋان تالىشىدىغانلار نەگە كەتتى دەيمەن
دىۋان …دىۋان . قارىغاندا ، بۈگۈن دىۋانغا كۆپە سالمىغان چىراي . شۇڭا تالاشمىدۇققۇ
شۇنداق، بالىلىق ئەسلىمىلەر ھەقىقەتەن تاتلىق بولىدۇ. بۇ كىنونىڭ نوتىنى ناخشا قىلىپ ئېيتىدىغان يېرىگىمۇ ئامراق ئىدىم.
ۋاي ۋاي ۋاي ئامراق بولمامدىغان … ۋودىلي ۋودلي دەپ ياغاچ قونچاقنى بىر ئويناتسا ھازىرمۇ قىتىپ تۇرۇپ كۆرەپ كەتتىم دىسە …
ئاتامان ماۋۇ ئادرىستىكى كىنونىڭ تولۇق نۇسخىسىنى تېپىپ بېرەلەرسىزمۇ،،http://bbs.kangsay.com/read.php?tid-19799.html
مانا: http://www.tudou.com/programs/view/-5pVaDpZJfs
ۋاي توۋا مەن دەل مۇشۇ يىرىنى كۆرىمەن دەپ ئۇخلىماي قاراپ ئولتۇراتتىم، بۇ كىنونىڭ ئەڭ نوچى يىرى مۇشۇ شۇ بەك كۈلكىلىك ئىشقىلىپ
پەچەت
قايسى كىنوكىن دەپتىمەن تېخى
بىردىنبىر يادىمدا قاغىنى ئاۋۇ قوزىچاقنىڭ بىر جۈپ يوغان كۆزلىرىكەنتۇق….
ۋاي ۋاي ۋاي، كىچىكىمدە دەھشەت ئوقۇپ قوياتتىم لېكىن ما ناخشىنى
ئەرزىمەس ئىلتىماسىم ئۈچۈن ۋاقىت چىقارغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ئاتامان،،،ياشىغايلا ياشىغايلا،تۈمەنمىڭ يىل ياشىغايلا،
گۈزەل بالىلىق ۋاقتىمىزغا ھەمرا بولغان ھەر بىر ئەسلىمە قەلىب خاتىرىمىزدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ،ئەلۋەتتە .
بۇ فىلىممۇ بىرقاتار نادىر كارتونلار بىلەن بىزنىڭ خاتىرىمىز ۋە بالىلىقىمىزغا ھەمراھ.
بۇ قىزچاقنىڭ يوتقىنىغا يىلان بىلەن پاقا سېلىپ قۇيىدىغۇ دەيمەن~~~~! ئاۋۇ 7شۇم
«مۇزىكا ساداسى»ناملىق بۇ فىلىم 1965-يىلى ئىشلىنىپتىكەن،نېمىدىگەن يۇقۇرى سۈزۈكلۈكتىكى فىلىم،مەزمۇنى ئىنتايىن تەبىئىي.ھازىرقى ئۇيغۇر كىنولىرىمىز ھازىرغىچەVCDفورماتىدا،سۈزۈكلۈكتىن ئەسەرمۇ يوق،يەنە تېخى شىنجاڭ كىنو سىتودىيىسىنىڭ «مىللەتلەر ئىتىىپاقلىقى»تېمىسىدىكى سۈنئىي مەزمۇنلاردىكى فىلىملەرنى نېمە دەي.كۆرۈشنىڭ ئۆزى ۋاقىت ئىسراپچىلىقى.مەنغۇ ئەزەلدىن كۆرمەيمەن.
mrgreen: قالتىس كېنودە بۇ ، بولۇپمۇ مۇشۇيېرى….
مەنمۇ دەششەت ئامراق ھازىر مىدىرلىماي كۆدۈم
مۇشۇ كىنونىڭ تولۇق قىسمىنى يوللاڭلا خۇماداشلار
音乐之声 دەپ بەيدۇدىن ئىزدىسىڭىزلا چىقىدۇ، يوۋكۇ،چىيىلاردا سۈزۈك نۇسخىسى باركەن