نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

ياش رىجىسسور شاھناز ئارسلان رېژىسسورلۇقىدىكى مىكرو كىنو « نەتىجە قەغىزى » ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

يىقىندا (16- سىنتەبىر) ئۈرۈمچى ئامېرىكا-ئاسىيا خەلقئارا كىنو شەھىرىدە قويۇلغان ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجى مىكرو كىنو– «نەتىجە قەغىزى»نى ھەممىڭلار كۆردۈڭلارغۇ دەيمەن. توردا كەڭ تارقالغان بۇ فىلىمگە نىسپەتەن يىقىنىن بېرى تورداشلارنىڭ پىكىرى ھەر ھالدا خېلى ياخشى بولىۋاتىدۇ.

netije-qeghizi

ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن مىكرو كىنولارنى كۆرۈپ باققىنىم ھازىرچە ئىسىمدە يوق. ئۇيغۇر كىنوچىلىق ساھەسى شىددەت بىلەن چىكىنىپ ئەسلا ئۈمۈت كۈتمىگىدەك ھالەتكە يەتكەندە ياشلىرىمىز ئارىسىدا ئازىراق ئۈمۈت ئۇچقۇنلىرى چاچىراۋاتقاندەك قىلىدۇ. داڭلىق رېژىسسور خۇرشىدە تۇردىنىڭ قىزى شاھناز ئارسلان رېژىسسورلۇق قىلغان قىسقىغىنە 25 مىنۇتلۇق بۇ فىلىمدىمۇ خېلى نۇقسانلار ساقلانغان بولسىمۇ، ئومومى جەھەتتىن يەنىلا خېلى ئۇتۇقلۇق چىققان دىيىشكە بولىدۇ.

مىكرو كىنو _ نەتىجە قەغىزى

كۆرۈشتىن كىيىنكى قىسقىچە تەسىرات

يىراق سەھرادىكى ھەدە-ئىنى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ غېرىبانە ئەمما ئۆزىگە يارىشا بەخىتلىك بولغان تۇرمۇشنى، ھەدە بولغۇچىنىڭ ئىنىسىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ئىنىسىنىڭ ئۇلۇغ غايىلىرىگە بولغان ئىنتىلىشى ئارقىلىق ئىپادىلەش كىنودا ماڭا خېلى يارىدى. ئاۋاز ئېلىش جەھەتتىمۇ خېلى سۈزۈك چىققان بولۇپ ئاز بىر قىسىم جايلىرىدىكى دىئالوگنىڭ سۈنئىلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاساسى جەھەتتىن ماڭا يارىدى. ئەلۋەتتە ھېچقانداق نەرسە تۇغما مۈكەممەل بولمىغاچ بۇ بىر پارچە تەسىرلىك ھېكايىدىمۇ ماڭا ياقماي قالغان بىر نەچچە نۇقتا بار. تۆۋەندە قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتەي.

1. فىلىم باشلىنىپ 3 مىنۇت 30 سىكىنۇتلۇق يېرىدە مەدىنە بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ قىسقىغىنە دىئالوگى بولىدۇ. دىئالوگ جەريانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ گەپ قىلىشى قىلچە تەبىئى چىقمىغان بولۇپ، خۇددى بىر پارچە تېكىستنى يادىلاپ بېرىۋاتقاندەكلا تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ بىر قىسقا بۆلەك پۈتۈن فىلىمنىڭ سۈپىتىگە ئېنتايىن چوڭ تەسىر يەتكۈزگەن.

2. فىلىمنى تېخىمۇ تەسىرلىك  چىقىرىش ئۈچۈن بولسا كېرەك. رىجىسسور ئەسلىدىنلا ئىنتايىن بىچچارە بولغان بۇ بىر جۈپنى بىر-بىرىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىۋىتىشنى تاللىۋالغان. بۇ ناھايتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە فىلىمنى كولمىناسسىيە نۇقتىسىغا كۆتۈرۈشكە مەجبۇرلىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلۈم سەۋەبى قايىل قىلارلىق ئەمەس بولۇپ، فىلىم سۈرەتكە ئېلىنغان نەق مەيداندىن قارىغاندا بىر ھارۋىنىڭ ھەرقانداق بىر ھالەتتە تالاپەتكە ئۇچۇررىششىدىن قەتئىنەزەر ئۆلۈم ۋەقەسىنى شەككىللەندۈرۈش مۈمكىنچىلىكى ناھايتى تۆۋەن. بۇ ئىككىسى فىلىمدە ماڭا يارىمىغان يارقىت نۇقتىلار.

ئەلۋەتتە ھەر ئىشنى قول سېلىپ ئىشلەپ كۆرگەندىلا نەقەدەر جاپالىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. مېنىڭ بۇ يەردە فىلىم ھەققىدە كاپىششىم ھەرگىزمۇ فىلىمنى ياراتمىغانلىق ئەمەس، بەلكى رىجىسسورغا بولغان تېخىمۇ يۈكسەك ئارزۇ ئۈمۈتلىرىمىزدىندۇر. قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئاددى فىلىم ئۇيغۇر كىنوچىلىق سەنئىتىنىڭ كەلگۈسىنىڭ يەنىلا ئۈمۈتلۈك ئىكەنلىكىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ قويدى.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. نۇرنىجات 2012.09.29 , 15:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋانچىلار يوققۇ؟

  2. سۈبھى 2012.09.29 , 15:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ فىلىمنىڭ ئاۋاز جەھەتتىن بولسۇن ياكى سۈرەت جەھەتلەردىن بەكلا ياخشى ئېلىنغان،بىراق بۇفىلىمنىڭ مەزمۇنىنڭ (نەتىجە قەغىزى)بىلەن ئانچە ئالاقىسى يوق،ئاخىرىدىكى ھەدىسىنىڭ ئۆلىمىنىڭمۇ (نەتىجە قەغىزى)بىلەن مۇناسىۋىتى يوق،ئەگەر ئاۋۇ بالا نەتىجە قەغىزىنى ئالىمەن دەپ سۇغا چۈشۇپ ئۆلۈپ كەتكەن بولسا،تېخىمۇ ئوبرازلىق چىققان بولاتتى..

    • نۇرنىجات 2012.09.29 , 16:02

      ئاغزىڭىزنى ئۈششۈتمەڭ!بىرسى بولسىمۇ ئۆلمىسۇن:mrgreen:

    • نۇرقۇت 2012.10.02 , 16:06

      بەك ئىنچىكىلەپ كۆرمىگەندەك قىلىسىز، قايتا كۆرۈپ بېقىڭ. نەتىجە قەغىزى بېلەن مۇناسىۋىتى بار.

  3. نۇرنىجات 2012.09.29 , 16:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    فىلىم سۈرەتكە ئېلىنغان رايون مېنى پىچان قۇمتاغ ۋە تۇيۇق يېزىسىنى ئەسلەتتى…

  4. SuperBoy 2012.09.29 , 17:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك پەيزى چىققان فىلىمكەن بۇ. فىلىم سۈرەتكە ئېلىنغان رايون تۇيۇق يېزىسىمۇ نېمە؟

  5. ئېقىن 2012.09.29 , 17:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنچىمۇ فىلمنىڭ مۇۋاپىقيىتى : فىلمنىڭ سۆرەتكە ئېلىنىشى ،مۇھىتنىڭ تاللىنىشى ئارتىسلادىن ئاۋۇ كىچىك ئۇماقنىڭ رول ماھارىتى قالتىس چىقىپتۇ ،ئۇ قۇملۇقتىكى سۆرەتكە ئېلىنغان جايلار بەك ئېسىل چىقىپتۇ ، كەمچىلىكى: شۇ دىگەندەك فىلمنىڭ يىشىمى سەل ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس ، ئاندىن فىلمنىڭ دىئالوگ مەسىلسى ، :neutral: ئاۋۇ كىچىك باللانىڭ « مۇستاپا يۈرە توپ ئوينايمىز، ئىلدام بول ،ئىلدام ! » ئاجايىپ تەبئىي.

    • نۇرنىجات 2012.09.29 , 18:28

      «ئىلدام بول!»دېگىنى شۇ يەرنىڭ يەرلىك بالىلىرى ئوخشايدۇ!

  6. تۇلكە 2012.09.30 , 11:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا پەقەت شۇ فىلىمنىڭ تەبىئىيلىكى ياردى ،،

    لىكىن ئۇلارنى دىئالوگى بەكلا سۇنئىي چىراي ئىپادىسى ۋە سوزلەر خۇددىي يادىلاپ كىتاپ ئوقىغاندەك ..

  7. مىھمان 2012.09.30 , 11:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنڭچە بولغاندا ئاخىرىدىكى يىشىمدا ئاچىسىنىڭ ۋاپاتى ئورنىدا ئىنىسىنىڭ ۋاپاتى بولغان بولسا ياخشىراق بولامىكىن دەپ ئويلىدىم…ئاندىن فىلىمنىڭ تىمىسى بىلەن تىخىمۇ مۇناسىۋىتى بولغان بۇلاتتى.

  8. پاسىبان 2012.09.30 , 14:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋەقەلىكتە 2 نوقتا ماڭا تۈزۈك ياقمىدى.
    1. ئاچىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بەك تۇيۇقسىز بوپقاپتۇ. سەۋەبىمۇ تازا قايىل قىلارلىق ئەمەس. بەلكى مىكرو دېگەن گەپنى قوشىۋالغاچقىدۇر… لېكىن ئاچىسىنىڭ ئۆلۈمى مۇشۇ كىنونىڭ ئەڭ يارقىن نوقتىسى بولىشى كېرەك. ئەمما بۇ يارقىن نوقتىغا سەل قارالغان.
    2. ئاچىسى ئۇكىسىنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم دېگىنىگە ئىشەنمەي ئۇنى ئەيىبلىگەندە ئۇكىسى ناھايىتى تېزلا سۈكۈتكە چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۇ جۇڭگو كىنوچىلىقىدا كۆپ ئۇچرايدىغان «ئۇۋال بولىدىغان» كۆرۈنۈش. ئۇۋال بولغۇچى بۇ چاغدا گەرچە ئۇنىڭ يوللۇق بولسىمۇ ئۆزىنى كۆپ ئاقلاپ كەتمەيدۇ. ئومومى جەھەتتىن ئېيتقاندا رېژىسسورنىڭ ۋە سىنارىستنىڭ جۇڭگو كىنوچىلىقى ئىسكەنجىسىدىن چىقالمىغانلىقىنى يەنە بىلگىلى بولىدىكەن.
    ئۇنىڭدىن باشقا كۆرۈنۈش ۋە ئارتىسلارنىڭ ئورۇنلاش ماھارىتى جەھەتتە، ئاۋۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دىئالوگى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ باللىرىنىڭكىدەكلا بەكلا ياسالما بوپقاپتۇ. بۇ پەقەت ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن بەلكى شۇنداق بولغاندۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن كەسپىي سەنئەتچىلەر ئەمەستە بەرىبىر.
    ئۇنىڭدىن باشقا يېزا تۇرمۇشىدىكى يېزىلىق پۇراق كەمچىل. بۇ پىرسوناژلارنىڭ تەلەپپۇزىدا ئەڭ روشەن ئىپادىلىنىپ قاپتۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى تەلەپپۇزىدا سۆزلەشتى.
    تالانتلىق رېژىسسورلار مانا مۇشۇنداق ئىنچىكە ئىشلارغىمۇ بەك ئېتىۋار بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىپ سىنغا ئالغان بەزى ئىنچىكە نوقتىلىرىنى كۆپ قىسىم كىشىلەر بايقاپمۇ بولالماسلىقى مۇمكىن. لېكىن ئۇ رېژىسسورلار بۇنى كۆپ ئادەم بايقىمىغاندىكىن دەپ قىلماي قالمايدۇ.

    ئەمدىلا ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەن بالا رېژىسسورغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، فىلىمنىڭ ئىشلىنىشىدىن كەسپتە ئوقۇغان بىرەيلەننىڭ ئىشلىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. مېنىڭچە تەجرىبىسىنىڭ موللىشىىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ بۇ نوقتىلار تەبىئىيلا تۈزىلىپ كېتىدۇ ئەلۋەتتە…

    • نۇرقۇت 2012.10.02 , 16:09

      كىچىك بالا بۇرۇن ھەدىسىنى ئالدىغان، شۇڭا بۇ قېتىم «بۆرە كەلدى» گە ئوخشاش ھەدىسىنىڭ ئىشەنمەسلىكىگە يولۇققان. شۇڭا بۇنى جۇڭگوچىلىقتىن چىقالمىدى دېسىڭىز قاملاشمايدۇ. كىچىك ۋاقتىڭىزدا سىز شۇنداق ئىشنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان بولسىڭىز شۇ ئەھۋالنى ھېس قىللايتتىڭىز.

  9. ياۋايى 2012.09.30 , 15:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ كىنونى ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئىشلەيدۇ . ھەقىقەتەن يارايدۇ … لىكىن مۇشۇ باشقا مىللەتتىكىلەردىن مۇشۇ سەھرا توپىلىقتا ئىشلىگەن كىنولارنى ياخشى ئىشلىگەچكىمۇ ياكى جىقمۇ باشقىلار سىلەرنىڭ شىنجاڭ شۇنداق توپىلىق يەرمۇ دىگەندەك تەسىراتقا كەپ قالىدىكەن…چەتئەللىكلەر بىلەن تولا ئالاقە قىلغاچقىمۇ قۇلاققا كىرىپ قالدى . ھەرگىز ئۇنى بۇنى قىلسۇن دىگىنىم ئەمەس

  10. ۋەتەن 2012.10.01 , 02:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بىرنى ئىشلەيمەن، ئومۇمى ۋاقتىنى 1.5 مېنۇت قىلىپ، بۇنىڭ ئىچىدە ۋەقەلىككە 30سىكونت ۋاقىت ئاجرىتىمەن ….ئىككىلا ئېغىز دىئالوگ بار. سىنارىيىسى 140 خەتلىك …
    مانا مىكرو كىنو دېگەن ئۇھ..

    • ئۇيغۇرمەن 2012.10.16 , 13:53

      ئەمىسە بۇ كىنويىڭىز ئىلان دىيىشكىمۇ يارىمىغۇدەك …. ئەڭ ئادەتتىكى ئېلاننىڭمۇ ئاز دىگەندە بىر نەچچە ئېغىز گىپى بۇلىدۇ……….:lol::lol::mrgreen:

  11. كۆلتىكىن 2012.10.01 , 23:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.. لىكىن ھەدىسىنىڭ قانداق بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمادىكەن.

  12. چاقماق 2012.10.02 , 01:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا ھەرتەرەپتن يارىدى ئوزەم كەسىپ ئەھلى ئەمەس سىلە ئۇچى-بۇچى دەپ ئىنكا يازغانلا كەسىپ ئەھلى ئوخشىمامدۇق يا ئۇ بولماپتۇ بۇ بولماپتۇ دەپ قاچان مۇ ھەي باللا كەسىپ ئەھلى بولساق بولمىساق شۇنچىلىك سىنارىيە يېزىپ بېقىشمامدۇق ……… قۇرۇق گەپ جىق مىللەتتە ئىلەگىرى بېسىش تەرەققىيات بولماس بۇنداق ئىشلاغا كەسىپ ئەھلىللىرى ئۆزئارا دىيشىۋالدۇ ماندا پايدىلىنىدىغان يەرلىرىدىن پايدىلىنىپ خاتا يەلىرىنى تۈزۈتۈپ كورۇڭلا ئاڭلاڭلا بۇ يا ئۆزۈڭلا ئالدىغان مال بولمىغاندىكىن ئەيپىنى كۆرۈپ سۈكىدىغان ماندا قوللايلى باش بۇنىدا نۇىسان ئىز دىمەي :arrow:

  13. مىسكىن 2012.10.03 , 03:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوھ.. مۇشۇ كىنوغىمۇ تامغۇسىنى بىسىپ بوپتۇ بۇ ئەلكۇيى، سۇزۇك كىنولارغا ئۆىنىڭ تور بەتلىرىنىڭ تامغۇسىنى بىسىۋالغانلارنى دەھشەت بىر نىمە دىگۈم كىلىدۇ:twisted: كىنو ئىشلىگەنلەر قىلمىغان ئىشنى قىلىپ يۈزى قىزارمامدىكىن. qiyi.com دا سۈزۈك نۇسخىسى باركەن چۈشۈرۋالدىم:wink:

  14. رىۋايەت 2012.10.04 , 13:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    فىلىمنىڭ رىژىسسورلىقى ناھايىتى ياخشى قىلىنغان فىلىمدىكى باشقا نۇقسانلارنى رىژىسسورلۇققا باغلاپ تۇرۇپ باھا بىرىش تازىمۇ بىمەنە قاراش .

  15. ئېسيان 2012.10.06 , 12:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭچە بۇ مىكرو كىنونىڭ ئاۋاز، سۈرەت ئۈنۈملىرى ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ، شۇ بىرلا يېرى دىئالوگلار تازا تەبئىي ئەمەسكەن، يېزا دىگەندە ئانچە مۇنچە يەرلىك شىۋىلەر بولدۇ ئەمەسما!

  16. ئېسيان 2012.10.06 , 12:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭچە بۇ مىكرو كىنونىڭ ئاۋاز، سۈرەت ئۈنۈملىرى ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ، شۇ بىرلا يېرى دىئالوگلار تازا تەبئىي ئەمەسكەن، يېزا دىگەندە ئانچە مۇنچە يەرلىك شىۋىلەر بولدۇ ئەمەسما!

  17. تەقدىر 2012.10.07 , 16:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىنارىيە بەك پۈچەككەن يەنە ھاممىسى بىلەن فوتوگىراف
    ئىككىسى بەك ناچار روللاردا چىققاچ كۆرۈپلا سەسكىنىپ كەتتىم

  18. كوت كوت 2012.10.08 , 00:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمىلا دىمىگەن بىلەن باشلىنىش دىگەننى غەيۋەت بىلەن ئۆلتۈرۋەتمەي ، قوللاپ قۇيۇشىمىز كىرەك .. .

  19. ئەپەندى 2012.10.08 , 17:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    10مىنت28سېكىنۇتلىق يىرگە ئازراق بىرنىمە دىگۇم كەلدى،،،، ماڭا مۇشۇ يىرلا سەل سۇننى بىلىندى ،، ئەلۋەتتە ھەممە يىرى سۇننى ، بۇيىرى چىنىپ قاپتۇ. مۇستافا ئالدىن يۇگۇرۇپ كىرىپ مەدىنىگە مىھمان باشلەپ كەلگىننى دىسە ،، كىيىن فۇتۇگېراف ئوزلىرى تونۇشسا ،،، ئەمما باشقا يىرى پەچەت چىقىپتۇ…:smile:

  20. مەلەك 2012.10.10 , 21:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بەك ياقتۇردۇم بۇ فىلىمنى ، ئاپتور ئوتتۇرىغا قويغان نۇختىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ .
    يەنە بىر مەسىلە ، ھاممىسى ھەدىسىنى قاتناش ھادىسىگە يولۇقتى دېدى ،ئەسلىدە ئىشەكنىڭ پۇتى پۇتلىشىۋاتاتتى ، ھارۋا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولغىيتى ؟
    ئەمما ئاخىرىغا كەلگەندە ئىختىيارسىز كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى:cry:

  21. سەھرالىق 2012.10.12 , 19:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولسا مۇستافا ئەڭ ئاخىرىدا ئاشۇ نەتىجە قەغىزىنى كۆرۈۋىتىپ قېرىپ چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەن بولسا:smile:… تېخىمۇ مىكرو بولاتتكەن.

  22. ئالىم 2012.10.19 , 13:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى چىىقىپتۇ ،بوسا مۇشۇنداق ئىشلارنى قوللاپ قويساق

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量