نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

«جۇڭگودىكى ياخشى ئاۋاز» پىروگراممىسى قانچىلىك پايدا ياراتتى؟

يېقىندا تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى «جۇڭگودىكى ياخشى ئاۋاز» قىزىپ كەتتى، ھەتتا چەتئەلدىكى جۇڭگولۇقلارمۇ تور ئارقىلىق بۇ پىروگراممىنى كۆرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇ پرۇگراممىمىنىڭ نام قازىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئېلان ھەققىمۇ بىللە ئۆسۈشكە باشلىدى، يەنى ھەر سېكۇنتلۇق ئېلان ھەققى 150مىڭ يۈەندىن بىراقلا 360 مىڭ يۈەنگە ئۆستى، ئۇنداقتا بۇنداق كۆپ پۇل تاپىدىغان پرۇگراممىنى زادى كىم ئىشلىگەن؟ ئۇنىڭ سودىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرى زادى نېمە؟

the-voice-of-china

يۇقىرىقى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئالدىدا، «جۇڭگودىكى ياخشى ئاۋاز» پىروگراممىسىنىڭ زادى قانداق مەيدانغا كەلگەنلىكىگە قاراپ باقايلى:
بۇ پىروگرامما شەكىل ياكى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن ئوخشاشلا كۆرۈمەنلەرگە ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلدى، ئەمما مۇشۇنداق ئېسىل پىروگراممىنى ئەمەلىيەتتە جۇڭگولۇقلار ئۆزى ئويلاپ تاپقان ئەمەس. «جۇڭگودىكى ياخشى ئاۋاز» پىروگراممىسى گوللاندىيەنىڭ «ئاۋاز» يەنى the voice پىروگراممىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. ھەتتا ئىشلەتكەن لوگوسى ۋە سەھنە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى the voice بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش.
شىنكۇڭ تاراتقۇسى گوللاندىيەنىڭ بۇ پىروگراممىسىغا خېلى بالدۇرلا كۆز تاشلىغان، چۈنكى بۇ پرۇگراممما 2010-يىلى گوللاندىيەدە قويۇلۇشقا باشلىغاندىن كىيىن، گوللاندىيەدە يېڭى كۆرۈش نىسبىتى رېكورتى ياراتقان، باھالىغۇچلارغا ماھىرلارنىڭ چىرايىنى كۆرسەتمەسلىك، پەقەت ماھىرلارنىڭ نەق مەيداندىكى ناخشا ئاۋازى بىلەنلا باھا بېرىشتەك ئۆزگىچە ئۇسۇل ۋە يېڭىپ چىققان ماھىلارنى يېتەكچى ئۇستاز تاللاش پۇرسىتىغا ئىگە قىلىشتەك بۇنداق كەسپىي ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلى بىرلەشتۈرۈلگەن پىروگرامما شەكلى مەيدانغا كېلىشى بىلەنلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 2011-يىلى ئامېرىكىنىڭ NBC تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ پىروگراممىنى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى- ئامېرىكىدا يۇقىرى كۆرۈش نىسبىتى بىلەن داڭ قازانغان «ئامېرىكا چولپىنى» پىروگراممىسى بىلەن بىر ۋاقىتتا قويغان، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئۇلارنىڭ بۇ تاللىشى توغرا بولغان، پرۇگراممىنىڭ قۇيۇلۇش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولغان. بۇنىڭدىن «ئامېرىكا چولپىنى» پرۇگراممىسىمۇ ھەيران قالغان. شۇنداق بولغاچقا، بۇنداق ئېسىل پىروگراممىغا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر كۆز تاشلايدۇ ئەلۋەتتە.
ھازىرغا قەدەر the voice پىروگراممىسىنى 26دۆلەت سېتىۋالغان، ئەمما بۇ پىروگرامما ئېلىمىزگە كىرگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا يەنىلا نۇرغۇن مەسىلىلەرگە يولۇققان، يەنى «جۇڭگودىكى ياخشى ئاۋاز» دەسلەپتە دۆلىتىمىزگە كىرگەندە، مىليون يۈەندەك يۇقىرى ئىشلەش ۋە ئېلان ھەققى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى بۇنىڭغا چىقىش قىلالماي بۇ پىروگراممىنى كىرگۈزۈشتىن ۋاز كەچكەن. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا بۇ پىروگرامما گەرچە چەتئەلدە كۆرۈش نىسبىتى رىۋايىتى ياراتقان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭ جۇڭگودىمۇ ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشەلىشىگە كاپالەتلىك قىلالمايتتى.
«جۇڭگودىكى ياخشى ئاۋاز» پىروگراممىسى ئەڭ ئاخىرىدا جېجياڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلدى، ئۇنى «سەنشىڭ فىلىم ئىشلەش شىركىتى» ئىشلەپ بازارغا سالغان، ئاڭلىماقتا بۇ شىركەت ناھايىتى ناتۇنۇشدەك بىلىنگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە بۇ شىركەتنى دۆلىتىمىز كۆڭۈل ئېچىش پرۇگراممىلىرى ئىشلەش ساھەسىدىكى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئاتامان دېيىشكە بولىدۇ. «جۇڭگودىكى ياخشى ئاۋاز»دىن باشقا، بۇ شىركەت يەنە «جۇڭگودىكى قالتىس كىشىلەر»، «ئۇسسۇل بەزمىسى»، «جۇڭگو مۇزىكا رەت تەرتىپى» قاتارلىقلارنى ئىشلىگەن. بۇ پرۇگراممىلار شەرق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يەنى شاڭخەي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەڭ داڭلىق پىروگراممىلىرى بولۇپ قالغان.
سەنشىڭ فىلىم ئىشلەش شىركىتى ئەسلىدىكى شاڭخەي شەرق تاراتقۇ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئايرىلىپ چىققان. 2010-يىلى جۇڭگولۇقلار مەدەنىيەت كەسپى مەبلەغ سېلىش فوندى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات گۇرۇھى ئىستىراتىگىيەلىك ھەمكارلىق سۈپىتىدە، ئەينى ۋاقىتتىكى شىنكۇڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تىلىۋىزۇر كەسپىنى بىرلىكتە سېتىۋالغان. سەنشىڭ فىلىم ئىشلەش شىركىتى دەل شىنكۇڭ قارمىقىدىكى بىر فىلىم ئىشلەش شىركىتى. ئەينى ۋاقىتتا ئەسلىدىكى شاڭخەي شەرق تاراتقۇ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر قىسىم تايانچ كۈچلىرىمۇ شىتاتلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ، بۇ شىركەتنىڭ ئىشتاتسىز خادىمىغا ئايلانغان. ئۇلار دەل مۇشۇنداق دادىل قەدەم تاشلاش ئارقىلىق، «جۇڭگودىكى قالتىس كىشىلەر»، «ئۇسسۇل بەزمىسى»، «جۇڭگو مۇزىكا رەت تەرتىپى» شۇنداقلا ھازىر ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان «جۇڭگودىكى ياخشى ئاۋاز» قاتارلىق ئېسىل پىروگراممىلارنى ئىشلەپ چىقارغان.
«جۇڭگودىكى ياخشى ئاۋاز» ئېلىمىز تېلېۋىزىيە تارىخىدا ھەقىقىي مەنىدىكى ئىشلەش ۋە قويۇش ئايرىۋېتىلگەن تۇنجى پىروگرامما ھېسابلىنىدۇ. سەنشىڭ فىلىم ئىشلەش شىركىتى بىلەن جېجياڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئوتتۇرىسىدا بۇنىڭغا قارىتا ئېنىق توختام بار، يەنى ئەگەر پىروگرامما مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىسا، پۇلنى سەنشىڭ تۆلەش، ئەگەر مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، پايدىنى ئىككى تەرەپ تەڭ ئۈلۈشۈش. سەنشىڭ شىركىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ سودىنىڭ قىمار ئويناش بىلەن پەرقى يوق دېيەرلىك. ئەمما ئۇنىڭدىكى پايدا تەقسىملەش شەكلى ئىلىمىزدىكى فىلىم ئىشلەش شىركەتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا زور ئىلگىرلەش ھېسابلىنىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ خىل سودا شەكلى ئېلىمىزنىڭ تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى ئىشلەش تارىخىدا يېڭى رېكورت ياراتقان، بۇنداق بولغاندا، پىروگرامما ئىشلىگۈچى ئورۇن بىلەن پىروگراممىنى قويغۇچى ئورۇن ھەقىقىي مەنىدا ئىككى تەرەپكە ئايرىلىپ، پايدا ۋە خېيىم-خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ.
بۇرۇنقى پىروگرامما ئىشلەش ۋە قۇيۇش ئۇسۇلىدا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پىروگرامما سېتىۋېلىشنى قارار قىلىدۇ، ئاندىن پىروگرامما ئىشلەش شىركەتلىرى پۈتۈن ئىشلەش باسقۇچىغا مەسئۇل بولىدۇ، پىروگراممىدىن كىرگەن ئېلان كىرىمى بولسا پۈتۈنلەي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يانچۇقىغا كىرىدۇ. پىروگرامما ئىشلەش شىركىتىنىڭ پايدىسى بولسا بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئادەتتە مۇقىم بولىدۇ، شۇڭلاشقا پىروگرامما ئىشلەش شىركەتلىرى ئۆز پايدىسىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، ئامالسىز تەننەرخىنى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىتىپ، ھەتتا پىروگرامما سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى.
شۇڭلاشقا سەنشىڭ شىركىتى بىلەن جېجياڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھەمكارلىق داۋامىدا، پرۇگراممىنىڭ پايدىسىنى تەڭ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سۈپەتنى ئەڭ ئالدىغا قويغان، بۇنىڭ بىلەن ئىككىلا تەرەپ بۇ ئىشقا تەڭ كۈچ چىقىرىشتەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. ئەمما پرۇگراممىنىڭ بارلىق ھالقىلىرىنى ئىنچىگە ئىشلەش ئۈچۈن، ئىشلىتىلگەن مەبلەغمۇ ئەسلىدىكى خامچوتتىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن «جۇڭگودىكى ياخشى ئاۋاز» دەسلەپ بازارغا سېلىنغاندا، ھەتتا بىرمۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىغان.
ئەمما ھازىر ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى، «جۇڭگودىكى ياخشى ئاۋاز»نىڭ ھازىرقى پايدىسىنى ئۇنىڭ يانفون مۇزىكا كىرىمى بىلەنلا كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، يەنى بۇ پىروگرامما ھازىرغا قەدەر مىليون قىممىتىدىكى يانفون مۇزىكا بازىرىغا ئىگە بولدى.
بۇرۇنقىدەك پىروگراممىغا قاتناشقۇچىلارغا ھەق بېرىش ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدىغان يىرى، ھازىر بۇ پىروگراممىدا نايىڭ، ليۇۋ خۇەن، يۈ چۇڭچىڭ، ياڭ كۇن تۆت كىشىدىن تەشكىللەنگەن باھالىغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق كىرىمى چۈشۈرۈلگەن يانفون مۇزىكىسىدىن كېلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ماھىرلارنىڭ كىرىمىمۇ چۈشۈرۈلگەن يانفون مۇزىكىسى ئارقىلىق ھېسابلىنىدۇ.
جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ بۇرۇنقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن، «جۇڭگودىكى ياخشى ئاۋاز»غا قاتناشقان بىر ماھىرلا مىليون يۈەن خەلق پۇلى پايدىسى يارىتالايدىغانلىقىنى پەزەر قىلغان. ئەگەر بۇنداق ھېسابلىغاندا، «جۇڭگودىكى ياخشى ئاۋاز» پىروگراممىسىغا قاتناشقان تۆت باھالىغۇچى مىليون يۈەن قىممىتىدىكى يانفون مۇزىكا بازىرىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ.
ئەلۋەتتە، «جۇڭگودىكى ياخشى ئاۋاز» پىروگراممىسىنىڭ ئېلان كىرىمىمۇ ئاز ئەمەس. جېجياڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئېلان مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جى يۆنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «جۇڭگودىكى ياخشى ئاۋاز» پىروگراممىسىنىڭ ئېلانى قىستۇرۇپ تارقىتىش شەكىلىدە سېتىلىدىكەن، يەنى بىر ئېلاننىڭ 15سىكونتلۇق باھاسى 150مىڭ يۈەن، بىر گۇرۇپپىدا جەمئىي ئۈچ ئېلان بولۇپ جەمئىي 450مىڭ يۈەن، بۇنداق ھېسابلىغاندا، بىرىنچى پەسىلىدىكى ئون قېتىملىق پرۇگراممىنىڭ ئېلان ھەققى 4 مىليون 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت ھازىرقى باھا، كىيىنچە بۇ باھانىڭ يەنە قانچىلىك ئۆسۈپ كىتىدىغانلىقىنى پەقەت كۆرۈمەنلەرلا بىكىتەلەيدۇ. ئەمما «جۇڭگودىكى ياخشى ئاۋاز» پىروگراممىسىنىڭ قىستۇرۇپ ئېلان بېرىش، باھانى ۋاقتىدا تەڭشەش ئۇسۇلىدىن باشقا، تۇنجى بولۇپ پىروگرامما ئىشلەش بىلەن قويۇشنى ئايرىۋىتىشتەك ئۇسۇلى ئېلىمىزنىڭ تېلېۋىزىيە پرۇگراممىلىرىنى ئىشلەش ئۇسۇلىدىكى يېڭىچە ئىزدىنىش ھېسابلىنىدۇ.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئۇيغۇربەگ 2012.08.30 , 21:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاشۇنداق پروگراممىلار بارمىكەن؟ شۇنداق سەتەڭمىكەن؟
    دىۋانما بۇ؟

  2. دىلشات 2012.08.30 , 22:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيغۇر بەگ دەششەت چاققان كەنلىغۇ………:shock::mrgreen:

  3. تاماشىبىن 2012.08.31 , 02:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    «جۇڭگودىكى ياخشى ئاۋاز» پروگراممىسىنىڭ بىرە سانىنى يوللاپ قويمامسىلەر ، مەنمۇ كۆرۈپ باقاي، قانچىلىك جەلىپ قىلىش كۈچى باركىن؟

  4. wiros 2012.08.31 , 12:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئى كۈنى بىر سانىنى كۆرۈپ باققان ، راس بولىدىغا پروگراممىكەن … خۇددى تالانتلىقلار سەھنىسىدەكلا

  5. دىلئارام 2012.08.31 , 15:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆرسە بولىدىغان پىروگىرامما بۇ . بەك ئېسىل ، مەن ئۇزۇن بولدى كۆرىۋاتقىلى .
    سىلەرمۇ كورۇپ بېقىڭلار ….

  6. ئەل ئۇمۇت 2012.09.01 , 05:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەگە قارىسا كۆچۇرمىكەشلىك دورۇمۇچۇقلۇق

  7. تەكلىماكان 2012.09.03 , 23:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆڭۈل ئېچىش پراگراممىلىرى دەھشەت قىزىپ كېتىۋاتىدۇ

  8. ئۆركەش 2012.09.13 , 21:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇلارthe voice نىڭ ئىشلىتىش ھوقوقىنى سېتىۋالغانغۇ دەيمەن

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量