نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

ھوللىيۋود تارىخىدىكى چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلار – پالۋانلار كىنولىرىنىڭ 10 يىلى ۋە پالۋانلار

2002-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان ئون يىل ئىچىدە ھوللىۋۇد بۇرۇنقىدەكلا ئېسىل فىلىملەرنى ئېكرانغا چىقاردى. ھەرىكەتلىك فىلىم، ئىلمىي فانتازىيىلىك فىلىم (科幻片) قىزغىنلىقىنىڭ پەسىيىشىگە ئەگىشىپ ئىككى خىل كىنو شەكلى، يەنى فانتازىيىلىك كىنو(奇幻片 نى مۇشۇنداق دەيمىزمۇ) ۋە پالۋانلار كىنوسى باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. 10يىلدىن بېرى «ئۆمۈچۈك پالۋان» ئېكرانغا چىققاندىن تارتىپ «خاسىيەتلىك تۆت پالۋان»، «تۆمۈر پالۋان»، «چاقماق ئىلاھى»،«شەپەرەڭ پالۋان»، «خاسىيەتلىك ئادەم» ۋە ھەر قايسى پالۋانلار يىغىلغان «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» قاتارلىقلار ئېكرانغا چىقتى. بۇ فىلىملەر ئاساسلىقى كومىكلارغا بېرىلىپ چوڭ بولغان ياش بىر ئەۋلات ئامېرىكىلىقلارنى نىشان قىلىش بىلەن بىرگە يەنە كىنوچىلىق تېخنىكىسىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇرۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىلا ئەكىس ئېتىدىغان كومىكلاردىكى ۋەقەلىكلەر ئېكرانغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن توسۇۋالغىلى بولمايدىغان بىر قىزغىنلىق — پالۋانلار كىنوسى قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى.

superhero-movies

10  يىل بۇرۇن «ئۆمۈچۈك پالۋان» كىنوسى شىمالىي ئامېرىكىدا 400 مىلىيۇن دوللار، پۈتۈن دۇنيادا 820 مىلىيۇن دوللار بىلەت كىرىمى بىلەن  پالۋانلار كىنولىرىنىڭ كىرىمىنى تارىختا كۆرۈلمىگەن سەۋىيىگە يەتكۈزدى. 10 يىلدىن كېيىن يېڭى «خىسلەتلىك ئۆمۈچۈك پالۋان» ئىشلەندى. پالۋانلار يىغىلىشى بولغان «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» پالۋانلار كىنولىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى بىلەت كىرىمىنى يەنىمۇ يۇقىرى نۇقتىغا ــ 1مىلىيارت 500 مىلىيۇن دوللارغا يەتكۈزدى.  پالۋانلار كىنولىرى ھوللىۋوتنىڭ ئەڭ ياخشى تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخىگە ئايلاندى. بىلەت كىرىمىدىن باشقا كىرىملەرمۇ ھوللىۋودتىكىلەرنىڭ ئاغزىنى قۇلىقىغا يەتكۈزدى.

ئۇنداقتا بىز بۇ قىزغىنلىقنىڭ ئارقىسىدىكى  پالۋانلار كىنولىرىنىڭ 10 يىللىق تەرەققىياتىنى، پالۋانلارنىڭ تەنھا جەڭ قىلىشتىن تارتىپ بىرلىكتە دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشلىرىنى، «شەپەرەڭ پالۋان»نىڭ قايتا دەس تۇرۇپ داستان كەبى تىرىلوگىيە ياراتقانلىقىنى، مارۋىل شىركىتىنىڭ ئادەتتىكى كومىك شىركىتىدىن ھوللىۋودتىكى ئاتامانغا ئايلانغانلىقىنى، خاسىيەتلىك پالۋان كىنولىرىغا تايىنىپ ھوللىۋودتىكى داڭدار چولپانغا ئايلانغان ئاشۇ بىر توپ تەلەيلىكلەرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

 

1. ھەممە گەپنى «ئۆمۈچۈك پالۋان»دىن باشلايلى

spider-man

ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2002-يىلى
ۋەقە: «ئۆمۈچۈك پالۋان»
تەسىرى: خاسىيەتلىك پالۋانلار كىنولىرى دەۋرى باشلاندى.
2002-يىلى «ئۆمۈچۈك پالۋان» شىمالىي ئامېرىكىدىكى 400 مىلىيۇن دوللاردىن ئوشۇق بىلەت كىرىمى بىلەن كۈچلۈك رەقىبى «ھۆكۈمران ئۈزۈك: قوش مۇنار» ۋە «پىلانىتلار ئۇرۇشى ئالدىنقى قىسسسى 2 : كلون ئادەملەرنىڭ ھۇجۇمى» نى يېڭىپ ھوللىۋودنى تەۋرىتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن پالۋانلار كومىكلىرىنى ئۆزگەرتىپ كىنو ئىشلەش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلاپ ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ كومىك شىركىتى مارۋىل بىلەن DC بارلىققا كەلتۈرگەن كومىكلار تۆت ئەۋلاد ئامېرىكىلىققا تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نەچچە ئون كىچىك كومىك شىركەتلىرىنىڭ ئېسىل كومىكلىرىنى قوشساق، بۇنداق كۆپ خام ماتىرىيال ۋە مەستانىلەر تۇرسا، ئۆزگەرتىپ ئىشلەش قانداقمۇ مەغلۇپ بولسۇن؟
ئەمەلىيەتتە «ئۆمۈچۈك پالۋان»  ئىشلىنىشتىن خېلى بۇرۇنلا پالۋانلار كىنولىرى ئانچە-مۇنچە ئېكرانغا چىقىرىلغان.DC شىركىتىنىڭ «خاسىيەتلىك ئادەم» يۈرۈشلۈك كىنولىرى 80-يىللاردىلا ئىشلەنگەن، «شەپەرەڭ پالۋان» يۈرۈشلۈك كىنولىرى 90-يىللاردا مەغلۇب بولۇشقا يۈزلەنگەن. بىراق مارۋېل شىركىتى بۇرۇن ھوللىۋودنىڭ چوڭ كىنو شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ باقمىغان، فىلىم ئىشلەش سەۋىيىسى تۆۋەن شىركەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىشلىگەن «كاپىتان ئامېرىكا»، «خىسلەتلىك تۆت پالۋان» قاتارلىق بىر نەچچە كىنولىرى ھەتتا كىنوخانىدا قويۇلۇشقىمۇ مۇيەسسەر بولالمىغان. غەلبىلىك ئۆزگەرتىپ ئىشلەش تارىخى بولمىغاچقا، بۇ ئىككى شىركەت كومىكلارنى قانداق ئۆزگەرتىپ ئىشلەشتە كۆڭلىدە سان يوق، ھوللىۋوتتىكى باشلامچى چوڭ كىنو شىركەتلىرىنىڭمۇ كومىكنى ئۆزگەرتىپ ئىشلەش خىيالى بولمىغان. ھەتتا 2000-يىلى ئىشلەنگەن «X جەڭچىلەر» دىن 20-ئەسىر فوكس شىركىتى پايدىنىڭ تەمىنى تېتىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار پالۋانلار كىنولىرىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىنى ئويلاپ باقمىغان. «ئۆمۈچۈك پالۋان» 820 مىليون دوللار بىلەت كىرىمى بىلەن شۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت — 1989-يىلىدىكى تۇنجى «شەپەرەڭ پالۋان» نىڭ 411 مىليون دوللار بىلەت كىرىمىنى بىر قاتلىغان.
ئەمەلىيەتتە پالۋانلار كىنولىرىنى ئىشلەش ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس، بىر ئەبلەخ چىقىپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قالايمىقان قىلىدۇ، بىر پالۋان چىقىپ ئۇنى توسىدۇ، جەڭ باشلىنىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ ئەبلەخ تەسىرلىنىپ توغرا يولغا قايتىدۇ ياكى مەغلۇپ بولۇپ كىنو تۈگەيدۇ. لېكىن مۇۋاپپەقىيەتلىك چىققان كومىكتىن ئۆزگەرتىلگەن خاسيەتلىك پالۋان كىنولىرى دائىم ماۋۇ مۇھىم ئىككى ئامىلغا ئەھمىيەت بېرىدۇ:  پېرسۇناژلارنىڭ پىسخىك تەسۋىرى ۋە تەسىرلىك، مول ۋەقەلىك.

SPIDER-MAN 2, Tobey Maguire, 2004, (c) Columbia/courtesy Everett

ۋەھىمىلىك كىنو رېژىسورى سام رايمى دەل مۇشۇ ئىككى ئامىلنى تۇتقا قىلىپ «ئۆمۈچۈك پالۋان» نى مۇۋاپپىقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن. فىلىمدىكى باش پېرسۇناژ  پېتىر پاركېر ئادەتتىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىسى، بەدىنى ۋىجىك بولغاچقا دائىم باشقىلارغا بوزەك بولاتتى. ۋەقەلىك دەل مۇشۇ ئۆزىنى ئازراق كەمسىتىدىغان يىگىتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى لىنىيە قىلىدۇ. بۇ پالۋانلار كىنوسىغا باشقىچە پۇراق كىرگۈزىدۇ. پېتىر ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئېرىشكەندىن كېيىن بۇنى ئېنىق چۈشەنمەي، پەقەت قىزىقارلىق ھېس قىلىپ ئويناپ يۈرىدۇ، بۇرۇنقىدەكلا ئاۋارىچىلىقتىن قاچىدۇ. تاغىسىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ۋە ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن «قابىلىيىتىڭ ئاشقانسىرى، مەسئۇلىيىتىڭ ئېغىرلاپ بارىدۇ» دېگەن سۆز ئۇنىڭغا تەسىر قىلىپ ھەققانىيەتنى ياقلاپ، ئەسكىلەرنى جازالاشنى باشلاپ ھەقىقىي ئۆمۈچۈك پالۋانغا ئايلىنىدۇ. پېتىرنىڭ پىسخىكىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر كۆرۈرمەنلەرنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈرىدۇ. بۇنىڭغا ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ  ئېگىز بىنالار ئارا ئۇچۇپ يۈرگەندىكى كۆرۈنۈشلەر قوشۇلسا، بۇ كىنونىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازانماسلىقى مۇمكىنمۇ؟
شۇنىڭ بىلەن ھوللىۋودتىكى ئاتامانلار ئالدىراشلىق بىلەن كومىكلارنى ئۆزگەرتىپ كىنو ئىشلەش پىلانى تۈزۈشتى. ھەر قايسى چوڭ كىنو شىركەتلىرى DC ۋە مارۋېل بارلىققا كەلتۈرگەن پالۋان كومىكلىرىنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى سېتىۋېلىشنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. «خىسلەتلىك تۆت پالۋان»، «يېشىل گىگانت ئادەم»،«تۆمۈر پالۋان»، «كاپىتان ئامېرىكا»، «چاقماق ئىلاھى»، «يېشىل ھەرە پالۋان»،«يېشىل پەنەر پالۋان»، قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن ئېكرانغا چىقتى. بۇرۇن ئىشلىنىپ مەغلۇپ بولغان «شەپەرەڭ پالۋان»، «خاسىيەتلىك ئادەم» لەرمۇ قايتىدىن ئىشلەندى. شۇنىڭ بىلەن يېڭى ئەسىردىكى  پالۋانلار كىنولىرى قىزغىنلىقىنىڭ پەردىسى ئېچىلدى.

 

2. «خاسىيەتلىكلەر سەپەرۋەرلىكى» ۋە سەلبي پالۋان كىنولىرى

incred_wall_4

ۋاقتى: 2004-يىلى
ۋەقە: «خاسىيەتلىكلەر سەپەرۋەرلىكى» نىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشى ۋە بىلەت كىرىمى.
تەسىرى: خاسىيەتلىك پالۋان كىنولىرىنى  «سەلبىي قەھرىمان» ئۇسلۇبى بىلەن تەمىنلىدى.
«ئۆمۈچۈك پالۋان» نىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئەزەلدىن باشقا  كومىك شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشمايدىغان دېسنىي شىركىتى ئاستا-ئاستا پىكىر يولىنى ئۆزگەرتتى. لېكىن ياخشى كوزۇر ئوبرازلار ئاللىبۇرۇن باشقا شىركەتلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى. دېسنىي شىركىتى ئامالسىز ئۆز بايرىقى ئاستىدىكى پىكسار خىزمەتخانىسىغا سەلبىي قەھرىمان كارتون كىنوسى «خاسىيەتلىكلەر سەپەرۋەرلىكى» نى ئىشلەتتى. ئويلىمغان يەردىن بۇ فىلىم پۈتۈن دۇنيادا 624 مىلىيۇن دوللارلىق يۇقىرى بىلەت كىرىمى يارىتىپ ۋارنېر شىركىتىنىڭ داڭلىق فىلىمى «خاسىيەتلىك ئادەم قايتىپ كەلدى» دىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى.
«خاسىيەتلىكلەر سەپەرۋەرلىكى» پالۋانلارنى دورايدىغان بىرىنى باش پېرسۇناژ قىلغان بولۇپ، بۇ فىلىم ئەنئەنىۋى شەخسى قەھرىمان يولىدىن ۋاز كېچىپلا قالماستىن، يەنە كىشىلەرگە پالۋانلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق باش ئاغرىقى بارلىقىنى ھېس قىلدۇردى. «Kick Ass» ئىشلىنىشتىن بۇرۇن «خاسىيەتلىكلەر سەپەرۋەرلىكى» پالۋانلار بىلەن ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئارىلىقىنى ئەڭ يېقىنلاشتۇرغان فىلىم ئىدى. فىلىمدىكى ئەقىلگە سىغمايدىغان ھەجىۋىيلىك،فىلىمدىكى ئاشۇ كومىدىيىلىك كۆرۈنۈشلەر،  تەسەۋۋۇلار كۆرۈرمەنلەرنى ئۈچىيى ئۈزۈلگىدەك كۈلدۈردى. شۇنداقلا باشقا كىنو شىركەتلىرىنى «پالۋانلار كىنولىرنى ئەسلى مۇنداق ئىشلىسىمۇ بولىدىكەن» دېگەن قاراشقا كەلتۈردى.
بۇنىڭغا ئەگىشىپ «خاسىيەتلىكلەر مەكتىپى»، «مېنىڭ خاسىيەتلىك قىز دوستۇم»، «خاسىيەتلىكلەر لاگىرى»، «خاسىيەتلىك ئىت»، «خەنكوك»، «Kick Ass»، «يوغانباش» قاتارلىق سەلبىي قەھرىمان ئۇسلۇبىدىكى كومىدىيىلىك فىلىملەر بارلىققا كەلدى. ھەتتا «خاسيەتلىك پالۋانلار كىنوسى» دەك دەرىجىدىن تاشقىرى بىمەنىلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن كىنولارمۇ بارلىققا كەلدى. بىراق «يوغانباش»، «Kick Ass»، «خەنكوك» قاتارلىقلار بىر قەدەر كەڭ  تەسىر قوزغىغاندىن باشقا، قالغان فىلىملەر چوڭ تەسىر قوزغىيالمىدى. ئاساسلىق سەۋەب بۇ فىلىملەر كومىكتىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن فىلىملەر ئەمەس، مەستانىلىرىنىڭ تايىنى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان مەبلەغمۇ كۆپ بولمىغاچقا بىلەت كىرىمى تىزىملىكىدىن بىرنەچچە ھەپتىدىن كېيىنلا غايىپ بولۇپ ئۇنتۇلدى.

kick-ass

بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى«Kick Ass» فىلىمى، Kick Ass بولسا 2008-يىلى 1-ئايدا «تۇتۇش بۇيرۇقى» نىڭ سىنارىستى مارك مىللىر ۋە ئۇنىڭ دوستى جون رومىتا تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بارلىققا كېلىپلا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. ھازىرقى ئۆيدىن چىقمايدىغان يىگىتلەر كۆپىيىۋاتقان  تور دەۋرىدە «Kick Ass» بىرنەچچە ئاينىڭ ئىچىدىلا بۇرۇنقى پالۋانلار خېلى ئۇزاق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئېرىشكەن نەتىجىگە — ئېكرانغا چىقىش شەرىپىگە ئېرىشتى. بۇ بۇرۇن ياكى ھازىر پالۋان چۈشى كۆرۈۋاتقانلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى. چۈنكى Kick Ass نىڭ ئۆزى پالۋانلارنىڭ قىزغىن مەستانىسى، ئۇنىڭ پالۋان بولغىدەك بەدەن قۇۋۋىتى ياكى ئىقتىدارى يوق، لېكىن ئۇ تەۋرەنمەس ئىرادىسى ئارقىلىق  پالۋان چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. خۇددى كىنۇدا ئېيتىلغاندەك «ھەممە ئادەمنىڭ پالۋان چۈشى بار، لېكىن مەن تۇنجى بولۇپ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم». يۇقارقىلار ۋە كىنودىكى youtube، google، Facebook … قاتارلىق تور دەۋرى ئامىللىرى قوشۇلۇپ «Kick Ass» نى مۇۋاپپىقىيەتكە ئېرىشتۈردى. ياش مەستانىلارمۇ ئۆزى بىلەن دەۋرداش پالۋانغا ئېرىشتى.

3. كىرىستوفىر نولان رىژىسورلىقىدىكى «شەپەرەڭ پالۋان» تىرىلوگىيىسى

batman

ۋاقتى: 2005-يىلى
ۋەقە: «شەپەرەڭ پالۋان: باشلىنىش» ياخشى باھاغا ئېرىشتى.
تەسىرى: «شەپەرەڭ پالۋان» قايتا ئورنىدىن دەس تۇردى، پالۋانلار كىنولىرىدا غۇۋا رېئالىزىم ئۇسلۇبى باش كۆتۈردى.

جول شۇماكېر رېژىسورلۇق قىلغان «شەپەرەڭ پالۋان ۋە روبىن» فىلىمى «تارىختىكى ئەڭ ناچار داۋام فىلىمنىڭ بەشىنچىسى» بولۇپ باھالىنىپ 5 يىلدىن كېيىن، ئەنگىلىيىلىك تالانتلىق رېژىسور كىرىستوفىر نولان «شەپەرەڭ پالۋان» فىلىمىنى قايتا ئىشلەشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ كۆزى يەنە بىر قېتىم گازىم شەھىرىدىكى مىليادىر برۇس ۋېينغا تىكىلدى. بۇ قېتىم نولان يۈرەكلىك بىلەن  فرانك مىللىر 1986-يىلى ياراتقان «شەپەرەڭ پالۋان: زۇلمەت چەۋەندازىنىڭ قايتىپ كېلىشى» ناملىق كومىكنىڭ غۇۋا رېئالىزىم ئۇسلۇبىنى قوللاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەڭ ئىلغار بولغان IMAX سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسىنى ئىشلەتتى. «شەپەرەڭ پالۋان» نى قايتا دەس تۇرغۇزۇش ئۈچۈن DC شىركىتى ھەتتا logo سىنى ئۆزگەرتتى. نولان ۋە ۋارنېر شىركىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئۆز ۋاقتىدا مۇستەقىل كىنولاردا رول ئېلىش ئارقىلىق رول ئېلىش ماھارىتىنى «چېنىقتۇرىۋاتقان» ئەنگىلىيىلىك ئارتىس كىرىستيان بېيلنى باش رولچىلىققا تاللىدى، شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى «شەپەرەڭ پالۋان» بولسا ساپ ئامېرىكا كومىكى. كىنو قويۇلۇپ مەستانىلەر بېيل ياراتقان شەپەرەڭ پالۋاننىڭ ساپ ئامېرىكا تەلەپپۇزى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىدىن ھاياجانلىنىپ ئالقىش ياڭراتقاندا، كىرىستيان بېيلمۇ بىر سەكرەپلا ھوللىۋودتىكى ئەڭ داڭلىق ئەر ئارتىسنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

MCDDAKN EC019

ئەسلى كومىكقا ئوپئوخشاش دېكراتسىيەدىن باشقا يەنە چوڭ كۆلەمدىكى ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلەر ۋە شەپەرەڭ ماشىنا بۇ فىلىمنىڭ مۇۋاپىقىيىتىدە مۇھىم رول ئوينىدى. «شەپەرەڭ پالۋان: باشلىنىش» تىكى نىنجا ئۇستازى بىلەن بولغان ئۇرۇشتىن تارتىپ «شەپەرەڭ پالۋان: زۇلمەت چەۋەندازى» دىكى يۈك ماشىنىسىنىڭ 180 گرادۇس ئۆرۈلىشىگىچە، يەنە «شەپەرەڭ پالۋان: زۇلمەت چەۋەندازىنىڭ باش كۆتۈرۈشى»  دىكى ئۇچقۇنىڭ پارچىلىنىشىغىچە، پۈتۈن شەھەردىكى ساقچىلار شەپەرەڭ پالۋاننىڭ ئىزىدىن قوغلىدى. ھەر بىر بۆلۈمدىكى ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلەر ئويلىمىغان يەردىن چىقتى، كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققىتى بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەندىن كېيىنمۇ ۋەقەلىكتىن چەتنەپ كەتمىدى. كومىك مەستانىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىك ئۈچۈن غۇۋا رېئالىزىم ئۇسلۇبى ئاساسىدا شەپەرەڭ پالۋاننىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلىرىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنمىدى، بىرىنچى بۆلۈمدىكى شەپەرەڭ ماشىنا، ئىككىنچى بۆلۈمدىكى شەپەرەڭ موتو، ئۈچىنچى بۆلۈمدىكى شەپەرەڭ ئۇچقۇ قاتارلىقلار مەستانىلەرنىڭ كەيپىياتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.
نولاننىڭ يېڭى «شەپەرەڭ پالۋان» تىرىلوگىيىسى ئومومى سۈپەت ۋە تېما تىرەنلىكى جەھەتتىن پالۋانلار كىنولىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىنى ياراتتى. قويۇق غۇۋا رىئالىزىم ئۇسلۇبىمۇ كېيىنكى نۇرغۇن پالۋانلار كىنولىرىغا تەسىر كۆرسەتتى. «شەپەرەڭ پالۋان: باشلىنىش» تىن كېيىن خاسىيەتلىك ئادەم يۈرۈشلۈك كىنولىرى «خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ قايتىپ كېلىشى» ئارقىلىق قايتا قوزغىتىلدى. بىراق ئانچە مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىدى. «300»، «قوغدىغۇچى» قاتارلىق كىنولارغا رېژىسورلۇق قىلغان زەك سىنايدىر رىژىسورلۇق قىلغان «خاسىيەتلىك ئادەم: پولاتتەك گەۋدە» كېلەر يىلى داغدۇغا قوزغىيالامدۇ يوق؟ بىز بۇنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىمىز.

4. «تۆمۈر پالۋان» ۋە مارۋېلنىڭ باش كۆتۈرۈشى

Iron-Man-movie

ۋاقتى: 2008-يىلى
ۋەقە: «تۆمۈر پالۋان» نىڭ زور مۇۋاپىقىيىتى
تەسىرى: مارۋېل ئۆزى پالۋانلار كىنوسى ئىشلەش يولىنى ئېچىپ  ھوللىۋودتا باش كۆتۈردى.

«تۆمۈر پالۋان» نى ئىشلەش پىلانىنى ئۆز ۋاقتىدا مارۋېلنىڭ ئەڭ چوڭ تەۋەككۈلچىلىكى دېيىشكە بولىدۇ. 1963-يىلى سىتەن لى تەرىپىدىن يارىتىلغان بۇ پالۋان ئوبرازىنىڭ داڭقى مارۋېلنىڭ كەڭ تونۇلغان ئۆمۈچۈك پالۋان، كاپىتان ئامېرىكا قاتارلىق پالۋان ئوبرازلىرىغا ھەرگىز يەتمەيتتى. گەرچە «ئۆمۈچۈك پالۋان»  ۋە «X ئادەملەر» يۈرۈشلۈك كىنولىرى پۈتۈن دۇنيادا نەچچە يۈز مىلىيۇن دوللار بىلەت كىرىمى ياراتقان بولسىمۇ،  بىراق ماركا ھوقۇق بەرگۈچىسى مارۋېل شىركىتىگە يۈز مىلىيۇن دوللارغىمۇ يەتمەيدىغان پايدا ئايرىپ بېرىلگەن ئىدى. شۇڭا ئەڭ ئاخىرىدا مارۋېل يەنە داۋاملىق باشقىلارنىڭ پۇل تېپىش ماشىنىسى بولماسلىق ئۈچۈن 140 مىلىيۇن دوللار مەبلەغ سېلىپ «تۆمۈر پالۋان» نى سۈرەتكە ئالدى.
بۇ «قاراملىق» كىنو ساھەسىدىكلەرنى ھەيران قالدۇرغان بولسا، ئەر باش رولچىغا زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغان، نەچچە قېتىم تۈرمىگە كىرىپ چىققان كىچىك روبېرت داۋنىنى تاللاش بارلىق كىنو شىركەتلىرىنى چۆچۈتتى. كىرىچ تارتىلغان ئىكەن ئوقنى ئاتماي بولمايدۇ، مارۋېل شىركتى يېڭى كىنو بازىرى ئېچىش ئۈچۈن چوڭ دو تىكتى، بىراق بازار ئېچىش تەجرىبىسى ۋە تارقىتىش تورى كەمچىللىكى سەۋەبىدىن ئامالسىز پارامونت شىركىتىنى تارقاتقۇچى قىلدى، ئۆز ۋاقتىدا پارامونتمۇ ئەمدى «ئۆزگەرلەر» دىن مەۋھۇم ئوبرازنى ئۆزگەرتىپ كىنو ئىشلەشنىڭ پايدىسىنى تېتىغان بولغاچقا، مارۋېل بىلەن ھەمكارلاشتى، بىراق مارۋېلنىڭ كەلگۈسىدىكى «چاقماق ئىلاھى»، «كاپتان ئامېرىكا»، «چۈمۈلە ئادەم»، «نىك فيۇرى(يەكچەشمە باتۇر)» قاتارلىق پالۋانلار كىنولىرىنىڭ تارقىتىش ھوقوقىغا پىرامانت شىركىتى ئىگە بولۇشنى شەرت قىلدى.
«تۆمۈر پالۋان»نىڭ بىلەت كىرىمى ھەممەيلەننىڭ كۆزىنى چەكچەيتىۋەتتى. بۇ كىنونىڭ بىلەت كىرىمى شىمالىي ئامېرىكىدا شۇ يىلى ئۈچىنچى بولدى، بىلەت كىرىمى جەھەتتە ئىككىنچى بولغان «ئىندىئاننا جونس ۋە كىرستال ئىسكىلىت خاندانلىقى» بىلەن تەڭلىشەيلا دەپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مارۋېل كېيىن دېسنىي شېركىتىگە قوشۇلۇش ئۈچۈن ياخشى بولغان باھا ئاساسى تىكلەش بىلەن بىرگە كىچىك روبېرت داۋنىنىڭ كەسپى ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدى. شەرەڭ پالۋانغا ئوخشاش يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرگە تايىنىپ رەزىللەر بىلەن كۆرەش قىلىدىغان تۆمۈر پالۋان ئاخىرى ئېكراندىكى پالۋانلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
«تۆمۈر پالۋان» نىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشى بىلەن دېسنىي شىركىتى مۇھىم بىر قارار — مارۋېلنى سېتىۋېلىش قارارىنى چىقاردى. بۇ سودا 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى تاماملاندى. شۇنىڭ بىلەن دېسنىينىڭ ئېرىشكىنى مارۋېلنىڭ كومىك ئوبرازلىرى ئارقىلىق كىنو ئىشلەش ھوقۇقىلا بولۇپ قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئويۇنچۇق ۋە قۇنچاق قاتارلىق باشقا تەرەپلەردىكى پايدىسى بولدى. مارۋېلنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن دېسنىينىڭ مەلىكە تۈرىدىكى قونچاقلىرى قىزلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئوغۇللارغا ماس كېلىدىغان مەھسۇلاتلىرى كەمچىل ئىدى. كۆپ قىسىم ئوغۇللار كومىك پالۋانلارنى ياقتۇراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە داڭقى يۇقىرى بولغان نۇرغۇن كومىك پالۋانلار مارۋىلنىڭ ئىدى. مارۋېلنى سېتىۋالغاندىن كېيىن دېسنىي شىركىتى ئويۇنچۇق بازىرىدىكى قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.مارۋىل شىركىتى دېسنىنىڭ ئويۇنچۇق بازىرىغا پايدا ئەكىلىپلا قالماستىن، دېسنىيگە يەنە بىر چوڭ سوۋغا — «تۆمۈر پالۋان» فىلىمىنىڭ ئاخىرىدا ئۇچۇر بەرگەن «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» نى ئېلىپ كەلدى. بۇنى بەلكىم دېسنىينىڭ ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.

5. چولپان يارىتىش: پالۋانلار كىنوسى ئارقىلىق باش كۆتۈرگەن تەلەيلىكلەر

پالۋانلار كىنولىرى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان كومىك ئوبرازلارنى ئىكرانغا چىقىرىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى كىنو سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا بىرتۈركۈم تەلەيلىك ئارتىسلارنىڭ داڭقىنى چىقاردى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇستەقىل فىلىملەردە چۆرگىلەپ يۈرگەن، بەزىلىرى تۇرمۇشتا چۈشكۈنلەشكەن،كەسىپتە مەغلۇپ بولۇشقا قاراپ ماڭغان ، بەزىلىرى نامسىز كىچىك  شەخسلەر ئىدى. بىراق ئۇلار پۇرسەتنى تۇتالىدى، شۇ ئارقىلىق كىنونى ۋە ئۆزىنى مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشتۈردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ۋەكىل خاراكتىرلىكلىرى « شەپەرەڭ پالۋان» كىرىستيان بېيل، «تۆمۈر پالۋان» كىچىك روبېرت داۋنى، «پولات بۆرە» ھيۇ جەكمەن قاتارلىقلار.

BruceWayneTDK

«شەپەرەڭ پالۋان»غا ئايلىنىشتىن بۇرۇن كىرىستيان بېيل ئاساسەن مۇستەقىل كىنولار ئارىسدا چۆرگىلەپ يۈرەتتى. يەنە كېلىپ ئۇ ئەزەلدىن شەپەرەڭ پالۋان ناملىك كومىكنى كۆرۈپ باقمىغان. باش رولچى تاللاش جەريانىدا رېژىسور نولاننىڭ بىر دوستى بېيلغا شەپەرەڭ پالۋان يۈرۈشلۈك كومىكلىرى ئىچىدىكى «ئاركام يىغىۋېلىش ئورنى» نى ئوقۇپ بېقىش تەكلىپى بېرىدۇ. برۇس ۋېيننىڭ يورۇق ۋە زۇلمەت ئارلىشىپ كەتكەن  خاراكتىرى، ھەسرەتلىك، ئەگرى توقاي ھاياتى بېيلنى جەلپ قىلىدۇ. بۇنىڭغا نولاننىڭ «شەپەرەڭ پالۋان» نى غۇۋا رىئالىزىم ئۇسلۇبىدا ئىشلىشى قوشۇلۇپ بېيلغا ئىنتايىن ياقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يېڭى شەپەرەڭ پالۋان دۇنياغا كېلىدۇ. بېيلمۇ بىر سەكرەپ ھوللىۋودتىكى گىگانت چولپانغا ئايلىنىدۇ.

robert-ironman

كىچىك روبېرت داۋنى، ھيۇ جەكمەنلەرنىڭ ھاياتىنىمۇ كىنو ئۆزگەرتكەن. 1996-يىلىدىن باشلاپ كۆپ يىل زەھەر چېكىش، ۋە تۈرمىگە كىرىش قاتارلىقلار دوبېرت داۋنىدىن ئىبارەت بۇ تالانتلىق ئارتىسنىڭ كەسپى ھاياتىنى تۈگەشتۈرەيلا دەپ قالغان ئىدى. 2003-يىلىغا كەلگەندە ئۇ «ناخشىچى رازۋېدچىك» ۋە «Kiss kiss bang bang» قاتارلىق ئىككى كىنوغا تايىنىپ قەددىنى سەل رۇسلىۋالدى. . «تۆمۈر پالۋان» دا پالۋان ۋە مىلىيادىر تونى ستاركنىڭ رولىنى ئېلىش ئارقىلىق ئورنىدىن دەس تۇرۇپ داڭدار چولپانلار قاتارىغا كىردى. بۇنىڭغا«شېرلوك ھولمىس» يۈرۈشلۈك كىنولىرى قوشۇلۇپ روبېرت داۋنى ھازىر ھوللىۋودتىكى ئەڭ داڭلىق ئەر ئاتىسلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

wolverine

ئوخشاشلا «X ئادەملەر» دىكى پولات بۆرىگە ئايلىنىشتىن بۇرۇن، ھيۇ جەكمەن پەقەت «ئاۋىستىرالىيىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوپىرا ئارتىسى» ئىدى. ھوللىۋودتا بولسا تېخى يېڭى ئارتىس ھېسابلىناتتى. جەكمەن ئەينى ۋاقىتتا 20-ئەسىر فوكس شىركىتىگە «پولات بۆرە» گە ئارتىس تاللاشقا قاتناشقاندا فوكس شىركىتىنىڭ خوجايىنى، ئاخبارات گورۇھىنىڭ باش لىدىرى موردۇك بۇ رولنى ئامېرىكىدا ئازراقمۇ داڭقى بولمىغان يېڭى ئارتىسقا بېرىشتىن ئەنسىرىگەنىدى. جەكمەننىڭ كېيىن ئېيتىشىچە ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ھەتتا پولات بۆرىنىڭ زاپاس ئارتىسىمۇ ئەمەسكەنتۇق، ئۇنىڭ بۇ رولغا ئېرىشىشىدە رېژىسور براين سىڭىرنىڭ كۆپ تەرەپتىن سىنىشى ۋە كۈچلۈك تەۋسىيەسى ھالقىلىق رول ئوينىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دۇنياغا داڭلىق ئارتىسقا ئايلاندى.
پالۋانلار كىنولىرىغا تايىنىپ نام چىقارغانلار  پەقەت ئاشۇ باش رول ئالغان ئارتىسلارلا ئەمەس، بۇ كىنولاردىكى مۇھىم يانداش رولچىلار ۋە ئايال باش رولچىلارمۇ  بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كەسپى ھاياتىدا زور مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئېرىشتى. مەسىلەن «ئۆمۈچۈك پالۋان» تىرىلوگىيىسىدە ئىككىنچى ئەر باش رول ئالغان جېيمىس فرانكونىڭ نامى كىنو ساھەسىدە «ئۆمۈچۈك پالۋان» توبى مەگۇايىردىن خېلىلا داڭلىق.
يېقىنقى ئىككى يىلدا پالۋانلار كىنوسىنىڭ دااملىق ئىشلىنىشى بىلەن «چاقماق ئىلاھى» كىرس ھەمسۋورس، «كاپىتان ئامېرىكا» كىرس ئەۋىنس، «لوكى» تام ھەدلستىن، «خىسلەتلىك ئۆمۈچۈك پالۋان» ئەنجرۇ گارفىلد قاتارلىق يېڭى چولپانلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. پالۋانلار كىنولىرىمۇ چولپان يارىتىش قەدىمىنى توختاتمىدى.

6. پالۋانلار كىنولىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى

amazing-spider-man-avengers-slice

ۋاقىت: 2012-يىلى
ۋەقە: «قىساسكارلار ئىتتىپاقى»، «خىسلەتلىك ئۆمۈچۈك پالۋان»، «زۇلمەت چەۋەندازىنىڭ باش كۆتۈرۈشى» قاتارلىق كىنولار ئارقا-ئارقىدىن قويۇلدى.
تەسىرى: پالۋانلار كوللىكتىپ جەڭ قىلدى. «ئۆمۈچۈك پالۋان»نى قايتا ئىشلەش مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى. يېڭى «شەپەرەڭ پالۋان» تىرىلوگىيىسىنىڭ پەردىسى غەلبىلىك يېپىلدى. پالۋانلار كىنولىرى قىزغىنلىقى داۋاملاشتى.
«ئۆمۈچۈك پالۋان»، «شەپەرەڭ پالۋان، «خاسىيەتلىك ئادەم»، «تۆمۈر پالۋان» قاتالىق تەنھا پالۋانلارغا ئوخشىمايدىغان، «X ئادەملەر»، «خىسلەتلىك تۆت پالۋان» لارغا ئوخشاش بىرنەچچە پالۋان بىرلىكتە بىر ئەبلەخكە تاقابىل تۇرۇش ئەلۋەتتە كىشىنىڭ كۆزىنى ئالا-چەكمەن قىلىدىغان كۆرۈنۈش ئىدى. «X ئادەملەر» تىرىلوگىيىسىنىڭ زور ئۇتۇق قازىنىشى پالۋانلارنىڭ كوللىكتىپ جەڭ قىلىشىنىڭ يولىنى ئاچتى. بۇ دەل «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» نىڭ غەلبىلىك ئېكرانغا چىقىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ سەۋەبنىڭ بىرى. 2012-يىلى پالۋانلار كىنولىرى ئەڭ قىزىغان يىلنىڭ بىرى، «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» بولسا بۇكىنولار ئىچىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتا بولدى. تۆمۈر پالۋان، يېشىل گىگانىت ئادەم، كاپىتان ئامېرىكا، چاقماق ئىلاھى يىغىلغان بۇ كىنو پۈتۈن دۇنيادا 1 مىلىيارت 500 مىلىيۇن دوللار بىلەت كىرىمى يارىتىپ، بۇرۇنقى ھېچقايسى پالۋانلار كىنوسى يېتەلمىگەن نۇقتىغا يەتتى.
DC شىركىتى بىلەن بولغان رىقابەت بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مارۋېل شىركىتى 2005-يىلىلا «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» نى ئىشلەش پىلانىنى باشلىغانىدى. بىراق ئۇچاغدا نۇرغۇن ئوبرازلار تېخى ئېكرانغا چىقمىغاچقا، ھېچكىم بۇ پىلاننىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىدىغان-قازانمايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. «تۆمۈر پالۋان» نىڭ زور مۇۋاپىقىيىتى مارۋېلغا ئۈمىد ئاتا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مارۋېل ئاستا-ئاستا قىساسكارلار ئىتتىپاقىدىكى «چاقماق ئىلاھى»، «كاپىتان ئامېرىكا» ۋە «تۆمۈر پالۋان 2» دىكى قارا تۇل خوتۇن قاتارلىقلارنى كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. يۇقارقى كىنولاردا مارۋېل مەقسەتلىك ھالدا «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى قالدۇردى. مەسىلەن سەمىيىل جەكسىن رولغا چىققان نىك فيۇرى «تۆمۈر پالۋان» فىلىمىنىڭ ئاخىرىدا پالۋانلارنى يىغىش پىلانىنى باشلايدۇ، جېرمى رەنىر رولغا چىققان بۈركۈت كۆز «چاقماق ئىلاھى» دا تۇنجى قېتىم ئېكرانغا چىقىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر «تۆمۈر پالۋان»، «چاقماق ئىلاھى» قاتارلىق فىلىملەر «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» نىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تەشۋىق فىلىمى دېيىشىتى.
كۆرۈرمەنلەر «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» دا بۇرۇنقى پالۋانلار كىنولىرىدا يوق نەرسىلەرنى كۆرىدۇ. بۇرۇنقى كىنولاردا پالۋانلار ئاساسەن تەنھا ھالدا رەزىللەر بىلەن ئېلىشاتتى، بىراق بۇ قېتىم 6 نەپەر پالۋان بىرلىكتە رەزىللەرگە تاقابىل تۇرىدۇ. كۆرۈرمەنلەر كۆزلىرىنى ئېكرانغا تىكىپ پالۋانلارنىڭ تەنھا جەڭ قىلىشىدىن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە جەڭ قىلىدىغان كۆرۈنۈشلەرگىچە ھاياجان ئىلكىدە ھوزۇرلىنىدۇ. ئەگەر نولاننىڭ «شەپەرەڭ پالۋان» تىرىلوگىيىسى كومىكتىن ئۆزگەرتىلگەن كىنولارنىڭ ئەڭ تىرەنلىكىگە يەتتى دېسەك، «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» شەكسىز ھالدا پالۋانلار كىنولىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى دېيىشكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ۋارنېر بىلەن DC نىڭ «ھەققانىيەت ئىتتىپاقى» نى ئېكرانغا چىقىرىشىنى ئەڭ ياخشى ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە «ھەققانىيەت ئىتتىپاقى» ئېكرانغا چىقىپ «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» بىلەن دوئىلغا چۈشەرمۇ؟ بۇ بىر قۇرۇق خىيال ئەمەس ئەلۋەتتە.

SUPERMAN-BATMAN-MOVIE

بايا نەچچە قېتىم 2012-يىلى پالۋانلار كىنولىرىنىڭ ئەڭ قىزىغان يىلى بولدى دېدۇق، بۇ پەقەت «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» نىڭ زور مۇۋاپىقىيىتى سەۋەبىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە «ئۆمۈچۈك پالۋان» نىڭ قايتا ئىشلىنىشى ۋە يېڭى «شەپەرەڭ پالۋان» تىرىلوگىيىسىنىڭ غەلبىلىك ئاخىرلىشىشىمۇ بار. نولان ئۆزىنىڭ شەپەرەڭ پالۋان تىرىلوگىيىسىنى غەلبىلىك ئاخىرلاشتۇردى. ئەگەر كېينچە ۋارنېر شىركىتى يەنە «شەپەرەڭ پالۋان» نى ئىشلىسىمۇ رىژىسولۇق كانىيىنى تۇتىدىغىنى ھەرگىزمۇ نولان بولمايدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن نولان شەرەپلىك ۋەزىپىسىنى تاماملاپ كىنو مەستانىلىرىغا كىنوچىلىق تارىخىدا چاقناپ تۇرىدىغان «شەپەرەڭ پالۋان» نى تەقدىم قىلدى.
يېڭىدىن ئىشلەنگەن «ئۆمۈچۈك پالۋان» كىنوسىدا ئازدۇر-كۆپتۇر پۇل تېپىش مەقسىتى بار. سونى تەرەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي 3D تېخنىكىسى بىلەن «ئۆمۈچۈك پالۋان» كىنوسىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى نامايەن قىلىمىز دېگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆپلىگەن كۆرۈرمەنلەر «خىسلەتلىك ئۆمۈچۈك پالۋان» پەقەت ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى «ئۆمۈچۈك پالۋان» نىڭ ھىكايىسىنى قايتا بىر قېتىم ئىشلەش بولدى دەپ قارىدى. ئىككى كىنونى سېلىشتۇرساق، «خىسلەتلىك ئۆمۈچۈك پالۋان» نىڭ ياشلىقى تېخىمۇ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ھازىرقى ياشلارغا يەنىمۇ ماس كېلىدىغان قىلىپ ئىشلەندى. گەرچە چوڭ جەھەتتىن يېڭىلىق بولمىسىمۇ، بىراق سونى تەرەپ تىرىشىپ ئاز بولمىغان ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ باردى.
«قىساسكارلار ئىتتىپاقى»، «خىسلەتلىك ئۆمۈچۈك پالۋان»، «زۇلمەت چەۋەندازىنىڭ باش كۆتۈرۈشى» قاتارلىق ئۈچ كىنونىڭ بىلەت كىرىمى جەھەتتىكى ئۇتۇقى پالۋانلارنىڭ يەنە تولۇپ تاشقان ھاياتى كۈچى بارلىقىنى، كەلگۈسىدە يەنە داۋاملىق ئېكراندا دەۋر سۈرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
پالۋانلار كىنولىرى «ئۆمۈچۈك پالۋان» دىن كېيىن بۇ ئون يىللىق پارلاق مۇساپىنى باشتىن كەچۈردى، يەنە داۋاملىق راۋاجلانغۇسى.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئەپسانە 2012.10.04 , 21:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاجايىپ تەپسىلى يىزىلىپتۇ،تەستە ئوقۇپ بولدۇم دىسە،ئۇف،،،
    ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك مەن پالۋانلار كىنولىرىنى بەك ياقتۇرىمەن،شەپەرەڭ پالۋان،ئۆمۈچۈك پالۋان قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىكى بولسا ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلا ،يىڭىدىن ئىشلەنگىنىنى جۇمۇ.
    يەنە بىر گەپ دىۋان مىنىڭ:se:

  2. ئەنۋەر 2012.10.04 , 21:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان

  3. ۋەتەن 2012.10.05 , 00:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھايۋانات، ئۇچارقۇش پالۋانلارنىڭ كىنورىنى كۆپ كۆرۈپ كەتتۇق، يەنە كۆرىۋاتىمىز…
    قاچانمۇ ئۆمۈچۈك پالۋان، شەپەرەڭ پالۋانلار دەك قالتىس ئىشلەنگەن «سادىرپالۋان»لارنى كۆرەرمىزكىنتاڭ!؟

  4. شامال 2012.10.05 , 19:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىنو كۆرۈشكىمۇ سەۋىيە كېتىدۇ جۇمۇ !:mrgreen:

  5. ئەپەندى 2012.10.09 , 14:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەگەردە ‹‹ئانا يۇرت›› كىنۇ قىلىپ ئىشلەنسە .. ،،،،،،ھەي بۇ مىنىڭ چۇشۇم بوپ قالامۇ ..

  6. سەھرالىق 2012.10.12 , 21:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ قېتىم ماڭا يېڭى ئۆمۈچۈك يارىمىدى، بۇرۇنقى ئۆمۈچۈكتە ھەقىقەتەنمۇ شەخسنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى ھېسيات ئامىلى ئىنتايىن ياخشى يورۇتۇپ بېرىلگەنكەن،قارىسام بۇ ياش ئۆمۈچۈك ئاۋۇ قېرىسىغا يەتمەپتۇ… خۇددى قارا جەمىيەتنىڭ كىنولىرىدەكلا… مۇشتلاشتىن باشقا بىر نېمە يوق…

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量