植物大战僵尸2 – ئۆسۈملۈك ۋە جەسەتلەر جېڭى 2 رەسمىي ئېلان قىلىندى! (iOS/Android نۇسخىسى)
تېخى يېقىندا بىرىنچى ئەۋلاد «ئۆسۈملۈكلەر ۋە جەسەتلەر ئويۇنى» ۋاقىتلىق ھەقسىز چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن ئىدى. ھالبۇكى ھازىر ئۆسۈملۈك ۋە جەسەتلەر جېڭى 2 (植物大战僵尸2) رەسمىي ئېلان قىلىندى!
«ئۆسۈملۈك ۋە جەسەتلەر 2: زامان ھالقىش» توغرىسىدا مەن ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ زۆرۈرىيىتى يوققۇ دەيمەن؟ كىم بىر قانچە قول ئويناپ باقمىدىم دېيەلەيدۇ؟(ئاراڭلاردا تېخىچە ئويناپ باقمىغانلار بولسا ئاستا بېرىپ تامغا يۈزۈڭلارنى قىلىپ تۇرۇڭلار). 2009-يىلى تورسىز ئۆتكەن بىر يىلدا بۇ ئويۇن ۋاقىت بىزگە ئەڭ ياخشى ھەمرا بولغان ئىدى. بۇ قېتىم ئىككىنچى ئەۋلاد پۈتۈنلەي ھەقسىز چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن، iPhone ۋە iPad نى قوللايدىكەن، يېڭىدىن نۇرغۇن ئۆسۈملۈك ۋە يېڭى مۇردىلار قوشۇلۇپتۇ، مىسىر، تېكساس، دېڭىز قاراقچىلىرى دېگەندەك نۇرغۇن ئۆزگىچە مەيدانلار قوشۇلۇپتۇ، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى ئويۇن تېمىسى زامان ھالقىش ئىكەن. بىر توپ مۇردىلار باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟
植物大战僵尸2 دىن كەسمىلەر
ئۆسۈملۈك ۋە جەسەتلەر2 دە پۈتۈنلەي يېڭىچە ئۆتكەل شەكلى قوللىنىلغان. يەنى سىز ئالدىنقى ئۆتكەلدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن كېيىنكى ئۆتكەلنى ئويلىيالايسىز. ئويۇندا يەنە ئاچقۇچ تەمىنلەنگەن بولۇپ، بەزى ئۆتكەللەرنى ئويناۋاتقان چاغدا، ئالاھىدە ئىشىكلەرنى ئاچىدىغان ئاچقۇچلارمۇ چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ ئىشىكلەرنى ئاچقاندىن كېيىن يەنە تېخىمۇ كۆپ سىز ئويلىمىغان مۇكاپات ۋە قىيىنچىلىقلار سىزنى كۈتۈپ تۇرۇشى مۇمكىن.
نۆۋەتتە 植物大战僵尸2 پەقەت iOS نەشىرىلا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، iPhone ۋە iPad تىلا ئىشلەيدۇ. Android ۋە PC سۇپىلىرىدا ئىشلەيدىغان نەشىرى تېخى ئېلان قىلىنمىدى. iOS ئۈسكۈنىلىرى بار تورداشلارنىڭ چۈشۈرۈپ يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولغاچ مۇردا جېڭىنى باشلاپ كېتىشىنى قارشى ئالىمىز.
مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەر
مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرۈش مەنزىلى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPad، iPhone، ئويۇن، كلاسسىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,542 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: plants-vs-zombies-2.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تارىختىكى ئويناش ئەڭ قىيىن بولغان يۈگۈرۈش ئويۇنى QWOP، تەسلىگىدىن كۆڭلىڭىز ئازراق يېرىم بولۇپ قالىدۇ
- كېيىنكى يازما > موگۇلارنى يەنچىپ چەيلەپ، تاملارنى پارتىلىتىپ تاشپاقىلارنى كۆيدۈرۈپ غالجىرلىشىپ كەتكەن بۇ قايسى مارىيودۇ ئەمدى؟!
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
سىلەردىن ئۆتۈنەي،سازكەننى بىسىڭلارچۇ بىر
ماقۇل ئاداش!! خاخاخا! مەن ئويناۋاتىمەن
دىۋندا مىخ بار دەپ بۇرۇنلا دىگەن.
ئاندرويد نۇسقىسى قاچان چىقار ئەمدى
ئېسىلكەن جۇماڭلا
ھەقىقەتەنمۇ ياخشى چىقىپتۇ كۆرۈپ بەك ئوينىغۇم كىلىپ كەتتى ……..
كومپىيوتېر نۇسخسمۇ چىقمىدما تىخى….
ئاندىروي ھەقسىز نۇسخىسىمۇ تارقىلىپ بولدى !
ئاندىروئىد نۇسخىسىنى قايسى تور بەتتىن تاپقىلى بولىدۇ ؟ خاپا بولماي دەپ بەرسىڭىز.
گوگلې پىلاي google play غا كىرىپ ئىسمىنى كىرگۈزسىڭىزلا چىقىدۇ ، لېكىن ئۇ يەردىن قاچىلاشقا خېلى ئىش كىتىدۇ ، چەكلەپ ، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ھىيلە نەيرەڭ قىلىۋاتقان تۇرسا !
ئەسكەرتىپ ئۆتەي. ئويۇننىڭ ئورگان تەرەپتىن تارقىتىلغىنى پەقەت iOS نەشىرى. Android ۋە باشقا سۇپىلاردىكى نەشىرى تارقىتىلمىدى. سىلەر كۆرگىنى ھەممىسى باشقىلار ياسىۋالغان ساختا نۇسخىسى. Android نۇسخىسى ئېلان قىلىنسا 1-ۋاقىتتا مۇشۇ تېمىغا قوشۇلۇپ مېڭىلىدۇ.
شۇنداق. گوگېل پلەيگە كىرىپ ئىزدىسە ئوپئوخشاش، ھەتتا چانمىغۇدەك ياسىۋەتكەنلىرى چىقىدىكەن، بىراق ھەممىسى ساختىكەن. ئۆسۈملۈك ۋە جەسەت2 دەپ ئېنگلىزچە ئىزدىسەم 30~40 تال چىقىۋاتىدۇ
ماڭا كومپىيوتېر نۇسخىسى بولسىلا بولاتتى……
ھەي ئاداش، ساختا ئۇلانما قالدۇرۇپ قويۇپسىلەر، تورخۇمار ئەپەندىم ئۆچۈرىۋەتمىگەنگە ھەيران قالدىم. ئاستىدا تېخى Xbox نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش دەپ تۇرىدۇ. ئاۋۇ ئادرېسنى ئاچسىلا ھەقسىز بوشلۇقنىڭ ئېلانى چىقىدىكەن تېخى. مەنمۇ ئۇكامنىڭ تېلىفونىغا چۈشۈرۈپ بېرەي دەپ ئىزدەپ قېزىۋەتتىم. iPhone/iPad تىن باشقا نۇسخىسى تېخى تارقىتىلماپتۇ. توردىكى ئەنجۈر ئۇ بۇ نۇسخىلىرى دېگىنى ھەممىسى يالغان نېمىكەن، بەزىلىرىگە ھەتتا ۋىروس ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ، بايقاپراق چۈشىرەسىلەر
ئىنگىلىزچىكەن……مەن چۈشۈرۈشنى بىلمىدىم.
مەن ئويناۋاتىمەن.3gs تە قىلچە قاتمىدى!!
مەن بۇنىڭ مىليون يۇەنلىك نۇسخىسىنى ئويناۋاتىمەن ،جەسەتلەرنىڭ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرۋەتتىم
مەنمۇ چۇشۇرۋالدىم رەھمەت
چۈشۈرەي دەپ قارىسام 218MB ئىكەن سىغىمى، تېلفۇنۇمنىڭ ئېقىمى يېتىشمەيدىكەن
كومپىيوتېر نۇسخسمۇ چىقمىدما
ماڭا كومپىيوتېر نۇسخىسى لازىمتى iOS نەشىرى دىگەننى چۈشەندۈپ قۇيۇڭلار مەن مەتۇغا
مەن بەك ئامراقتىم بۇ ئويۇنغا، ئەمما يىڭى نەشىرىدە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەركەتلىرىنى بەك نوچى چىقىرۋىتىپتۇ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئوينىغىسى كەلگۈدەك، ۋوللىۋوتنىڭ نادىر كىنولىرىنى ئەسلەتتى.
قاراپ تۇرۇپ ئايلىق ئېقىمنىڭ يېرىمىنى يەپ كەتتى كاساپەت جەسەتلەر،مەنغۇ سىملىق تورد چۈشۈرگەن بولمىسا…
ئۈلۈشكۈن قارىسام 360 قا چىقىرىپ قوياپتىكەن، ئازراق ئويناپ ياخشىراق، كىرەككە كىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى ئىشلىتەي دىسەم سىتىۋالىدىكەنمىز، يا بى ئەرزانراق ئەمەسكەن ئۇ ئۆسۈملۈكلەر، قارىسام مۇشۇ بىرىنچى كۆرۈنۈشىدىن ئۆتۈش ئۈچۈنمۇ نەچچە ئون …… يۈەن ئىشلەتكىدەكمەن…………. يا مەن ئويناش ئۇسۇلىنى بىلمىدىممۇ، توردا خەنزۇلارنىڭ ئوينىغان كۆرۈنۈشلىرى باكەن، قارىسام يوللىرى ئوخشاش لىكىن چىقىرىپ بەرگەن ئۆسۈملۈكلىرى ئوخشاش ئەمەس …….گوگىلنىڭ ئەپ بازىرىغىمۇ چىقاماپتۇ تىخى بۇ ئويۇننى.