نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

Sony شىركىتى ئويۇن ماشىنىسى PlayStation توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە

ئالدىنقى قېتىمقى ماقالەمدە XBox360 ۋە Kinect توغرىسىدا توختالغان ئىدىم، ئەمدى PlayStation توغرىسىدىكى ماقالە ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.

ps3

Sony شىركىتى توغرىسىدا

SNE) paid a steep premium to acquire Columbia, and the $4.8 billion purchase price (including debt) spiraled as Sony had to hire a new executive team. It spent $200 million to acquire the production company of Peter Guber and Jon Peters and an estimated $500 million to settle a lawsuit with Warner Bros. over securing the pair's services. In 1994, Guber stepped down as chief executive at the studio and Sony took a $3.2 billion writedown related to the deal." border="0" alt="1989 The Japanese technology company acquired the American film company as part of a strategy to bolster its media holdings. But Sony (SNE) paid a steep premium to acquire Columbia, and the $4.8 billion purchase price (including debt) spiraled as Sony had to hire a new executive team. It spent $200 million to acquire the production company of Peter Guber and Jon Peters and an estimated $500 million to settle a lawsuit with Warner Bros. over securing the pair's services. In 1994, Guber stepped down as chief executive at the studio and Sony took a $3.2 billion writedown related to the deal." src="index.html" width="500" height="333" />

Sony شىركىتى 1946-يىلى 5-ئايدا ياپونىيەدە قۇرۇلغان. Sony ئۇنۋېرسال تىپىدىكى كارخانا بولۇپ، ئۈن-سىن بۇيۇملىرى، ئېلىكترونلۇق ئويۇن ۋە ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكا قاتارلىقلارنىڭ يول باشچىسى، دۇنيادىكى ئېلىكترونلۇق ئويۇنچۇق ساھەسىدىكى ئۈچ چوڭ كارخانىنىڭ سەركەردىسى. Sony نىڭ ئويۇن-كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى ئەڭ زور.
ئۇندىن باشقا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىنو فىلىم شىركىتى ھوللىۋودتىكى ئۈچ چوڭ كىنو شىركىتى Metro-Goldwyn-Mayer،
UNITED ARTISTS ۋە Columbia Pictures كولۇمبىيە كىنو فىلىم شىركىتى قاتارلىقلار Sony نىڭ قارمىقىدا.

Sony PlayStation توغرىسىدا چۈشەنچە

PlayStation (قىسقارتىلمىسى PS، لېكىن Photoshop بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويماڭ) بولسا سونىي كومپيۇتېر كۆڭۈل ئېچىش بۆلۈمىنىڭ (Sony Computer Entertainment Inc)نىڭ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان تېلىۋېزورغا چېتىپ ئوينايدىغان ئويۇن ماشىنسى.

PlayStation 1  (قىسقارتىلمىسى PS1) نىڭ بازارغا سېلىنغان ۋاقتى 1994-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى.  ئۇ ۋاقىتلاردا SEGA شىركىتىنىڭ SEGA Saturn ۋە 任天堂 شىركىتىنىڭ NINTENDO64 ئويۇن ماشىنىلىرى تېخى يوق ئىدى. PlayStation شۇ ۋاقىتتىكى 3D ئويۇن ئويناش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك ئويۇن ماشىنسى ئىدى. PS1 گە CD-ROM ئوپتىك دىسكا ئوقۇغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، دېسكىنى سېلىپ ئوقۇتۇپ ئوينايتى. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ Final Fantasy VII ۋە CAPCOM شىركىتىنىڭ بىئوخىميە كىرزىسى، 古惑狼، پۇتبول، تۆمۈر مۇشت، 007 يۈرۈشلۈك ئويۇنلىرى قاتارلىق نادىر ئويۇنلىرى بار ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا كومپيۇتېردا بۇنداق ئېسىل ئويۇنلارنى ئويناش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئېسىمدە قېلىشچە قەشقەرگە 1997-يىللىرى PlayStation ئويۇنچۇقخانىسى ئېچىلغان، بىر سائىتىنى 3 يۈندىن ئوينايتۇق.

Play_Station_1_console

PlayStation 2 (قىسقارتىلمىسى PS2) بازارغا سالغان ۋاقتى 2000-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى. 2004-يىلى PlayStation 2 نىڭ نېپىز ئىخچام نۇسخىسىنى بازارغا سالغان. ئالدىنقى نەشىرگە قارىغاندا ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئىلگرىلەش بولغان. ئويۇن ئويناش ئىقتىدارىغا كەلسەك، كومپيۇتېردىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى تۇراتتى. PS2 گە DVD-ROM ئوپتىك دېسكا ئوقۇغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، پىلاستىنكىنى ئوقۇتۇپ ئوينايدۇ، قاتتىق دىسكىسى يوق، ئويۇننى ئىچىگە كۆچۈرۋالغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئويۇنلىرىنى ئوينىسىڭىز ھازىرمۇ زاماننىڭ كەينىدە قالمىغانلىقىنى ھىس قىلىسىز.

550px-Install-a-PlayStation-2-Step-1

PlayStation 3 (قىسقارتلمىسى PS3) مەزكۇر مەھسۇلات 2006-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى  ياپونىيە، ئامېرىكا، شياڭگاڭ، تەيۋەن قاتارلىق جايلاردا بازارغا سېلىندى. بۇ مەھسۇلاتقا 蓝光 كۆكنۇر ئوپتىك دېسكا ئوقۇغۇچ ۋە  قاتتىق دېسكا سەپلەنگەن، PlayStation Network تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن  بولۇپ، PS3 نى كەڭ بەلۋاغلىق تورغا ئۇلاپ ئۆيىڭىزدە ئولتۇرۇپ توردا ياپونلار ۋە ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئۆز ئارا رىقابەتلىشىپ ياكى ھەمكارلىشىپ ئويۇن ئوينىسىڭىز بولىدۇ. كۆكنۇر كىنو پىلاستىنكىسى ئوقۇتۇپ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ۋە 3D كىنولارنى كۆرسىڭىز بولىدۇ. 2009-يىلى 9-ئايدا Sony شىركىتى PS3 نىڭ نېپىز ۋە ئىخچام نۇسخىسىنى بازارغا سالدى. ئويۇنلىرىغا كەلسەك، سونىينىڭ 怪物猎人 ،神秘海域(تەھرىدىن: ماۋۇ ئويۇن رەسمىي ئويۇندەك ئويۇن) ،战神 يۈرۈشلۈك ئويۇنلىرى بەك نوچى، ئۇنى سونىي سۇپىسىدىن باشقا سۇپىدا ئوينىغىلى بولمايدۇ.

PlayStation_3_slim

Sony ئالدىنقى ئىككى ئەۋلاد ئويۇنچۇقنىڭ ئوغرى نەشىردىكى پىلاستىكىلار ئەۋج ئېلىپ كېتىپ، بۇ قېتىم PS3 نىڭ ئويۇن دېسكىسىغا كۆكنۇر پلاستىكىسى ئىشلىتىلگەن، شۇڭا باھاسى يۇقىرى ھەم ئوغرى نەشىردىكى ئويۇن پلاستىنكىلىرى يوق، بەلكىم بەزىلەر تاۋباۋدا بار دېيىشى مۇمكىن، لېكىن توردىكى ئوغرى نەشىردىكى پلاستىنكىلار، ساتقۇچى تەرەپ مەخسۇس PS3 ئويۇنلىرىنى چۈشۈرىدىغان تور بەتلەردىن ئويۇننى چۈشۈرۈپ ئۇنى DVD پلاستىكىسىغا ئويۇپ ئاندىن ساتىدۇ .ئۇنداق پلاستىنكىلارنى PS3 كە ئوقۇتۇپ ئوينىغىلى بولمايدۇ. كومپيۇتېر ئارقىلىق ئۇنى PS3 نىڭ قاتتىق دېسكىسغا كۆچۈرۈپ ئوينىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

PS3 نىڭ ھەرىكەت ئارقىلىق كونتىرول قىلىپ ئوينايدىغان ئويۇنلىرىمۇ بار، ئويناش ئۈچۈن PS3 体感器 لازىم بولىدۇ. بۇنى ئايرىم سېتىۋالىسىز، بىر يۈرۈش 600 يۈەن ئەتراپىدا. USB لىق،كومپيۇتېرنىڭ كامېراسى بىلەن ئوخشاش. ئۇنى كومپيۇتېرنىڭ كامېراسى ئورنىدا ئىشلەتكىلىمۇ بولىدۇ، لېكىن كومپىيۇتېردا ھەركەتلىك ئويۇن ئوينىغىلى بولمايدۇ.

010311ps3

PS3 تە ھەرىكەت ئارقىلىق كونتىرول قىلىپ ئوينايدىغان ئويۇن ئويناش ئۈچۈن، قولىڭىزغا كالتەك(تىزگىنەك) ئېلىپ ئوينايسىز، چۈنكى PS3 体感器 ئادەمنى تونۇمايدۇ، ھەرىكەتنى ئانالىز قىلالمايدۇ، پەقەت شۇ تىزگىنەكنىلا تونۇيدۇ. بۇ ساھەدە Microsoft نىڭ تەرەققىياتى خېلىلا ئېشىپ كەتتى.

PS4-Coming-son

بەلكىم Sony يىل ئاخىرىدا، يەنى 2013-يىلى 12-ئايدا روژدېستۋا بايرىمىدا بازارغا سالىدىغان كېيىنكى ئەۋلاد ئويۇن ماشىنىسى PS4 تە بۇ بوشلۇقنى تولدۇرىشى، كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك تېخنىكىلارنى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىشى مۇمكىن.Microsoft مۇ 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى بازارغا سالىدىغان Xbox One ۋە Kinect 2.0 体感器 قاتارلىق مەھسۇلاتلاردا يېڭى تېخنىكىلارنى نامايەن قىلغۇسى. توردىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا Xbox One دا ھەرىكەت بىلەن كونتىرول قىلغاندىن باشقا، يەنە ئاۋاز بىلەنمۇ كونتىرول قىلىپ ئويۇنچۇق ئوينىغىلى بولىدىكەن. مەسىلەن، پۇتبول ئويۇنىدا پاس دىسىڭىز توپنى پاس بېرىدىكەن ۋە يەنە باشقا ئىقتىدار ۋەھاكازالار.

ماۋۇ بولسا Sony نىڭ يېڭىدىن تەتقىق قىلىۋاتقان ئۈسكۈنىسى ئىكەن، 2014-يىلى بازارغا سالىدىغان ئوخشايدۇ، تېخى تەپسىلي ئۇچۇرلارنى ئاشكارلىماپتۇ.

img_sony_hmz-t1

ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، PS3 نىڭ ھازىرغىچە مۇكەممەل 破解 قىلىنغان سىستېما نەشىرى 3.55، بۇ 2011-يىلىدىكى سىستىما نەشىرى. بۇنىڭدىن يېڭى نەشىرلىرىنىڭ 破解 قىلىنغان نۇسخىسى يوق. PS3 نىڭ ئەڭ يېڭى سىستېما نەشىرى 4.40. يېڭى ئويۇنلارنى ئويناش ئۈچۈن سىستېمىنى يېڭىلاش لازىم. چۈنكى Sony  ھەر بىر  ئويۇنچۇق پلاستىكىسىدا سىستېما يېڭىلاش بولىقى  تەمىنلىگەن، شۇڭلاشقا رەسمىي نەشىردىكى ئويۇن پىلاستىنكىسىنى 破解 قىلىنغان PS3 كە ئوقۇتۇشقا  بولمايدۇ.
破解 قىلىنغان PS3 نى كەڭ بەلۋاغلىق تورغا ئۇلاشقىمۇ ئەسلا بولمايدۇ، تورغا ئۇلىسىڭىز سىستېمىنى دەرھال ئاكتىپلاشنى باشلايدۇ.

ئەمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟ 3.55  سىستېمىدا يېڭى ئويۇنلارنى ئوينىغىلى بولمامدۇ؟

PS3 نى سېتىۋالغاندا 破解 قىلىنغاننى سېتىۋالغان بولسىڭىز، دۇكاندار PS3 نىڭ قاتتىق دېسكىسىغا لىق ئويۇنچۇق قاچىلاپ بېرىدۇ. بۇ ئويۇنلارنى ئويناپ تۈگەتسىڭىز، دۇكاندار ھەر بىر ئويۇنچۇقنى 20-30 سومدىن پۇل ئېلىپ قاچىلايدۇ.
3.55  سىستېمىدا يېڭى ئويۇنلارنى ئوينىغىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە شۇ يېڭى ئويۇننى 破解 قىلغان بولسا، شۇ يېڭى ئويۇننى ئوينايدىغانغا ياماق چىققان شارائىتتا ئوينىغىلى بولىدۇ، يېڭى چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا 破解 قىلىنغان نۇسخىسى چىقىدۇ.
ئەگەر كومپيۇتېر بىلىملىرىدىن نورمال بىلىمىڭىز بولسا، توردىن ئازراق ئىزدەنسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ توردىن ئويۇن چۈشۈرۈپ ئوينىيالايسىز، ياكى تاۋباۋدىن ئويۇن پىلاستىكىسى سېتىۋېلىپ كومپيۇتېر ئارقىلىق ئۇنى PS3 نىڭ قاتتىق دېسكىسغا كۆچۈرۈپ ئوينىسىڭىزمۇ بولىدۇ. خەنلەرنىڭ 游民星空 ۋە 电玩巴士 دېگەن تور بېكەتلىرىدە PS3 ۋە Xbox360 توغۇرسىدا نۇرغۇن بىلىم بار. مەسلەن 破解 قىلىش دەرسلىكى، ئويۇن چۈشۈرۈش، قاچىلاش دەرسلىكى ۋە نۇرغۇن ئويۇن چۈشۈرۈش ئادرېسى تەمىنلەنگەن.

PS3 سېتىۋالغان ئادەم بۇ مەھسۇلاتقا نىسبەتەن چۈشەنچىسى  بولمىسا، ئاز تولا بىلىمى بولمىسا ئويۇنچۇقنى نورمال ئوينىيالماي كۆپ ئاۋارىچىلىققا ئۇچرايدۇ. ئەگەر ئېشىنچە پۇلىڭىز كۆپ بولسا رەسمىي نەشىردىكى ئويۇن پىلاستىكىسىنى سېتىۋىلىپ ئوينىسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن رەسمي نەشىردىكى ئويۇن پىلاستىنكىسىنىڭ باھاسى قىممەت، باھاسى 200-300 سوم، ھەتتا 400-500 سوملۇق ئويۇنلارمۇ بار.

XBox 360 بىلەن PS3 نى سېلىشتۇرمىسى

XBox360 قولايلىق، 破解 نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپلا ئۆزىڭىز خالىغانچە پلاستىنكا سېتىۋىلىپ ئوينىيالايسىز، ئويۇننى قاتتىق دېسكىغا كۆچۈرۈشمۇ بەك ئاسان، يېڭى ئويۇن چىقىپ بولغىچە سېتىۋېلىپ ئوينىيالايسىز، قولايلىق، يېڭىياچى ئويۇنخۇمارلارغىمۇ ماس كىلىدۇ.

PS3  بولسا ئۈستىدە ئېيىتقاندەك، PS3 كە نىسبەتەن چۈشەنچىسى  بولمىسا، ئاز تولا بىلىمى بولمىسا ئويۇنچۇقنى نورمال ئوينىيالماي كۆپ ئاۋارىچىلىققا ئۇچىرايدۇ،بۇ كەسپى ئويۇن ھەۋەسكارلىرىغا ماس كېلىدۇ. ئەگەر 破解 قىلمىغاننى ئېلىپ رەسمىي نەشىرىدىكى ئويۇنلارنى ئېلىپ ئوينىسىڭىز ئۇ باشقا گەپ، ئاۋارىچىلىق يوق، خاتىرجەم ئوينايسىز، لېكىن رەسمىي نەشىردىكى پلاستىنكىلار قىممەت، بىزنىڭ ئىستېمال سەۋىيىمىز بۇنىڭغا يار بەرمەيدۇ(تەھرىردىن: كىمنىڭ قايسى خىلدىكى ئۇسۇلنى تاللىشى ئۆزىگە باغلىق، لېكىن قۇربىمىز يار بەرگەن شارائىتتا ئەسلىي ھەقىقى نەشىرىنى قوللىغانغا يەتمەيدۇ).

ئىككى ئويۇن سۇپىسىنىڭ ئويۇنلىرى توغرىسىدا

XBox360 بىلەن PS3  ئۆزلىرى مۇستەققىل ياسىغان ئويۇندىن باشقا، ئۈچىنجى تەرەپ ياسىغان ئويۇننى ئوخشاش ئوينىغىلى بولىدۇ. ئويۇن كۆرۈنمە يۈز ئىقتىدار جەھەتتە ئاساسەن پەرقى يوق. مەسىلەن، ئويۇن ياساش شىركەتلىرى بىر ئويۇننى ياسىغان بولسا XBox360 بىلەن PS3 نۇسقىسىنى تەڭلا بازارغا سالىدۇ، شۇڭا ئويۇن مەسىلسىدىن غەم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

playstation-xbox-360

خاتىمە

قانداق ئەمدى بۇ ئىككى مەھسۇلاتقا نىسبەتەن ئازراق چۈشىنىش ھاسىل قىلالىدىڭىزمۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلي ئەھۋالىغا قاراپ تاللىسىڭىز بولىدۇ، ئۇ ياخشى بۇ ناچار دىگەن گەپلەرگە قۇلاق سالماڭ، XBox360 بىلەن PS3 نىڭ ھەر ئىككىلىسى ياخشى. ھەر ئىككىلىسى نادىر مەھسۇلات! پەقەت ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئەمىسە  PS3 نىڭ نادىر ئويۇنلىرىنىڭ سىنلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار.

Sony شىركىتىنىڭ مۇستەققىل ئويۇنى 战神 ئۇرۇش ئىلاھى دىگەن ئويۇن

Sony شىركىتىنىڭ مۇستەققىل ئويۇنى 神秘海域 دېگەن ئويۇن

Sony شىركىتىنىڭ مۇستەققىل ئويۇنى 最后生还者 دېگەن ئويۇن

كېلەر قېتىم Wii توغرىسىدا ماقالە يازىمەن.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. بەگزادە 2013.09.10 , 00:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن تەپسىلىي ھەم ياخشى يېزىلىپتۇ. توردىن نارۇتونىڭ PS3 تىكى ئويۇنىنىڭ سىنلىرىنى كۆرۈپ كۆزۈمدىن ئوت چىكەتكەن ھەم زادى بىرنى ئېلىپ ئويناي دېگەن نىيەتكىمۇ كەلگەن. بىراق ھېچ ئېلىپ بولالمىدىم. PC دا 模拟器 سى باركەن، بىراق تازا ياخشى بولمايدىكەن. بۇ ئوقەت بىلەن PC نىڭ قاتتىق دېتالى ئوخشىمايدىغاندەك تۇرامدۇ

    • ئۇيغۇر05 2013.09.22 , 17:36

      مەنمۇ ھەم شۇنداق نارۇتونىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرۈپ ئەسلى مۇشۇنى ئالاي دىگەن ئەمما يەنىلا يالتىيىپ قالدىم ھەم بۇنىڭدىن xbox360 ماڭا ياخشىراق بىلىندى . ھازىرقى بىزنىڭ شارائىتىمىزدا يەنىلا شۇ بولغىدەك .ھەم ئۇنىڭ ئۈسىتىگە نارۇتو ئاخىرقى بوران3(究极忍者风暴3)نىمۇ تامامەن قوللىيالايدىكەن .لېكىن ئۇ بۆلۈمىنىڭ ھازىر كومپىيوتىر نۇسخىسىمۇ چىقىپ بولدىغۇ دەيمەن بەيدۇدىن كۆرسەم 10-ئاينىڭ 25-كۈنى چىقىدىكەن .
      مانا بۇ كېرەكلىك سەپلىمىسىكەن
      最低配置:
      系统: Windows XP, Vista, 7, 8
        CPU: 2Ghz Dual Core or AMD equivalent
        内存: 2 GB RAM
        显卡: 512MB 支持Pixel Shader 4.0 (Geforce 8xxx-ATI HD2xxx)
        DirectX: Version 9.0c
        硬盘: 8 GB
        声卡: DirectX 9
      推荐配置:
      系统: Win XP, Vista, 7, 8
        CPU: 2.3Ghz Quad Core or AMD equivalent
        内存: 8 GB RAM
        显卡: 1024MB 支持DirectX10 GPU Pixel Shader 4.0
        DirectX: Version 9.0c
        硬盘: 8 GB
        声卡: DirectX 9

  2. ئاكاش 2013.09.10 , 00:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا xbox360 ياخشى بىلىندى لېكىن sony نىڭ 2014 چىقىدىغان بېشىغا تاقاپ ئوينايدىغان ئۇسكىنىسىنىڭ ئىلانىنى كۇرگەنتىم بەكلا ياخشىدەك قىلىدۇ مىنىڭچە ئىككىلىسى ياخشى مەھسۇلاتكەن لېكىن ئائىلىدە ئىشلىتىشكە Xbox360 ماسكىلىدىكەن

    • ئويۇنچى 2013.09.10 , 14:22

      شۇنى دەڭە xbox قا يوغان ئېكران ھەم كەڭرى بوشلۇق بولمىسا بولمايدىكەن ، ps4 نىڭ ماۋۇ ئۈسكىنىسى ھەقىقەتەن بولىدىكەن ، ئېكران بىلەن بوشلۇق تېجەپ بەرگۈدەك ، xbox نىڭمۇ شۇنداق نەرسىسى بولغان بولسىزە :se::se::se:

  3. كۆك بۆرە 2013.09.10 , 03:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياپۇنىينىڭ كۆپ قىسىملىق بىر كارتون فىلىمى بولىدىغان، شەمشەر تورى دەپ ، شۇنىڭدا بىشىغا قالپاقتەك بىر نەرسىنى كىيىۋىلىپ ئۆزى قوپماي يىتىپ كاللىسىدا ئويۇننىڭ ئىچىگە كىرىپ تۇرۇپ ئوينايدۇ، ماڭا بەكلا يارىغان ئىدى بۇ كىنو، بىزمۇ شۇنداق ئويۇنلارنى ئوينىيالامىزمۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم، ئاللاھ ئۆمرۇمنى بەرسە ئۇ كۈنلەرمۇ كەلگۇدەك. :wink:

  4. Forever 2013.09.10 , 11:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    PlayStation نى بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا قەشقەردە سائىتىنى 2 يۈەندىن ، يېرىم سائىتىنى 1 يۈەندىن ئوينايتۇق، ئۇ ۋاقىتلاردا 3-دىۋىزىيە دوختۇرخانىسىنىڭ يېنىدا يەر ئاستىدا ، يۇمىلاق شەھەردە ، ئۆستەڭبويىدا بار ئىدى ، ھازىر بۇنداق ئويۇنخانىلار قالماپتۇ ( 3 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېنىدا بار دەيدۇ ، لېكىن مەن تاپالمىدىم بولمىسا ئاغىنىلەر بىلەن بېرىپ بىرەر قولدىن تۇتۇشقاچ بالىلىقنى ئەسلەپ كېلەتتۇق )

    مېنىڭچە تورخۇماردىمۇ شۇ ئويۇنخانىلاردا ئويناپ باققانلار بارغۇ دەيمەن ؟

    • نۆل ۋە بىر 2013.09.10 , 12:28

      ئەلۋەتتە ئىسىمىزدە بار.ئەيتاۋۇر 2005 يىللىرى كىرەمباغ دوختۇرخانىنىڭ يان ئۇدىلىدىكى ئەپەندى ئويۇنچۇقخانىسىنى ئۇنتۇپ قاپسىزدە؟ھى ھى :mrgreen:

    • نەۋقىران 2013.09.10 , 12:46

      ئاداش ھازىر تەڭگىسى 1 يۈەنلىك باركەن بولسا كەچتە ماشىنا بىلەن بىرىپ 2تەڭگە ئىلىپ بىر مۇسابىقە ئوينايلى

    • نەۋقىران 2013.09.10 , 12:53

      بابابا نۆل ۋە بىر ئاداش زوقۇڭلا بادۇ كىرەمباغ دوختۇرخانىنىڭ يان ئۇدىلىدىكى ئەپەندى ئويۇنچۇقخانىسىنى ھەي ماشىنا مەندىن بىر ئەسلەپ كىلىلى زوقىڭلا بالا ۋىتۋۇلاق نۇمۇرۇمنڭ ئۈندەللالغا قوشاپ ئاۋال ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاندىن ئادۇگىت دەڭلا قوشۇلغۇچىلا سازكەننى 1737813738

    • نۆل ۋە بىر 2013.09.11 , 15:00

      ھازىر ئۇنى ئوينىساق تېتىمايدۇ.ۋاقتىڭلا،زوقۇڭلار بولسا،قىزىل سىگىنال 3(red alart3)تە تۇتىشىلى.دائىم ئوينايدىغانبىر نەچچەيلەن بار.يەنە ھەمراھ تاپالماي ئاۋارە.قانداق؟

  5. Forever 2013.09.10 , 12:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توردىن 古惑狼赛车 نىڭ ئايفون نۇسخىسى ئۇچىراپ قالدى ، خالىغانلار قاچىلاپ ئويناپ بېقىڭلار …(تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولىشى شەرىت )

    http://ios.d.cn/apps/-319.html

    • نەۋقىران 2013.09.10 , 12:42

      ئەنجۈر نۇسقىسىچۇ ؟يۆمۈر مۇش قەنە باللو مۇشۇ ئويۇندىزە زوقۇم 5كىلو باتتى بوپ قويدىكەن لىكىن مەنمۇ Xbox360ئوغۇتلايدىغاندەك تۇرىمەن Foreverئاداش سىلىمۇ قەشقەردىن ئوخشايسىلە خالىساڭلار ئاداش بولاپ قالىلى ۋىتۋۇلاق نۇمۇرۇم 1737813738

    • سەھرالىق 2013.09.10 , 14:13

      3- ئوتتۇرىنىڭ سەل تۆۋىنىگە چۈشسەڭلار ماشىنا رىمونت قىلىدىغان يەرلەر بارغۇ.(3- ئوتتۇرا تەرەپتە).شۇ يەردە بار.ئەمما ساپلا كىچىك ئاقسا شۇملار باركەن.ئادەم كىرىپ ئۆچىرەتتە تۇرۇپ زېرىكىدىغان گەپكەن…ئۇرۇپ قويامدىكى دەپ چىكەتكەن:mrgreen:

  6. شامال 2013.09.10 , 12:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنە بىرەر قۇر بالىلىقتىكى ئويۇنخۇمار ۋاخلىرىمنى ئەسكە كەلتۈرۈۋاتىدۇ… sega …sony..

    ئاۋۇ 破解 دېگىنى يېشىۋېتىلگەن دېگەن گەپ شۇمۇيا ؟:roll:

  7. نۆل ۋە بىر 2013.09.10 , 12:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەد!ياخشى يىزىپسىز.ئەجىرىڭىز گە بارىكاللا!لىكىن يەنە قۇسۇر …. نېمىشكە ئەشۇ خەنچىلەرنى تەرجىمە قىلمايسىز؟تورخۇمانى ياخشى كۆرۈشنىڭ باھانىسىنى يوقىتىۋەتمەيلى.

    • ئەپسانە 2013.09.10 , 19:48

      دىگىنىڭىز توغرا،لىكىن بەزىدە ئىھتىياج تۈپەيلىدىن خەنچە ۋە ئىنگىلىسچە نامىللىرنى ئىلىشقا توغرا كىلىدۇ،مەسىلەن: 游民星空 ۋە 电玩巴士 دىگەننى،怪物猎人 ،神秘海域 体感器,古惑狼دىگەنلەرنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ خەنچىسىنى يازمىسا ،بەزىلەر ئۇ قايسى ئويۇن ؟ توردىن تاپالمىدىم؟خەنچىسى نىمە؟دەيدىغانلار چىقمايدۇ دىيەلەمسىز؟شۇ مەزمۇنغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بەيدۇدىن،گوگولدىن ئىزدىمەيمىز دىيەلەمسىز؟ تىما ئىگىسىنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى ئەسكەرتىپ قويمىغان يىرى بار شۇ.شۇڭا بەزى بىلىملەرگە نىسبەتەن باشقا خەنچە نامىنى،ئىنگىلىسچە نامىنى قىستۇرۇش تولىمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن.قىنى ئىنكاسىمنى توغرا دەپ ئويلىغانلار سازنى،بولمىسا مازنى بىسڭلار.:mrgreen:

    • نۆل ۋە بىر 2013.09.11 , 15:10

      بۇ دىگىنىڭىزنىڭغۇ خاتسى يوق.بىراق ئويلاپ بېقىڭ.ئەجىبا ئاشۇنچىلىك ئېزدىنىشنى ئېغىر كۆرسەك،ئاتالمىش نەتىجىلىرىمىز نەدەدىدۇر؟بىلەلمىسە سوراپ تۇرسا،بىزمۇ ئىرىنمەي دەپ بىرىپ تۇرساق،كۆڭلى سۆيۈنۈپ تۇرسا … …ئېشقىلىپ كىچىك ئىشلارغىمۇ سەل قارىماي ئەستاھىدىل بولۇشقا ئىنتتىلىش كىرەك دەپ ئويلىدىم.

    • خىيال 2013.09.11 , 19:41

      مەنچە ئېنگىلىزچە يېزىپ ئاندىن ئۇيغۇرچىسىنى ئەسكەرتكەن ياخشى. چۈنكى بۇ ئويۇنلارنى ئېنگىلىزلار ئىجاد قىلىپ، ياساپ چىقىپ ئىسمىنى قويغان، بىز ئۇلارنىڭ قويغان ئىسمىنى مەنىسى بويىچە ئەسكەرتسەك بولىدۇ، لېكىن بىۋاستە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىۋالساق، بۇ بىر باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلمىغانلىق. ئەمەلىيەتتە يولداشلارنىڭ بۇ ئويۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانى بىلەن ئازىراقمۇ مۇناسىۋىتى يوق تۇرۇپ، بىۋاستە خەنزۇچە ئىسىمنىلا قويىۋالىدۇ(ئەخلاقسىزلار):twisted:. خۇددى ئەزان توۋلاپ قويغان مۇھەممەد دېگەن ئىسمىمىزنى مەي مىي تى دېگەندەكلا ئىشتە بۇ.

  8. بانكىر 2013.09.10 , 13:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىرمۇنچە ئۇيغۇرچە خەتنىڭ ئارىسىغا خەنچە خەت قىستۇرۇلۇپ قالسا ھەجەپ بىر تۇرىدىكەن دەيمەن، 30يىل ئاۋالقى شىنجاڭغا ئوخشاش، بىرمۇنچە ئۇيغۇرنىڭ ئارسىغا خەنىلەر ئارلىشىپ قالغاندەك، مۇشۇنداق بولىۋەرسە ھازىرقى شىنجاڭغا ئوخشاپ قالمايلى يەنە.

  9. ئويۇنچى 2013.09.10 , 14:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    PS2 نى ئويناپ بېقىپتىكەنمەن ، ئۈرۈمچىدە شۇنداق ئويۇنچۇقخانا بارمىدۇ ، بولغان بولسا بىر ئويناپ باققان بولساق :grin::grin:

  10. ئاكاڭ قارغاي 2013.09.10 , 18:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما مۇنبەردە تۆمۈرمۇش ئويۇنىدا ماڭا تەڭ كىلدىغىنى يوققۇ دەيمەن.

    • ئەتىۋا 2013.09.10 , 21:55

      نەۋقىران شىنجاڭ تەۋەسىدە تۈمۈر مۇشتا ماڭا ئۆھۆ دەيدىغان ئەدەم يوق دەۋاتقان ، سىلى خېلى كەمتەركەنلا جۇمۇي

    • دەۋىر 2015.12.27 , 15:17

      دەپ قاپسىز تۈمۈر مۇشىت ئويناۋاتقىلى يىرىم ئەسىر بۇلاي دىدى ماڭا

  11. دوستەك 2013.09.10 , 23:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۆمۈرمۇش 3 نىڭ ئەنجۈر نۇسقىسى بولسا يوللاپ قوياڭلا باللا . بىر تاختىكەم باتى 7 سۇڭ لۇق شۇنۇڭغا ماس كىلىدىغىنىنى تاپالماي بىشىم مىس – چۆيۈندەك قىتىپ كەتتى . ماڭا ئىچىڭلا ئاغرىسۇن ……
    ھە راسىت ئەنجۈر 4.0.3 تى

  12. تۇنجەر 2013.09.11 , 09:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندە ps2 دىن بىرى بار ئۆيدە تۇپا بىسىپ تۇرۇپتۇ …

    • ~قاراقچى 2014.10.16 , 12:31

      توپا بېسىپمۇ تۇمىسۇن ساق بوسا ماڭا ئۇچۇر قىلسىڭىز ئاپ قويمايمەنمۇ 300 سومغا بەسىڭىز ، :mrgreen:

  13. چاقماق 2013.09.11 , 11:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ps2 گىمۇ قاتتىق دېسكا سەپلەپ ئىشلەتكىلى بۇلىدىكەن بىر دانە قاتتىق دېسكا تۇنۇيدىغان تور كارتىسى ۋە سېستىما دېسكىسى كىتىدىكەن مەن توردىن 750GB غىچە قاتتىق دېسكا سەپلەپ ئىشلەتكەننى كۆردۈم ،مەندىمۇ شۇنداق قاتتىق دېسكا سەپلىگەندىن بىرسى بار ئىدى لىكىن قاتتىق دېسكىسى بۇزۇلۇپ قالدى باشقا قاتتىق دېسكا سەپلەي دىسەم سېستىما قاچىلايدىغانغا نۇر دېسكا ئۇقۇغۇچى بۇزۇق ،تاۋباۋدىن ps2 硬盘 دەپ ئىزدىسەڭلار جىقكەن بۇ نەرسە.

  14. جۇندۇللا 2013.11.05 , 15:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ps3تەئوينىغان 战神نى xbox تا ھەرگىزمۇ ئوينىيالمايسىز شۇڭا ps3 سىتۋىلىڭ بۇئويون بەك قىزىق

  15. جۇندۇللا 2013.11.05 , 15:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    psvita توغىرسىدا چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز

  16. جۇندۇللا 2013.11.06 , 16:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ps phone ps3 psp ps1 موشۇ 4 خىل ئاپراتنى ئىلىپ ئىشلىتىپ باققان پەقەت psvita نى ئىشلىتىپ باقمىدىم xbox360 لىڭ بىر ئاغىنىمىزدە بار xbox360 دا 8 جى كەلگەن بەزى ئويونلار ps3 تە 18 20 22 جى كىلىدىكەن تۈمۈرمۇش ps3 tt2 18جى كىلىدۇ لىكىنxbox360دا ئاران 8جى كىلىدۇ ئىككىسىنى چوڭ تىلۋۇزۇرغا چاتساق ps3 خىلى بەك سۈزۈك كەن xbox360 با ئاغىنىمىزبىلەن مەن بۇرۇن战神1 2 نى ps2 دەئوينىغان بىر مەزگىلدىن كىن 战神3چىقىپتو 战神3 ئاغىنىمىز بۇنى ئويناش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگەبىرىپ بۈلمەي xbox360 سىتىۋاپتو لىكىن بۇئويۇننىڭ ps3 تىن باشقا ئاپراتتا چىقمايدىغانلىقى بۈلدوق ئەسلى بۇويۇننى sony شىركىتى ئىشلىگەن بولغاچقا sony دىلا ئوينىغىلى بولىدىكەن pc

  17. uyghorman 2013.12.10 , 01:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    PS3توغۇرسىدا مەسىلىگە يولۇققان دوسلارQQنۇمۇرۇمنى قاچىلاپ مەندىن سورىساڭلار بىلگىنىمچە دەپ بىرىمەن.QQ.1036021967

  18. ئالامەت 2014.02.19 , 01:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن مۇشۇنداق روللۇق ئويۇنلاردا ئېتىشقاندا نىشانلىيالماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ مائۇس بىلەن كۇنۇپكا تاختىسى ئىشلىتىمەن، بولمىسا بۇرۇنلا بىرنى ئالاتتىم يەنە بىرسى مۇشۇ 修改器بار يوقلۇقىنى بىلمەيمەن

  19. ~قاراقچى 2014.10.16 , 12:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماختىغانغا چۇشلۇق دەرمان يوقتا ، يانجۇقتا پۇلنىڭ تېخى تايىنى يوق بىرە يېرىم تالا ئالاي دېسەم ، قىممەت ھەقچان بۇ ئوقەت:mrgreen:

  20. گۈدەك928 2015.05.30 , 19:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورخۇماردىكى بارلىق دوستلار پ ئېس نڭ ئويۇن ئويناش ئۇچۇن ئىشلىتىدىغان رولنى كومپىتوتىرغا چېتپ شۇ رولدا ئويۇنلارنى نۇرمال ئوينىغىلى بولامدۇ بولاپ قالسا قاندا قىلسىام بولىدۇ.

  21. گۈدەك928 2015.05.30 , 19:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قانداق ئەزا بولىمەن دوستلار
    :?:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量