كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ windows8 ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
يېپيېڭى يازمىلار:
12كېيىنكى بەت
ئاخىرقى بەت (جەمئىي 2 بەت)
بۇ تەخمىنەن 10 كۈنلەرنىڭ ئالدىدا بولغان ئىش. بىلگەيتىس مىكروسوفتنىڭ يېڭى «تېخنىكا مەسلىھەتچىسى» سۈپىتىدە ئىشقا چۈشكەن بولۇپ، ئىشقا چۈشكەن 1-كۈنىلا جاپادا قالدى. مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان بۇياق سىستېمىسىنى Windows 8.1 گە كۆتۈرۈش ئۈچۈن خېلى ھەپىلەشكەن بولسىمۇ بىراق ھېچقانداق نەتىجىسى بولمىدى. گەيتىس قاچىلاشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىلا مىققا ئۈسۈۋالدى، خەۋەرلەردە …..
Windows8 چىققان بېرى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز بەس-بەستە سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشىۋاتىدۇ، مىكروسوفتمۇ win8 كە بولغان تەشۋىقاتنى ئازراقمۇ سۇسلاشتۇرۇپ قويغىنى يوق. Microsoft نىڭ بىر خادىمىنىڭ دېيىشىچە، بۇ بىر يۈرۈش ئېلان لار ئەسلى ئاسىيا بازىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن بولۇپ، ئەمما مەلۇم چاتاقلار تۈپەيلى بۇ ئېلانلار كۆپچىلىك تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغان. ئېلاننى كۆرگەندىن كېيىن شۇنى دېمەي …..
بۈگۈن سەھەردە، مىكروسوفت ئورگان تەرەپتىن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم يېڭى تىل بولاقلىرىنى ئېلان قىلدى. ئىلگىرى Windows 8 نى سېتىۋالغان تورداشلار ئەمدى ھازىردىن باشلاپ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلەيدۇ. ئالىم-ئەھەت بلوگىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار: ھەممىمىز ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى …..
خېلى ئۇزۇنغا سوزۇلغان سىناشتىن كېيىن، كۆپچىلىك تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ھەقىقىي Windows 8 رەسمىي نەشىرى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى! ئۇيغۇرچە قوشۇلغان بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ساقلاۋاتقان تورداشلار ئۈچۈن بۇ يىل ئاخىرىدىكى ئەڭ چوڭ خۇشخەۋەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك؟ win8 نۆۋەتتە مىكروسوفتنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىردىكى، شۇنداقلا ئەڭ ئىلغار دەپ قارىلىۋاتقان مەشغۇلات سىستېمىسى …..
Windows8 RTM رەسمىي نەشىرى ئاخىرى ئېلان قىلىندى. ھازىر تورغا ئاللىقاچان Windows 8 Professional نىڭ 32 ۋە 64 بىتلىق نەشىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئىلگىرىكى خېرىدارلار كۆرۈپ بېقىش نەشىرىگە قارىغاندا، RTM نەشىرى تېخىمۇ مۇقىم ۋە يۇمشاق دېتاللار بىلەن ماسلىشىشچانلىقى تېخىمۇ يۇقىرى. windows8 كە قىززىقىۋاتقان ۋە سىناپ بېقىشنى خالايدىغانلارغا ماس …..
نەچچە ھەپتىنىڭ ئالدىدا، Inflow Inventory شىركىتى باش شىركەت Archon Systems توردا بىر قېتىملىق Windows8 logo لايىھە لەش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، تورداشلار ئۆزى windows 8 ئۈچۈن لايىھەلىگەن Logo لارنى مۇسابىقە خالىغانچە قاتناشتۇرسا بولاتتى. بۇ ئىش كېيىن Microsoft نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئورگان تەرەپ Logo ئەندىزىسىنى ئاشكارىلىغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە مۇسابىقە …..
2012- يىل 3- ئاينىڭ 21- كۈنى، يەنى بىزنىڭ نورۇز بايرىمىمىز كۈنى، NOKIA شىركىتى، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ خەنزۇچە يېزىق نەشىرىدىكى windows Phone 7.5 (مانگو) سىستېمىسى سەپلەنگەن نوكىيا ئەقىللىق تېلېفۇنلىرى جۇڭگو بازىرىغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
Windows8 خېرىدارلار كۆرۈپ بېقىش نەشىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تورداشلار ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن بەس-بەستە چۈشۈرۈپ قاچىلاشقا باشلىدى. چۈنكى مىكروسوفت تېخى يېقىندا windows8 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقىدىغانلىقى توغرىلىق خەۋەر بەرگەن ئىدى. ئەلۋەتتە، فەقىر تەدبىركارمۇ بىرىنچى ۋاقىتتا Windows 8 Consumer Preview نىڭ 32 بىتلىق خەنچە نەشىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالدىم…
Windows8 Beta ئىستېمالچىلار كۆرگەزمە نەشىرى ( windows 8 Consumer Preview)، نەشىر نومۇرى: 8250.0 بولغان Windows مەشغۇلات سېستىمىسى ئاخىرى ئېلان قىلىندى. بۇ نەشىرىدە ئىلگىرى windows8 سىناق نەشىرىگە قارىغاندا ئازراق ئۆزگەرتىشلەر بار. مەسىلەن، ئۇيغۇرچە ھەرپلەر قوشۇلغان سېستىما فونتى دېگەندەك…ئۇنىڭدىن باشقا، قاچىلاش كۆرۈنمە يۈزىدىمۇ ئازراق ئۆزگەرتىشلەر بار.
ئالدىنقى يازمىمىزدا windows8 نى قاچىلاش ئۈچۈن كېتىدىغان تەييارلىقلارنى قالدۇرغان ئىدۇق. بىراق يەنىلا بىر قىسىم تورداشلار ماڭا E-Mail ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ مەۋھۇم ئوپتېك دېسكا دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىنى، مەۋھۇم كومپيۇتېر دېگەننى تېخىمۇ ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى، بولسا بۇنىڭدىنمۇ ئاددى ۋە بىخەتەر بولغان، كومپيۇتېردا ئەسلىدە بار بولغان windows7 گە چېقىلمىغان ئاساستا Windows7/Windows8 قوش سېستىما ئورنىتىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى …..
ئەتە كەچ، يەنى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8 دىن كېيىن، Windows8 Beta نەشىرى ئېلان قىلىنىدۇ. windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە قوللايدىغانلىقىدەك خۇش-خەۋەرنى ھەممەيلەن بىرەر قۇر ئاڭلىغان بولساق كېرەك؟ شۇ سەۋەپتىنمۇ بۇ سېستىمىنى بىرىنچى بولۇپ سىناشقا تەقەززا بولىۋاتقان تورداشلار نۇرغۇن. شۇڭا بىر قىسىم زۆرۈر تەييارلىقلارنى قىسقا قىلىپ قالدۇرۇپ قويۇشنى …..
Windows8 پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان Metro كۆرۈنمە يۈزى ئىشلەنگەن بولۇپ، ئاساسلىقى سەزمە ئېكران تېخنىكىسىنى يېتەكچى قىلغان، بۇمۇ مىكروسوفتنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسى جەھەتتە ئېلىپ بارغان چوڭ بىر قېتىملىق ئىنقىلاپ خاراكتېرلىك ئىسلاھاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنداقتا كېيىنكى ئەۋلاد Windows قانداق بولار؟
مەنمۇ كۆرەپ باقاي