Lumia 920 ۋە Lumia 820 – نوكىيانىڭ ئەڭ يېڭى WP8 مەھسۇلاتلىرى
9- ئاينىڭ 5- كۈنى نىيۇ- يوركتا، NOKIA ئۆزىنىڭ 920 ۋە 820 تىپلىق ئىككى يېڭى Lumia يانفۇنىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭغا مىكروسوفت windows phone 8 مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان.
بۇ ئىككلىسىگە كۇۋالكوم snapdragon S4 1.5 GHz لىق قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن.
920 نىڭ ئېكرانى 4.5 سۇڭ، 820 نىڭ 4.3 سۇڭ.
920 بولسا 1GB لىق RAM ۋە 32GB لىق ROM غا، 820 بولسا 1GB لىق RAM ۋە 8GB لىق ROM غا ئىگە.
تۈۋەندىكىسى بۇ سابىق گىگانتنىڭ پاي ئەھۋالى، ئەسلىگە كېلىشى بۇ قېتىملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىگە باغلىق بولۇپ قالدى. 1997- يىلى مەرھۇم سىتىۋ جوبىس ئالما شىركىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تۇنجى قىلغان ئىشى بېل گېيتىستىن 150 مىلىيون دوللار مەبلەغ ھەل قىلغانلىقى بولۇپ، 15 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئالما شىركىتىنى بازار قىممىتى ئەڭ يوقىرى شىركەتكە ئايلاندۇردى. نوكىيا گەرچە سىتىۋ جوبىستەك كىشىگە ئىگە بولمىسىمۇ، لېكىن مىكروسوفت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، Windows Phone يانفۇنى ئېچىۋاتقاندىن بېرى، يىلىغا تەخمىنەن 1 مىلىيارد دوللار تولۇقلىمىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۆتكەن ئايدا، ئۇنىڭ Samsung نى «ئاگاھ بولسۇن» دىگىنى بەلكىم ئۆزىگە ئىشەنچى بارلىقىدىن بولسا كېرەك.
ئالما ۋە مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى سىنىنى كۆرگەن كىشىلەر، سىتىۋ جوبىسنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتى ۋە سەنئەتلىك تەييارلىقىغا قارىغاندا، مىكروسوفت ياكى نوكىيا يىغىنىنىڭ سەھنە ئورۇندىلىشىنىڭ چېنىپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن، نىمىلا بولمىسۇن قىزىققۇچىلارغا بۇ سىن تېپىپ چاپلاندى:
WP8 Lumia دىكى يېڭىلىقلار:
كۆچمە Internet Exploer 10 قاچىلانغان.
كۆپ نېگىزلىك بىر تەرەپ قىلغۇچنى قوللايدۇ. ئەپ ئاچقۇچىلار پروگراممىغا سەللا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە، pc دىكى windows8 دا ئىجرا بولىدىغان ئەپ wp8 دىمۇ ئىجرا بولالايدۇ.
Windows Live ID:
WP نى تۇنجى تەڭشىگەندە ياكى كېيىن، ئۇنىڭغا live, Hotmail قاتارلىقلارنىڭ بىرى ئارقىلىق Live ID بىلەن باغلاپ قويغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، يانفۇن چوڭ سىغىمدىكى SkyDrive بوشلۇقى، خەت ۋە ھۆججەتلەرنى ماس قەدەملەش، XBox ئۇيۇنى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن باغلىنىدۇ.
سىمسىز زەرەتلەش:
نوكىيا سىمسىز زەرەتلەش مەھسۇلاتىنى چىقارغان بولۇپ، بىرى، سىمسىز زەرەتلەش ياستۇقى Fatboy، يەنە بىرى سىمسىز زەرەتلەش ئاۋاز ساندۇقى Powerup.
ئېكران:
Super Sensitive تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن ئېكراننى تىرناق، قەلەم ئۇچى، ھەتتا پەلەي بىلەنمۇ بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدۇ. قەھرىتان سۇغۇقتا پەلەي سېلىپ مەشغۇلات قىلىش ياكى بۇرۇننىڭ ئۇچىدا تېلېفۇن ئېلىش ھاجەتسىز، پەلەيدىمۇ ئېكران ئۆرۈش، ئەپ قوزغىتىش، خەت يېزىش مەشغۇلاتلىرىنى توغرا ئورۇنلاشقا بولىدۇ.
City Lens:
ئەپ ئارقىلىق، كامېرانى كوچىغا توغرىلاپلا، دۇكان، ئاشخانا.. قاتارلىقلارنىڭ ئورنىنى بىلىشكە بولىدۇ.
ئىككىنچى ئەۋلات PureView تېخنىكىسى:
قاراڭغۇ ئۆي ئىچىدىمۇ سۈزۈك رەسىم تارتالايدۇ، سىناقتا 4S تىنمۇ ئوچۇق ۋە يورۇق تارتقان. كامېرانىڭ نۇر ئېلىشى بۇرۇنقىلاردىن 5 ھەسسە يوقىرى. كامېرانىڭ سىلكىنىشتىن ساقلىنىش تېخنىكىسى يانفۇندىكى گىرىسكوپنىڭ ياردىمىدە، يانفۇننىڭ ھالىتىگە قارىتا تەڭشەپ، رەسىم ۋە سىنلارنى سىلىق تارتىشقا ئىمكان بېرىدۇ.
NOKIA Lumia 920 نىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى:
NOKIA Lumia 820 نىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى:
Lumia 820 ۋە 920 ھەققىدىكى سىنلار:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: NOKIA، windows phone، WP8، مىكروسوفت، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,049 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 09-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: lumia-920-lumia-820-hands-on.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > New iPhone توغرىسىدا ئاشكارىلانغان تۇنجى فىلىم – iPhone 5 نىڭ كەينى قىسمى بىر خىللا رەڭدە ئوخشىمامدۇ؟
- كېيىنكى يازما > يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفون iPhone5 رەسمى ئېلان قىلىندى
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ دەھشەت چىققان ئېلانى – Add Power to You Life
- بىلگەيتېس: يەرگە 100 دوللار چۈشۈپ قالسا ئەلۋەتتە تېرىۋالىمەن
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
پۇل تاپقاندا مۇشۇ يانفۇنلارنىڭمۇ ھۇزۇرىنى سۈرمەي بولمايدۇ….
پۇل بولسا ھەممە يانفۇندىن بىردىن ئەپ قويسا بولدىغان يەرگە يەتتى ، Nokia نىڭ تېلفۇنلىرىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى چىرايلىق جۇمۇ
بۇتىلفۇننىڭ ئىكران سىزىمچانلىقىمۇ بەك ياخشىكەن.
يەنىلام مۇشۇ سېستىما ئىسىل جۇمۇ…ئۇيغۇرچىنى مۇت قوللاپ قويىدۇ……
بۇ كاساپەتلىنىڭ پۇلىسى قانچە بولاپ كېتە ھە؟
قېممەت يانفۇن تۇتقانىڭ نېمە ئەھمىيتى ؟بۇ بايلىقنىڭ كۆز -كۆز قىلنىشمۇ ياكى زامانۋېلققا ماسلىشىشمۇ ؟مەن يەنلا ئۆزى ئەرزان قېممىتى يۈكسەك نەرسىلەرنىڭ كەشىپ قىلىنشنى ئۈمۈت قىلمەن .
قېممەت يانفۇن تۇتقانىڭ ئەھمىيتىنى ئىشلىتىپ باققاندا بىلىسىز.
قىممىتى يۈكسەك بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇلارنىڭ باھاسىمۇ قىممەت.
ئو… نوكىيانىڭ مەھسۇلاتلىرى توغرىسىدا يېزىلغان يازمىدىمۇ يەنىلا شۇ ئالمىنىڭ گېپى… زىرىكمەيدىكەنسىلەر مۇشۇ قۇرۇتلاپ كەتكەن ئالمىدىن. دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاۋال ئېلان قىلىنغان بەزى ھەيران قالارلىق تېخنىكىلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ يۈزەكىلا سۆزلەپ ئۆتۈپ كېتىش، تەن بەرمەسلىك ئىدىيىسى بىلەن تويۇنۇپ كەتكەن چۈشەندۈرۈش بولۇپ قاپتۇ بۇ. ئەگەر سىمسىز زەرتەش، ۋەھشى سەزگۇر ئېكران قاتارلىق سەپلىمىلەر 12-چىسلا ئالمىنىڭ يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان بولسا بەلكىم بۇ يازما بۇنداقلا ئاددىي چىقىپ قالمغان بولاتتىدە!
قولىدا ئايفون بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. شۇڭا «قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق» دىگەندەك نەتىجە كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر قولىدا ئۆتكەن ئايدا سېتىۋالغان نوكىيا بولغان بولسىزە ئايفون دىگەننىڭ قېتىقىنى چىقىرىۋېتەرىدى.
توغرا ئويلاپسىز، ھەم مەنمۇ توغرا ئويلاپتىمە. ماۋۇ يەردە پەرىزىمىزنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلاندى: iphone5.html
پەچەت تىلفۇنلاكەنغۇ بۇ
نىمىدىگەن سۈپەتلىك
مەن سىز بئلەن QQ ئارقىلىق ئالاقىلىشاي دئگەن.
قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز، بەك جئددىي ئش بار ئدى…
QQ نئى ئاشكارىلاشنى خالىمىسىڭىز urabas@sina.com بۇل ئادىرسقا قالدۇرۇپ قويسىڭىز؟
مىنىڭ QQ 15177141
تەدبىركار، بەزى يەرلەرنى كۆچۈرۈپسىزيۇ، ئەسلى تەرجىمە قىلغۇچىنى ئەسكەرتمەپسىز(ياكى مەن كۆرمەي قالدىممۇ)، سىزدە بۇنداق ئىش سادىر بولمىسا ياخشى بولاتتى.
بەك ئەجەپلىنەرلىك ئېشقۇ بۇ؟!!؟ئايفون 5 چىققىلى خىلى بولدى،تورخۇمار دا سايىسىمۇ يوققۇ بۇخەۋەرنىڭ؟!؟!؟
باش بەتكە قاراڭ
باھاسى قانچە بولا مەنمۇ بىر تېلفۇن ئالاي دەپ يۇرەتتىم ؟ پۇلى 2000 ئەتىراپىدا بولسا ئىلىپ قويارمەن
ئىشلىتىۋاتقىنىمغا بىر ھەپتىدەك بولدى،پۇلىغا چۇشلۇق بوپ قويىدىكەن،تۈنۈگۈن مىكروسوفىت دۇكىنىدىن 6سومغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ سېتىۋالدىم.ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش مەسىلىسىمۇ ھەل بولدى.ئاپاراتى ھەقىقەتەن بولىدىكەن.ئەپلەرنى بىرە قۇر قاچىلاپ سىناپ بولدۇم.