يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفون iPhone5 رەسمى ئېلان قىلىندى
كۆپچىلىك تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفون – iPhone5 تۆنۈگۈن كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاخىرى ئېلان قىلىندى. يېڭى ئايفوننىڭ سىرتقى شەكلىدە بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر بولغاندىن باشقا، ئەڭ يېڭى A6 تىپلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، يانفون تېخىمۇ نېپىزلىتىلگەن، ئېكران بۇرۇنقىدىن سەل ئۇزارتىلغان، يېڭىچە Lightning ئېغىزى سەپلەنگەن ۋە باتارىيە ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن. ئەلۋەتتە، ئەڭ يېڭى iOS 6 مۇ iPhone5 نىڭ ئەسلى مەشغۇلات سىستېمىسى سۈپىتىدە سەپلەنگەن، يۇقارقىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە قارىغاندا، يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone ھېلىھەم بازاردىكى ئەڭ قالتىس يانفوننىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بىراق كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان iPhone5 ھەققىدىكى يېڭىلىقلار ئىلگىرى ئاساسەن دېگۈدەك ئاشكارىلىنىپ بولۇنغان بولۇپ، يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كىشىگە ھاياجان ئېلىپ كېلىدىغان يېڭىلىقلار ئاساسەن يوق. كىشىگە سەل تەسەللى بولىدىغىنى، ئالما شىركىتى يېڭىدىن لايىھەلىگەن EarPods نامىدىكى نائۈشنىك بىر ئاز كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە iPhone5 ئالدىنقى تاللاش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇنىڭغا سەپلەنگەن قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتاللار نۆۋەتتىكى بازاردا يەنىلا كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ئىگە.
iPhone5 نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشلىرى:
iPhone5 دىكى يېڭىلىقلار:
1. سىرتقى شەكلى ئىلگىرى ئاشكارىلانغان سۈرەتلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. كەينى قىسمى يېڭىچە لايىھەلەنگەن.
2. يانفوننىڭ قېلىنلىقى نېپىزلىتىلىپ 7.6 مىللىمېتىرغا چۈشۈرۈلگەن! بۇ iPhone 4S قا قارىغاندا %18 نېپىز، ئېغىرلىقىمۇ 112 گرامغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، 4S قا قارىغاندا %20 يېنىك.
3. ئېكران 4 ديۇمغا كۆتۈرۈلگەن، كۆرسىتىش ئېنىقلىقى 640*1136، 16:9 نىسبەتتە بولۇپ، يانتۇ ھالەتتە تېخىمۇ ياخشى ۋە تولۇق كۆرسىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.
4. GPRS, EDGE, EV-DO, HSPA, HSPA+, DC-HSDPA ۋە 4G LTE تورلىرىنى قوللايدۇ، تور سۈرئىتى تېخىمۇ تېز.
5. ئەڭ يېڭى A6 تىپلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، CPU ۋە GPU ئىقتىدارى 4S قا سەپلەنگەن A5 دىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى.
6. باتارىيە جەھەتتىن، 3G تورىدا 8 سائەت پاراڭلىشىشقا، 4G LTE/WiFi/3G ھالەتتە 8 سائەت تورغا چىقىشقا بولىدۇ، 10 سائەت سىن كۆرگىلى بولىدۇ، 40 سائەت ناخشا ئاڭلىغىلى، ھېچنىمە قىلماي 225 سائەت ئوچۇق قويۇشقا بولىدۇ. ئىقتىدارلىرى بۇنچە كۆپ ۋە ھېچقانداق قىرقىۋېتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا باتارىيەنىڭ مۇنچە ئۇزۇن يېتىشى ھەقىقەتەن يامان ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ.
7. 8 مىليون مېگاپېكىسسلىق كامېرا سەپلەنگەن، سۈرەتكە تارتىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولۇپ، 1080P لىق سۈرەتكە ئېلىشنى قوللايدۇ.
8. ئالدى تەرەپتىكى كامېرا تېخىمۇ ياخشىلانغان بولۇپ، FaceTime ئىشلەتكەندە تېخىمۇ سۈزۈك ۋە راۋان ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدۇ.
9. يانفوننىڭ ئاستى ۋە ئۈستى، كەينى تەرەپ قوشۇلۇپ ئۈچ دانە مىكروفون سەپلەنگەن، ئاۋاز سۈپىتى تېخىمۇ ياخشىلانغان.
10. يېڭىچە Lightning ئېغىزى سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇچۇر سىمىنىڭ بېشى كىچىكلىتىلگەن ۋە قوللىنىشچانلىقى كۈچەيتىلگەن. يەنى سىز بۇ ئۇچۇر سىمىنى ئوڭ تەتۈر قانداق سالسىڭىز ئىشلەۋېرىدىكەن.
11. يېڭىچە EarPods شەكلىدىكى نائۈشنىك سەپلەنگەن.
iPhone5 ھەققىدىكى بىر قىسىم سىنلار:
تارقىتىلىش ۋاقتى:
iPhone5 كە 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ زاكاس قوبۇل قىلىش باشلىنىدىغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 21-كۈنى رەسمى سېتىلىشقا باشلايدىكەن. 1-قاراردا سېتىلىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە شىياڭگاڭمۇ بار. نۆۋەتتە 16G لىق شىياڭگاڭ مېلىنىڭ باھاسى تەخمىنەن 4560 سوم خەلق پۇلى ئەتراپىدا ئىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، iPhone، مەھسۇلات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,574 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 09-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphone5.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Lumia 920 ۋە Lumia 820 – نوكىيانىڭ ئەڭ يېڭى WP8 مەھسۇلاتلىرى
- كېيىنكى يازما > ئالمىچىلار دىققەت! iPhone5 سېتىۋىلىشقا ئالدىرماي تۇرۇشسىلا، ما يىتىم ئادەتتىكى كارتا يىمەيدۇ دەيمەن
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- HUVr نىڭ لەيلىمە سىيرىلما تاختىسى تەشۋىقات فىلىمى BELIEF
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
ئالدىنقى يىلى مەن ئالغان iphone5دىن ئازراق يىنىك چىقىپتۇ. كامىراسى 1020pمىكەن؟
ئالمىنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ كوزىرى iOS ، بۇمۇ دەل ئالمىنىڭ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق قاتتىق دېتالنى پۇل قىلىش ئىستىراتىگىيىسى بولسا كېرەك !
مەنچە كامىرانى ئۆزگەرتمىگىنى ياخشى بولماپتۇ ، باشقا جايلىرىنى ياقتۇردۇم.
يەنە nano-SIM كارتىسىمۇ بار. ئىلگىركى كارتىدىن تېخىمۇ كىچىك، لىكىن ئىلگىركى كارتىنى يەنە كىسىپ سالغان بىلەنمۇ ئىشلىمەيدىكەن، شۇڭا شىياڭگاڭدىن بۇيرۇتۇپ ئەكىرگەن بىلەنمۇ بۇخىل يېڭى تىپتىكى كارتا بولمىسا ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن. شۇڭا يەنىلا جوڭگۇدىكى تېلىگىراف شىركەتلىرىنىڭ مەخسۇس مۇشۇ تىپتىكى كارتىلارنى ياسىشىغا قاراپ ئولتۇرىدىغان گەپ ئىكەن …
ئالمىچى بوۋاينىڭ راستىنلا قەدرى ئۆتۈلۈپتۇ. ئەمدى ماۋۇ ئالمىچى، ئالماخۇمارلار، ئاستا ئەنجۈر ئۆگىنىپ قويۇڭلار. بولمىسا، out بولىسىلەر.
ماڭا ئەڭ ياققان يېرى خەرىتىسى بولدى، خەرىتىنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرسىتىش ئىقتىدارى بەكمۇ قالتىس ئىكەن، ھەم خەرىتىنى خالىغانچە چۆرگىلەتكىلى بولىدىكەن. ماۋۇ سېرى دېگەن كاساپەتكە خەنزۇچىمۇ قېتىلىپتۇ، ئۇزۇنغا قالماي ئۇيغۇر تىلىمۇ قېتىلدىغان ئوخشايدۇ. پۇل تاپقانلار بىرنى ئېلىپ قويۇڭلار.
ئىسمىڭنى ئۆزگەرتىۋەت ،سەندىن بۇرۇن مەن قوللانغان بۇ ئىسىمنى تورخۇماردا
بىرنى سېتىۋالاي چىقىپ بولغۇچە دەپ ئولتۇرسام مەن ھاياجانلانغۇدەك يىرىنى راستنى دېسەم بايقىمىدىم،سەل توختاپ تۇرۇپ سېتىۋېلىشنى ياكى باشقا يانفۇنلارغا نەزەر ئاغدۇرۇشنى لايىق كۆرىۋاتىمەن.بۇرادەر ماۋۇ چۈشەندۈرۈش تەپسىلى بوپتۇ،ھارمىغايلا!
ۋاي دىگۇدەك يىرى يوق…ھەممىدىن قولامدىكى ئانجۇر ياخشىكەن … مۇشۇنىڭ بىلەنلا مەڭگۈ توي قىپ ئۆتەي … يىڭىسىنى ئالاي دىسەم ئوخشاشكەن . لىكىن گەپ بىلەن ھەممىنى تەييا قىلىدىغان ھەممە شەنى كۆگەن يىرى بوپ قويدىكەن …قويە بولدى
ھوي !ئاۋۇ جاھانكەزدى دىگىنىڭ تېز ئىسمىڭنى ئۆزگەرت ،مەن سەندىن بۇرۇن قوللانغان بۇ .ئىسىمنى . تېز بول ھە ؟
نېمىڭىزگە يۇغانلىق قىلىسىز! مەن تورخۇمارغا بۇ ئىسمىم بىلەن كىرگەندە سىزدەك بىر ئادەمنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتىم. ئۇيغۇر بولغاندىكىن ، ھاكاۋارلۇق قىلماي گەپ قىلىڭ بۇلامدا؟ ھاكاۋۇرلارنىڭ ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدۇ!
========================
پەرزىمچە سىزنىڭ بلوگقا خاتىرە قالدۇرۇش تارىخىڭىز ماڭا يەتمەسمىكىن، شۇڭا ئاغزىڭىزنى يۇيۇپراق گەپ قىلىڭ. بىر جايدىن يۇندا ئىچىۋالدىڭىزمۇ يا؟
بۇ توربەتنى ياختۇرۇپ قالدىم اۋامغا رەخمەت