ئالمىچىلار دىققەت! iPhone5 سېتىۋىلىشقا ئالدىرماي تۇرۇشسىلا، ما يىتىم ئادەتتىكى كارتا يىمەيدۇ دەيمەن
2012-يىلىنىڭ تۆنۈگۈنى يەر شارىدىكى يانفون ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ئېنتايىن مۇھىم بىر كۈن بولدى. چۈنكى ھەممىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ غايىۋى ئېمپىرىيە بەرپا قىلغان ئالمىنىڭ، بىز كۈتكەن يىڭى بىر ئەۋلات ئەقلىفونى iPhone5 ئېلان قىلىندى. يىڭى مەھسۇلات ۋە ئېلان قىلىش يىغىنى ھەققىدىكى بىر قىسىم تەپسىلاتلىرىمىزنى ئالدىنقى تېمىدا بايان ئەيلەپ ئۆتتۇق. شۇڭا چوڭ قۇرۇق بازىرىغا ھازىرچە كىرمەيدىغان بۇ ناتونۇش مېھمان ھەققىدە جىق سۆزلىمەي نەق ئۆزىمىزنىڭ گىپىگىلا كىلەيلى.
ئۆزىمىز ھەققىدە گەپ باشلاشتىن بۇرۇن ما يىڭى ئالمىغا ئازىراق باھا بېرىپ ئۆتەي. مەن تونۇيدىغان ئايفون ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئاز بىر قىسىمىدىن سىرت كۆپۈنچىسى بۇ قېتىمقى يىڭى ئايفوندىن ئۈمۈتسىزلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. تورلاردىن ئاقتۇرۇپ كۆرۈشۈمچە بۇ قېتىمقى ئالمىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى خەلىقارادىمۇ خېلى زور ئۈمۈتسىزلىك كەيپىياتى شەكىللەندۈرگەندەك قىلىدۇ. مەيلى ئىچكى سەپلىمىسى بولسۇن ياكى سىرتى لايىھەلىنىشى بولسۇن كىشىنى ھاياجانغا سالغۇدەك ئاجايىپ يېرى يوق. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن شەخسەن مەن يەنىلا ئالمىنى قوللايمەن. دوسلار قانداق قارايدىكىن ئۇنى بىلمىدىم.
ئەمدى نەق گەپنى باشلاي. تۆنۈگۈنكى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ھەممىڭلار كۆردۈڭلار. ئالمىنىڭ SIM كارتا ئېغىزى ۋە ئۇلاش ئېغىزى كىچىكلىتىلگەن. Engadge نىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا iPhone5 كە nano-SIM كارتىسى ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئادەتتىكى چوڭ كارتا (SIM) ۋە كىچىك كارتا (micro-SIM) نىڭ ھېچقايسسىغا ئوخشىمايدىكەن. تېخىمۇ يامان بولغىنى، ھەر ئىككى خىلدىكى كارتىنى كېسىپ nano-SIM كە ئايلاندۇرغىلى بولمايدىكەن.( ھەر قېتىملىق يىڭى iPhone ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا نۇرغۇن دوسلىرىمىز تور ۋە باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق، ئالدىن خوڭكوڭ نەشىرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتەتتى. لېكىن بۇ قېتىم ئەھۋال باشقىچىرەك بولۇپ، تورداشلارنىڭ ئالدىراپ خوڭكوڭ ۋە باشقا نەشىردىكى ئايفونلارنى سېتىۋالماسلىقىنى ئەسكەرتىمىز.)
ھارىرقى مەملىكىتىمىزدىكى ئۈچ چوڭ تېلىگىراف ئېمپىرىيىسى : بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ، كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە جۇڭگو تېلىگىرافىنىڭ ھېچقايسسىدا nano-SIM يوق بولۇپ، بۈگۈن تورداشلارغا ئەسكەرتمەكچى بولغۇنىمىزمۇ، قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتكەن دوسىلىرىمىزنىڭ iPhone5 رەسمى چوڭ قۇرۇقلۇق بازىرىغا كىرىشىدىن بۇرۇن، ھەرگىزمۇ خوڭكوڭ نەشىرىنى ئالدىراپ سېتىۋالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇنداق بولمايدىكەن سىلەرنىڭ يولىقىدىغان تەقدىرىڭلار.
1.دۆلەت ئىچى كۆچمە مۇلازىمىتىدىن بەھىرلىنەلمەيسىز _ چۈنكى كارتىڭىزنى كىسىپ سالغىلى بولمايدۇ. تېلىفۇن ئۇرالمايسىز، تورغا چىقالمايسىز.
2.كارتا سالغىلى بولمىغاندىكىن ئامراق ئايفۇنىڭىزنى ئاكتىپلىيالمايسىز شۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPhone، كارتا، مەھسۇلات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,151 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 09-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphone5-nano-simcard.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفون iPhone5 رەسمى ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما > iPhone 5 مۇ ئېلان قىلىندى، ئەمدى ئولتۇرۇپ iPhone 5 بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقايلى
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- HUVr نىڭ لەيلىمە سىيرىلما تاختىسى تەشۋىقات فىلىمى BELIEF
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺕ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﻧﻜﺎ ﮪﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺗﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﺮﻻﺭ
قېنى مېھمانلار تۆرگە!
iPhone4SبىلەنiPhone5نى سېلىشتۇرۇپ،ئادىل باھادىن بىرنى يېزىۋەتسىڭىز بولاتتى!
مۇشۇنداق قىلىش ستېۋى جوبىزنىڭ ۋەسىيىتى ئوخشايدۇ…
بۇ قېىتمقى مەھسۇلاتىدا ئانچە ئۆزگىرىش يوق، ئەمما تورغا يامان ئەمەس ئىشلەپ قۇيۇپتۇ … چاتاق يېرى كارتىنىڭ ئىشىكەن.
SIMنى ئوقۇتۇپ، ھۆججەت شەكىلدە ساقلىغىلى بولاتتى. ناۋادا شۇنداق بولۇپ، nano-sim نىمۇ ئوقۇيدىغان كارتا ئوقۇغۇچ بولسا، sim نىڭ كارتا ئۇچۇرىنى nano-sim غا يىزىپ ئىشلىتىشنى ئويلىشىپ باقسا بولغۇدەك. ھامان كارتىدىكى KI ئۇچۇرى ئۆزگەرمەيدىغان بولغاندىكىن.
1s 小米 مۇ يامان ئەمەستەك قىلىدىغۇ ،
مەقسەتلىك شۇنداق قىلدىكىمىكىن تاڭ،
يېڭىلىق يوق دىيەرلىك.بۇ قېتىم iphone5 نى ئالدىراپ سېتىۋالغانلار بەش مىڭ يۈەنلىك mp3 گە ئىرىشىدۇ خالاس.
ھاياجانلانماڭ دەيمەن ، تېخنىكا دىگەننى ئالدىرىماي ئاز ئازدىن پۇل قىلىدىغان گەپ ، ئالما كەلگۈسى 10 يىللىق تېخنىكىغا ئىگە بوپ بولدى دىگەن گەپ مىنىڭچە يالغان گەپ ئەمەس ، ئالما باشقا تېلىفۇن شىركەتلىرىدەك ھەر خىل ئىشلىمەي بىر خىل لايىھە تۇتقاندىكىن بىر لايىھەگە جاھاندىكى ئادەم ئويلىغان ئىشنىڭ ھەممىنى سىغدۇرۇپ كەتكىلى بولماس
خاپ بولدى مانا ، ئالمىچى بوۋاي ئۆلىشى بىلەن ئالمىسىمۇ سېسىشقاقاراپ يۈز تۇتۇپتۇ ، قارىغاندا ئالمىلىق باغقا قۇرۇت چۈشكەن چېغى
ۋاي ئىسسىت قانداق كارتا سېلىش كېرەك ئۇنداقتا
يەنىلا كۇچانىڭ سوپونى ياخشى
يەنىلا كۇچانىڭ سوپونى ياخشى
ھەۋەسكارلار قوقاپ كىتىشمىگەيلا … بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش قاتارلىق خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى نىۋاق تەييارلىقنى باشلاپ بولغىلى … 10-ئاينىڭ بىشىدىن باشلاپ ئالماشتۇرۇشقا باشلايدۇ noni-sim كارتىنى … لىكىن شۇ ھازىر سىتىۋىلىنسا شاڭگاڭ نىڭ يانفۇنلىرى سىتىۋىلىنىدۇ ، چوڭ قۇرۇقلۇققا تازا بىر يەرلىرى ماس كەلمەيدۇ دەپ ئاڭلىدىم … قالغان جەھەتتىن ئوخشاش …
گۈدۈكتە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان سىن يوللىنىپ بولدى
مەن بۈگۈن تاۋباۋغا كىرىپ قارىسام بىرلەشمە خەۋەرلىشىش 3ئاي ئىچىدە كوچمە خەۋەرلىشىش 10.ئايدا iphone5 كە چۈشىدىغان كارتىنى بازاغا سالىدۇ دەيدۇ . بۇگەپ راسمۇ ؟
بۇنىڭمۇ كارتا كەسكۈچلىرى چىقىپتىغۇ؟ ئۆزەكنىمۇ ئازىراق كېسىۋىتىدىكەن، لېكىن ئىشلىتىشكە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ دەيدۇ!
http://s.taobao.com/search?q=nano+sim&initiative_id=staobaoz_20120916
شۇ ۋاقتىدا كورەيلى مەنمۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش كارتىسىنى ئىشلەتكىلى 6 يىل بوپتۇ پەقەتلە كىسىپ سالغۇم يوق بولدىلا ئالمىنى ئالماي شۇ 50كويلىق نوكىيارىمنى ئىشلىتەي يانچۇق توم بولمىغاندىكىن