iPhone 5 مۇ ئېلان قىلىندى، ئەمدى ئولتۇرۇپ iPhone 5 بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقايلى
iPhone 5 ئاخىرى ئېلانمۇ قىلىندى. كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ ئوقەتتىن رازى بولمىدى بولغاي، تۈزۈك قىزىقمىغانلىقىنى، سەل ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. بەلكىم بۇنىڭ مۇتلەق سەۋەبى – سىرتقى كۆرىنىشىنىڭ لايىھەسى بولسا كېرەك. ئىچكى جەھەتتە iPhone 5 نىڭ قاتتىق دېتاللىرى ئوبدانلا كۈچەيتىلگەن، تېخىمۇ نىپىزلەشتۈرۈلگەن، سۈرئېتى تېخىمۇ ئاشۇرۇلغان ئىدى. تۆۋەندە بىز iPhone 5 بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقايلى.
1. 4 سۇڭلۇق رېتىنا ئېكران سەپلەنگەن
iPhone 5 نىڭ ئېكرانى 4S كە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، كەڭلىكىنى ئۆزگەرتمىگەن ئاساستا ئۇزۇنلىقىنى 9 مىللىمېتىر چوڭايتقان. بۇنداق بولغاندا ئوخشاشلا بىر قول بىلەن بىمالال مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىكەن. تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى كۆرگىلى بولىدىكەن. بىز داۋاملىق كۆرۈپ كېلىۋاتقان ئاساسى ئېكراندىكى 4 رەت ئەپ قاتارى ئۆزگىرەپ 5 رەت بولغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېكراندا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى كۆرگىلى بولىدىكەن.
iPhone 5 نىڭ يەنە بۇنىڭدىن باشقا ئېكراندىكى رەڭ پەرق ئېتىش دائىرىسى 4S كە قارىغان 40% كۈچەيتىلگەن بولۇپ، رەڭلەر تېخىمۇ ئېنىق ۋە ئوچۇق كۆرىنىدىكەن. قارىماققا ئېكراندىكى شەيئىلەرنىڭ تەبىئىيلىقى ۋە چىنلىقى تېخىمۇ ئاشقانداق كۆرىنىدىكەن.
iPhone 5 نىڭ ئېكران چوڭلۇقى 4S كە قارىغاندا 18% ئاشۇرۇلغان بولۇپ، 1136*640 پىكسېل ئىكەن. ئېكراننىڭ PPI سى 326 گە يەتكەن. ئېكراننىڭ رەڭگە تويۇنۇش مىقدارى 4S تىن 44% كۈچلۈك بولۇپ، مەيلى ئويۇن ئويناش، مەيلى رەسىم كۆرۈش، مەيلى خالىغان بىر ئەپنى ئىشلىتىش بولسۇن، رەڭلەر بۆلەكچە تولۇق، ئوچۇق كۆرىنىدىكەن. ئېكرانى 4S تىن تېخىمۇ چوڭ بولغاچقا بىر ئېكراندا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇننى كۆرسەتكىلى بولىدىكەن. ئېكران چوڭلۇقى نىسبىتى 16:9 لىك نىسبەت بويىچە بولغاچقا 16:9 لىك HD سۈزۈكلىكتىكى فىلىملەرنى كۆرۈشكە تولىمۇ باپ كېلىدىكەن. ئۇنداق فىلىملەر ئېكرانغا تولۇق چىقىدىكەن.
2. تېخىمۇ نىپىز
iPhone 5 كۆرگىنىمىزدەك iPhone 4S تىن خېلىلا نىپىز ئىكەن. قۇرۇلمىسىغان پۈتۈنلەي ئەينەك ۋە ئاليۇمىن بېرىكمىسى ئىشلىتىلگەن ئىكەن. iPhone 4S كە قارىغاندا 18% نىپىز بولۇپ، قېلىنلىقى پەقەت 7.6 مىللىمېتىر كېلىدىكەن. ئېغىرلىقى بولسا 20% يىنىكلىتىلگەن بولۇپ، 112 گرام كېلىدىكەن. لېكىن دەل ئەكسىچە ئېكرانى تېخىمۇ چوڭايتىلغان، لېكىن ھەجمى 12% كىچىكلىتىلگەن. سۈرئېتى، ئېكران ئېنىقلىقى ۋە باشقا پارامېتىرلارنىڭ كۈچلىنىپ، ئەكسىچە تېخىمۇ نېپىز بولىشى – ئەلۋەتتە ئالمىنىڭ بىزلەرگە بېرىپ تۇرىۋاتقان سوۋغىلىرىنىڭ بىرى…
3. تور سۈرئىتى تېخىمۇ تېز
iPhone 5 دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ تورنى قوللايدىغان بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە HSPA, HSPA+ ۋە DC-HSDPA ئىلغار تور چاستوتىلىرى بار. بۇ خىل توردا تورغا چىقىش تېخىمۇ تېز بولۇپ، بىز ھەقىقىي تېز سۈرئەتلىك كۆچمە تورغا چىقىش ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز. تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى – iPhone 5 نىڭ قوللايدىغان LTE 4G تورى، كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 4G تورىنى قوللىمايدىكەن. iPhone 5 كە سەپلەنگەن قوش چاستوتىلىق 802.11n WiFi ئۆزىكى بىزنى تېخىمۇ تېز بولغان WLAN تورى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇ ئۆزەكنىڭ ئەڭ يۇقىرى تورغا چىقىش سۈرئېتى 150 Mbps كە يېتىدىكەن.
4. A6 CPU
A6 CPU بىلەن iPhone 5 تە مەشغۇلات قىلغاندا ھەرقايسى مەشغۇلاتلارنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئىنتايىن راۋان ۋە تېزلىكىنى بايقايدىكەنسىز. ئۇ A5 كە قارىغاندا 2 ھەسسە تېز ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەپنىڭ ئېچىلىش سۈرئېتى، تور بەت كۆرۈش سۈرئېتى ۋە ئېلخەتتىكى قوشۇمچىلارنىڭ كۆرسىتىلىش سۈرئېتى قاتارلىقلارنىڭ ناھايىتى تېزلەشكەنلىكىنى بايقايدىكەنسىز.A6 CPU نىڭ سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچەيتىلگەن بولۇپ، 3D لىك ئويۇن ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان يۇقىرى ئىقتىدار تەلەپ قىلىدىغان ئويۇن ياكى ئەپلەرنى ئىجرا قىلغاندا بۇنىڭ پەرقىنى ئالاھىدە كۆرۈپ يېتەلەيدىكەنمىز. يېڭى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمۇ ئوخشاشلا 2 ھەسسە تېزلىتىلگەن.
5. باتارىيەسى
iPhone 5 نىڭ باتارىيەسى پۈتۈن iPhone نىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ يېرىمىنىلا ئېگەللەيدىغان بولۇپ، iPhone 4S كە قارىغاندا تېخىمۇ ئۇزۇن يېتىدىكەن. گەرچە ئېكرانى چوڭايتىلغان بولسىمۇ، باشقا سەرپىياتلار كىچىكلىتلگەن بولغاچقا باتارىيە تېخىمۇ ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرىدىكەن. بۇ باتارىيە ئارقىلىق 3G تورىغا 8 سائەت چىققىلى، 8 سائەت تېلېفوندا پاراڭلاشقىلى، 10 سائەت سۈرەتلىك پاراڭلاشقىلى بولىدىكەن.
6. iSight كامېراسى
بۇ كامېرانى كۆرگەنلا ئادەم ياقتۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن. 1080P لىك سىنغا ئېلىشىنى قويۇپ تۇرايلى، ھەممىدىن Panorama دەپ ئاتىلىدىغان پۈتۈن مەنزىرىنى سۈرەتكە ئالالايدىغان ئىقتىدارى ھەممىگە يېقىشى مۇمكىن. كامېرا ئەسلى 8 مېگاپىكسېل بولۇپ، پۈتۈن مەنزىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ ئەڭ يۈكسەك بولغاندا 28 مېگاپىكسېلگە يەتكۈزگىلى بولىدىكەن. كامېرادا رەسىمگە ئېلىش سۈرئېتىمۇ 40% ئاشۇرۇلۇپتۇ. سىنغا ئېلىشتا تىترەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە شاۋقۇن پەسەيتىش ئىقتىدارى، سىنغا ئەپ تۇرۇپ رەسىمگە تارتىش قاتارلىق كېرەكلىك ئىقتىدارلار قوللىنىلىپتۇ. كامېرانىڭ نۇر سېزىش، يورۇقلۇق بېرىش ئىقتىدارلىرى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىپتۇ. ھەممىدىن پەچەت يېرى – ئالدى تەرەپتىكى كىچىك كامېرا بىلەن 720P لىك سۈزۈكلۈكتە سىنغا ئالغىلى بولىدىكەن!
7. Lightning ئېغىزى
بۇ ئېغىزنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا ھەممەيلەن كۆرۈپ چىقتۇق. بۇ ئۇلاش ئېغىزى ئارقىلىق ئوخشاشلا iTunes بىلەن ئۇلىغىلى ھەم توك زەرەتلىگىلى بولىدىكەن. ھەممىدىن ئوخشىمايدىغان يېرى – بۇنىڭ سۈرئېتى تېخىمۇ تېزكەن. ئوڭ ۋە سول تەرىپىنى خالىغانچە سېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
8. Siri تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن
Siri نىڭ قانداقلىقىنى دېمىسەممۇ ھەمىمىز بىلىمىز. بۇ قېتىم كۆپىنچىمىز بىلىدىغان خەنچە تىلنى تونۇيدىغان قىلىپ iOS 6 دە ئېلان قىلغانلىقىنىمۇ ئاڭلىغان. خەنچە Siri ئوخشاشلا iPhone 5 نىڭ يورۇق نوقتىسىنىڭ بىرى.
9. iOS 6 قاچىلانغان iPhone 5
iOS 6 دە بىزگە تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىقلار بار. جۇڭگو ئابونتلىرى ئۈچۈن سەپلەنگەن كۆپ قىسىم ئىجتىمائىي ئالاقە تورى قوراللىرى، Passbook ئىقتىدارى ۋە 3G تورى ئارقىلىق FaceTime بىلەن پاراڭلىشىش دېگەندەك يېڭىلىقلىرى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى iPhoen 5 تە.
خاتىمە:
بۇدا ئېلان قىلىنغان iPhone 5 مۇ پەقەت ئاق ۋە قارا ئىككى خىللا رەڭدە، باشقا رەڭدىكى نۇسخىلىرى يوق، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر تەققەززا بولغان NFC ۋە سىمسىز زەرەتلەش ئىقتىدارىمۇ قوشۇلمىغان. بۇلارنى قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ قارىغاندا، iPhone 5 نىڭ بۇرۇنقىدىن سەل چوڭراق كەلگەن ئېكرانى كىشىگە تېخىمۇ ئازادە تۇيغۇ بېرىدۇ، كۇنۇپكا تاختىسى چىقىرىلغان ھالەتتىمۇ ئېكراندا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇننى كۆرۈشكە بولىدۇ؛ يېڭى iPhone 5 تىن گەرچە قۇسۇر تاپقىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئىلگىرىكى كىشىلەرگە توختىماي ھاياجان ئېلىپ كېلىدىغان ۋە بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىقلارنى كىشىلەرگە تاشلاپ بېرىۋاتقان ئالما، يېڭى CEO كۇكنىڭ باشچىلىقىدا تېخىمۇ مۇقىم ۋە مەزمۇت قەدەم بىلەن مېڭىشقا يۈزلەنگەندەك قىلىدۇ. بىلمىدىم كۆپچىلىك ئالما شىركىتىنىڭ بۇ خىلدىكى يولىنى ياقتۇرامدۇ يوق؟
مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، iPhone 5 ھېلىھەم ئىنتايىن قالتىس بىر يانفون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئىلگىرىكى iPhone لارغا قارىغاندا تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يېنىك، تېخىمۇ نېپىز، تېخىمۇ قولايلىق! كىشىنى ئۆزىگە تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ، كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىردىنبىر يېرى، ئۇ iPhone 4 كە ئوخشاش ئىنقىلاب خاراكتېرلىك مەھسۇلات ئەمەس.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، iPhone، مەھسۇلات، يانفون
- يازمــا مەنبەســى: پاسىبان كۇلۇبى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,136 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 09-ئاينىڭ 17-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphone5-review.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئالمىچىلار دىققەت! iPhone5 سېتىۋىلىشقا ئالدىرماي تۇرۇشسىلا، ما يىتىم ئادەتتىكى كارتا يىمەيدۇ دەيمەن
- كېيىنكى يازما > ئايفون بولا ماشتاق بولا! ئالما مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى ھەقىقى The New iPhone 5 نىڭ قانداقلىقىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
مەن بىر يىل بۇرۇن سېتىۋالغان ئالما بەش بىلەن ھېچ ئوخشىمايدىكىنا؟
3 سائەت ۋاقىت كەتكەن بۇ يازمىنىڭ دىۋانى بىكار قالغانمىدۇ
ئالمىنىڭ بوي تارتىشىنى نۇغۇن كىشىكەر قۇبۇل قىلالمىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇزۇن ئېكىران بىزدەك كىنو ۋە فوتو مەستانىلىرگە بەك قولايلىقتەك تۇرىدۇ.
جوڭگو بازىرغا كىرگەندە مەن بىرنى سىتىۋالىمەن !
يورۇق نوقتىسسى(亮点) دېگەننى يارقىن نوقتىسى دەپ ئالساق تېخىمۇ مۇۋاپق بولارمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم
كارتا مەسىلىسى ھەل بولغانمۇدۇ، بۇنىڭ يەنە باھاسى قانچە چىقار
مەن چوقۇم ئالىمەن!!!!!!!!نىسىگە بېرەرمۇ؟
كىلوسى قانچە پۇلكەن باللا،،،،،،،،كۈندە سەي دۇكانلىرىنى ئارىلايمەن، ھەممىسى شۇ بۇرۇندىن بار ئالمىلارغۇ،،،،
جۇڭگو بازىرىغا كىرىشتىن بۇرۇن ، كىچىك نانو كارتىنى كۆچمە ،بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى تەييارلاپ قويسا بولغۇدەك…ئاللاھ خالىسا بىرنى ئالىمەن
بۇنىڭ ئىقتىدارى مىكروسوفت بىلەن نوكىئا بىرلىشىپ ئىشلىگەن نوكىئا 920 دىن نەچچە ھەسسە كەينىدە قاپتۇ . . . . . نوكىئا 920 ئىنقىلاب خارەكتىرلىك مەھسۇلات . . . . ئۇيغۇرچىمۇ بار~! يەنە . . . . . . . . .
مۇشۇ خىلى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۇردى دەيدۇ ھىلى ماختايدۇ…ئىشلەتمەيمە … ئەنجۇرۇم ياخشى ئالمىدىم مىنىڭ…
بۇ مەھسۇلات جۇڭگو بازىردا بازا تاپالمامدۇ قانداق؟؟!!!
چۈنكى بۇ تېلفۇننىڭ خەرىتىسىگە ھېلىقى ئارالنى(钓鱼钓 ياپۇنىيەگە تەۋە دەپ چىقىرىپ قۇيۇپتىكەنغۇ..شۇنىڭ بىلەن جۇڭگولۇق قېرىنداشلاشلىرىمىز بۇنىڭغا نارازى بوپ بۇ مەھسۇلاتنى ئالماسلىققا قەسسەم ئىچىپتۇ…نوكىيا تېلفۇننىڭ خەرىتىسىدە بۇ ئارال جۇڭگوغا تەۋەكەن شۇڭا شۇنى ئالىدىكەن ….
ئۇنداق ئەمەس. جۇڭگودا تېخىمۇ بازار تاپىدۇ، قاراپ تۇرۇڭ.
ۋاي ئاللا..
مەن ئۈچۈن ئەڭ يارقىن نۇقتا-باھاسى بولۇپ قالدى بۇنىڭ. جۇڭگۇ بازرىدا قانچە پۇل چىقاركىن؟
چوڭ قۇرۇقلوقتا ئالما 5 ئىشلىنىپ بولدى ھەم شىنجاڭ بازىرىغا كىرىپ بولدى . مانا مەن ئۆز قۇلۇم بىلەن تۇتۇپ 1 سائەت ئەتراپىدا ئويناپ باقتىم . باھاسى 7800 يۈەن ئىكەن . ئىشەنمىسەڭلار قىزىلبايراق يۇلىغا بېرىپ جاڭ فامىلىلىك تېلفۇن ساتىدىغان دۇكانغا بېرىپ كۆرۈپ باقساڭلار بۇلىدۇ . كارتىنى كەسسەكلام چۈشىدىكەن . لېكىن ماڭا ياقمىغان يېرى ۋايفاي نىڭ تارتىش كۈچى بەك ئاجىز . تېلفۇننىڭ تارتىش كۈچى ئاجىز . ماڭا سەنشىڭ 9300 دىن ناچار بىلىندى .
لېكىنزە بۇ كاساپەتنىڭ كۈن نۇرىدا كۆرۈش نىسپىتى بەكلام ياخشى ئىكەن . شۇنداق ئۇچۇق . شۇ يېرىگە ھەيران قالدىم . بىر سائەت ئويناش جەريانىدا 46% توكى خوراپ بولدى . قىسقىسى سىلەرنىڭ قىزىقىشىڭلارغا سوغاق سۇ سەپكىم يوك . مېنىڭ بەرگەن باھايىم ئالغان ئابونتلار چۇقۇم پۇشايمان قېلىشى مۇمكىن .
مه ن ئالايمۇ. ساقلاپ تۇرايمۇ؟