New iPhone توغرىسىدا ئاشكارىلانغان تۇنجى فىلىم – iPhone 5 نىڭ كەينى قىسمى بىر خىللا رەڭدە ئوخشىمامدۇ؟
نۆۋەتتە ئاشكارىلانغان كۆپ قىسىم پارچە زاپچاسلارغا قارىغاندا، يېقىندا ئېلان قىلىنماقچى بولغان iPhone غا پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان قوش رەڭلىك ئارقا قاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان دېگەن قاراش مۇقىملىشىپ قالدى، ئەمما ئەمەلىيەتتە راستىنلا شۇنداقمىدۇ؟ تۆنۈگۈن فرانسىيە تاراتقۇلىرىدىن يەنە iPhone5 نىڭ ئەسلى نۇسخىسى توغرىسىدىكى ماتېرىياللار ئاشكارىلاندى. بۇداقى ئاشكارىلانغان ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، iPhone5 كە بىر قەدەر كىچىك بولغان Dock ئېغىزى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شۇنداقلا 3.5mm لىق تىڭشىغۇچ تۆشۈكىمۇ يانفوننىڭ ئاستى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەڭ مۇھىمى، كەينى قىسمىغا بىر خىللا رەڭدىكى مېتال ئىشلىتىلگەن، بۇ تەرىپى ئىلگىرى ئاشكارىلانغان ماتېرىياللار بىلەن سەل پەرقلىنىدۇ…
بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان ماتېرىياللار بىر قەدەر تولۇق دېيىشكە بولىدۇ، New iPhone 5 نىڭ مۇشۇ خىل شەكىلدە بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى، چۈنكى ئۇچۇر سىمى يوق، شۇڭا ئاستىدىكى سىننى سۈرەتكە ئالغان ئادەم بۇ ئاشكارىلانغان iPhone5 نى ئاكتىپلاشقا ئامالسىز،شۇڭا پەقەت قوزغىلىش قىسمىنى كۆرەلىشىمىز ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.
iPhone 5 ھەققىدىكى سىن:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، iPhone، خەۋەر، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 6,961 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 09-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: the-first-iphone-5-boot-video.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > دۆلىتىمىزنىڭ زاۋۇتلىرى پات يېقىندا دۇنيا بويىچە تۇنجى تۆت يادرولۇق iPhone5 نى بازارغا سالماقچىكەن
- كېيىنكى يازما > Lumia 920 ۋە Lumia 820 – نوكىيانىڭ ئەڭ يېڭى WP8 مەھسۇلاتلىرى
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
نۇرغۇن كىشىلەر يىڭى ئەۋلاد ئالمىنڭ سىرتقى لاھىيەلىنىشىدىن جىق ئۈمۈتلەرنى كۈتكەن …..
بەلكىم مۇشۇنداقراق چىقىشى ئەمەلىيەتكە ناھايىتى يىقىن. ئالما ھازىرچە ئۇنىڭدىن جىق ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمايدۇ.
غوجام، ئۆزلىرى ئالما شىركىتىنىڭ مەمۇرىيەت ئەزاسىدەك گەپ قىلىدىكەنسىلىيا….
جوبىز
بۇ ھەرگىزمۇ ئەمەستەك قىلىدۇ ئارقىسىدىكى لوگو ئالمىنىڭ ماركىسىمۇ خۇددى سۇلياۋغا باسقاندەكلا تۇرمامدا. يەنىلا چىققاندا بىرنىمە دەيلى بۇنداق يالغان رەسىملەرگە ئىشىنىپ يۈرمەي
قارىغاندا ئازراق ئۇزاتقاننى ھېساپقا ئالمىغاندا جىق ئۆزگەرتىش قىلالماپتۇدە…
بۇلار يە ھەر ئۈچ ئەۋلادتا بىر قېتىم سىرتقى كۆرىنىشىنى ئۆزگەرتەرمۇ؟
بۇ يالغان بۇلۇشى مۇمكىن،كەينى قاپ لايىھەلىنىشى بەك سۈپەتسىز،قوپال.كۈلرەڭنى ئاسانلىقچە ئىشلەتمەسمىكى دەيمەن، لوگو ،خەت، ھەممىسى بىر خىل سۇس!ئالما ئۇسلۇبى ئەمەس!.ئالدى كۈرۈنىشتىكى يۈزى لايىھەسى ھەم ياخشى ئەمەس، خۇددى ئايتاچقا ھېلىقى苹果皮چاپلاپ قويغاندەكلا!
(شەخسى قارىشىم.ئەگەر بۇ رەسىم راست ئايفون 5بولىدىغان بولسا،قولامدىكى 4نى سېتىۋىتىپ ئايفون 3ئالىمەن)
چوقۇم يالغان
سىرىتقى كۆرۈنۈشى ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ ئۇنىڭ ئىچكى سىستىمىلىرى ياخشى چىقسا چوڭ گەپ
يەنىلا 4S نېمە دىگەن گۈزەل كۆرۈنىدۇ ھە …
قالغىنىنى ھەپتىدىن كىيىن كۆرىمىز قېنى …
12-چىسلا يېڭىسىنى ئېلان قىلىمىش، ھەپتە قاپتىغۇ؟
مەنچە بۇ يالغان، ئيفۇن5نىڭ سىرتقى قۇرۇلمىسى مەنچە ئۆزگىرەپ چىقارمىكى، بولمسىا 4…..4ئەس…بىلەن نىمىە پەرقىى قالىدۇ،
بۇلار بەكلا ئەقىللىق ،ھارغچە تەشۋىق قىلىپ، كەينىدىن ھەممە ئادەمنىڭ قىزىقىشىنى راسا قوزغايدۇ-دە، بىر بازارغا چىقسىلا باشقىلار بەسلىشىپ،قىزغىنىپ،مۇشلۇشۇپ تۇرۇپ سىتىۋالىدۇ…مانا بۇ سودىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى