نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

دۆلىتىمىزنىڭ زاۋۇتلىرى پات يېقىندا دۇنيا بويىچە تۇنجى تۆت يادرولۇق iPhone5 نى بازارغا سالماقچىكەن

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone نىڭ رەسمىي ئېلان قىلىنىشىغا يەنە بىر مەزگىل بولسىمۇ، ئەمما دۆلىتىمىزنىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى شېنجىن شەھىرىدىكى بىر زاۋۇت ئاللىقاچان يەرشارى بويىچە تۇنجى iPhone5، يەنى تۆت يادرولۇق خىسلەتلىك يانفون GooPhone i5 نى ياساپ بولغان، قارىماققا ئېلىمىزنىڭ دوراپ ياساش سانائىتى يەنە بىر دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەندەك قىلىدۇ…

goophone

گەرچە iphone 5 تېخى بازارغا رەسمىي سېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھەرخىل ئەپقاچتى پاراڭلار، بۇ يانفوننىڭ سىرتقى شەكلى ۋە سەپلىمىسى قاتارلىقلارنى ئاللىقاچان ھەممە كىشىگە بىلدۈرۈپ بولدى. كەينى تەرەپتىن قارىغاندا، بۇ GooPhone i5 ئىلگىرى ئاشكارىلانغان iPhone5 كە قاتتىق ئوخشايدۇ. ئەمما iPhone5 ھەققىدىكى پاراڭلاردا ئېكرانى بۇرۇنقىدىن سەل ئۇزۇن دېيىلگەن بولسىمۇ، GooPhone نىڭ ئېكرانى يەنىلا 4S نىڭكىدەك 4:3 نىسبەتتىكى 3.5 ديۇملۇق ئېكران ئىشلىتىلگەن. GooPhone غا ئەڭ يېڭى Android سىستېمىسى قاچىلانغان، 3.5 ديۇملۇق 940*640 لىق ئېكران، 5 مىليون پىكېسېللىق كەينى كامېرا ۋە 1 مىليون 300 مىڭ پىكېسسللىق ئالدى كامېرا سەپلەنگەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ GooPhone i5 بىلەن يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone بىرلا ۋاقىتتا بازارغا سېلىنماقچىكەن. باھاسىمۇ بەلكىم 2000 سومدىن تۆۋەنرەك بولۇشى مۇمكىنكەن.

goophone-01 goophone-02

goophone-03

goophone-04


مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار:

دۇنيا بويىچە ئەڭ قېلىن iPhone؟؟؟ جۇڭگودا ياسالغان تىپىك تاغتۇرا مەھسۇلات…

دۆلىتىمىزدىن چىققان iPhone بىلەن Android نىڭ ئارلاشمىسى GooApple، جوبز كۆرسە يۇم-يۇم يىغلىغۇدەك!



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 8 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. المسلم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان!!! دىۋان

  2. كۆك بۆرە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەر شارىدىن يەنە بىر نى ياساپلا چىقىپ كەتمىدى يا بۇلار، ئادەمنى قىستاپ.

  3. المسلم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمما دۆلىتىمىزنىڭ دوراپ ياساش سەنئىتىگە گەپ توغراكەلمەيدۇدە ئامال يوق

  4. كورلا نەشپۈتى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئالما شىركىتى سامسوڭبىلەن قالاماي ماجۇڭگونىمۇ بىر كۈرۈپ باقسا بولتى
    ئايفونىغا ئوممۇ ئوخشاشتۇرسا ئەدەمنىڭ كۈگىسىنى كەلتۈرۈپ

  5. ئابدۇۋاھاب : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەر قانچا ئىش بولسىمۇ ئاسيالىق بولۇپمۇ جۇڭگۇلىقلارنى دوراپ قالماڭلار دەپتىكەن، ستىۋجوبىس، :???:

  6. مەنگۈنۇر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دۇنيا بۇيىچە جۇڭگو بازىرى ئەڭ چوڭ بازار ئەمەسمۇ،شۇڭا جۇڭگۇ بازىرنى ئىگىللەش ياخشى پۇرسەتتە……

  7. ئەل ئۇمۇت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىچارە جوبىس گۆرىدە تىك ئولتۇردىكەندە ئەمدى
    دوراپ ياساشمۇ بىر ئالاھىدىلىك ئەمەسمۇ شۇڭا
    بۇلار جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىكنى جارى قىلدۇرۋاتقان چىغى

  8. ئسلام ئۈچۈن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇ يانقۇن تۆت يادرولۇق ،ياكى بەش يادرولۇق بولسۇن سېستىمىسى ياخشى بولمىسا،مەسىلەن iphone نىڭ iosسېستىمىسىدەك ئەڭ ئېلغار سېتىما بولمىسا بىكار. ئەسكەرلىرى ياخشى چىداملىق لېكىن قوماندان لەقۋا،دۆت بولۇپ قالغاندەك ئش بولىدۇ.






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)