ئەڭ ئالقىشلىق،كىچىك تىپتىكى Flash ئويۇن-《N》| نىنجا
بۈگۈن تورداشلارغا تونۇشتۇرماقچى بولغۇنى كىچىك تىپتىكى ئەمما قېيىنلىق دەرىجىسى تولىمۇ يۇقىرى بولغان Flash ئويۇن -《N》 . (توغىرا شۇ پەقەت بىرلا ھەرىپ يەنى ئېنگىلىزچە Ninja نىڭ قىسقارتىلمىسى) . PC、Mac ۋە يەنە Linux نەشىرلىرى بار. 《N》 ئۆزى Flash تا ياسالغان ، كۆرۈنمە يۈزى بەكلا ئاددى بولغان كىچىك تىپتىكى ئويۇن بولسىمۇ ئەمما بۇ كاساپەتنى بوش چاغلاشقا بولمايدۇ . مەزكۇر ئويۇن تېخى يەتتىنجى نۆۋەتلىك IGF ئويۇن فېستۇۋالىدا مۇكاپاتقىمۇ ئېرىشكەن. ئاددى كۆرۈنمە يۈزىگە ئالاھېدە يۇقىرى فىزىكىلىق موتور سەپلىنىش ئارقىلىق يارىتىلغان قېيىنلىق دەرىجىسى ئويۇنخۇمارلارغا ئېنتايىن ياخشى تەسىر بەرگەن. ئەلۋەتتە ئويۇننىڭ PSP、NDS、XBox360 قاتارلىق ئويۇن سۇپىلىرىدىكى كۈچەيتىلگەن نەشىرلىرى 《N+》 مۇ ئېلان قىلىندى. ھەم ئوخشاشلا ناھايتى ئالقىشقا ئېرىشتى. بۈگۈن بىزنىڭ تونۇشماقچى بولغىنىمىز PC نۇسخىسىدىكى -《N》.
ئويۇندىكى سىز بىر نەپەر نىنجا رولىدا بولۇپ،قاتمۇ-قات توسالغۇلاردىن ئۆزىڭىزنى چەتكە ئالىسىز (قېچىپ قۇتۇلىسىز) ۋە ئاخىرقى نۇقتىغا يىتىپ بارىسىز . ئاڭلىماققا ئاساندەك ئەمما ئەمەلى مەشخۇلات جەريانىدا ئويۇننىڭ ھەقىقەتەنمۇ كۈرەشچانلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايسىز . گەرچە ئويۇن پەقەت ئۈچلا كۇنۇپكا )ئوڭ،سول،سەكىرەش-Shift( ئارقىلىق كونتىرول قىلىنىدىغان بولسىمۇ ئەمما ئەتىراپتىكى موھېت ئامىللىرى بىلەن بىرىكىپ ئوخشىمىغان ئۈنۈم ۋە ھەركەتلەرنى پەيدا قىلغىلى بولىدۇ. كونتۇناتسىيەسى تولىمۇ مول بولۇپ ، ئۆزىدىكى ئالاھېدە فىزىكىلىق موتور ئارقىلىق ھەرخىل ھەركەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، سۈرەت تېزلىتىش،سۈرەت ئاستىلىتىش،تامغا يامىشىش،تېز سۈرەتتە يەرگە چۈشۈش،تېز سۈرەتتە تامغا چىقىش قاتارلىقلار مىسالىدۇر. سانسىزلىغان ئۆتكەل ، سانسىزلىغان ھېلەمىكىر،ۋەيەنە سانسىزلىغان قېيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ھەرخىل ماھارەتلىرىگە قوشۇلۇپ ئويۇننىڭ ئاددى ھەم ئۇماقلىقى ناھايتى تېزلا بىزنى ئۆزىگە رام قىلىۋالىدۇ . شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى بۇ چاغدا ھېچكىممۇ بۇنىڭ كىچىك تىپتىكى ھەقسىز Flash ئويۇنلىقىنى ئېسىگە ئالمايدۇ.
[قېنى X-Box360 نۇسخىسىدىكى 《N+》 نىڭ كارامىتىنى كۆرۈپ باقايلى]
كۆرۈنمە يۈزى ھەققىدە ئىككى كەلىمە
《N》 نىڭ كۆرۈنمە يۈزى ناھايتى ئاددى . گەرچە باش قەھىرمان بىر نەپەر Ninja بولسىمۇ،ئەمما ئويۇن ئېلىمىتلىرى ھازىرقى زامان پۇرىقىغا ئىگە.Ninja نىڭ كۈشەندىلىرىمۇ ھەم بىر قاتار ھازىرقى زامان ئۈسكىنىلىرى خالاس. تەكشى ھالەتتىكى بۇ يىپىق بوشلۇقتا ھەرخىل توسالغۇلاردىن دالدىلىنىش ئويۇننىڭ ئاساسلىق ئەندىزىسىدۇر. بەلكىم ئاددى بولغان كۆرۈنمە يۈز دەل نۇرغۇن ئويۇنخۇمارلارنىڭ مەزكۇر ئويۇنغا مەپتۇن بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا كېرەك. ئاقا كۆرۈنۈشنىڭ كىشىگە بېرىدىغان تەسىرى خۇددى بىر توك يولى تاختىسىغىلا ئوخشايدۇ. يەر تۈزۈلىشىمۇ ھەرخل، ئەلۋەتتە ئوينىغۇچى ئوزى خالىغانچە ھەرخىل خەرىتىلەرنى تاللاپ ئوينىسا بولىدۇ.
كونكىرتنى ئويناش ئۇسۇلى
بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئويۇننى باشلايسىز،مەشخۇلات تەرتىپى ئالاھېدە ئاددى،ئوڭ-سول قوزغىلىش + سەكىرەش (ئوڭ-سول : يۆلىنىش كۇنۇپكىسى،Shift : سەكىرەش . configure نىڭ ئىچىدىن يەنە خالىغانچە ئۆزگەرتىشكى بولىدۇ) .
ئويۇن تەرتىپى: سول تەرەپ ئۈستنكى قىسىمىدىكى ۋاقىت ئىستىرىلكىسى 0 گە كېلىشتىن بۇرۇن، خەرىتىدىكى چىقىش ئىشىكىگە كېلىشىڭىز كېرەك.(ئىشك ئېچىلىشى ئۈچۈن سۆسۈن رەڭلىك ھالەتتە بولىشى كېرەك،كېيىنكى ئۆتكەللەردە ئىشىك ئېچىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھېلە مىكىرلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان)،سېرىق رەڭلىك پۇرچاق بولسا سىزگە ۋاقىت قوشۇپ بېرىدۇ .
5 كىچىك ئۆتكەل بىر چوڭ ئۆتكەلگە ھېساب،ئاندىن ئاپتۇماتىك ساقلىنىدۇ،كېلەر قېتىم كىيىنكى دەرىجە بويىچە باشلىنىدۇ. ئويۇندا يەنە ئۆلتۈرۈلگەندە مەزكۇر كىچىك ئۆتكەلدىن قايتا باشلىنىدۇ. جەمئى 10 قاتار بولۇپ ئاسانلىقتىم قېيىنلىققا قاراپ تەرەققى قىلىدۇ . (ئەمەلىيەتتە بەزى بىرقىسىم كىيىنكى ئۆتكەللەر ئالدىنقى قاراردىكى ئۆتكەللەردىنمۇ ئاسان).
ئويۇن لايىھەلىنىشىنى تولىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى دىيىشىكە بولىدۇ ، چۈنكى ئويۇن مەخسۇس كىچىك تىپتىكى ئويۇنلارنى ئوينىغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىغا ئاساسلىنىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ . ھەركەت ئۈنىمىنىڭ موللىقى، ئاددىدىلىقتىن مۇرەككەپلىككىچە بولغان مۇقىم تەرتىپى، ۋە ئۆتكەللىرىنىڭ كۆپلىكى قاتارلىق ئامىللار خۇددى ماڭا ئوخشا چوڭ ئويۇننى ئوينايدىغانغا شارائىت ۋە ۋاقتى يوق ئويۇنخۇمارلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدە تاللاشلىرى بولالىشى مۈمكىن. ئەلۋەتتە مەزكۇر ئويۇننى ئوينىغۇچىلارمۇ ناھايتى كۆپ ، سىز يەنە ئۈچۈنچى تەرەپ مۇنازىرىسى ۋە توربەتلىرىدىن ئەزكۇر ئويۇننىڭ ئەڭ يىڭى ياماقلىرىنى چۈشۈرۈپ تېخىمۇ كۆپ خەرىتىلەرگە ئىگە بولالايسىز .
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
PC نەشىرىنى چۈشۈرۈش | يازما مەنبەسى: ۋىروس بلوگى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 07-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: n-plus.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كاللا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان نادىر ئويۇن – كىچىك پلانېتتىكى چوڭ پارتلاش(The Tiny Bang Story)
- كېيىنكى يازما > چەتئەللىك تورداش ساپ ئادەم ئاۋازى ئارقىلىق ئۆزى يالغۇز ئورۇنلىغان مارىيو ئويۇنىنىڭ مۇزىكىسى
- لىفىت ئىچىدىكى ئاجايىپ ۋەقەلەر| دىققەت : لىفىتكە ھەرگىز يالغۇز چىقماڭ
- بۇنداق ھەيۋەتلىك CG كۆرۈنۈشلەر پەقەت Blizzard نىڭ ئويۇنلىرىدىلا بار! 星际争霸2:虫群之心 نىڭ CG فىلىمى
- كلاسسىك گىگانت ئويۇنلارنىڭ بىرى – قەبرىستاندىكى ساھىبجامال9(TOMB RAIDER) ئېلان قىلىندى!
- تەنھا ئارالدىكى كىرزىس(Crysis3) – كۆرۈنمە يۈزى ۋە ۋەھشەت سانىلىدىغان يىل بېشىدىكى گىگانت ئويۇننىڭ بىرى!
- ئۆسۈملۈكلەر ۋە جەسەتلەر ئويۇنى iPad/iPhone نەشىرى | ۋاقىتلىق ھەقسىز
- Win8 موھىتىدا 红警2 نى نورمال ئويناش ۋە لەپتوپ (笔记本) دا ئويۇننىڭ پۈتۈن ئېكران بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- ئالىي مەكتەپ ھويلىسىدىكى قانلىق جەڭ! ئوقۇغۇچى باللا ئويۇن كۆرۈنمە يۈزى ماتورى ئارقىلىق ياساپ چىققان ئويۇن!
- ئۈچ گەۋدە بىر روھ 2-بۆلۈم: گوبلىننىڭ تەھدىدى – كۆرۈنمە يۈزى ئىنتايىن سىپتا ۋە ئۆزگىچە ئويناش ئۇسۇلىغا ئىگە نادىر ئويۇن
- iOS سۇپىسىدىكى مېۋە چاناش تۈرىدىكى بىر يۈرۈش ئويۇنلار بۈگۈن ھەممىسى پۈتۈنلەي ھەقسىزكەن!
- كلاسسىك ئويۇن 魂斗罗 قايتىدىن ياسىلىپ يېڭى يىل بېشىدا iOS/Android سۇپىلىرىدا تەڭلا ئېلان قىلىنماقچىكەن
ئەجىبا دىۋان؟؟؟؟؟؟؟؟
还真是啊,哈哈
[为了促进世界和平与社会和谐,你至少要谢一个维吾尔字的说... ...ماندا نەرسە بايقىغانلار بارمۇ ]
تەدبىركار لازىنى تاتلىق دەپ تۇنۇشتۇرسا نۇرغۇن ئادەم ئاچچىقلىقىنى ھېس قىلماي يەۋىتەمىكى دەيمەن
بۇ ئويۇندىكى ھەركەت بەكلا كىچىككىنا ،مىنىڭ كۆزۇم كۆرمىدى
نەق چۈشىدىغان يېرىنى قالدۇرۇپ قويساڭچۇ!
http://www.harveycartel.org/metanet/n_v1pc.zip
ئۆزەم تېپىۋالدىم.
ئەجەپ تەسكىنا ، قولۇم ئاغرىپ كەتتى
تەدبىركار نەچچە كېچە ئوينىۋەاتتى ھەقىچان، ناروتۇ ھېس قىلىپ ئۆزىنى
ھەي بولدى – چۈشۈرمەي توردىلا ئويناڭلا – مەن چۈشۈرۈپ توربەت فىلەش ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇم – ھى ھى – ئېلان
http://www.hiyal.cn/Flash/Action/Hiyal-Show_1.Html
مانا – ئويۇن كەتتى . …