كلاسسىك ئويۇن 魂斗罗 قايتىدىن ياسىلىپ يېڭى يىل بېشىدا iOS/Android سۇپىلىرىدا تەڭلا ئېلان قىلىنماقچىكەن
ئېھتىمال، ھەر بىر 80-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئادەمنىڭ ئەسلىمىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئويۇن بار، ئۇ بولسىمۇ 魂斗罗. بۇ KONAMI تەرىپىدىن 1987-يىلى ياسىلىپ ئېلان قىلىنغان قوراللىق ئېتىشىش تىپىدىكى ئويۇن، بازارغا ئاشكارىلىنىشى بىلەن تەڭلا زور تۈركۈمدىكى مەستانىلەرنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالغان، تاكى بۈگۈنگە قەدەر، ھېلىھەم نۇرغۇن ئويۇن ھەۋەسكارلىرى بۇ ئويۇننى ئۇچرىتىپ قالسا بىر ئىككى قول ئوينىۋالمىسا ئۇنىمايدۇ.
خۇشخەۋەر شۇكى، Konamchina ئورگان مىكروبلوگى ئاشكارىلىغان ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 魂斗罗 ئويۇنى قايتىدىن ياسىلىپ 2013-يىلى 1-ئايدا iOS ۋە Android ئىككى چوڭ سۇپىغا بىرلا ۋاقىتتا ئورۇنلىشىدىكەن.
تورخۇماردىكى 魂斗罗 غا ئائىت تېمىلار:
ھەقىقى 魂斗罗 ئۇستىسى – پۈتكۈل ئۆتكەلنى بىرمۇ دۈشمەن ئۆلتۈرمەي تۈگىتىش!!!
پىئانىنودا چېلىنغان 魂斗罗 مۇزىكىسى، مۇزىكىغا قوشۇلۇپ ھەر بىر ئۆتكەلنى ئەسلەپ چىقايلى…
魂斗罗 ئويۇنى(Contra) غا يوشۇرۇنغان مەخپىي سۇ ئاستى 8-ئۆتكەل ھەققىدىكى سىرلار
ناۋادا ئويۇنلارنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى مۇشۇ دەرىجىدە ئاددىلىشىپ كەتسە…
魂斗罗 ۋە موگو ئويۇنىنىڭ PC نۇسخىسىنى چۈشىرىۋېلىڭ
نۆۋەتتە ئاشكارىلانغان ئىككى پارچە رەسىمگە قارىغاندا، ئويۇننىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئاساسى جەھەتتىن ئەسلىدىكى ئۇسلۇبنى ئىشلەتكەن، ئەمما كۆرۈنمە يۈز تېخىمۇ پىششىقلىنىپ سىپتا ۋە نەپىس لايىھەلەنگەن، قارىماققا ناھايىتى ئاسانلا كىچىك چېغىمىزدا ئوينىغان ئاشۇ تونۇش مەنزىرىلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدۇ.
魂斗罗 ئويۇنى iOS نۇسخىسىدىن ئىككى پارچە كەسمە:
Konamichina نىڭ بىلدۈرىشىچە، 魂斗罗 ئويۇنىنى قايتىدىن ياساش ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن، سەۋەپ تېخنىكىنىڭ يېتىشمىگەنلىكىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كلاسسىك بولغانلىقىدا بولۇپ، ئويۇن 70 ۋە 80 نىڭ باللىرىنىڭ ئەسلىمىسىنى ئۆزىگە مەھكەم تاڭغان بولغاچ، بۇ جەھەتتە ئۇلار زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپتۇ.
20 يىللىق ئۇزاق ئايرىلىشتىن كېيىن، بۇ ئويۇن ئاخىرى يېنىمىزغا قايتىپ كېلىدىغان بوپتۇ، ئولتۇرغانلار ماڭا ئوخشاشلا تەقەززا بولۇۋاتامسىلەر؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويۇن، كلاسسىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,244 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
- يازما مەنزىلى: contra-for-ios-and-android.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قاتىل ئەقىدىسى3(Assassin’s Creed) خەنچە رەسمىي نەشىرى | يىل ئاخىرىدىكى ئەڭ نادىر ئويۇننىڭ بىرى
- كېيىنكى يازما > iOS سۇپىسىدىكى مېۋە چاناش تۈرىدىكى بىر يۈرۈش ئويۇنلار بۈگۈن ھەممىسى پۈتۈنلەي ھەقسىزكەن!
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
80-يىللىقلارنىڭ ىچىدە مۇشۇ ويۇننى ويناپ باقمىغانلار بەكلا ازغۇ دەيمەن. (يانفۇندىن يىزىلدى. ھەمزە خاتالىقىنى توغرا چۈشەنگەيسىلەر)
مەنمۇ بەك قىزىقىپ ئوينىغان بۇ ئويۇنلارنى بۇرۇن .. يەنە ئويناش نىسىپ بولىدىكەندە.. رەھمەت جۇمۇ شۇ شىركەتلەرگە . ھەم ئۇچۇرنى يەتكۈزگەن دوستىمىزغا.
تاس قاغانتىم
iphone5 يانفۇنۇم تەقەززالىق بىلەن ساقلايدۇ .
iphone5 يانفۇنىڭىز باكەندە
بىرەر تال ئېلىپ ئويناپ قويدۇققۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مەن قانداق تىما يوللاشنى بىلمەي بىۋاستىلا ئىنكاس يازدىم،مەن iPhone5 ئالغان ئىدىم،مەكتەپنىڭ ياتاق بىناسىدا كۆزىتىش ئاپىراتى بولمىغاچ ياندىكى ياتاقتىكى بىر دۇستۇمنىڭ iPhone4S يۇتۇپ كەتكەن ئىدى،مەن مىنىڭمۇ يۇتۇپ كىتەرمۇ دەپ بەك ئەنسىرەۋاتىمەن،ئوغۇرلۇقنىڭ ئالدىنى ئالدىغان دىتال بولسا تونۇشتۇرساڭلار ھەم ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى دەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن رەھمەت!
360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلىنىڭ ئاشۇنداق ئىقتىدارى بار .
تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولسا، iGotya نى ئىشلىتىڭ، ھازىر بىلمىدىم iOS6 نىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىقتىمۇ يوق…
Android نوسخىسىنى بىر ئويناي ،چوقۇم تاختا كومپيوتېردا ئوينىسا پەچەت
360 نى ئىتىۋەتمەك بەك ئاسان تۇرسا،مەن بىرسىنىڭ 360 نى ئىشلىتىپ يۇتۇپ كەتكەن تىلفۇننى تاپقانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم،لىكىن سىزگە رەھمەت.
مەن ھەممە مەيداننى تۇگۇتۇپ بولغان ئويناپ بۇرىنقى چاغلادا
يانفۇندا ئوينىساق بۇرۇنقى ھىسياتلارنى تاپقىلى بولامدۇ يوق… ۋاختى كەگەندە كۆرۈپ باقمايمىزمۇ
« رامبو » دەپ تازا ئوينايدىغان ئويۇنۇم ئىدى بۇ ….
مەن بۇ ئويان تازا چۈشىنىكىزدەك تۇيىلىدۇ
رامبو
كۆرۈنمە يۈزىنىلا پۇزۇر ياساپ، ئۆتكەل ۋە قىيىنلىق دەرىجىسىنى ۋە دۈشمەن، پىرسۇناژلارنى ئوخشاش قىلمىسا تەس جۇمۇ بازار تاپمىقى
كاتتا ئويۇنتىدە . شۇسەبى چاغلارنى ئەسلىتىدۇ. مەكتەپتىن قايتىپلا شۇ ئىلىكتۇرۇنلۇق ئويۇنچۇق خانىدىن چىقمايتىم . تاكى ئاپام كىلىپ قۇلاقتىن سوزمىغىچە كەش كىرگەننى بىلمەي ئولتۇراتتىم . 5 موغا بىرسائەت 1 يۇۋەنگە بىزدەك دائىم كىرىدىغان ئەزالارغا 2:30 سائەت ئوينىتاتتى . ھەجەپ كۆڭلۈم يىرىم بولىۋاتىدۇيا … شۇ چاغلانى ئەسلەپ
بىز ئىككى ئادەم بەش مو دىن چىقىرىشىپ بىر يۈەنگە يېرىم سائەت ، ئىككى يۈەنگە بىر سائەت ئوينايتۇق .
باشلانغۇچتىكى ۋاقىتلىرىمىزدا باشقا پارتىدا ئولتۇرغان دوستلىرىمىزنى دەرس ۋاقتىدا بىر ئاماللارنى قىلىپ شەرەتلەپ ، پۇلىمىزنى كۆرسىتىپ «چۈشتە تۇتۇشۇپ كېلەمدۇق ؟ سەندە ماۋۇ بامۇ يا ؟ » دەيتۇق ، ئەگەر ئۇنىڭ ئەھۋالى بار بولسا چاتاق يوق دەيتى ، يوق بولسا ……..
ئىشقىلىپ بەكلا كۆڭۈللۈك ئىدى ، ھازىرمۇ ئانچىمۇنچە ئاشۇ ۋاقىتلارنى چۈشەپ قالىمەن ….
مەكتەپدىن قېچىپ ئوينىغان ۋاقىتلىرىم ئېسىمگە كەلدى…تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن!
كىسلاسسىك دىگەن ھامان كىلاسسسىك تە !؟
ئويۇننى دەپ ئۆيدىكى قوناقنى ئىلىپ چىقىپ سىتىپ ، تىلۋېزۇرغا چىتىپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇق ئالىغىنىم ئېنىق ئىسىمدە .. چۇنكى ئەتىسىدىكى تاياق،،،،،،،،،
قارىغاندا 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان ئوخشايدۇ .چۈشۈرۈش ئادېرىسى بىلەن تەمىنلىسەڭلار بولاتتى.
ئەپ ستورىدىن ئىزدەپ چۈشۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ، ئېلان قىلىنىپ بولدى.
بۇ ئويۇننى مەنمۇ بۇرۇن بەك ئوينايتىم، شۇنسى ھازىر مەزسى قالمىدى،ھازىر xbox360ئۈچ ئولچەملىك ئويۇنلىرى قىزىيدۇ