ئۈچ گەۋدە بىر روھ 2-بۆلۈم: گوبلىننىڭ تەھدىدى – كۆرۈنمە يۈزى ئىنتايىن سىپتا ۋە ئۆزگىچە ئويناش ئۇسۇلىغا ئىگە نادىر ئويۇن
ئۈچ گەۋدە بىر روھ 2 (تۆۋەندە Trine2 دەپ ئاتىلىدۇ) بولسا، بىر تۈرلۈك ACT تىپىدىكى ھەرىكەتلىك ئويۇن، نەپس ياسالغان كۆرۈنمە يۈزگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئوينىغۇچىلارنىڭ ھاياجانغا سالىدىغان فىزىكىلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر ئويۇندىكى باشقا ئويۇنلارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىك شۇكى، سىز چەۋەنداز، ئوغرى ۋە سېھرىگەر دىن ئىبارەت ئۈچ خىل كەسىپنى بىرلا ۋاقىتتا خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئوينىيالايسىز. ھەمدە ئويۇننىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى ئاددى، پەقەت WASD كۇنۇپكىلىرى ئارقىلىقلا، بۇ ئۈچ پېرسوناژنى ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ماس بولغان ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى ئورۇندىغۇزالايسىز. نەپس كۆرۈنمە يۈزگە قوشۇلغان مۇزىكا ئويۇننىڭ رەڭگارەڭ مەزمۇنى سىزنى ئويۇن ئويناش بىلەن بىرگە يەنە بىر گۈزەل سەنئەت ئەسىرىدىن ھوزۇرلىنىشقا مۇيەسسەر قىلغۇسى…
ئويۇن توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلىشتىن ئىلگىرى تۆۋەندىكى سىننى كۆرۈپ باقايلى.
ئۈستىدە توختالغىنىمدەك، Trine2 دىكى ئۆزگىچە بىر ئالاھىدىلىك، Diablo3 ۋە WOW قاتارلىق RGP ئويۇنلىرىغا ئوخشاش، مەزكۇر ئويۇندىمۇ سېھرىگەر، ئوغرى ۋە چەۋەندازدىن ئىبارەت ئۈچ خىل كەسىپ بار، ئوينىغۇچىلار ئويۇن داۋامىدا خالىغانچە بۇ پېرسوناژلارنى ئالماشتۇرالايدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئوخشىمىغان ئويۇن ئۇسلۇبى بىلەن تونۇشالايدۇ.
يۇقارقى كەسمە رەسىم ۋە سىنلارنى كۆرۈپلا ئويۇنغا بولغان قىززىقىشىڭىز خېلىلا يۇقىرىلىدىغۇ دەيمەن؟ ئۇنداقتا مەنمۇ كۆپ توختىلىپ يۈرمەي، تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئويۇن ئويناش داۋامىدا ھېس قىلالىشىڭىزغا ئىشىنىمەن. ئەلۋەتتە، ئويۇنغا بەك بېرىلىپمۇ كەتمەڭ، چۈنكى تېخىمۇ ياخشى ئويۇنلار ئالدىمىزدا داۋاملىق تونۇشتۇرىلىدۇ.
ئويۇننى ئورنىتىش ئۇسۇلى:
1. پۈتۈنلەي ئېنگلىزچە ھەرپتىن تۈزۈلگەن مەنزىلگە پرىستېن يېشىپ بېرىمىز
2. setup.bat ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قاچىلايمىز
3. ئۈستەل يۈزىدىكى تېزلەتمە ئايكون ئارقىلىق باشلاپ كەتسەك بولدى.
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دە چۈشۈرۈڭ):
تور دېسكىدىن چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ACT، ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,236 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: trine2.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iOS سۇپىسىدىكى مېۋە چاناش تۈرىدىكى بىر يۈرۈش ئويۇنلار بۈگۈن ھەممىسى پۈتۈنلەي ھەقسىزكەن!
- كېيىنكى يازما > ئالىي مەكتەپ ھويلىسىدىكى قانلىق جەڭ! ئوقۇغۇچى باللا ئويۇن كۆرۈنمە يۈزى ماتورى ئارقىلىق ياساپ چىققان ئويۇن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- قاتىل ئەقىدىسى تارىخ قىسمى : جۇڭگو
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- قاتىل ئەقىدىسى – ئىنقىلاب
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
- [ئويۇن] مەكس: قېرىنداشنىڭ قاغىشى
يا مەدەت
گەپ-سۆزگە دىققەت قىلىڭ… نىمە دىگەن گەپ ئۇ ( يا مەدەت ) دىگەن….؟!
بۇنىڭ بىرىنجىسىنى 2-3 مەيدان ئويناپ بېقىپتىكەنمەن. سېھرىگەر،چەۋەنداز،ئوقياچى قىز بار. سېھرىگەر ساندۇقلارنى يۆتكەتتى ھەم پەيدا قىلاتتى، چەۋەندازنىڭ يوغان قىلىچى باتتى ئەلۋەتتەئوقياچى قىزنىڭ ئوقياسى بار شۇ… ئەمما باك ئېگىز سەكرەيدۇ. لېكىن تازا ئالدىراش ۋاقلىرىم بولغاچقا،تاشلاپ قويغان. بۇنىمۇ كۆرۈپ باقاي
بۇنى ئوينىغىچە موشوۋنى ئوينىساڭلارلا 100ياشقىچە زىرىكمەي ئوينىشىڭلارغا يىتىپ ئاشىدۇ ، 2015-يىلى 4-نۇسخىسىنى 3ئۆلچەملىك ھالەتتە يىڭىدىن 30نەچچە قەھرىمان قوشۇپ چىقارماقچى . .. . . .
بىر يىل بولاي دەپتۇ مەخلۇقلار دۇنياسىنى ئوينىمىغىلى، سېھرىەەردىن بىرسى باتتى، ئەمما ئات-ئۇلاغنىڭ ھەرقاندىغى تېپىلاتتى. ھەي ئۇ ئويۇن ماڭا ھازىر ئەمەن تېتىيدىغان بوپ قالدى. ئارىمىزدا تۈزەك بىر ئوينىغۇچىلار يوق ، مەن تونۇيدىغان بەش-ئالتەيلەن باتتى، باشقا خەن يولداشلار بىلەن قېتىلىپ ئوينىسا شۇنداق يۇۋاش ئويناپ كېتىدۇ، ئۆز ئارا بىرلىشىپ بىرە ۋەزىپە ئۆتىسەكمۇ بىر-بىرى دىن قىزغىنىپ، ئۈستۈنلۈك تالىشىپ، مېنىڭ دېگىنىم ھېساب دېسە بىرى قوپۇپ مەن مانى ئالىمەن بولمىسا كېتىمەن دەپ غەلۋە قىلىپ پەقەت ئۆم ئەمەس، بۇ ئويۇننى بىرنەچچە بالىغا تونۇشتۇرۇپ باقتىم پۇللۇق ئويۇنكەن دەپ يېقىن كەلگىلى ئۇنىمىدى. ھازىر نومۇرۇممۇ 85 دە تۇرىدۇ توپا بېسىپ
Diablo 3 ئويناۋاتقانلار بارمۇ؟ بىللە چانىشىمىز.
موشوۋ دىگىنىڭ قايسى ئۇ?
شۇ شۇ! Diablo 3 تە چانايدىغانلانى قارشى ئالىمىز!
Diablo 3 چانىشىدىغانلار بولسا مەنمۇ قاتنىشاي
ئامېرىكا مۇلازىمېتىرىدا بولسىڭىز Teddy#1429 نى قوشۇۋېلىڭ، پاسىبان قاتارلىقلار بىللە چانىشىمىز.
مەزكۇر ئويۇننى windows8 دىمۇ نۇرمال ئوينىغىلى بۇلارمۇ؟
ئالامەت ئۇيۇندە بۇ.. ئۇزۇن بوپتىكەن ئوينىمىغىلى چانىشىدىغان ئىش بولسا مەنمۇ چانىشاي
ھە راس ئالىم مۇئەللىمنىڭ تورىغا نىمە بولغاندۇ؟خاككېرلار ھۇجۇم قىلدىمۇ نىمە؟
ھۇجۇم قىلغىنى ئىران خاككېرلىرىكەن بۇلار ئەجەپ بىز بىلەنلا قالدىغۇ؟
بۇ تۇربەتنىڭ چ چ تۇپى بارمۇ بۇلسا يۇللاپ قۇيساڭلا بۇلمىسا چ چ تۇپى قۇرۇشۇڭلارنى ئۇمۇد قىلىمەن
چۈشۈرۈش ئادىرسى يەر شارىدىن يوقاپ كىتىپتۇ ئوڭشاپ قويساڭلا