فەچەت لايىھە! ۋولكېسۋاگېننىڭ Aqua ئايروخوتى!!!
بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ئاپتوموبېل، دۆلىتىمىزدىكى Yuhan Zhang ئىسىملىك لايىھەلىگۈچىنىڭ ئەسىرى بولۇپ، ئاپتور تېخى ئەمدى 21 ياشقا كىرگەن ياش يىگىتى ئىكەن، شۇڭا بۇ تەسەۋۋۇرلاردىن ئانچە بەك ئەجەپلىنىپ كەتمىسەكمۇ بولغۇدەك…
سۈرەتلەردىن شۇنى كۆرۈش تەس ئەمەس، بۇ ئاپتوموبېل، ھېسابتا بىر خىل ئۇقۇم ئاپتوموبېلىغا تەۋە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ، دەرىجىدىن تاشقىرى ياپىلاق گەۋدىگە كەينى قىسىمغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۆت دانە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ تەمىنلەيدىغان تۇربىنا چاقپېلىكى قوشۇلۇپ، كىشىگە بەئەينى كىنولاردىكى تاشقى پلانېت ئۇچار كېمىلىرىنى ئەسلىتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئايروخوت شەكلىدە لايىھەلەنگەن ئۇقۇم ئاپتوموبېلى بولغانىكەن، سۇ ۋە قۇرۇقلۇقنى تاللىماي ماڭالايدۇدە؟!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاپتوموبېل، لايىھە، ماشىنا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 17,938 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 06-ئاينىڭ 03-كۈنى
- يازما مەنزىلى: volkswagen-aqua-curvy-hovercraft.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iPhone دىن كەلگەن يەنە بىر ئىجادىيلىق: iPhone غا قامىلىپ قالغان ئادەم
- كېيىنكى يازما > iOS 5 ئېلان قىلىنماقچى! يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone 5 ۋە iPad 3 كۆزلىرىڭىزنى ئالداپ قويۇشى مۇمكىن!!!
- گېرماننىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرى مۇنداق ۋەھشەتكەن!
- BMW ئاجايىپ سەتەڭ يېڭى تىپلىق ماشىنىدىن بىرنى چىقىرىپتۇ، سارغۇچ يېشىل رەڭلىككەن
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- BMW شىركىتىنىڭ ئالداش بايرىمىدا قىلغان چاقچىقى، كەلمىگەن تەلەيدە ……
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
- شوپۇرسىز ماشىنىنىڭ كەلگۈسى زادى قانداق؟
- مېرسېدېس GLA نىڭ ياپوندا ئىشلىگەن ئېلانى، مارىيو ئۆزى بىۋاستە باش رولغا چىقىپتۇ
- ئاتىنىڭ كۆچمە قەلئەسى – قىزى ئۈچۈن تۆت يىل ۋاقىت مىليون دوللار خەجلەپ كاتتا ئاپتوموبېل ياساپ چىققان دادا
بۈگۈن ئادەم يوققۇ؟
بۇرۇن دىۋان تالاشقانلار قاياققا كەتىكىنا
كەلگۈسى
دىۋانغا مىق قىقىپ يۈرۈپ قوقاتتۇق،
ئايروخوت دېگەن ئىسىممۇ قاملىشىپ قالدىمۇ نېمە ،
ۋاھ نېمە دېگەن پەيزى ماشىنا بۇ ، بارغانسىرى ماشىنا بىلەنلا ئىشلار پۈتۈپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ، سۇغا كىرسە پاراخوت، ھاۋاغا چىقسا ئايروپىلان بولۇپ دېگەندەك……
سىزگە ئۆزۇم لايىھەلىگەندىن بىرنى سوۋغا قىلايمۇ ؟
يۇقىرقى ئايروخوتنى لايىھەلىگەن ئاداش بىلەن تەڭتۇش ئىكەنمەن.
ۋاي تورخۇمار بىلەن تىلى بىر دەيمە …. تىما يوللاشنىڭ ئالدىدا تىلفۇنىغا قىسقا ئۇچۇر يىزىۋىتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بەتنى يىڭىلاپ ئولتۇرىدىغان گەپ … دىۋاندا ئولتاغىڭىز بوسا تورخۇمارغا پارە بىرىدىغان گەپ دەيمە
تېلېفون نومۇرىڭىزنى دەپ بېرىڭا . ياۋايى… بۇنداق يىغلاپ يېتىۋالدىغان ئىشىڭىز بولسا بۇدا سىزگىلا ئۇقتۇرۇپ قوياي….
نەفىسە تۆھمەت ئىچىدە قاپتۇغۇ…… ئادۋوكاتلار بولسا ئاقلاپ قوياڭلا!!!!!
جۇشقۇن خىلى قىزىيىدىغان پاراڭ قىلدىڭىز ، ئۇندا يىرى بولسا مەيلى جۇمۇ!!! سوۋغىڭىزنى تۆت كۆزۈم بىلەن ساقلايمەن ئەمىسە!!!!!
توۋا… نەچچە مىنۇتتا چۈشۈپ بولغان ئىنكاسلارنى كۆرۈڭ… بۇلار 24 سائەت تورخۇماردا ئولتۇرامدۇ نېمە
بۇ بالىلار كېچىچە ئۇخلىماي F5 نى بىسىپلا تۇرىدۇ
———————————————–
گوگۇلنىڭ تور كۆرگۈسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەن ئىدىم خەتلەر ھەجەپ سەت چىقىۋالدى ، يەنىلا ئوت تۈلكە ياخشى ئىكەن ، مۇشۇ ئىنكاسىمنى يېزىپ بولۇپلا بۇنىڭ كۆتىگە تېپىمەن
ۋاي ما سىلىگە يازىدىغان ئىنكاسنى ئۇقۇشماي ئۇستىگە يىزىپ ساپتىمەن … ما كاللامنى …
يولداشلارنىڭ كاللىسى ئشلەيدىغان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ جۇمۇ
ئۈمۈد يۇلتۇزىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر كونا يېزىق ئىنكاسى
ئۈمىد يۇلتۇزىنىڭ كونا ئۇيغۇر يېزىقىدا ساۋاتى چىققانلىقىنى تەبرىكلەپ ساليوت ئېتىۋىتەيمىكىن
ئۆگنۈۋاتمەن . مازاققا قالماي دەپ .نەفىسەنى ئۇستاز تۇتسام بۇلامدىكىن ..
رىتا mail.ru ئېچىلماس بۇلۇپ كاپتۇغۇ بۇ يەردە .
خۇشاللىق بىلەن ئەڭ تېز سۈرئەتتە ساۋاتىڭىزنى چىقىرىۋىتەي بولمىسا چۈشەنمەيدىغان يەنە بىر تاغار خەت يازسىڭىز رىتا بىلەن ئالغا تەرجىمە قىلىپ بەرمەيدىكەن…..
خوشال بولسىڭىز بولىدۇ نەفىسە . 2012 يىلدىكى دۇنيا قەھرىمانىغا ئۇستاز بولىسىز بولسىڭىز http://v.youku.com/v_show/id_XMTg3NTU2MDky.html
يانچۇققا پاچە پۇل چۇشكەندە ئەپ قويامەن . سوۋغا بىرىمەن دىسە ئويلىشىپ باقاي …
تاماققا چىقىپ كىرگىچە تەدبىركارنى يەنقە ئادەم بېسىپ كېتىپتۇ، سەل قىستىلىپ قالدىم ئەمدى تاماقنى دابو قىلىپ ئەكىرىپ گازىر چاققاچ تام تۈۋىدە ئولتۇرۇپ تېما ساقلايمىكىن.
سەل ئالدىرىماي يازىلى، تاماقنى تىز يېسە گالغا تۇرۇپ قالىدىغان ئىش بار. خەتنى تىز باسسا
ئەمدى سىلىدەك مويسىپىتلار تۆردە بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇشسىلا چىدىمايدىكە كىشى… (چاقچاق)
قارىسام بۇ ماشىننى ياپۇنيىنىكلە ئېشلەتسە بەكرەك ماس كەلگۇدەك ،،،،،،تورخۇمارنى ئەسلى چايخانا قۇرىدىغان ئىشكەن.……تەدبىكارنى ئۆزگەرتىدىغان ئىشمۇ يا……….
شۇنداق ماشىنا بولسا ھە !ئەركىن -ئازادە ھايداپ كەتسەك ……..كۆرۈنىشىمۇ ئالاھىدىكەن……..!!!!
شۇنى دەيمەن…
ما تورخۇمارغا قىز زاتى ئاياغ باسقاندىن تارتىپلا غەزەپ قىزىيدىغان بولاپ كەتتى جۇما … بىلوگگىرلار ما ئامالنى ئويلىشىڭلار دەيمەن ..
قىزلارنى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا قىزغىن تەكلىپ قىلىمەن! ئىشىنىمەنكى، تورخۇماردا قىزىرىشىپ قالغانلار بەگلىكدە زىرىكىپ قالغۇسى! غەزەپ بىلەن تۆۋەنكى مەنزىلگە ھۇجۇم!…
http://uyghurbeg.net/
ئىسىل تۇرۇڭلار باللا يولاڭلىغا مىڭىۋاتقانكىن!!!
تورخۇماردا ئويناۋەرمەي يۈكسەلدىنمۇ بىرەر ۋاراق ئوقۇپ قويۇڭلار باللار ! ئانچى – مۇنچە يۈكسىلىپ قالىسىلەر …
ئۈستىدىك نېمە ئۇ ؟ ماشىنىما ساپما كەشما ؟!
تەدبىركار ماۋۇ قىزلارغا دەپ ئالاھىدە بۇيرۇتقان شىپ – شىپ ماركىلىق ئالىي كالاچ !
مەن خېلى ئوقۇۋاتىمەن بولمىسا…
پارا بېردىغان ئىش بولسا مەن بۇ كونا،لىكىن كۇرۇشۇپ باقمىغان بۇ بۇرادەرنى تاماققا تەكىلىپ قىلايمىكىن..تەدبىركار شاشمۇ يا؟
پار بەمەيمۇ چىققلى بولدىكەنغۇ دىۋانغا
تەدبىركار ئەپەندى ماڭا ياردەم قىلغان بولسىڭىز .
ئەتىگەن ئوت تۈلكە قاچىلىغان ئىدىم ، ھەممە بىكەتلەر شۇنداق نورمال چىقىۋاتىدۇ ، لېكىن مۇنبەرگە كىرەي دەپ ئەزالىق نامىمنى ، مەخپى شىفىرنى توغرا تولدۇرۇپ كىرسەم مۇۋاپىقەتلىك كىردىڭىز دەپ خەت چىقتى لېكىن بەت ئۆرۈلۈپلا يەنە چىكىنىپ كەتكەندەك چىقىۋاتىدۇ (قايتا – قايتا تەكرار سىنىساممۇ يەنە شۇنداق ) ….. بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز ، چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن .
بىرقانچە كۈن ساقلاپ بېقىڭ،تەدبىركارجان تېخى باللار بايرىمنى ئويناپ تۇگەتمەگەن چېغى بار،
راس ئۇنتۇپ قاپتىمەن ،قېزىلارنىڭ پۇتتى ئۇنچلىك يوغانممۇ ئەمەس ،قارسام ئوغۇلارغا تىككەندەك قېلىدۇ ئاۋۇ كالاشلارنى..
2- رەسىمنى كۆرمىدىڭىزما ؟
مەخسۇس بالىلار بايرىمى ئۈچۈن قىزلارغا ئاتاپ تىككەنلىكى قەيىت قىلىنىپتۇ
_______________________________
ھە راست قېزىلار ئەمەس قېرىلار جۇمۇ ، يېرىم كىچىدە تورغا ئازراق چىقىڭ ، سالامەتلىك مۇھىم
توغرا دېدىڭىز كەچتە ئازىراق تورغا چېققلۇق بولمسا ھازىرىقىدەك كالىدىن كەتكۇلۇك شۇ ،
ئۈلگە:‹‹تەدبىركار ماۋۇ قىزلارغا دەپ ئالاھىدە بۇيرۇتقان شىپ – شىپ ماركىلىق ئالىي كالاچ ! ››
دىۋان تەگمىسىمۇ پەگادا ئىز قالدۇرۇپ ساقلاي. كېچىچە ئۇخلىماي ئىنكاس يازدىمۇ ما ئاغىنىلەر، ئاخشام كېچە سائەت 1بىلەن ئاران 21 ئىنكاس بار ئىدى، بىراقلا 28 دانە ئىنكاس بېرىلىپ بوپتۇ….
بىز ئىنكاسنى ئەتىگەندە تومۇرنىڭ ئوچۇق، كاللىنىڭ پەيزى ۋاقتىدا يازىمىز……
شۇنداق قىلىپ ماڭا ياردەم قىلىدىغانلار يوق بولدىما ؟!
تورخۇمارغا دەھشەت قول قويدۇم ،ئىزدىنىشقىمۇ نەچچە كۈندە بىر تىمىغا بۇنچىلىك ئىنكاس چۈشمەيدۇ ھازىر …..
ئۈمۈد يۇلتۇزىغا :شۇ مەيل رۇ ئېچىلمايدۇ بىزنىڭ مەلىدە ، مەيل رۇنىڭ كۆتىگە تېپىپ مەسسىنجىربىلەن سكايپنى تېپىۋالدۇق ، كەچلىرى ئۈگىنىشتىن چۈشۈپ ئاندا-مۇندا تورخۇمارغا كىرگەچ شۇ يەردە سىلاۋيانچە ئويناپ قويىمىز ….
ئادەمنىڭ يېشى قانچە كىچىك ،ئالىي مەكتەپنىڭ زىيانكەشلىكىگە قانچە ئاز ئۇچرىسا ئاجايىپ غارايىپ نەرسىنى جېق ئويلاپ چىقامدۇ نىمە ، بۇرۇنلاردا بۇنداق نەرسىلەرگە قەتئىي ھەيران قالمايتتۇق …. ھازىر كاللىسىغا سەل ھەسەت قىلىپ قالدىم
بۇ نېمە دېەىنىڭىز ؟ رىتا ئەپەندى ……
مۇشۇ قىزلار تورغا خۇمار بولغاندىن بىرى، تورخۇمارغا ئوت كەتتى
بىر ئوبدانغۇ ئوت تۈلكە ، مەنمۇ قايسى كۈنى ھېلىقى سوگو دىگەننى سۆكۈۋېتىپ موزىللاغا كۆچۈۋالدىم ، نەرسە چۈشۈرگەندىكى سۈرئىتىگە سەت كۆيدۈم بۇ قىزىل تۈلكىنىڭ . ئاۋۇ تېخنىكىلىق مەسىلىگە كەلسەك سوئال سورايدىغان يەرنى خاتا تاللاپ قاپسىز ، قۇتيارغا كىرگەن بولسىڭىز بۇ كەمگىچە تورخۇمارغا پارول كىرگۈمەيلا بىر ئوبدان گازىر چاققاچ زىيارەت قىلىپ ئولتۇرمامتىڭىز دەيمەن .3 دابلىيۇ قۇتيارچىكىت نەت . تامام
شۇ ، ئوت تۈلكۈگە يەتمەيدۇ ، ئالدىنقى قېتىملىق زىيارەتنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ كۆرگىلى بولىدىغان يېرى ماڭا بەك ياقىدۇ .
بۇنىمۇ كۆرۈپ قۇيۇڭلار ….قەھرىمان دېگەن بۇيەردە….سىلەرنىڭمۇ قەھرىمان بولغڭلار بارمۇ ؟http://v.youku.com/v_show/id_XMTg3NTU2MDky.html
بۇنىمۇ كۆرۈپ قۇيۇڭلار ….قەھرىمان دېگەن بۇيەردە….سىلەرنىڭمۇ قەھرىمان بولغڭلار بارمۇhttp://v.youku.com/v_show/id_XMTg3NTU2MDky.html
روسچە ئىكەن ئازراقمۇ چۈشەنمىدىم. نېمىشلارنى قىلىۋىتىپتۇ ئۇ بالا…
ئۈمىد يۇلتۇزىغا شۇنچە ئۆگەتسەممۇ يەنە ئۆگىنەلمەپتۇدە نېمە دېگەن كۆپ ئىملا خاتالىقى ئۇ …. دەسسۋەتمەي ئاچچىقىم كەلسە…..
شۇ دۇنيانى قۇتقازغۇچى 2012 يىلىدىكى قەھرىمان دەيدۇ ….
Billboard Hot تىكى 100 دە مەن يەنە باركەنمەن……
ئۇستازىمنىڭ ئاچچىقى ياماندەك قىلدىغۇ …دىققەت قىلسام بۇلامدۇ نىمە ؟
بىلبوردنى ئەمدى كۆردىڭلارما ؟ تازا سەھرالىقكەن ماۋۇ خەق
مەن گۈللۈككە بۇ تېمىنى يوللاپ بولغىلى ھەپتە بولدى http://www.gullug.com/viewthread.php?tid=5060
ئۈمۈد يۇلتۇزى ئۇكامغا : ئاچىڭىزغا قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ ماقما ؟يا بولمىسا كۆزىڭىزگە تېلىسكوپ تاقاپ كىلىپ گەپ ئېتىڭ
ئاھ خۇدا ئەمدى تېزلا ئاچىدىن بىرنى تېپىۋالدىم تور خۇماردىن ،،،،،،ئەتە كىم بىلىدۇ مەشۇغۇمنىمۇ تېپىۋالمەنمۇ بۇيەردىن نېمە ؟
ئۈمۈد يۇلتۇزى :无语جۇمۇ مەن سىزگە ،قالغىنى ئۆزىڭىز بىلىڭ
ئەمما زە تور بەت بۇلا مۇشۇنداق بۇلا ھە تورخۇمار بىزدەك تورخۇمارلارنىڭ تورخۇمارىنى باسىدىغان ياخشى توربەت جۇما
بازارغا سالسا يەنىلا يىڭىلىق ئەمەس…
مۇشۇنداق پىكاپلارنى ھەيدەپ باقسا قانداق بولىدىغاندۇ