[پارول] تەربىيە قىلىش تەزكىرىسى
ۋاشىنگىتوننىڭ پالتا بىلەن كۆچەتنى سۇندۇرغانلىقى،دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا تەربىيە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ھەممىڭلار ئوقۇغان،ئاڭلىغان،ئەلۋەتتە دادا بىر ئوقۇمۇشلۇق دادا،باي دادا،ئەگەر ۋاشىنگىتوننىڭ داداسى تۆۋەندىكى ھەرخىل مىجەزلىك دادا بولسىچۇ؟
1.ئاغزى بىزەپ دادا
ۋاشىنگىتون كۆچەتنى چېپىۋەتتى، دادىسى بۇنى كۆرۈپ:
تاقاشتىما؟ ھە؟ بىر يېرىڭگە تاقاشتىما؟ ھەي شۇم،بەك قىم قىم قىپ كەتكەن بولسا،مەدەك بىلەن تاتلىساڭ بولمامدا؟ ئاپپاڭنى……دادداڭنى……،قىلىدىغان سەن ھارىمىغا….
نەتىجىدە ۋاشىنگىتون داڭلىق لۈكچەك بولۇپ چىقتى.
2.مەنمەنچى پوچى دادا
ۋاشىنگىتون كۆچەتنى چېپىۋەتتى دادىسى بۇنى كۆرۈپ:
-چاپە بالام چاپ، قانچىلىك نىمىتى بۇ كۆچەت دىگەن، نوچى مىنىڭ بالام، قورقما، كۆرگىنىڭنى چاپ، مانا مەن بار….
نەتىجىدە ۋاشىنگىتون داڭلىق قارا تەشكىلات كاتتا بېشى بولدى
3.كەكبەغەل ،ھېسىياتچان دادا
ۋاشىنگىتون كۆچەتنى چېپىۋەتتى،دادىسى بۇ نى كۆرۈپ،تىزلىنىپ تۇرۇپ:
-ئاھ خۇدا……بۇ زادى نىمە كەلگۈلۈك بىزگە~ھۈ ھۈ ھۈ~مۇشۇ بىرلا كۆچەتكە قاراشلىق قالغانتۇققۇ!ئەمدى قانداق جان باقىمىز!ۋاي ئۆلەي،مەن ئۆلەي،ھۈ ھۈ ھۈ،نىنىشقا بىزنى بۇ قىسمەتلەرگە دۇچار قىلغانسەن بىزنى……ھۈ ھۈ ھۈ!
شۇنىڭ بىلەن ۋاشىنگىتون قورقۇنچاق بىر ئادەم بولۇپ قالدى…
4.كوت كوت دادا
ۋاشىنگىتون كۆچەتنى چېپىۋەتتى،دادىسى:
-بالام بۇ قىلىغىنىڭ بولماپتۇ،دەرەخ كېسىش ئەدەپسىزلىك ئەمەسمۇ،ئەگەر بىرەر كىچىك بالىنىڭ بىشىغا چۈشۈپ كەتسە قانداق قانداق قىلىسەن؟كىچىك دوستنىڭ بىشىغا چۈشمىگەن تەقدىردىمۇ،ئوت چۆپلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشسىمۇ ياخشى نەمەستە،نۇنىڭ ئۈستىگە……
ۋاشىنگىتون دادىسىنى چېپىۋىتىپ،تۈرمىگە كىرىپ كەتتى.
5.ئالدىن كۆرەر دادا
ۋاشىنگىتون كۆچەتنى چېپىۋەتتى،بۇنى كۆرگەن بىر خىزمەتچى كۆڭلىدە“ئەگەر بۇنى مەن قىلدىم دەپ ئىقرار قىلسام،مىنى ماختايدۇ،ئاندىن مەن ئامرىكا پىرىزدىنتى بولىمەن”دەپ ئويلاپ:
-كەچۈرۈڭ ئەپەندى،بۇ كۆچەتنى مەن كەسكەن-دىدى.
دادىسى:
-سەن ھەقىقەتەن راستچىل خىزمەتچى ئىكەنسەن،بىراق مىنىڭ ئوغلۇم ئامرىكا پىرىزدىنتى بولمىسا بولمايدۇ،شۇڭا ،دۇچىكۇڭ!
6.ھورۇن دادا
ۋاشىنگىتون كۆچەتنى چېپۋەتتى،دادا:
-ۋاي ۋۇي،نىمە ئادەمنى ئۇخلاتماي چاقىرىپ چىقىسەن،نىمە ھە؟ ئاران ئىككى پارچە قىلىپ سەنغۇ شۇ……ئۈچ پارچە قىلغاندا چاقىرە……ئۇخلاپ تۇراي……
……
دىمەك ئاتا تەربىيىسى ئىنتايىن مۇھىم……
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,924 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 08-ئاينىڭ 29-كۈنى
- يازما مەنزىلى: terbiye-tezkirisi-for-parol.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
- كېيىنكى يازما > مۇزدەك بىلىملەر: نېمىشقا مائۇسنىڭ كۆرسەتكۈچ سترېلكىسى يانتۇ بولىدۇ؟
دېۋاندا ئولتىراپ باقماپتىم ئۆمىرىمدە.
شۇنداق ….. بەك مۇھىم
6.دىكى ‹دۇچىكۇڭ› دىگەن نىمە
قارىغاندا كىچىك چېغىڭىزدا ئاتا-ئانىڭىز سىزنى “دۇچىكۇڭ” دەپ ئەكىلىتىپ ئويناپ باقماپتىكەندە … ھې ھې ھې
پارول بەگ بوسىل ماڭا بىر ۋېيشىن نۇمۇرلىرىنى قالدۇرۇپ قويسىلار قىززىق پاراڭلىرىدىن بىزمۇ ھۇزۇرلىنىلى ….. بۇرۇنلاردا بىلىپ سالونىغا يوللىناتتى ھازىر يوللانماسلا بوپتۇ ….
576926826@qq.com ئاشكارلاش قولايسىز بولسا يوللاپ بىرەلا
راس-راس،پارولنى ئۇزۇندىن بىرى مىنىڭمۇ قېتىۋالغىم بار ئېدى.مۇشۇ نۇمۇرۇنى بىر ئاشكارلىغان بوسا،بىزمۇ قىززىقارلىق پاراڭلىدىن تەڭ بەھىر ئالساق
توغرا ئاتا ئانا تەربىيسى ئىنتايىن مۇھىم،قانداق تەربىيە قىلىش ئۇرۇپ كوتولداپ تىللاپمۇ ياكى تەپسىلى چۇشەندۇرۇشمۇ كەلگۇسى ئۇچۇن ئىنتايىن مۇھىم.ئامال بار بالىلارنى مۇستەققىللىقكە كۆندۇرەيلى ،ئۆزى قىلغۇدەك ئىشلارنى ئۆزىگە قىلدۇرايلى مەخسەت ئىش قىلدۇرۇش ئەمەس مۇستەققىلىق ئىڭىنى يىتىلدرۇش ،ئاتا ئانا مەڭگۇ باقىۋەندە بولالمايدۇ،قىيىن كۇنلەرگە يولۇققاندا قانداق يىڭىشنى ئۇگىنىدۇ.
مىنىڭمۇ كىچىك سىڭىلچاق كچىك ھايۋانلارنى ئۆلتۇرۋىتىدىغان گۇللەرنى يۇلىۋىتىدىغان بولۇپ قالدى، مەن ئۇنىڭغا ئۇنداق قىلماڭ يامان بولىدۇ دىسەم قانداق يامان بولىدۇ دەيدۇ،
ئۇ كىچىك ھايۋانلاردىمۇ سىزگە ئوخشاش تاتلىق جان بار ئۇلارنىڭ بالىسى ۋە دوسلىرى بار ئۇلارنى قىينىسڭىز يامان بولىدۇ،ئۇلارمۇ سىزگە ئوخشاش بۇ دۇنيادا ياشايدۇ دىدىم .
شۇنىڭدىن بىرى ئۇمۇ پاقا ۋە مۇشۇك ئاسلانلارنى قىينىمايدىغان بولدى.
ئۇلاردا راسلا چۇشەنچە كەمچىل .
6. دىكى ھورۇن دادا يۇمۇرنىڭ ئۆزىلىكەنغۇ ، تورخۇمارغا ئەكىلىپ گەپكە سالدىغان ئىشكەن ئەسلى.
مازكەنسىلە…….