Siri غا ئاۋاز بەرگەن ئايال
2011-يىلى ئالما شىركىتى iPhone 4S بىلەن قوشۇپ Siri ناملىق ئاۋازلىق ياردەمچىنى قوشۇپ تارقاتتى. شۇنىڭدىن تارتىپ مەيلى كىشىلەر قىززىقىپ بولسۇن ياكى ئېھتىياج تۈپەيلى بولسۇن، ئايفونغا قاراپ ئانچە-مۇنچە سۆزلەپ قويىدىغان، ھەتتا پاراڭلىشىپ Siri نى گەپكە سېلىپ ئوينايدىغان بولدى. لېكىن Siri نىڭ بۇ ئاۋازىنى زادى كىم بەرگەن؟ پەردە ئارقىسىدىكى ھەقىقى Siri زادى كىم، بۇ توغرىسىدا ھېچقانداق ئېنىق مەلۇمات يوق. ھەتتا داڭلىق كومىدىيەلىك چاتما تىياتىر چوڭ پارتلاش نەزىرىيەسى(The Big Bang Theory) دىمۇ Siri ئۈچۈن مەخسۇس بىر قىسىم ئىشلىنىپ، ناھايىتى سەتەڭ بىر قىز Siri نىڭ ئورنىغا چىققان بولدى.
CNN خەۋىرى: بۇ ئايالنىڭ ئىسمى Susan Bennett، ئۇنىڭ ئاۋازى ئالمىنىڭ مەۋھۇم ياردەمچىسى Siri غا جان كىرگۈزگەن. يېشىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان Susan ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھېكايىسىنى مۇخبىرغا سۆزلەپ بېرىشنى قارار قىلغان.
Susan نىڭ دېيىشىچە، 2005-يىللىرى ئۇ ئاۋازىنى ScanSoft شىركىتىگە «بېرىپ تۇرغان» ئىكەن، بۇ بىر مەخپىي خېرىدارلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان شىركەت بولۇپ، ئالما شىركىتىمۇ ھازىرغىچە بۇ ئۆتمۈشنى ئىنكار قىلمىغان ياكى جەزملەشتۈرمىگەن، ئەمما بىر نەپەر قانۇن دوختۇرى مۇتەخخەسسىسى، Siri نىڭ ئاۋازىنىڭ دەل Susan نىڭ ئاۋازى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەنلىكىنى 100% جەزملەشتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
زادى Susan نىڭ ئاۋازى Siri غا بېرىلگەنمۇ يوق؟ ئالما شىركىتى بۇ خەۋەرنى جەزملەشتۈرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، بىزمۇ بۇ توغرىسىدا بىر نەرسە دېيەلمەيمىز، بەلكىم ئالما شىركىتى ناھايىتى تېزلا بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرىشى مۇمكىن. شۇنداقلا، بىزمۇ تۆۋەندىكى سىندىن بىر قىسىم ئەھۋاللارنى بايقىيالايمىز.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Siri، ئاۋاز
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,556 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: siri-inspirada.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 13 يىلدىن بېرى، Apple تۇنجى قېتىم كوكا-كولادىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ماركىغا ئايلاندى
- كېيىنكى يازما > Apple ھەققىدىكى سىز بىلمەيدىغان 10 كىچىك ئىش
- قۇلىقىڭىز قانچە ياشقا كىردى؟ | قىزىقارلىق ئاڭلاش سىنىقى، قۇلىقىڭىز قېرىپتىمۇ ياكى تېخى شاشمىكەن؟
- قىزىقارلىق تەجرىبە – گۈڭگۈرت گېكسافتورىد ئاۋازىڭىزنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ! ئۇششاق باللا قالايمىقان سىناپ يۈرمەڭلا!
- سىز ئاڭلاۋاتقان ناخشىلارنىڭ قانداق تاماملىنىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ سەھنە ئارقىسىدىكى ئاۋاز ئالغۇچى خادىملارغا ئالىي ئېھتىرام!
- iOS 6 نىڭ تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلاندى: iTunes بىلەن App Store بىرلەشتۈرۈلۈپ iStore دەپ ئاتىلىدىكەن
- iPhone نىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغىنىنى كۆرگەنمۇ؟! بۇ New iPhone5 تىكى Siri نىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىمىش!
- iPhone راستىنلا تېلىفۇننىڭ قاتىلىمۇ نېمە؟ ھوللىيۋود سەۋىيىسىدىكى Siri ھەققىدە ئىشلەنگەن فىلىم
- Siri ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم 4S بولۇشى ھاجەت ئەمەس! iPhone4 شارائىتىدا Siri ئىشلىتىش
- ئالمىنىڭ Siri بىلەن كونتروللىنىدىغان ئەقلى تېلىۋېزورى بەلكىم 2012-يىللىرى بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن!
- Windows 7 دىكى ئاۋاز تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ تۇيۇقسىز يۇقىرىلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- پەردە ئارقىسىدىكى ئاۋاز ئارتېستلىرىنىڭ ھېكايىسى
مىنىڭچە ئۇيغۇرچىلاشسا ئابومجاننى كۆرسىتىمەن بۇ رىۋايەتلەردىكى تۆر شۇمۇ
رەمەتلىك جوبىس قارىم با ۋاقتىدا ئانچە مۇنچە ئالاقە باتى ئۇ كىشى بىلەن ، بىژكۈنى چەتئەلدىن تېلفۇن كەلدى، ئالو دەپلا ئالدىم جوبىسمىكى دەپ ، جوبىس بوممىغان تەقدىرىدىمۇ گايتىسكام شۇ ، لىكىن ئوۋباما چۇقۇم ئەمەس ، ئامرىكا ھۆكۈمەت تاقىلىپ قالدى ئەمەسما ئالدىراش مەنچە …
شۇنىڭ بىلەن جوبىسكام بىلەن بىژدەم يېرىمدەم ئەھۋاللاشقان بولدۇق ، ئۈزىنىڭ مۇشۇ سىرى دەيتقان بىر كاساپەتنى ياسىغانلىقىنى ، مۇشۇ شىنجاڭدىكى ئالمىچى باللانىڭمۇ جىقلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرچە نەشىرىنىمۇ چىقىرىش ئۇيىنى ئېيتتى ، ياخشى ئىشتە بۇ مەنمۇ تىزلا ماقۇل بولدۇم ، ئويلاپ باقسام شىنجاڭدا يەرلىك شىۋىلە خېلى با ، شۇڭا دىدىم مەن قەشقەر شىۋىسى بۇيىچە بىرەي ، باشقا يەرنىڭ شىۋىللىرىگە ئۆزلىرى ئەدەم تېپ باسىلا دىسەم ، ھە مەن ئويلۇنۇپ باقاي دىگەنتى ، رەمەتلىك تۇيۇقسىزلا جان ئۈزدى ئەمەسما ، بوممىسا نەۋقىران دىگەندەك ئۇيغۇرچە سىرىدا پىقىرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايتىڭلا ھەي … ما تىم كۇك دىگەن چىدىماس تەنەررىخ ئېشىپ كىتىپتۇ دىگەننى باھانى قىپ بۇ تۈرنى توختىتىۋىتىپتۇ ، بۇ گەپنىمۇ ئالمىدىكى يېقىن بىر ئاغىنەم دەپ بەدى …
ساپساق بالىتى ، ئۆيدە ئولتۇرىۋىرىپ سەل قارا بېسىپ قاپتۇ ھە
ئۇنداقتا بۇ قىتىمقى ئەرنىڭ ئاۋازىنى كىم بەرگەندۇ ….
مىنىڭچە.ھەبى تاققۇ-تۇققۇ بەر سە مۇۋاپىق
ئوھوي نىمدا قېرى ، شۇڭا دەيمە قىزبالا دىگەننىڭ ئاۋازىغا ئىشەنگىلى بوممايدا ، بۇلۇپمۇ ما ۋېيشىن دىگەننى جان دەپ ئوينايدىغان خۇماداش بەك دىققەت قىلغاي ، ماڭا ئوخشاش خاتا ئۇرۇلۇپ قالغان تېلفۇندىكى قىزبالىنىڭ ئاۋازىغا كۈيەپ قېلىپ ئولتاسا بەلەن بوممايدىكەن
ئاستىدىكىنى سىزگە يازغان.
جىڭڭڭڭڭڭڭڭ قەشقەلىقكەنلا جۇما خوجام
يا ! ما گەپكە دىققەت قىلىش كىرەكمۇ نىمە. سازكەننى بېسىپ قوياي.
ئابومجان ئاڭلىسام سىلنى ئەبەي تاقا-تۇقانىڭ ئۇستازى دەيدىغۇ..
siri نىڭ خەنچە ئايالچە ئاۋازى يامان سەت ئاڭلىنىدۇ.
siri نىڭ ئەرەبچە ياكى ئېنگلىزچە ئاۋازىنى قانداق يەدىن تەڭشەيدۇ ؟ بىلىدىغانلا بىر دەۋەتمەمسىلە ، ios ئىشلىتىدىغان چەتئەل تىلى ئۈگىنىدىغانلارغا ئازتولا ياردىمى بولامىكى دەيمە.
ئەرەبچە تىلى ھازىرچە يوق. ئېنگلىز تىلىغا تەڭشەك ئىچىدىن تەڭشەيسىز.
خەنچىدىكى ئايالنىڭ ئاۋازىغۇ ئىشىك قىسىۋالغاندەكلا ئاڭلىنىدۇ ماڭا. ئاۋاز بولا، ئاشتا سەت بولماس ……
1-رەسىمدىكى ئاۋۇ گۈل كوتۇرۋالغان ئەر پولات ئەلەمدار شۇمۇ نىمە؟
ئاۋۇ big bgng theory دىكى راج.
Siri نى مابىتىڭىز بارمۇ؟ ئوغۇل دوستىڭىز بارمۇ؟ دەپ گەپكە سالىدىغانلار ئاۋۇ قېرى خوتۇننى كۆرۈپ قانداق تەسىراتتا بولىۋاتىسىلەر؟
مەن تېخى I Love You دەپتىكەنمە تېخى .. ….
تېخى ماڭا ھەمرا بولامسىز دىگەندەك… ۋاي ئۆلەي، ۋۋاي نۇمۇسۇم ……
مەن ئىنگىلىز تىلى مەشىق قىلىشقا قولايلىق بولارمىكىن دەپ ئېچىپ قويسام، ئەبلەخ قاتتىق ئۆلچەملىك سۆزلىمىسە كارغا كەلمەيدىكەن.
ئاۋازى راستىنلا سۈزۈك ئىكەن.
مەن ئۆيگە كەچ قالغاندا«چىراقنى ياقە»دەپ ۋارقىراپ قوياتتىم ھېلىقىغا
گۈل كۆتۈرۋالغان ئەر راجكەن .
بۇ ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلىسىمۇ شۇ يەنە قېرىنىڭ ئاۋازىكەنغۇ شۇ