ياپونىيە ھەققىدىكى 15 كىچىك ئىش
1. ياپونىيەدە، يېرىم كېچىدە ئۇسۇل ئويناش قانۇنغا خىلاپ.
2. ياپونىيەدە ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1500 قېتىم يەر تەۋرەيدۇ.
3. ياپونىيەدە ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن پەقەت ئىككى قېتىملا قوراللىق قاتىللىق ئەنزىسى يۈز بېرىدۇ.
4. ياپونىيەدە 100 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ سانى 50000 دىن ئاشىدۇ.
5. دۇنيادىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن شىركەت ياپونىيەدە، بۇ شىركەت مىلادىيە 578-يىلىدىن باشلاپ 2006-يىلىغىچە تىجارەت قىلغان.
6. ياپونىيە جەمئىي 6800 دىن ئارتۇقراق كىچىك ئارالدىن تەركىب تاپقان.
7. ياپونىيەنىڭ پويىزلىرى دۇنيا بويىچە ۋاقىتقا ئەڭ قاتتىق رىئايە قىلىدىغان پويىزلار، ئۇلارنىڭ پويىزلىرىنىڭ كېچىكىش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 18 سكونتتىن تۆۋەن.
8. ياپونلۇق دېھقانلار تېرىغان كۋادرات شەكىللىك تاۋۇزلارنى قويۇش ۋە ساقلاش تېخىمۇ قولايلىق.
9. ياپونلۇقلار باققان ئەرمەك ھايۋانلار بالىلاردىنمۇ كۆپ.
10. ياپونىيەدە يېڭىدىن تۇغۇلۇش نىسبىتى تۆۋەن بولغاچ، ئۇلار سېتىپ چىقىرىدىغان چوڭلار زاكىسى بالىلار زاكىسىدىن كۆپ.
11. ياپونىيەدە بېقىۋېلىنغانلار ئىچىدە 98% ئادەم قۇرامىغا يەتكەن ئوغۇللار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىدى، ئائىلە ئىگىلىكىنى داۋاملىق شۇ ئائىلىنىڭ نامىدا ساقلاپ قېلىش ئىكەن.
12. ياپونىيدە، تىتانىك ۋەقەسىدە ھايات قالغۇچى توخۇ يۈرەك دەپ ئاتىلىدىكەن، بۇنداق ئاتىلىشتىكى سەۋەپ بولسا، ئۇ ياقنىڭ باشقا يولۇچىلار بىلەن تەڭ ئۆلۈپ كەتمىگەنلىكىدە ئىكەن.
13. ياپونىيە بىلەن كورىيەدە مۈشۈك قەھۋەخانىسى بولۇپ، سىز ئۇ جايغا مۈشۈكىڭىزنى ئېلىپ بېرىپ قەھۋە ئىچسىڭىز ھەم بىر قانچە سائەت ئوينىسىڭىز بولىدىكەن.
14. ياپونىيەدە 5 مىليون 520 مىڭ دانە ئاپتوماتىك مال سېتىش ماشىنىسى بار.
15. ياپونىيەدە، خىزمەت ۋاقتىدا ئۇخلاشقا يول قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇنداق قىلىش «بەك تىرىشىپ ئىشلەپ ھېرىپ كەتكەنلىك» دەپ قارىلىدىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,351 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: s-japan.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Apple ھەققىدىكى سىز بىلمەيدىغان 10 كىچىك ئىش
- كېيىنكى يازما > يەمەندىكى بىر تويدا، قولىغا AK-47 ئېلىپ ئۇسۇل ئويناۋاتقان بىرەيلەن ئېھتىياتسىزلىقتىن 3 ئادەمنى ئېتىپ قوياپتۇ
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
ۋاھ ۋاھ… ياپونىيە ئېسىل دە….
ئەڭ ئۇزاق تارىخلىق شىركەت نىم دەپ تاقالغاندۇ.
مەن ئەڭ قايىل بولىدىغان مىللەت…..قەيسەرلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ!
تورخۇماردا ھەربىر ئىنكاسقا مازكەننى بېسىپ چىقسا ئالامەت ھوزۇر ھە
ھەقىقى ساراڭ دە مانا
18سېكۇنت. سائەت سائەتلەپ كېچىكمەيدىكەن ھەنىم بوسا، تېخى ئادەم ئاز دەپ ماڭمايدىغان ئىشنى دېسىزە…
ۋاقىتقا رىئايە قىلىش.. بۇ نىمە دېگەن گەپ؟،،،،،
ئۇيغۇرچە گەپ!
ئۇنداق بوسا خىزمەتنى ياپونغىلا يۆتكەيدىغان ئىشمىكى..
مەن بۇلارغاھەقىقەتەن قايىل.
15. ياپونىيەدە، خىزمەت ۋاقتىدا ئۇخلاشقا يول قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇنداق قىلىش «بەك تىرىشىپ ئىشلەپ ھېرىپ كەتكەنلىك» دەپ قارىلىدىكەن دېگەن گەپ يالغان. مەن ياپونىيەدە تۆت يېرىم يىل تۇرۇپ كەلگەن. دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئۇخلاشقا بولىدۇ. خىزمەت ۋاقتىدا مۇمكىن ئەمەس.
ئارمىزدا چەتكە چىققانلارمۇ باكەن يارايسىز …. چەتكە چىققان تىرىشچان كىشلىرمىز تور خۇمارغا چىقىپ ئولتاماس
10. ياپونىيەدە يېڭىدىن تۇغۇلۇش نىسبىتى تۆۋەن بولغاچ، ئۇلار سېتىپ چىقىرىدىغان چوڭلار زاكىسى بالىلار زاكىسىدىن كۆپ.
بۇمىيىپلا زاكىسى ئوخشىمامدۇ؟ ھۇمەينەت مەخلۇقلا.
پاھ
دۇنيادىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن شىركەت ياپونىيەدە، بۇ شىركەت مىلادىيە 578-يىلىدىن باشلاپ 2006-يىلىغىچە تىجارەت قىلغان.
قايسى شىركەت ئۇ، ھەجەپ بىلگىم كىلۋاتىدۇ
يىلدا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 1500 قېتىم يەر تەۋرىسە مۇنداقچە ھېسابلىغاندا كۈندە نەچچە قېتىم يەر تەۋرەيدىكەندە. يا ئاللاھ ھېلىمۇ تىنىچ يەردە ياشاۋىتىپتىكەنمىز، كۆنەپ كېتىپتۇدە بۇ خەق