ھىندىستاندىكى بەش يىگىت، بىر قىزنى ئورتاق خوتۇن قىلىپ ئەمرىگە ئاپتىمىش…
ھىندىستانلىق 21 ياشلىق قىزچاق Rajo Verma شۇ يەرلىك بەش ئاكا-ئىنىگە تەگكەن بولۇپ، بىر ئائىلىدە 7 جان كىچىك بىر ئۆيدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. Verma يەنە ھەر كۈنى كەچتە بەلگىلەنگەن قائىدە بويىچە ئوخشىمىغان يولدىشى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويىدىكەن.
گەرچە، مۇشۇنداق تەرتىپلىك تۈزۈلگەن قائىدە بويىچە، ھەر كۈنى ئوخشىمىغان يولدىشى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ياش ئانا تېخى بىردىنبىر بالىسىنىڭ دادىسىنىڭ بۇ بەش قېرىنداش ئىچىدە كىم ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىكەن.
Guddu ئىسىملىك يولدىشىمۇ 21 ياش بولۇپ، ئۇ Rajo نىڭ بىرىنچى يولدىشى ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، گەرچە ئۇنىڭ باشقا قېرىنداشلىرى ئايالى بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇنىڭغا ئازراقمۇ ھەسەت قىلمايدىكەن، ئەكسىچە بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىنتايىن ئىناق-ئىتتىپاق، ئىجىل تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن(ئوۋ ماي گاد!)
بىر ئايال بەش ئەرنى كۈتۈش ئەمەلىيەتتە ئۇلار ياشاۋاتقان كەنتنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئايالى بىرىنچى يولدىشىغا تەگكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىغا ياتلىق بولۇشى كېرەككەن. Rajo تۇنجى يولدىشى Guddu غا تەگكەندىن كېيىن، Guddu نىڭ باشقا قېرىنداشلىرىمۇ ئۇنىڭ يولدىشىغا ئايلانغان، بۇلار 32 ياشلىق Bajju جان، 28 ياشلىق Sant Ram جان، 26 ياشلىق Gopal جان ھەمدە تېخى ئەمدى 18 ياشقا توشقان Dinesh جانلار ئىكەن. ئەمما Guddu ھىندىستان قانۇنى بويىچە ھېسابلىغاندا Rajo نىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق يولدىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
يېشى ئەڭ چوڭ Bajju نىڭ دېيىشىچە، ئۇ باشقا قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش Rajo نى ئۆز ئايالى قاتارىدا كۆرىدىكەن. ئەرلىرى شىمالدىكى Dehradun غا ئىشلىگىلى كەتكەندە Rajo ئۆيدە تاماق قىلىپ، ئۆيلەرنى تازىلاپ، 18 ئايلىق بولغان Jay نى باقىدىكەن.
Rajo نىڭ دېيىشىچە، بىر ئايال كۆپ ئەرلىك بولۇش شۇ جاينىڭ ئەنئەنىۋى قائىدە يوسۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئانىسى ئۈچ ئاكا-ئىنىگە تەگكەن ئىكەن، شۇڭا ئۇ ياتلىق بولىدىغان چېغىدىلا ئۆزىنىڭ كۆپ ئەرلىك بولۇشىنى بىلەتتىكەن. گەرچە دەسلىۋىدە ئازراق كۆنەلمىگەندەك ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بەش ئېرىگە ئوخشاش قاراپ تەڭ مۇئامىلە قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئايرىم يوتقان كۆرپىسى يوق بولۇپ، يەرگە گىلەم سېلىپ ياتىدىكەن. يەنە ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەينى چاغدا ئۇ ئۆزىنى دۇنيادىكى باشقا ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ مۇھەببەت ۋە غەمخورلۇققا ئېرىشكەن دەپ قاراپ كېلىۋېتىپتىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، خەۋەر، قىزلار، نىكاھ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: five-brothers-wife.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تورخۇمار كەچلىك خەۋەرلىرى – دۇنيادىكى بىز دىققەت قىلمايدىغان ھېلىقى كىچىك ھەقىقەتلەر(2)
- كېيىنكى يازما > چۈشنىمۇ بايقاپ كۆرگۈلۈك، ياپون ئالىملىرى ئىنسانلار چۈشىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئانالىز قىلغانلىقىنى جاكارلاپتۇمىش
- قانچىلىك ئالدىراش بولسىڭىزمۇ، بالدۇرراق ئۇخلاڭ
- يەنە بىر يۈرۈش قالتىس كىرىشتۈرۈلمە | 61 بۆلۈم ئايال چولپانلارنىڭ ھەرىكەتلىك فىلىملىرىنىڭ توپلانمىسى
- ياپونلارمۇ خېلى ئىجادكار خەلق، ياپونىيەدە ئىجاد قىلىنغان يەر ئاستى ئاپتوماتىك ۋېلىسپىت توختىتىش قۇرۇلمىسى
- يانفونغا بېرىلىپ كېتىش ھەقىقەتەن ياخشى ئىش ئەمەس، ئەمما…ناۋادا دۇنيادا يانفون مەۋجۇد بولمىسا ئەھۋال قانداق بولار؟
- 21-ئەسىرگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز! بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى يانفوندىن بېشىنى كۆتۈرمەيدۇ
- گىمناستىكىچى قىزچاق كالتەك توپ مەيدانىدا تۇنجى توپنى ئۆزگىچە باشلاپ قويۇپ دۇنياغا تونۇلۇپ كېتىپتۇ
- SpaceX Grasshopper راكېتاسى ئۆزىنىڭ رېكورتىنى يەنە يېڭىلاپتۇ
- ھەر بىر كىشى بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك 41 جۈملە پەلسەپىۋى ھېكمەت
- ئەتراپىمىزدىكى گۈزەل دەقىقىلەرنى بەلكىم پەقەت ۋاقىت ئىزىدا توختىغان چاغدىلا ھېس قىلالىشىمىز مۇمكىن
- [بىلىۋېلىڭ] پاسپورت ۋە ۋىزا دېگەن نېمە؟ پاسپورت بىلەن ۋىزىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
دىۋان!!!
تۆۋە دېيىىشتىن باشقىسى بىكار
ھىندىستانلىقلار شۇڭلاشقا قىز پەرزەنت كۆرۈشنى خالىمايدىكەندە؟!…ئۇلار ئادەم تىللىغاندا‹‹ئىلاھىم!!!بىر ئۆمۈر قىز تۇغۇپلا ئۆتۈپ كېتەرسەن!!!››دەپ تىللايدىكەن.بۇ ھىندىستاندىكى ئېغىزغا ئەڭ ئالغۇسىز سەت گەپ ئىمىش…
ئۆلمىسەك ھەرقىسىم ئىشلارنى ئاڭلايدىكەنمىز !
قانداق ئىش بوپكەتتى بۇ ………….
نۇمۇس قىلىشماي قىلىپ يۇرۇشكەن ئىشىنى ……….
ھىندىستاننىڭ «ئەرلەر دۆلىتى» دېگەن كىنوسى ئېسىمگە كېلىپ قالدى بۇنى كۆرۈپ، شۇ چاغدا قاتتىق غەزەبلەنگەن ھەم ئەجەبلەنگەن ئىكەنمەن. قارىغاندا بۇنداق ئىشلار ھىندىلاردا بولسا ئەجەبلەنمىسەكمۇ بولىدىغان ئوخشايدۇ.
مۇناپىق شاۋچىلا، ئىپلاس
بۇرۇن بىر زاڭزۇ ساۋاقدىشىم بولىدىغان. ئۇ ئىككى ئاكىسىنىڭ بىر ئايالى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەندە توۋا دەپ قالغان ئىدىم.
كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ
بىر ئەرنىڭ 5 خوتۇنى با دىسە ھېچقانداق تۇيۇلمىغان، ئەمدى بىر چوكاننىڭ 5 ئېرى با دىسەم بىر قىسىمىلا تۇيۇلدى دىسە، يەنە كېلىپ بەشى بىژ ئۆيدە، نۆۋەت بىلەن بىللە بولسا…. تۆۋە….
ئىمانسىزلا!!!
تۈركىيەنىڭ بىر كىنوسى بولىدىغان يەتتە ئەرلىك خوتون دەيدىغان
ھىندىستاننىڭ ئەرلەر دۆلىتى دىگەن كىنوسى رىئاللىقتا يۇز بېرىپتۇ مانا
تور خۇمارغا كىچىككىنە تەكلىپ، ھەركۈنى يوللانغان تىمىلار ئۈچتىن بەشكىچە بولسا ، ھەسەلنى كۆپ يىسە ئەمەن تىىيدۇ دەيدىغان گەپ بار ئاز بولسا ساز بولسا
قوللايمەن،
قوللايمەن.
مىنىڭچىمۇ تورخۇمار ‹ئاز بولسىمۇ ساز بولسۇن› دىگەن مىزان بويىچە (ئۆزەم تۈزىۋالغان مىزان) چۈچۈك تىمىلار بىلەن تورخۇمارلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ باشقا بىلوگلاردىن ئالاھىيدە پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ، تىما بەك كۆپ بولۇپ كەتسە سۈپىتىگە تەسىر يىتەرمىكىن دەپ ئەنسىرەيدىكەن ئادەم.
قالغىنىغا تورخۇمارلار بىر نىمە دىسۇن، بۇ پەقەت بىر تەكلىپ، ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولسام ئەيىپكە بۇيرۇماڭلار،
كۆپ بولسىمۇ تىما ياخشى بولسىلا بولدى ئازبۇلۇپ ساز بولمىسا تېخىمۇ بۇلمايدۇ مىنىڭچە ‹‹كۈندە مانچە تىما››دىمەي ياخشى تىما بولسا چەكلەنمىسە ياخشى تىما بولمىسا بولمىسا ‹‹بۇگۇن تىمايوللانماي قالدى››دەپ زورلاپ تەستىقلىنىپ كەتمىسە بۇمىنىڭ شەخسى كۆزقارشىم
بەك ئەخلاق سىزكەن.نۈمۇس
خاتالىقلارنىڭ ھەممىسى توغرا بولمىغان ئېتىقادتىن كېلىدۇ
ھايۋانمۇ جىنىدا جۇپتىنى كۇللەيدۇ،ماۋۇ مەينەت ھىندىلار ھەي توغرا بولمىغان ئىتىقاد مانا مۇشۇنداق مەينەت ئىشلارنى قىلغۇزىدۇ،ھۇ ئىمانسىز،لالمىلار…