ئالاھىدە تېلكامىرا مۇقۇملىغۇچ | ھوللىۋودتەك كىنو ئىشلەش ئەمدى تەس ئەمەس، كىنو دىگەننى يۈگۈرۈپ يۈرۈپ سۈرەتكە ئالىمىز!
يىقىندىن بېرى ئۇيغۇرلاردا مىكرو كىنو قىزغىنلىقى خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى. مەيلى كەسپى بولسۇن ياكى ھەۋەسكارلار بولسۇن، ياخشى چىققان بىرقانچە مىكرو كىنونى تورخۇماردا ئېلان قىلىپمۇ ئۈلگۈردۇق. چوڭ تىپتىكى كىنو شىركەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا مەزمۇن جەھەتتە چانمىسىمۇ، ئەمما مەبلەغ ۋە ئۈسكۈنە جەھەتتىكى پەرىق سەۋەب، سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسىدە يەنىلا خېلى پەرىق مەۋجۇت. ئۇنداقتا ئەڭ ئاددى ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئەڭ قالتىس ئۈنۈملەرنى ياراتقىلى بولامدۇ ؟
بەلكىم بولىشىمۇ مۈمكىن. بۇ دەل Freefly چىقارغان تېلكامىرا مۇقۇملاشتۇرغۇچ(جازا) ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدىغان بولۇپ، يۈگۈرگەن ۋە جىددى ئەھۋاللارنى سۈرەتكە ئالغاندىكى سىلكىنىشتىن كېلىپ چىققان سۈپەت بۇزۇلۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئۈسكۈنە گەۋدىسىمۇ ناھايتى كىچىك بولۇپ ئاران 3.5 قاداق كېلىدۇ. ئېلىپ يۈرۈشكە ۋە فىلىم سۈرەتكە ئېلىشكە ئېنتايىن قولايلىق. مۇقۇملاشتۇرغۇچ تۇتقۇشى ئارقىلىق بىۋاستە تېلكامېرا يۆنۈلىشىنى تىزگىنلىگىلى بولغاچقا، بىرلا ئادەم كۈچى بىلەن بارلىق سۈرەتكە ئېلىشنى(شۇ ۋاقىتتىكى) تاماملىغىلى بولىدۇ.
ئەلۋەتتە ئەڭ موھېم مەسىلە مۇقىملىق ئەمەس. ھوللىۋود كىنولىرىنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىش تېخنىكىسىدىنلا بۇ نۇقتىنى بىلىۋالالايمىز. مەزكۇر ئۈسكۈنىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقىنى يەنلا باھا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى دىيىشكە بولىشى مۈمكىن. ئادەتتە چوڭ شىركەتلەردىكى ئوخشاش ئۈسكۈنە تەنەرخى نەچچە ئون مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن نەچچە يۈز مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولىدۇ. ئۆزى ئەپلىك بۇ مەھسۇلات گەرچە ئالاھىدە ئەرزان بولمىسىمۇ، كەسپى ساھەدىكى ئۈسكۈنە باھاسىدىن خېلى پەرىقلىق بولۇپ، بازار باھاسى 15000 ئامېرىكا دوللىرى(مەھسۇلات نامى MōVI). مېنىڭچە بولسا، شارائېت يار بەرسە ھەۋەسكارلىرىمىز پاركور دىگەندەك كۆرۈنۈشلەرنى مۇشۇ ئۈسكۈنە ئارقىلىق سۈرەتكە ئالسا ئۈنىمى ئالاھېدە چىقىشى مۈمكىن.
MōVI تېلكامىرا مۇقۇملاشتۇرغۇچىسى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: فىلىم، كامېرا، كىنو، ھوللىۋود
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: movim10-camera-stabilizer.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئىرقى كەمسىتىشكە قارشى مەنىدە ئىشلەنگەن فىرانسىيەنىڭ قىسقا كارتون فىلىمى – سىرلىق سۇناي
- كېيىنكى يازما > بۇ پەسىللىك Walking Dead دىن كېيىنكى يەنە بىر ئېسىل مۇردا فىلىمى (قىسقا فىلىم) | CARGO
- «يەرشارى فىلىم ئېكىسكۇرسىيىسى 2013» – توردىكى ئۇنۋېرسال كۆرۈنۈشلەرنىڭ كىرىشتۈرۈلمىسى، قالتىس چىقىپتۇ
- ھەزىللەشتۈرۈلگەن COD پۇرىقىدىكى «مارىيو جېڭى» فىلىمى، ئۈنۈملىرى خۇددى چوڭ كىنولاردىكىدەكلا چىقىپتۇ
- سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرى ئىشلىگەن قورقۇنچلۇق مىكرو فىلىم: سايە
- يەنە بىر يۈرۈش قالتىس كىرىشتۈرۈلمە | 61 بۆلۈم ئايال چولپانلارنىڭ ھەرىكەتلىك فىلىملىرىنىڭ توپلانمىسى
- كىنو-فىلىملەردىكى قايسى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ تويۇپ قالدىڭىز؟
- كىچىكىمىزدە كۆرۈپ قانمايدىغان گۇمپا چولپانلىرىنىڭ كىنولىرىدىكى ماھارەت توپلىمى، قايسى كىنولارنى كۆرۈپتىكەنسىز؟
- تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كاتتا ئىشلەنگەن مۇردا فىلىمى – مۇردىلار دۇنياسىدىكى جەڭ(World War Z) نىڭ CG ئىشلىنىش تەپسىلاتى
- بىز X1 Parkour گۇرۇپپىسىنىڭ 3 يىل جەريانىدا چىقارغان پاركور فىلىملىرىمىز…
- [ئۇيغۇرچە خەتلىك] كىشىنى ئويغا سالىدىغان قىسقا فىلىم – نۆلنىڭ ھاياتى(Zero)
- فانتازىيەلىك قىسقا فىلىم «جانباز ماشىنا ئادەم»
ئالامەت….
لىكىن ما ئالامەت ياىشى نەرسىكە
ئاللا ئاللا ….
ما خەقلەرنىڭ چوقىسى 2 موچەنلىك ئىشلەپ قويىدىكەن
ئالا شەرىڭنى كۆرمەي تەرىڭنى ، بىزلەرمۇ كىنو – پىنو ئىشلەيدىغان ۋاقىتلار كەپ قالغانتى …
كىنو ئىشلىمىگەن شۇ تورخۇمار بىلەن مەن قالدۇق دىسە ..
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا نوكىيا 920 نىڭمۇ مۇشۇنداق ئىقتىدارلىرى بارمىش. يەنە ئاڭلاشلارغا قارىغاندا پېقىر ئارسلان 107 مۇشۇ تىلىغۇن توغۇرلۇق تورخۇمارغا تىما يوللاپتىمىش . يەنە ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تورخۇمار بۇ تېمىنى قۇبۇللىيالمىدىمۇ ياكى تەسقىقلاشقا بولمىدمۇ پىقىرغا ھېچ ئۇچۇر بەرمەي ياكى ئىلان قىلماي سۈكۈتتە تۇرارمىش .
يەنە ئاڭلاشلارغا قارىغاندا پېقىر ۋىروس بۇ يازمىنى جىددى تەھرىرلەۋاتقان بولۇپ، پات يېقىندا ئېلان قىلماقچى بولىۋېتىپتىمىش …
يەنە ئاڭلاشلارغا قارىغاندا پىقىر خۇشال ، ئارىسلان 107 نىڭ تىلفۇن توغۇرلۇق يوللىغان تىمىسىنىڭ تىزراق نەخ مەيدانغا چىقىشىنى توت كۆزى بىلەن كۈتكەنمىش ، يەنە دىۋانغا ئولتۇرۋىلىشنى پىلانلىغانمىش ….
يەنە ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، خۇشالنىڭ نوكىيا توغرىلىق يازمىدىكى دىۋاننى تارتقۇزۇپ قويۇپ دىۋاندا ئولتۇرۇش خىيالى پۈچەككە ئايلىنىپتىمىش !!!
ئۈزى كىچىك بولغانبىلەن باھاسى خىلى بەكەن كاساپەتنىڭ
قورقۇنۇشلۇق فىلىملەرنى ئىشلەش ئەڭ ئاسان ! پىرسۇناژلىرى ئاز ، ئەسكى تاملىق بولسىلا بولدى ، ئايفۇن ئېلىپ ھەپتە بولمايلا قورقۇنۇشلۇق سىن ئالماقچى بولغان لىكىن بۇ كاساپەت تېلفۇننىڭ سىنغا ئېلىشتا ۋاقىتلىق توختاتقىلى بولمايدىكەن ……
سۈپەتلىك ئېلان، MTV ، توي فىلىم ئىشلەيمە دەيدىغانلار ئەپ قويسا بولىدىكەن.
لىكىن فىلىم ئاخىرىدىكى غالتەكلىك ئاياق كىيىپ تاكسىغا چىققان قىزنى سۈرەتكە ئالغان ئوپىراتور قارىنىڭ سىن ئېلىش ماھارىتى ھەقىقەتەن ياخشىكەن.
ما !تورنى قانداق قىلسام بولا!!!
تۈنۈگۈن كىرىپ قويسام ما بەتكە . ئەمدى ئاران ئېچىلغىنىنى. يەنە ئولتادىم سۇپىدا!!!!!
بۇ ھەقىقەتەن ئەپلىككەن . لىكىن سىن ئىلىش ماھارىتى يۇقىرى بولمىسا كامىرا بۇلۇڭى ۋە سۇرەتكە تارتىش چوڭ كىچىكلىكى دىگننى كامىرا تۇتقۇچى كۆرۈپ تۇرۇپ ياخشى ئالمىسا بولمايدۇ .
بۇ ئۈسىكىنە راستىنلا ئېسىلكەن.
ئۈستىدىكى gif رەسىمگە بىردەم قارىسا ئادەمنىڭ كۆزى ئاغىرىپ كىتىدىكەن.
ھەقىقەتەن قوللىنىشچانلىققا ئىگە قورال ئىكەن !
بىژنى ئېپ قويسام بۇلامدۇ نىمە ؟!
15000مىڭ ئامرىكا دوللىرىمىكەن بۇ گۇي.پۇلىسىمۇ ئەزان ئەمەسكەن ،15كوي ياكى 150 كوي بولغان بولسا مەنمۇ بىرنى ئاپ قوياتتىمدە.