ئىرقى كەمسىتىشكە قارشى مەنىدە ئىشلەنگەن فىرانسىيەنىڭ قىسقا كارتون فىلىمى – سىرلىق سۇناي
30-يىللاردىكى نيۇيورك، ئىرقى كەمسىتىش خاھىشى كۈچلۈك ساتىراش ھاررىي، كەيپىياتى ئانچە ياخشى ئەمەس بىر كۈنى تاساددىپىي ھالدا بىر سىرلىق ھەم سېھىلىك سۇناي تېپىۋالىدۇ، ھالبۇكى بۇ كىچىك سۇناي ئۇنىڭ رادىكال قاراشلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ھاررىينىڭ خاراكتېرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى فىلىمدىكى بىر قىسىم تەپسىلاتلار(دەرىزە)دىنمۇ كۆرۈۋېلىشقۇ بولىدۇ. سۇنايدىن چىققان مۇزىكا بولسا، فىرانسىيە جاز مۇزىكانتى Jean Christophe Mentzer نىڭ ئەسىرى.
سىرلىق سۇناي
مۇناسىۋەتلىك بىر يۇمۇر:
ئىككى شىنجاڭلىق نيۇيورك شەھىرىنىڭ كوچىسىدا ئايلىنىپ يۈرسە تۇيۇقسىز يان تەرەپتىكى بىنانىڭ 3-قەۋىتىدىكى بالىلار يەسلىسىگە ئوت كېتىپتۇ.
-مەمىتاخۇن، بىزمۇ خەلقئارالىق قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ باقمايلىما؟
-بولىدۇ، سەمىتاخۇن ئەمىسە سىلى بىناغا چىقىپ ھايات قالغان بالىلارنى تاشلاڭلار، مەن پەستە تۇرۇپ تۇتىۋالاي.
مەمىتاخۇن بىرىنچى بالىنى تۇتۇۋېلىپ يەرگە قويۇپتۇ، ئىككىنچى بالىنىمۇ ئاستا يەرگە قويۇپتۇ، ئۈچىنچى بالا بىر نېگىر بالىكەن، مەمىتاخۇن ئۇنى كۆتۈرۈپلا تاشلىۋېتىپتۇ.
-مەمىتاخۇن، نېمە قىغىنىڭلا بۇ، ئا بالىنى تاشلىۋەتتىڭلىيا؟
– ھە، ئۇ بالا كۆيۈپ بوپتۇ
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: دۇنيا، كارتون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,801 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: swing-of-change.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > چۈجە ناخشىسى – چېكىلىشى ئالاھىدە يۇقىرى سېرىق چۈجە مارشى! ئاڭلاۋەرسىڭىز ئەگىشىپ غىڭشىيدىغان بولۇپ قالىسىز
- كېيىنكى يازما > ئالاھىدە تېلكامىرا مۇقۇملىغۇچ | ھوللىۋودتەك كىنو ئىشلەش ئەمدى تەس ئەمەس، كىنو دىگەننى يۈگۈرۈپ يۈرۈپ سۈرەتكە ئالىمىز!
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- مۇھەببەت ھەققىدىكى تەسىرلىك قىسقا فىلىم – سوۋغا
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
- كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان كارتون فىلىم – باتارىيە ئالماشتۇرۇش
- Pixar لوگوسىدىكى كىچىك چىراقنىڭ قاتىللىق ئەنزىسى
- Nike ئەڭ يېڭى پۇتبول كارتون ئېلانى! فەچەتلىكتە دوستسىز قالغان ئېلان بوپتۇ بۇ!
- كىم جوڭئۇن كۆرۈشنى خالىمايدىغان چاۋشىيەن ساياھەت خاتىرىلىرى
- ئىرانلىق فوتوگرافنىڭ كامېراسىدىكى ئىران: رەھىمسىز دۇنيانىڭ يەنە بىر خىل قىياپىتى
- 2014-يىللىق ئوسكارغا ئېرىشكەن قىسقا كارتون – ھابلوت ئەپەندى
يېڭى google chrome، يېڭى دىۋان.
ما ئاستىدىكى يۇمۇر ئالامەت قىززىقكە قۇمۇ ……
ياخشى تىمىكەن. داۋاملىق مۇشۇنداق تىمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭلار يەنە يۇمۇرمۇ بار
ئاستىدىكى يۇمۇر ئالامەتكەن جۇمۇ…
ئاستىدىكى يۇمۇرنى ياقتۇردۇم
تۇلۇقسىزدا ئازراق ئىنگىلىز تىلى ئۈگەنگەن.ئۈگەنگەن نەرسە ھامان ئەسقاتىدىكەن.white only دېگەن خەتنى كۆرۈپ ھەممىنى چۈشەندىم.ياخشى سىنكەن.
مەزمۇنى قىسقا ، ھەم چۈشىنىشلىككەن…
مەزمۇنلۇق فىلىمكەن.
ئا ئاستىدىكى يۇمۇرمۇ ئاجايىپ كەپتۇ.
بىر زامانلار ئامىرىكىدا قاتتىق ئېغىر ئىدى ھە بۇ ئىشلار . مانا ھازىر ئاشۇ ئاقپىشماقلارنىڭ تەڭدىن تولىسى بەزى قارا بولكىلار ئۈچۈن ئۆلگىدەك بولۇشۇپ يۈرىيدۇ . توۋا ، ھىچبىر بەندىسىنى پەس قىلمايدۇ ئاللاھ ئىگەم !
شۇڭا ھىچكىم ئۆزىنى تەمەننا كەمىرىدە بۇغۇپ يۈرمىگەي !
توغرا توغرا