فانتازىيەلىك قىسقا فىلىم «جانباز ماشىنا ئادەم»
فىلىمنىڭ ئەسلى ئىسمى «ماشىنا ئادىمىڭىزنى قانداق چېنىقتۇرىسىز؟(HOW TO TRAIN YOUR ROBOT)» بولۇپ، مەن بازاردىكى ساختا پلاستىنكىچىلاردەك تاغتۇرا ئىسىمدىن بىرنى قويۇپلاۋەتتىم. نېمىلا دېمىگەن بىلەن ئولتۇرغان ھەقاسىمىزنىڭ چېنىقتۇرىدىغان ماشىنا ئادىمىمىز…ياق، چېنىقتۇرۇش بىر ياقتا تۇرسۇن، ماشىنا ئادىمىمىزمۇ يوققۇ دەيمەن؟ ماشىنا ئادەم؟! مېنىڭ تېخى ماشىناممۇ يوق………..
HOW TO TRAIN YOUR ROBOT بولسا، Platige Academy ئىنستىتۇتېدىكى ئوقۇغۇچىلار ياساپ چىققان فىلىم بولۇپ، ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكى بىر ئادەم بىلەن ماشىنا ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى جانبازلىق مەشىقىگە چېتىلىدۇ. 3D كۆرۈنۈشلەر CG شەكلىدە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، تېخىمۇ جانلىق ئۈنۈمدە پۈتۈپ چىققان. بىر ئاددىي ئۆينىڭ ئىچى، ھەيۋەتلىك تەگمۇزىكا، تولۇق بولغان ۋەقەلىك راۋاجى، بىر قىسىم 3D كۆرۈنۈشلەر ۋە رېئاللىق بىرلەشتۈرۈلۈپ مۇنەۋۋەر بىر ئەسەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
HOW TO TRAIN YOUR ROBOT
ئەلۋەتتە، ناۋادا سىز بىر كىنو مەستانىسى بولسىڭىز، ئۇنداقتا يۇقارقى قىسقا فىلىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر چوڭ تىپتىكى ھوللىۋود فانتازىيە فىلىمى ئېسىڭىزگە كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق. مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىلھامى Real Steel ناملىق كىنودىن كەلگەن. شۇڭا ۋەقەلىكمۇ ئازراق ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ناۋادا Real Steel نى تېخى كۆرمىگەن بولسىڭىز: مەرھەمەت
قىسقا فىلىمنىڭ ئىشلىنىش جەريانى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: CG، فىلىم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,802 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 06-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: how-to-train-your-robot.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئاپتوبۇس بېكىتىدىكى Photoshop؟ بۇنداق تەشۋىقات ئۈنۈمىنىڭ رولى قالتىس بولغۇدەك!
- كېيىنكى يازما > پىچاق ئوينىتىدىغان بۇ سولتەكنىڭ ماھارىتى ئاللىقاچان بىر دەرىجىگە يېتىپتۇ، سۈرئەت دېگەن باركەن ئەمەسمۇ؟!
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- روسىيەلىك تورداشلارنىڭ كىرىشتۈرۈپ چىققان 1-شەخس ئۈنۈمىدىكى قوراللىق ئېتىشىش فىلىم -Hardcore
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- قورقۇنچلۇق ھەمدە ئۆزگىچە خاتىمىگە ئىگە قىسقا فىلىم – ۋەھىمىلىك ساتىراشخانا
- 160 كىنو-فىلىمدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ توپلانمىسى
- «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 11: يۇقىرى دەرىجىلىك جەڭ» نىڭ تۇنجى تەشۋىق فىلىمى ئاشكارىلاندى
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
- خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى – خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ دۇنياغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ
دىۋان چايان ھە!
دەششەت مۇشتلىشىپ قويدىكەنغۇ بۇ ئىككىسى ئامما ماڭا تەڭ كەپ بولامىغۇدەك
مىنىڭ ئاشۇنداق بىر ماشىنا ئادىمىم بولغان بولسا 367 كۈن سىنىپىمنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ قوياتتىمدە … ئۇ چاغدا مۇئەللىملەر ئاياق باسمايتتى….
بىرىنجى قائىدە ماشىنا ئادىمىڭىزدىن يىراقراق تۇرۇپ چىنىق تۇرۇڭ بولمىسا ئاشتا بولسىز
ئۇ چاغدا سىنىپ مۇدىرىمىزنى ماشىنا ئادىمىمنى چېنىقتۇرۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمەندە
فىلىمنى پېچەت ئىشلەپ قويۇپتۇ، ئەمما لىكىن بىراق فىلىم بەكلا قىسقا بوپ قاپتۇ. مۇشۇنداق ماشىنا ئادەملەرنى ياساپ بازارغا سالسا مائاش كارتامنى بانكىغا قويۇپ بىرنى ئەپ باللا بىلەن مۇشلاشقا سەپ كەتسەك…
ئۇنداقتا خەقنىڭ باللىرى بىرگە ئىككىنى قۇشۇپ سېتىۋالا ….
ما تۈمۈيدىن بىينى ياساپ باقايمىكى مەنمۇ ھې ھې ھې…
فىلىمنى بىزگە ئوخشاش كچىك ئوقۇغۇچى باللا ئشلەپتۇ ،ناھايتى ياشىى چىقىپتۇ. بىزمۇ مۇشۇنداق قىسقا رىئال ئارلاشقان 3د فىلىم ئشلىمەكچى، كەلگۈسىدە تورخۇماردا ئۇچۇرشۇپ قالامدۇق تېخى.. چاقچاق ئەمەس جۇمۇ،،،ھى ھى.
ھەي ھەي بەك يېقىن بېرىۋالدىڭ دەۋاتسام كىتىپارىدا