بۇ پەسىللىك Walking Dead دىن كېيىنكى يەنە بىر ئېسىل مۇردا فىلىمى (قىسقا فىلىم) | CARGO
تېخى يېقىندىلا Walking Dead نى كۆرۈپ تۈگەتتۇق(ئۈچىنچى بۆلۈم). جەسەتخۇمارلارنىڭ يېڭى بۆلۈمنى يەنە نەچچە ئاي ساقلاشقا تاقىتى بارمىكى بىلمىدىم. Walking Dead تىن كېيىنكى مۇردا فىلىملىرىدىن، ئالتىنچى ئايدا قويۇلىدىغان World War Z بار. ئەمما ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان تەپسىلاتلىرىدىن، مەزكۇر كىنودا مۇردىلار ئۇنچە مىجىما ئەمەستەك قىلىدۇ. تەشۋىق فىلىملىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ قىسسىدە بايان قىلىنغان تىرىك مۇردىلاردىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۇنچە ئەمەس بولۇپ، فىلىم ناھايتى جىددى تۈس ئالغان.
ئەلۋەتتە بۈگۈنكى يازمىمىز World War Z ھەققىدە ئەمەس. بۈگۈن سىلەرگە تولىمۇ مۇلايىم، ۋاپادار بىر مۇردا ئاتىنىڭ ھېكايىسىنى سۇنىمەن. فىلىم ئاران يەتتە مىنۇتلۇق بولۇپ، بۇ يەتتە مىنۇتتا سىزنى پۈتۈن بىر 40 مىنۇتلۇق فىلىمدىمۇ تەسۋىرلەپ بولالمىغۇدەك تەسىرلىك ھېكايىنى بايان قىلىدۇ.
فىلىم ۋەقەلىكى بىر ئائېلە كىشىلىرىنىڭ بىر قېتىملىق ماشىنا ۋەقەسىدىن كىيىنكى ئويغىنىشىدىن باشلىنىدۇ، ئانا ئاللىقاچان ۋىروسلانغان بولۇپ تىرىك مۇردىغا ئايلانغان. بالىنىڭ دادىسىمۇ مىكىروپلانغان بولۇپ، ھېچ بولمىسا ھازىرچە ساق سالامەت. ئۆزىنىڭمۇ ھامان تىرىك مۇردىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلگەن دادا، بالىسىنى ئۆزىدىن قوغداش ھەم ساق-سالامەت ئىنسانلار ئارىسىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۆلۈمى بەدىلىگە بالىسىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. بۇ ئاتىنىڭ بالىسىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشتا قوللانغان تەدبىرى ناھايتى قالتىس بولۇپ، كۆرگەن ھەر بىرىمىزنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تەسىرلىك، فىلىم، قالتىس، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 10-كۈنى
- يازما مەنزىلى: cargo.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئالاھىدە تېلكامىرا مۇقۇملىغۇچ | ھوللىۋودتەك كىنو ئىشلەش ئەمدى تەس ئەمەس، كىنو دىگەننى يۈگۈرۈپ يۈرۈپ سۈرەتكە ئالىمىز!
- كېيىنكى يازما > 2013-يىللىق يەرشارىدىكى قاتىل پاركورچىلارنىڭ ماھارەت توپلىمى | دوراپ سالماڭ، كومپيۇتېردا كىرىشتۈرىۋالسىڭىز باشقا گەپ
- «يەرشارى فىلىم ئېكىسكۇرسىيىسى 2013» – توردىكى ئۇنۋېرسال كۆرۈنۈشلەرنىڭ كىرىشتۈرۈلمىسى، قالتىس چىقىپتۇ
- ھەزىللەشتۈرۈلگەن COD پۇرىقىدىكى «مارىيو جېڭى» فىلىمى، ئۈنۈملىرى خۇددى چوڭ كىنولاردىكىدەكلا چىقىپتۇ
- سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرى ئىشلىگەن قورقۇنچلۇق مىكرو فىلىم: سايە
- يەنە بىر يۈرۈش قالتىس كىرىشتۈرۈلمە | 61 بۆلۈم ئايال چولپانلارنىڭ ھەرىكەتلىك فىلىملىرىنىڭ توپلانمىسى
- كىنو-فىلىملەردىكى قايسى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ تويۇپ قالدىڭىز؟
- گىمناستىكىچى قىزچاق كالتەك توپ مەيدانىدا تۇنجى توپنى ئۆزگىچە باشلاپ قويۇپ دۇنياغا تونۇلۇپ كېتىپتۇ
- كىچىكىمىزدە كۆرۈپ قانمايدىغان گۇمپا چولپانلىرىنىڭ كىنولىرىدىكى ماھارەت توپلىمى، قايسى كىنولارنى كۆرۈپتىكەنسىز؟
- تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كاتتا ئىشلەنگەن مۇردا فىلىمى – مۇردىلار دۇنياسىدىكى جەڭ(World War Z) نىڭ CG ئىشلىنىش تەپسىلاتى
- بىز X1 Parkour گۇرۇپپىسىنىڭ 3 يىل جەريانىدا چىقارغان پاركور فىلىملىرىمىز…
- [ئۇيغۇرچە خەتلىك] كىشىنى ئويغا سالىدىغان قىسقا فىلىم – نۆلنىڭ ھاياتى(Zero)
دىۋان!!!!!!
بۇ ئۆمرۈمدە ماڭىمۇ دىۋان نىسىب بولىدىكەن ھە … باشقىلار قىستىۋەتمىسۇن دەپ بەتنى يېڭىلاپلا دىۋان دىيىشكە ئاران ئۈلگۈرۈپتىمەن…
بۇ فىلىمنىڭ ئىسمى نىمە؟
توللۇقى چىققۇچە خېلى ساقلايدىكەنمىزدە….
تولىقى يوق، قىسقا فىلىم بۇ …
ھەققەتەن بەك تەسىرلىككەن،
مۇشۇ يېقىندا كۆرگەن فىلىملەر ئىچىدە ئەڭ يارىغىنى بولدى. فىلىمدىن Lost بىلەن Walking Dead نىڭ پۇرىقىنى تاپالىدىم. Good تىن بىرنى بېسىۋەتتىم
ھەقىقەتەن تەسىرلىككەن….
ئاۋۇ دادىنىڭ ئەر كۆك خالتىغا سېلىۋالغىنىنىڭ نېمىلىكىنى ئۇقالمىدىم… ئىككى قېتىم كۆردۈم بولمىسا…
سېلىۋالغىنى گۆش. گۆشنى تاياق بىلەن ئالدىغا ئېسىۋېلىپ قولىنى باغلىۋالغان. بۇنىڭ بىلەن ئەر مۇردىغا ئايلانغاندىن كېيىن ئالدىدىكى گۆش ھېدىگە قاراپ مېڭىۋېرىدۇ ۋە بالىنى ھامىنى ئىنسانلار بار تەرەپلە ئېلىپ بارىدۇ.
يۈرەكنىڭ چوڭلىقىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۆتكۈزۈپ كۆردۈم ،
موردىلارنى راسىت مەۋجۇت دەيدىغۇ ، راسىتمىدۇ ؟
راسىت .
نىمە دىيىشنى بىلەلمىدىم !
ئانىلارلا ئەمەس، ئاتىلارمۇ قاتتىق ئۇلۇغ .
لىكىن تولىمۇ دانا ، قەيسەر بىر ئاتىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپتۇ !
توغرا ئېيىتتىڭىز.
مۇشۇ كەمگىچە خېلى كۆپ مۇردىلارنىڭ كىنوسىنى كۆرۈپتىمە، جاھاندا ياخشى نىيەتلىك ۋىروسلار بولغاندەك ياخشى نىيەتلىك مۇردىلارنىمۇ كۆردىكەنمىز دىسە (گەرچە مۇردىغا ئايلىنىشتىن بۇرۇن تەييارلىق قىلۋالغان بولسىمۇ)
مەن بىر مەشھۇر جەسەتخۇمار، شۇنداقلا بىر دادا …«تىرىك مۇردىلار» نىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، كىنو كۆرۈشتە تەتىل بولۇپ كەتتىم، ماۋۇ كىنو باشقىچە تۈستە ئىشلىنىپتۇ… كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك.
@ھۆرقىز
ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ئەپقاشتى پاراڭلار بار، لېكىن ئىسپات يوق. مەن بۇ ھەقتە خىلى ماتېىريال ئاقتۇرغان، ئەلۋەتتە بار دەپ گۇمان قىلغانلىقىمدىن ئەمەس، مۇشۇ تۈردىكى كىنولارنىڭ بارلىققا كېلىش ئارقا كۆرۈنۈشىنى بېلىپ بېقىش ئۈچۈن.
بۇ ئەسلى لاتىن ئامېرىكسىدىكى يەرلىكلەرنىڭ بىرخىل بىدئەت قاراشلىرىدىن كەلگەن ئىكەن، كېينكى دەۋرلەردە بولسا كىشلەرنىڭ ئۇقۇمىدىكى بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبىيى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بىيۇلوگىيىلىك قۇراللارنى تەرەققىي قىلدۇرىشى بولۇپ قاپتۇ. يەنى بەزىلەر شۇنداق ۋىرۇسنى ياساپ چىقىپ بالايى-ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن …دېگەندەك تەشۋىشلەر.
بېلىشىمچە، كۆپىنچە دىۋان تالىشىپ، سەپرالىق قىلىدىغانلاردا بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئالامىتى بارمىش…
ئەسلى مۇنداقكەندە ، .ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ مەنبەسى تۇرمۇشتىن كىلىدۇ دە ئۆگەنگەنتۇققۇ ، دىمەك مۇشۇنىڭغا ئائىت رىۋايەتلەر بولغاچقىلا باشقىلار مۇشۇ تۈردىكى كىنولارنى ئىشلەپ بازار تاپقانكەندە .
بىئو خىمىيە كىرزىسى بىلەن مەن ئەپسانە دىگەن كىنولارنى كۆرۈپلا بىر كۈنلەردە شۇنداق بولۇپ قالسا نەگە قاچارمەن دەپ ئويلاپ كەتكەنتىم …..
راسلا تەسىرلىك كىنوكەن، مۇشۇنداق كىنولارنى كۆرەۋىرىپ بىر كۈنلەرگە كەلگەندە راستىنلا شۇنداق ئىش يۇز بىرىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدى، .
ھەققەتەن تەسىرلىك ئىشلەنگەن قىسقا فېلىم .
‹‹تىرىك مۇردىلار ››نىڭ 4بۆلۈمىگە ئېشتەي ساقلاۋاتمەن ،ئۇ چىققۇچە كۆرۈپ تۇرغۇدەك توردا تاپقۇلى بولغۇدەك قېسىملىق كېنۇدىن بىرنەچچىنى تەۋسىيە قىلىڭلا ،تۈركىيەنىڭكىنى ئەمەس ،كوريەنىڭكىدىنمۇ ئەمەس ،يولداشلانىڭكىدىنمۇ ئەمەس .
Hero`s نى كۆرۈپ بولغان بولسىڭىز قايتا كۆرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ جۇمۇ…
ئاران كەلدىميا ماۋۇ تىمىغا بۈگۈن
Walking dead نىڭ 4. بۆلۈمى قاچان چىقا ئەمدى؟ ھەر قېتىم يېڭى قىسىم چىقىپ بولغۇچە تاقەت تاق بولاتتى…
ئەڭ بۇرۇن دېگەندىمۇ 10 -ئايدا دەسلەپكى قىسىملىرى چىقىشى مۇمكىن، بولمىسا يېڭى يىلدا چىقىدۇ.
يىقىندىن بۇيان مۇشۇنداق موردا فىلىملىرىنى ئىشلەش مودا بوپ قالدىمۇ، يامان كۆپىيىپ كەتتى، تىخنىكىلىق ئاساسى بارمىدۇ، ؟ ۋە ياكى خىيالى ئىشلەپ قويغان نەرسىمىدۇ.
ئەتە كۇرەييا .كىچىچە ئۇيقۇم كەلمىگۈدەي
ئوغۇلبالا ئەركەك …
راسلا تەسىرلىك كىنوكەن، مۇشۇنداق كىنولارنى كۆرەۋىرىپ بىر كۈنلەرگە كەلگەندە راستىنلا شۇنداق ئىش يۇز بىرىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدى،