دىنوزاۋرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى دەپ كىم دەيدۇ؟ ئىشەنمىسەڭلار «ھويلىمىزدا باققان دىنوزاۋر»نى كۆرۈپ بېقىڭلار!
دىنوزاۋرلار بۈگۈنكى قەدەر يەرشارىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ھايۋانلار تۈرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، بىراق رەھىمسىز رېئاللىق بۇ ھۆكۈمراننى نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا يەر يۈزىدىن سۈپۈرۈپ تاشلىغان ئىدى. ئەمما يېقىندا بىرەيلەن ئۆز ھويلىسىدا بېقىۋاتقان دىنوزاۋرنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، چوڭلىقى ئاتچىلىك كېلىدىغان بۇ مەخلۇق ئەسلىدە شىنجاڭدا پاناھلىنىپ يۈرۈۋېتىپتىكەن!!!
يەنە بىر قېتىم ماۋزۇ ئويناپ قويدۇق، ھاھاھا! بىراق تۆۋەندە كۆرمەكچى بولغىنىمىز ھەقىقەتەن دىنوزاۋرغا ئائىت كۆرۈنۈش بولۇپ، فىلىم رىۋايەت كارتون ستۇدېيىسى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «ھويلىمىزدا باققان دىنوزاۋر» ناملىق مەشىق ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كۆرۈنۈش Canon ماركىلىق فوتو ئاپېراتتا سۈرەتكە ئېلىنگەن، دىنوزاۋر سۈرەتكە ئېلىنىشتىن بۇرۇن 3DMax تا ئىشلەپ پۈتكەندىن كېيىن، ئاخىرقى خىزمەتلەر After Effects، AUDITION ۋە Photoshop قاتارلىقلارنىڭ ياردىمىدە پۈتكەن.
فىلىم گەرچە قىسقىغىنە بىر مىنۇت ۋە 3D ئۈنۈمى خەلقئارا سەۋىيەگە يەتمىسىمۇ، بىراق ئومۇمى جەھەتتىن ياخشى چىققان دەپ قاراشقا بولىدۇ، بولۇپمۇ كامېرانىڭ جىددى يېقىنلىتىش ئۈنۈمى ۋە دىنوزاۋرچاقنىڭ داسنى تېپىۋەتكەن كۆرۈنۈشى ئومۇمىي فىلىمگە تېخىمۇ چىنلىق ئاتا قىپتۇ، رىۋايەت ستۇدېيىسىنىڭ يەنە نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ سۇنۇشىغا تىلەكداشمەن!
رىۋايەت ستۇدېيىسىنىڭ مەنزىلى: http://rivayat.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D كارتون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,582 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: rivayat-dinosaur-video.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كىشىنىڭ قەلبىنى زىل-زىلىگە سالىدىغان بىر سىن : ناۋادا يادرو ئۇرۇشى راستىنلا پارتىلاپ قالسا…
- كېيىنكى يازما > ADIDAS نىڭ يېڭى مەھسۇلاتىنىڭ نەقمەيدان 3D ئېلانى!! پەستىكىلەرنىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا قاپتۇ!!!
- يېقىندا كۆرگەن ھەم ياقتۇرغان بىر قىسىم قىسقا كارتون فىلىملەر
- مۇكاپاتقا ئېرىشكەن دوستلۇق ھەققىدىكى تەسىرلىك كارتون فىلىم – قەيسەر يىگىتلەر
- 2013-يىلى قويۇلىدىغان يەنە بىر نادىر كارتون فىلىم – «شەرمەندىلەر 2» نىڭ تەشۋىق فىلىمى!
- كرۇدىس جەمەتى (2013) | كىشىنى تەقەززا قىلىدىغان يەنە بىر فەچەت كارتون فىلىم
- يامغۇرلۇق بىر كۈنى بىر موماي تاللا بازىرىغا كىرىپتۇ ۋە بىر نەرسە ئېلىپ يولىغا راۋان بوپتۇ، ئەمما …..
- فرانسىيەدىكى ئىككى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى ئىشلەپ چىققان كارتون – تۈلكە پەرىشتە
- قىزىقارلىق ئىشلەنگەن 3D كارتون فىلىم – in The Rough | ئىپتىدائىي ئادەم خوتۇنى بىلەن سوقۇشۇپ قالغاندىن كېيىن…
- «ئۇزۇن چاچلىق مەلىكە» فىلىمىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدىن ئارىيە(قىزىقارلىق)
- سىز كۆرۈپ باقمىغان يەنە بىر مەيدان جەڭ – خاسىيەتلىك ئادەم VS يېشىل گىگانت ئادەم
- رىۋايەتلەردىكى ناگا پالۋان «جانباز مۈشۈكئېيىق2» ئاخىرى Windows 7 گىمۇ باستۇرۇپ كەپتۇ…
مەن دىۋاندا
مۇشۇ 3DMax دىگەن خۇمپەر بەك تەسمۇ نىمە؟مەن خېلى ھەپىلىشىپمۇ تازا بىلىپ بۇلالمىدىم.
بارىكالا!!!!! ئەزىمەتلەر مەن تىخى بۇنداق فىلىملەرنى چەتئەل لىكلەرلا ئىشلىيەلەيدۇ دەپ خاتالىشىپتىمەن ،
ھەي ئاغىنىلەر دىۋان دەپلا يۇرماي ماختاپ قويۇڭلا مانداغ
مەن بەك خۇشال بولدۇم جۇما
يامانلىغى ئا ئاداشنىڭ قوقماي دىنازاۋىرنى قوغلاپ يۇرىدا ھ ھ ھ ھ
تۈنۈگۈن بىر كۈن ساقلاپ يىڭى تىما كۆرەلمەي بۈگۈن 3 نى كۆرىدىغان بوپتىمەندە!؟الدىرىماي كۆرەي ئەمىسە…
بۇ دېنىزاۋۇر ئۇساپ كىتۇپتۇ ئەمەسما
جىق چاپقان بىلەن ئاز ماڭىدىكەن ئەمەسما
بىزگە مانا مۇشۇنداق تەسەۋۇرغا باي ئىجاتكارلار كىرەك .
يارايسىلەر ئەزىمەتلەر .
مەن شۇڭا خۇمارچۇ بۇ تور خۇمار تورىغا . سىلەر ئارقىلىق تىخىمۇ ئىسىل ئەسەرلەرنى كۇرۇشكە تەشنامەن .
ھەجەپ خوش بولدۇم بۇ ئەسەرنى كۇرۇپ .
يارايسىلەر رىۋايەت !
مەن كۈلۈپ تىلقىپ قالغىلى تاس-تاماس قالدىم..
ھا ھا،،،،سەت ئۇسساپ كېتىپتىغۇ،،،
كالتىس پەيزى چىكىپتۇ!
تارىخقا يېزىلغىدەك بىر ئىش قىلىپتۇ بۇ ئەزىمەتلەر!
قوللاپ قۇۋەتلەيلى….
تولىمۇ ئەپسۇس، مەن كۆرەلمىدىم
بېگىمنىڭ 56 بىلەن بىر ئۆچ ئاداۋىتى بار… قەيەردە قارىسا كۆرەلمىگەننىڭ گېپى
ئېسىل چىقىپتۇ. لېكىن، تەبىئى مۇھىت بىلەن سەل كىرىشەلمەي قاپتۇ. تېخىمۇ تىرىشىڭلار…سىلەرنى قوللايمەن!
ھەقېقەيەن قالتىسكەن ئاۋۇ دېنازاۋۇر ئەجەپ قوتۇركېنا
ياشاپكەت ئۇيغۇر تېخنىكلار