پولات قانداق تاۋلاندى؟ پۇت قوللىرىنى سۇندۇرۇپ تاۋلاندى | پاركور مەشىقى جەريانىدىكى ئوڭۇشسىز كۆرۈنۈشلەر
ھازىر ياشلىرىمىزدا پاركور قىزغىنلىقى ئېنتايىن يۇقىرى. ئېسىمدە قىلىشىچە فىرانسىيە ھەركەتلىك فىلىمى «B13-رايۇن» دەل بىزگە پاركور ھەركىتىنىڭ ئىنتايىن گۈزەل بىر تەرىپىنى ھېس قىلدۇرغان. شۇنى ئېتىراپ قىلىشىڭىز كېرەككى ھەر قېتىم باشقىلارنىڭ چىرايلىق پاركور ھەركەتلىرى ئېلىنغان سىننى كۆرگەندىن كېيىن، چىقىپلا مەشىق قىلغۇڭىز كېلىدۇ. لېكىن ئىشىنىمەنكى تۆۋەندىكى فىلىمنى كۆرگەن دوسلار يەنىلا شۇنداق ئىشتىياق بىلەن پاركور مەشىقى قىلىشنى باشلىيالىسا، ئۇ چوقۇم بىر ياخشى پاركور ماھېرى بولالايدۇ. ئەلۋەتتە بىرەر كىلىشمەسلىك چىقمىسىلا.
بۇ قىسقا فىلىمدىن ئۆزۈمچە چىقىرىۋالغان يەكۈن:
بىرىنىچى، ئاتا-بوۋىلىرىمىز توغرا ئېيتىپتىكەن ” تىرىشقان تاغ ئاشار ” دەپ؛
ئىككىنچى، قىزىقىش، ھەۋەس ۋە ئاشىقلىق باشقىچە بولىدىكەن، ئادەم ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشنى قىلغان ۋاقىتتا باشقىچە روھلىنىپ
كېتىدىكەن. ئاشىق يولىدىكى جاپالار ئۇنىڭغا ھېچنىمە بىلىنمەيدىكەن؛
ئۈچىنچى، ئۆزى قىزىقىدىغان، ئاشىق بولغان نەرسە ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بېغىشلايدىغان كىشىلەر ئاخىرى يۈكسەك مەنزىللەرگە
چىقىپ، ئۆزىمۇ خۇشاللىق قوينىدا يايرايدىكەن ھەم باشقىلارغىمۇ خۇشاللىق ۋە ھاياجانلىق ئاتا قىلىدىكەن. ئەپسۇس، يولدىكى ھەر خىل سىناقلار، مۈشكۈلاتلار نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ تاشلاپلا تۇرىدىكەن. بېلى چىڭلار غەلبە
قازىنىدىكەن، بېلى بوشلار ئاشىق ۋەسلىگە يىتەلمەي ۋايساپلا ئۆتىدىكەن؛
تۆتىنچى، بىرەر ئىشنى ئۆزىڭىز سىناپ كۆرمىگىچە ئۇنىڭ جاپا-مۇشەققىتى ۋە ھالاۋىتىنى مەڭگۈ ھېس قىلالمايسىزكەن؛
بەشىنچى، ئۆزىگە ئىشىنىش ھەممىدىن مۇھىمكەن، باشقىلار قىلالىغاننى بىزمۇ قىلالايدىكەنمىز تىرىشساقلا؛
ئالتىنچى، قارام، تەۋەككۇلچى بولۇش كىرەككەن، ئەمما كۆزىمىزنى يۇمۇۋالماسلىقىمىز كېرەككەن؛
يەتتىنچى، ئىشەنچىمىز يوق ئىشتا ئۆزىمىزنى مەجبۇرلىماسلىقىمىز كىرەككەن، بولمىسا ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز قىلىپ قويىدىكەنمىز؛
ئاخىردا، كومپيۇتېر ئالدىدىن قوپۇپلا كوچىغا يۈگۇرۇپ چىقىپ قىسقا فىلىمدىكىلەرنى دوراپ كەتمەڭ، ھاياجىنىڭىزنى بېسىۋېلىڭ.
ھەر بىر ئىشنى شۇ ئىشقا ماس كېلىدىغان شارائىتتا پۇختا مەشىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن تەۋەككۈل قىلىڭ! پۇت-قولىڭىزنى ئاسراڭ
توردىشىمىز «رىشتە»نىڭ مەزكۇر يازمىنى تەۋسىيە قىلغىنىغا ئالاھېدە رەھمەت
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: سىن، فىلىم، قورقۇنچلۇق، پاركور
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 27-كۈنى
- يازما مەنزىلى: parkour-free-running.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > گرافىك ساھەسىدە سۇيۇق جىسىم ۋە دولقۇن ھەركىتىنى ئىپادىلەشنىڭ يىڭى بىر دەرىجىسى نامايەن بولغاندەك قىلىدۇ
- كېيىنكى يازما > 2013-يىلى يازدا كۆرىدىغان چوڭ تىپتىكى فىلىملەر! سىزنى ئەڭ تەققەززا قىلىدىغىنى قايسىكەن؟
- 21-ئەسىردىكى خاسىيەتلىك پالۋانلار – يەنە بىر يۈرۈش قاننى ئۇرغۇتىدىغان كىرىشتۈرمە فىلىم
- جەڭگىۋار روس مىللىتىنىڭ كىشىنىڭ تەسىرلەندۈرىدىغان يەنە بىر خىل تۇرمۇشى
- يېڭى «ئانارخان» ھەققىدە سۆھبەت | ئانارخاندىن نىمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز ؟
- سىز iPhone ھەۋەسكارىمۇ ياكى SAMSUNG ھەۋەسكارىمۇ ؟ مەنچە يەنىلا NOKIA نى تاللىغان دۇرۇستەك قىلىدۇ
- گېرمانىيىلىكلەرنىڭ تۆمۈر يولنى قانداق ياسايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- 10 يۈرۈش ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن، چوقۇم كۆرۈشكە تىگىشلىك ھۆججەتلىك فىلىم | ۋىروستىن ئالاھىدە تەۋسىيە
- ئاجايىپ سىرلىق چەكسىز ئۇلانما كارىدور | چېكىپ كىرىپ كۆرمىسىڭىز نېمىشلىقىنى ئۇقمايسىز!
- ئۆتمۈشتىكى 20 يۈرۈش ئەڭ كۆپ پۇل تاپقان خاسىيەتلىك پالۋان فىلىملىرى(1)
- [بىر كىنو بىر دۇنيا] 2012- يىللىق نەزەردىن چۈشۈپ قالغان نادىر كىنولاردىن بىرى _ ئۆزىنى ئۇنتۇش / Chronicle
- ھەركەتتە بەركەت | ھاياتىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئون يىلىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى خالايسىز…
دىۋان قارغا ئېلىندى ! !
دىۋاننى 2-قېتىم ئوڭۇشلۇق سوقىشىم ، ئەمدى تىمىنى ئالدىرماي ئوقۇپ ئىنكاس يازاي . . .
بۇ پاركورچىلارنىڭ جاپاسى ئەمەس، نەس باسقان كۆرۈنۈشلەرنىڭ توپلانمىسىكەن
ئەڭ كەم بولغاندا 10 ساراڭنىڭ پۇت-قولى سۇندى، نەس بىسىپ بىرەرسى ئۆلەپلا قالمىغان بولسا،
لىكىن كۇلۇپ بولالماي تاس قالدىم مەنمۇ بىر نىمە بوپ قالغىلى.
مەنمۇ شۇ كۈلۈپ ،يەنە كۈلۈپ ،يەنە بىر كۈلۈپ ،لىكىن ئاخىرىدا ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىپمۇ قالدى جۇمۇ .چۈنكى مەنمۇ مۇشۇنى مەشىق قىلىپ باققان مەنمۇ يۈزۈمچىلاپ چۇشۇپ كىتىپ تا ھازىرغىچە بۇ ئىشنى قايتا قىلمىدىم .ئەگەر شۇ چاغدا تاشلىۋەتمىگەن بولسامزە ……
تەۋەككۈلچىلىكىگە ئاپىرىن….
ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ تىپىك مىسالى!
پاركورچى باللاغا ھەقىقەتەن قول قۇيىمە ، پۇت قۇلىنىڭ سۇنىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ شۇ ھەۋەس ئىشتىياققا ئۆزىنى بېغىشلايدۇ ، چۈشەنمىگەنلەر بولسا تاممۇ تام سەكرەپ يۈرگەن بۇ باللانى ساراڭلىكەن دەيدۇ ، بۇ باللادىن ئۆگىنىدىغان تەرەپلەر خېلى با
رىشتەگە كۆپ تەشەككۈر ، ئاستىدىكى يەكۈنلەرنى بەك ياقتۇردۇم ، ماندالا ئۇقۇپ قويماي سەل ئويلانساق بىر بىرىدىن ئىسىل گەپلەركەن بۇ .
بەزى ئىشلارنى تەسلىكىدىن ئەمەس ، بىلمىزنىڭ بوشلىقىدىن بىر باشقا ئېپ چىقاممايمىز ، مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ ئۆزەمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى دەپ بىرەي :
تۇلۇقسىز ئىمتاھانىنى تۈگۈتۈپ خۇشاللىقتا يىمەك ئىچمەكنى تازا يەپتىكەنمە ، مانا ئەمسە دەپ تۇلۇق ئوتتۇرىغا ماڭغاندا ئېغىرلىقىم 81 كىلوغا چىققان ، بۇرۇن كەيگەن كىيىملىرىم پاتماي نەچچە قۇر يوغانراق كىيىم ئېپ ماڭغىنىم ئىسىمدە ، مەكتەپكە بېرىپ ئاشۇ يىگەنگە سەت پۇشايمان قىلغان ۋاقىتلارمۇ بولغان ، بىزنىڭ يىللىق بۇيىچە ھەممىدىن سىمىزى مەندە ، بەزىلەر چاقچاق ئارىلاش سىمىز دەپ قويسا بەزىلار پومزەك دەپ قۇيىدىغان ، گەرچە چاقچاق بولسىمۇ بەزى چاغلاردا شۇنداق روھىم چۈپ كىتەتتىدە ، شۇنىڭ بىلەن چۇقۇم ئۇرۇقلاش نىيتىگە كەلدىم ، چىش دىگەننى چىشلىگەندىمۇ راۋۇرۇس چىشلەپ قويدۇم، ھەركۈنى دەرىستىن چۈشۈپ چۇقۇم مەيدانغا چېنىققىلى باراتتىم ، دەسلىپىدە ھەقىقەتەن ئېغىر كىلەتتى ، 81كىلو گۆشنى يۈدۈپ تۆت بەش مىڭ مىتىرغا يۈگۈرۈش ئانچە ئاسانمۇ ئەمەسكەن ، نەچچە قېتىم بولدىلا نىم جاپا دەپمۇ ئويلاپ قالدىم ، ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن ئاساسەن كۈنۈپمۇ قالدىم ، پەقەت بەك قاتتىق يامغۇر ياغمىسىلا چۇقۇم چېنىقاتتىم ، شۇنداق قىلىپ تۆت ئاي ئۇدا داۋاملاشتۇردۇم ، يازلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق ، ئانام مىنى كۈرۈپلا ئېسىلىپ شۇنداق يىغلاپ كەتكەن ، كىيىن ئاڭلىسام مىنىڭ ئۇ چاغدىكى ھالىتىمنى كۈرۈپ بەك ئەنسىرەپ كىتىپتىكەن ، 64كىلو ، ئۆيگە بېرىپ جىڭلاپ باقسام ئۆزەممۇ ھەيران قالغان ، بەزى يېقىن ئۆتكەن دوستلىرىم يىراقتىن كۈرۈپ تۇنۇياممىغان ئىشلامۇ بولغان ، ھازىر ئويلىسام ئاشۇ چاغدىكى ئابومغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمە
قىسقىچە ئېيتقاندا ئادەم ئۆزىنى بىر ئىشقا مەجبۇرلاپ باقمىسا ئۆزىنىڭ قانچىلىك تالانتى بارلىقىنى ، قانچىلىك يۇشۇرۇن كۈچى بارلىقىنى بىلەلمەيدىكەن
خەنچە بىر گەپ بولىدىغان، 好励志的故事 دەپ، شۇنىڭدەك بولۇپتىكەنسىز.
PS: بىرەر ئورۇقلاش دورىسىنىڭ ئېلانىغا چىققان بولسىڭىز تازا پۇل تاپاتتىڭىزكەن، ئابوم ماركىلىق ئورۇقلاش دورىسى بوم بەدىنىڭىزنى زىلۋا قىلىدۇ دەپ
ئابوم ماركىلىق ئورۇقلاش دورىسى بوم بەدىنىڭىزنى زىلۋا قىلىدۇ
ھازىر بەزى ئىشلارنى قىلىش پەقەت خوشياقمىغاندا تۇلۇقسىزدىكى مۇشۇ ئىشىمنى ئويلاپ قالىمە ، قىلسا تۈگىمەيدىغان ئىش يوق ، قىلتاققا چۈشمەيدىغان قۇش يوق دىگەندەك ، ئىشنىڭ بېشنى باشلىۋالساقلا كىيىنچە قىپ كىتەلەيدىكەنمىز .
گەرچە بۇ قىسقا فىلىمدا كۆرۈنۈشلەر ھەممىسى ئوڭۇشسىزلىقلار بولسىمۇ ئاشۇلارنىڭ جاسارىتىغا بەك قول قۇيىمەن. پۇت-قولىنى نەچچە سۇندۇرۋېلىپمۇ يەنە مەشىق قىلىمە دەپ تۇرىدۇ ئورنىدىن ئۇلار.
بۇ تىمىنى تەستىقلىۋەتكەن ۋىروسجانغا تەشەككۈر.
بىر بانا بىلەن ئابومجاننىڭ غەلبىلىك تاماملانغان ئۇرۇقلاش جەريانىنى بىلىۋالدۇق. قىيىن ئىش يوق ئالەمدە كۆڭۈل قويغان ئادەمگە، ھە!
ھەقىقەتەن قەيسەر باللا-دە بۇ، ئاۋۇ ئىگىز ئۆينىڭ ئۈستىدىن پەسرەك ئۆينىڭ ئۈستىگە سەكىرەپ تېشىپ كىرىپ كەتكەننى كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ تولۇقسىزدىكى ۋاقتىم ئېسىمگە كەپ قالغانتى، {ئۈجمىدىن چۈپ كېتىپ خوشنىمىزنىڭ توخۇ كاتىكىنى تېشىپ كىرىپ كېتىپ بىر ھەپتە ياتقىنىم ئېسىمدە}
ماۋۇ سول تەرەپتىكى ئاستىدا جىننىڭ سۈرىتى با ھېلىقىدەك رەسىم بەك پەيزىكەن.
ھەممە ئىشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق جاپاسى بار
تېخى بۇ تىمىنى كۆپ ئادەم كۆرمەپتۇ مۇشۇ يەدىلا بىر سوئال سورىۋالاي
ھەربىيلىككە قاتنىشىش بىلەن ھەربى مەكتەبنىڭ قانداق پەرقى بار . دۇنيادىكى داڭلىق ھەربى مەكتەبلەردىن قايسى بار بىرەسىڭلار تۇنۇشتۇرۇپ بىرە تىما يېزىپ باققان بولساڭلار (بەك قىززىقىپ قالدىم يا ئۆزەم بىرە ماتىرىيال تاپالمىدىم . تورخۇماردا بىلىم ئىگىلىرى كۆپ ئەمەسمۇ شۇڭا مۇشۇ يەرگە تاشلىشىم بۇ ئەرزىمەس سۇئالىمنى )
ھەربىي مەكتەپتە ئۇقۇش ئۈچۈن بىرقانچە مۇھىم شەرتلەنى ھازىرلىشىڭىز كىرەك :
ئالدى بىلەن چۇقۇم ئالى مەكتەپ ئىمتاھان قاتنىشىشىڭىز كىرەك ، ھەم ھەربىي مەكتەپ نۇمۇر سىزىقىغا يەتمىسىڭىز بولمايدۇ . يۈز تۇرانە ئىمتاھان ، قايتا تەكشۈرۈش ، سىياسي تەكشۈرۈش دىگەندەكلەردىن ئۆتكەندە ھەربىي مەكتەپنىڭ ئۇقۇغۇچسى بۇلىسىز . لىكىن ھەربىي مەكتەپنىڭ تۈزۈمىنىڭ چىڭلىقىدىن يېرىم يولدا تاشلاپ قۇيىدىغانلار خېلى بار ، يەنە كىلىپ ھەربىي مەكتەپكە بارغاندىن تارتىپ ھەرخىل شاللىنىشقا ئۇچرايسىز ، لىكىن مەكتەپنى پۈتتۈرەلىسىڭىز خىزمەت ئورنىڭىز ئاساسەن ھەربىي رايونلاردا بولىدۇ ، يەنى ھەربىي ئۇنۋان بۇيىنچە باشلىق بۇلىسىز
ھەربىيلىككە قاتنىشىشنىڭ ئۆلچىمى ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ، سىياسى تەكشۈرۈشتىن ئۆتسىڭىزلا ھەربىيچاق بۇلالايسز ، لىكىن ۋەزىپە ۋاقتىڭىز توشقاندا يۇرتىڭىزغا قايتىپ كىلىسىز ، ئىپادىڭىز ئالاھىدە ياخشى بولسا ھەربىي ئۇنۋان بىرىشى باشلىق بۇلىشىڭىز مۇمكىن .
ھەربىي مەكتەپ ئاساسلىق ھەربىي رەھبەر يىتىشتۈرۈشنى مەخسەت قىلىدۇ ، ھەربىيلىككە قاتنىشىش پەقەت دۆلەت مۇداپەسى ئۈچۈن ئەسكەر توپلاشلا .
世界著名军校
1.美国陆军军官学校–西点军校
2.美国海军学院
3.(伏龙芝军事学院(俄罗斯
4. (桑赫斯特皇家军事学院(英国
5.(圣西尔军校(法国
6.(克兰韦尔军学院(英国
ئاللا… ما كۆرۈنىشلەردىن كىشىنىڭ سەل تىنى شۈركىنىپ قالىدىكەن جۇمۇ…….
قول قويدۇم ، راست جاپالىق مەشىق قىلىدىكەن .
بىزنىڭ ما جەنۇبتا مۇشۇنداق تامدىن-تامغا سەكرەپ مەشىق قىلغىنىڭىزنى باشقىلار كۆرسە ……….
كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەھەللىڭىزدىكەرنىڭ توخۇ چاغلىق بىرنىمىسى يۈتكەن كۈنى ئاپشاركىلار دەرھال سىزنى تىپىشى…………
مەن بىر قېتىم تاق تورنىكتە ئايلىنىمەن دەپ قورسىقىمنىڭ مۇسكۇلى تارتىشىپ كەتكەندىن كېيىن،قاتتىق ھەركەت قىلىشتىن قورقىدىغان بولدۇم…ئەمما ھازىر كومپىيۇتېر ئالدىدا تولا ئولتۇرۇپ«كاۋا قورساق»قا ئايلىنىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىپ يەتمەكتىمەن
كۆرمىسەم بوپتىكەن
لىكىن ﺋﺎﺳﺎن ئەمەس جۇﻣﺎ،
بىز نېمە ئۈچۈن باشقىلار ئوقۇشسىزلىققا يولۇققاندا كۈلىمىز ؟
چۈنكى سىز كۈلۈشكە مەيلىڭىز بارغان«ئوڭۇشسىزلىق» ئوڭۇشسىزلىق ئەمەس…پەقەت مۇدۈرۈپ سوقۇلۇش…………….راس كۆتۈرۈپ قوپالمىغىدەك بولسا، كۈلۈشكە رايىڭىز بارمايدۇ، ئىچىڭىزدىن ئاچچىق بىرنىمە ماڭىدۇ ھەقىچان
مەندىنمۇ ئۆتە كالامپاي ئاداشلاركىنا بۇ
ھەممىدىن ئېچىنىشلىقى «ھېلىقى دەرەخ كۆتىكىگە ئولتۇرۇپ قالىدىغىنىكەن»بەك ئىچىم ئاغرىدى ئۇ ئاداشقا..قايتىپ بېرىپ بالا بېقىۋالامدىكى دەپ قالدىم…..
پولات قانداق تاۋلاندى؟
پۇت-قولىنى سۇندۇرۇپ.