[بىر كىنو بىر دۇنيا] 2012- يىللىق نەزەردىن چۈشۈپ قالغان نادىر كىنولاردىن بىرى _ ئۆزىنى ئۇنتۇش / Chronicle
بىر كىنو بىر دۇنيا سەھىپىسىدە ئاساسەن ئۆزەمگە يارىغان ياكى دۇنيا مىقياسىدا خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان كىنولارنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن يەنىلا نۇرغۇن نادىر فىلىملەر ھەرخىل قاملاشمىغان بانا-سەۋەبلەر تۈپەيلى نەزىرىمىزدىن چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ. بۈگۈن تورداشلارغا تونۇشتۇرماقچى بولغان مەزكۇر كىنومۇ (فىلىم نامى ئىجادى قويۇلدى، ئىنگىلىزچىسى ياكى خەنچىسى بىلەن مۇناۋىسەتسىز) دەل 2012- يىلقى نادىرلار رىقابىتىدە نەزەردىن چۈشۈپ قالغان ياخشى كىنولارنىڭ بىرى. گەرچە فىلىم ۋەقەلىكى ناھايتى تونۇش بولسىمۇ ئەمما چىقىرىلغان يەكۈن ئۆزگىچە. ئەڭ موھېمى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىدىن تاشقىرى كۈچكە نىسپەتەن بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا ناھايتى ياخشى بىر جاۋاب بەرگەن.
فىلىم ۋەقەلىكى ھەققىدە :
Andrew بولسا خۇددى كۆپ ساندىكى بالىلارغا ئوخشاش ئائىلە ۋە جەمىئيەت مۇھىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ياش. دادىسىنىڭ دائىم ھاراق ئىچىپ كىرىپ ئۇنى ئۇرىشى ۋە ھاقارەتلىشى ئۇنى ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان ساغلام بولمىغان پىسخىكىنى يېتىلدۈرسە، مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ بولمىغۇر قىلىقلىرى ئۇنى جەمىيەتتىن ھەتتا ھاياتتىن يىرگىنىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ بىر قېتىملىق يىغىلىشتا ئىككى نەپەر دوستى بىلەن تاساددىپى ھالدا بىر ئۆڭكۈر ئىچىدە ماگىنىتسىمان مەلۇم جىسىمنى بايقايدۇ. مانا شۇندىن باشلاپ تولىمۇ ئاجىز Andrew ۋە ئۇنىڭ ئىككى دوستىنىڭ تەقدىرى ئۆزگۈرىدۇ. شۇ كۇندىن باشلاپ ئۇلار ئۆزىدە بىر خىل دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقايدۇ. دەسلەپ قاتتىق ھاياجانلانغان بۇ ئۈچ دوست ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ كۆڭلىنى ئېچىشقا باشلايدۇ. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئەتراپتىكىلەردىن قاتتىق سىر ساقلايدۇ. لېكىن ھاراقكەش دادىسىنىڭ زومىگەرلىكىگە قوشۇلۇپ ئاپىسىنىڭ ئېغىر كېسىلى ۋە داۋالاش خىراجىتى Andrewنى بىلىپ بىلمەي يامان يولغا باشلايدۇ. بارا-بارا ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارنى قىلىشقا باشلايدۇ. شۇ تەرىقىدە ئۆزىنىڭ ئەسلىنى يوقاتقان Andrew بارغانسېرى رەھىمسىزلىشىشكە باشلايدۇ ۋە دوستلىرىنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىدۇ.
تەشۋىق فىلىمى :
كۆرۈشتىن كېيىنكى ھېسىيات :
مۇشۇ خىلدىكى فانتازىيىلىك كىنولار ئاز ئەمەس. لېكىن مەزكۇر كىنو ئىنسانلارنىڭ ئۆزىدىن تاشقىرى كۈچكە نىسبەتەن بەرداشلىق بېرىش كۈچىنىڭ يەنىلا چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەرگەن بولۇپ، ئالاھىدە ئىقتىدارغا نىسبەتەن ئۇنچە ئالاھىدە پوزىتسىيە تۇتۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەسىلە ئىكەنلىكىدەك ئىنسان ماھىيىتىنى ئاشكارلاپ بەرگەن. ماڭا كىنودا ئەڭ تەسىر قىلغىنى راۋاج بولماستىن بەلكى يىشىم بولدى. دەرۋەقە مۇشۇ خىلدىكى كىنو-فىلىملەرنى كۆرگەندە ھەممىمىزدە دېگۈدەك شۇنداق بىر خىل شېرىن ئارزۇ پەيدا بولىدۇ. قەتئى مۈمكىنچىلىگى يوق تۇرۇپمۇ ئۆزىمىزنى بېسىۋالالمايمىز. بەلكىم بۇ كىنونى كۆرگەن نۇرغۇن كىشىلەر خۇددى مەندەك راسلا شۇنداق دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچكە ئىگە بولساقمۇ ئۇنى كونترول قىلالامدۇق يوق دېگەن سوئالنى ئۆزىگە قويىشى مۇمكىن. مانا بۇ مېنىڭ ئاددى كاللامغا كەلگەن بىر ئۇچۇم خىياللار خالاس.
فىلىم ھەققىدە بىر قىسىم ئۇچۇرلار:
فىلىم نامى : ئۆزىنى ئۇنتۇش / Chronicle / 超能失控
رېژىسسور : Josh Trank
سىنارىست : Max Landis
باش روللاردا : Michael B. Jordan / Alex Russell / Dane DeHaan قاتارلىقلار
فىلىم تۈرى : فانتازىيە
قويۇلغان ۋاقتى : 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 3 كۈنى (ئامېرىكا)
فىلىم ئۇزۇنلىقى : 84 مىنۇت
چۈشۈرۈش ئادىرىسى :
HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى | 720P نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | 1080P نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاجايىپ، فانتازىيە، فىلىم، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,700 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: chronicle-2012.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھەركەتتە بەركەت | ھاياتىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئون يىلىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى خالايسىز…
- كېيىنكى يازما > ئۆتمۈشتىكى 20 يۈرۈش ئەڭ كۆپ پۇل تاپقان خاسىيەتلىك پالۋان فىلىملىرى(1)
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
دىۋان مىنىڭ بوپتۇدە،،،،،
ھەئە
مىياۋۋۋ! مەن كەلدىم ، ما خېلى بۇلتىقان كىنو ، كۆرەڭلا جۇما ! دىشششش دىشششش ! مەن كەتتىم
قايسى كۈنى سورىغان سۇئالىمغا شۇندا ياخشى جاۋاب بىرىۋېتىپ سىز ، قەبىھ رەھمەت ماخما
ۋوي ۋەھشەت تەكەللۇپ قىپ كەتتىڭلىيا ئىسيانكار ،ئەدەمنى خىجىل قىپ ، مەنمۇ ئۇقۇۋالدىم شۇ بانادا
مەن بىي كۇرەپ باقاي ئەمىسە ماقما
ھەممە ئادەم ئۆزىنى ئالاھىدە بىر ئادەم بولسامكەن ، ئالاھىدە بىر ئىقتىدارغا ئىگە بولسامكەن دەيدۇ . بىلىش كېرەككىن ، سىز قانچە كۈچلۈك بولسىڭىز زىممىڭىزدىكى يۈك شۇنچە ئېغىر بولىدۇ .
مەن كۆرەپ چوقەي قىلۋەتكەن فىلىمغۇ بۇ
رەسىملىرىگە قارىسامغۇ كۆرۈپ بولغاندەك تۇرىمەن..لىكىن بوپ قويىدۇ…. دىۋان تالىشىدىغان دىۋانىلار بايراملىق قىلغىلى كەتكەن ئوخشىمايدۇ ئاۋات بازارلارغا… ئابومجاندەك….
بايرام دەپ قاپلا ، بايرام ئوينىساقمۇ بىژ كۈزىمىزدە دىۋاننى چەنلەن قۇيۇپ ئوينايمىز
ماۋۇ كىنۇنىڭ ئىلانىنى بىر يەردە كۆرگەنتىم خىلى بۇرۇن شۇ ۋاقىتتا بىر كۆرەي دەپ ئويلىغان كىيىن ئىسىمدىن چىقىپ كىتىپتىكەن . ئەمدى بىىكا بولغاندا كۆرمىسەم ..
مەنمۇ كۆرۇگەندەك قىلمەن بۇ كىنونى …..
بىر كۆرۈپ باقسام بولغۇدەك جۇمۇ…
ئېلان چىكىپ قويدۇم.
قارسام ۋەششى ئىشلىگەندەك
ئەينى ۋاقىتتا فىلىمنى تۇنجى كۆرگەندە ماڭا بىرىنجى شەخىس تىلىدا ئىشلەنگەندەك بىلىنگەن(بىر قېتىم كۆرۈپ چۈشىنەلمىگەن ئىدىم)ئىككىنجى قېتىم كۆرۈپ تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم.ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئائىلە تەربىيىسى بەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن.
ئەڭ ئاخىرىدا ھايات قالغان دوستىغا تولىمۇ ئىچىم ئاغرىدى.ئۆزىنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن ئايرىلىپ قالغاننىڭ ئۈستىگە تەنھالىق ئۇنىڭغا مەڭگۈ ھەمراھ بولدى…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار!
بۈگۈن كونا ئادەت بويىچە تورخۇمارنى پىتىغداۋىتىپ (1000يازما)نى كۈرۈپ قالدىم، شۇڭا مەنمۇ ئۈزەمچە بىر كىشلىك مەدەت بېرەي دەپ قۇرۇق گەپ سىتىپ ئولتۇرۇپتىمەن. يازمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپلەنى قىلىپ قويدۇم ئەپو قىلاسىلە!!!
بىر كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەككەن ، ھېلىقى پىئانىسىت دىگەن كىنودا باش رول ئالىدىغان بىر ئادەم بار ئىدىغۇ چىرايى تۇغما بىچارە ، شۇ ئادەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ چىقىدىغان بىر كىنو بار ئىكەن ئىسمى يادىمدا قامماپتۇ ، شۇ كىنونى كۆرسە ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ھازىرقى مائارىپى بىلە ئائىلە تەربىيەسىدىكى بەزى نوقتىلار سۆزلىنىدىكەن ، ئىشقىلىپ ئادەمدە ئىتقاد بولمىسا قانچىلىك قورقۇنۇشلۇق بولىدىغانلىقىنى شۇ كىنودىن يەنە بىر قېتىم ھىس قىلدىم .
خو !ئىسىل گەپ قىپسىز …
مەكتەپكە يېڭى كەلگەندە ياتاقداشلىرىم سوراپ قالاتتى نىمىشقا داۋاملىق تۇڭگاننىڭكىدىنلا تاماق يەيسە ، سىلە بىزنىڭ بەزى ئىسىل تاماقلىرىمىزنى يەممەيدىكەنسىلە دەپ ، مەنمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ دەيتىم بىز ئىمان ئىتىقادلىق مىللەت كىچىكىمىزدىن باشلاپ تاللاپ يىيىشنى ئۆگەنگەن ، سىلەرگە ئوخشاش ھەممىنى يىمەيمىز .
شۇنداق قىلىپ ئۇلارمۇ مىنىڭ بەزى ئۆرۈپ-ئادىتىمنى چۈشەندى ھەم مەكتەپتىكى شۇ تۆت يىل جەريانىدا ئۇزۇن قۇلاقنىڭ گىپىنى قەتئى چىقارمايتى ،ئېزىپ دەپ قالسىمۇ شۇنداق كەچۈرۈم سوراپ كىتەتتى
ئوغان بالا ئەكەك
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ياخشىمۇسىلەر…. ماڭا بىر ياردەم قىلساڭلار، مۇشۇ تورخۇمار بىلوگىدىكى سۈرەتلىك كۇرنۈش قەتتى چىقمايۋاتىدۇ، بېلەك توربەتلەدىكى كۈرنۈش نورمال چىقىدۇ ،بۇ قانداق بولغىنى ئەمدى .. . سەۋەبىنى دەپ بەرسەڭلە…
بۇنىڭ داۋاسى شۇدۇركى ، سىز پەقەت دىۋاندا بىر قېتىم ئولتۇرسىڭىزلا ھەممە ئىش ئوڭشىلىدۇ ، يەنى دىۋاندا ئولتۇرغاندىن تارتىپ تورخۇماردىكى سىنلار ئاپتۇماتىك قۇيىلىدۇ ، شۇڭا باللا تۇلا دىۋان تالىشىدۇ ، مەنمۇ يېڭى كەلگەندە سىنلارنى چىقىرالماي ئاۋارە ، ئاۋۇ كىمۇ دەپ بەگەن بۇ رىتسىپنى ، باشقا ئەدەمگە دىمەيتىم ، سىلىگە دەپ بىرەي بوپتا
مۇشۇ ئابومجان بەك ئوڭلۇق بالا ماقما، تەڭداشسىز زادى …… !ھېچكىمگە دىمىگەن مەخپىيەتلىكنى سىلىگە ئاشكارلىۋېتىپتۇ ئەينا .
تورخۇمار يېڭىلانمايدۇغۇ؟؟
بۇ كېنونى كۆرگىلى خېلى بولغان فانتازىيىلىك فىلىملەرنى ياقتۇردىغان دوستلارنىڭ ياخشى تاللىشى !