نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

ئالىملار سىزنىڭچە قانداق كىشىلەر ؟ ئۇلارنىڭ راسلا شۇنداق پاخپايغان چاچلىرى بىلەن يوغان كۆزئەينەكلىرى بارمۇ ؟

كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، كەشپىياتچى ئالىملار= كۆزئەينەك + ئاق خالات + پىروبېركا. ئەلۋەتتە سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھازىر بۇنداق قارىمايدىغانلىقىڭىزنى ئوتتۇرغا قويۇشقا ھوقوقلۇق. لېكىن شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى سىز ھېچ بولمىغاندا بۇرۇن شۇنداق قارايتىڭىز.

alim

ئۆسمۈر باللىلار نەزىرىدىكى ئالىملار

شۇنداق بىر مەنىلىك تەجىربە ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان. بىر يۈرۈش 7- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ، دۇنياغا داڭلىقFermilab (ئامېرىكىدىكى موھىم فىزىكا ئىلمى تەتقىقات بازىلىرىنىڭ بىرى) تەجىربىخانىسىنى ئېكىسكۇرىسىيە قىلدۇرىدۇ. ئېكىسكۇرىسىيەدىن بۇرۇن ئوقۇتقۇچى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدىكى «ئالىم»لارنىڭ ئوبىرازىنى قەغەز يۈزىگە سىزىپ چىقىشنى بۇيرۇيدۇ. ئېكىسكورىسىيەدىن كىيىن بولسا، ئۆزى كۆرگەن مەنزىرىگە ئاساسەن يەنە بىر يۈرۈش سىزىپ چىقىشقا تاپشۇرىدۇ. ئاخىرىدا ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ ئوقۇغۇچىلار سىزغان ئىككى يۈرۈش رەسىم ۋە ئۇلارنىڭ بايانلىرىنى رەتلەپ تولىمۇ مەنىلىك بولغان خۇلاسە ھازىرلاپ تورغا چىقىرىدۇ. تۆۋەندە ئالدىنقى بىرقانچە ئوقۇغۇچىنىڭ رەسىم ۋە بايانلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.

amanda

 

Amanda 

ئېكىسكۇرسىيەدىن بۇرۇن: ئالىملار بولسا ئادەمزات نەشىرىدىكى جىنىس رىكورتى. مەن تېخى بىر ئالىمنىڭ «كىمنىڭ باي بولغۇسى بار» پروگىراممىسىدا (سوئال-جاۋاب خاراكتىرىدىكى تىلىۋىزىيە پىروگىراممىسى) ھەممە سوئالغا توپتوغىرا جاۋاب بېرىپ زور سوممىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىنى كۆرگەن، خۇددى لوغەتتەكلا.

ئىكىسكورسىيەدىن كىيىن: ھەرقانداق كىشى كەشپىياتچى-ئالىم بولالايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ تەنتەربىيە ئايىقى بىلەن پادىچىلار ئىشتىنى كىيىپ ئۇيان-بۇيان يۈرگىنىنى كۆردۈم. كىم بىلسۇن، مەنمۇ كەلگۈسىدە داڭلىق ئالىم بولامدىم تېخى.

amy

 

Amy

ئېكىسكۇرسىيەدىن بۇرۇن: مېنىڭچە ئالىملار خىزمەتنى قېتىرقېنىپ ئىشلەيدۇ. ساراڭلارچە دىسەكمۇ بولا، گەپنى بەك تېز قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مېڭىسىدە توختىماستىن يىڭى تەسسەۋۇرلار پەيدا بولىدۇ. ئاندىن توختىماستىن سوئال سورايدۇ. كىشىنى سەل بىزار قىلىدۇ. باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ بولۇپ، ئۇلاردىن گۇمانلىنىشقا باشلايدۇ.

ئىكىسكورسىيەدىن كىيىن: ئالىملار ئەمەلىيەتتە بىر توپ ئادەتتىن تاشقىرى خىزمەت قىلىدىغان ئادەتتىكى كىشىلەر. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتا ئۇرلار خۇددى بىزدەكلا ئاددى تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئۇلارمۇ بەلكىم ئۇسۇل ئويناشنى، ساپال بۇيۇملارنى، چىنىقىشنى ھەتتا تام توپنىمۇ ياخشى كورىشى مۈمكىن. ئالىم ئەمەلىيەتتە بىر خىزمەت خالاس، شۇ پەقەت بۇ خىزمەت كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ.

andren

 

Andrea

ئېكىسكۇرسىيەدىن بۇرۇن: ئۇلار ھەقىقەتەن بىر توپ دەرىجىدىن تاشقىرى كىشىلەر. چاچلىرى پاخپايغان، رەھىمسىزلەرچە مىيىقىدا كۈلگەن، پەلەي كىيىپ مۇھاپىزەت كۆزئەينىكى تاقىغان. پۈتۈن كۈن خىمىيە تەجىربىخانىسىدىن چىقماي كۈنى ئۆتىدىغان كىشىلەر.

ئىكىسكورسىيەدىن كىيىن: ئالىملار ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيگۈچىلەر. بالدۇر قوپۇپ خىزمەتكە كېلىش ئۇلارنىڭ شەرىپى. ئەگەركى سىز بىر ئالىم بولسىڭىز، ئۇنداقتا تەكشۈرۈش، ئۈگۈنۈش ۋە ئىلىم دەل سىزنىڭ خىزمىتىڭىز بولىدۇ. بەلكىم بۈگۈن ياكى ئەتە ۋە ياكى كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈندە دۇنيادىكى بەزى ئىلىملەرگە خاتېمە بېرىشىڭىز مۈمكىن.

ashley

 

Ashley

ئېكىسكۇرسىيەدىن بۇرۇن: ئالىملارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇر يەر دېڭىزى چاچ پاسونلۇق(ئەمەلىيەتتە بۇنداق چاچ پاسونىنى سىزغانلار ناھايتى ئاز). ئۆزىنىڭ دۇنياسىدا ھايات كەچۈرىدۇ.

ئىكىسكورسىيەدىن كىيىن: بىراۋنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ باھا بېرىشكە بولمايدۇ. ئالىملار ئەمەلىيەتتە ئالىملارمۇ ھەرخىل بولىدۇ. ئەر-ئايال، خىمىيەئالىمى، فىزىكا ئالىمى، بىئولوگىيە ئالىمى قاتارلىق..

خۇلاسە كالام شۇكى، باللارنىڭ ئالىملارغا بولغان قارىشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. مەزكۇر ماقالىدىكى سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا، %94 ئوقۇغۇچى Before(ئېكىسكۇرسىيەدىن بۇرۇنقى)دا ئاق خالاتلىق كىشىلەرنى سىزغان. After (ئېكىسكۇرسىيەدىن كىيىنكى)دا بولسا بۇ نىسپەت ئاران%3 بولغان. يەنە after دا بولسا %65 بالا ئالىملارنى ئاددى كىشىلەردىن دەپ قارىغان. ئەلۋەتتە ئالىملار بىلەن بىۋاستە ئۇچىرىشىش پۇرسىتى يوق ئەھۋال ئاستىدا ئەلۋەتتە ئۇلارغا نىسپەتەن خاتا قاراشنىڭ شەكىللىنىشى توغىرا چۈشۈنۈشكە بولىدۇ. ئۇنداقتا دىيارىمىزنىڭ ھەرخىل شارائىتلىرىغا نىسپەتەن ، تورخۇمارلارنىڭ زور كۆپچىلىكى يەنىلا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئالىملىرىمىزدىن يىراق تۇرىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن بىزمۇ تەجىربە يۈرگۈزۈپ باقايلى: مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇشتىن بۇرۇنقى سىزدە ئالىملارغا بولغان قاراش قانداق ئىدى ؟ قانداق بولسا «ئالىم»لىق سالاھىتىگە ئىگە بولىدۇ ؟ سىز قايسى ئۇيغۇر ئالىملىرىنى بىلىسىز؟

قوشۇمچە : ئۇنىمۇ دەيمىز بۇنىمۇ دەيمىز، ئالىم بىلەن زالىم يەنىلا ئوخشىمايدۇ

ئۇتۇق قازانغان ئالىملارغا نىسپەتەن، قانداق تەبىر بېرىپ ئۇلار بىلەن ئاددى كىشىلەر ئارىسىدىكى ھاڭنى كىچىكلەتمەكچى بولساقمۇ، ئەمما بەزەن نۇقتىلاردا ئۇلارنى يەنىلا ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ. قىسقىسى ئاددى بىر كىشى بىلەن تەتقىقاتچى پىراففىسورنىڭ ئوخشاش بىر شەئىگە نىسپەتەن قارىشى يەنىلا ئوخشىمايدۇ.

a

ئالىملار ئوخشىمىغان نۇقتىدىن دۇنيانى كۈزىتىدۇ.

b

ئالىملار ئوخشىمىغان نۇقتىدا تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزىدۇ.

c

ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ھەتتا ئىزاھاتنىڭمۇ ھاجىتى يوق



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. خىيال 2013.01.31 , 18:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ دىۋاندا ئولتۇرىۋىلىپ ئىنكاس يېزىپ باقاي قېنى… دىۋاندا ئولتۇرالامدىم يوق…

  2. ۋاپسىز 2013.01.31 , 18:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ قەيەر
    مەنمۇ كەلگۈسىد ئالىم بولدىكەنمەن:mrgreen:

  3. ئايشەم تورى 2013.01.31 , 19:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پىشايۋان:grin:

  4. بەختىم 2013.01.31 , 19:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يىڭى باش سۈرەتكە مۇبارەك بولسۇن ۋىرۇساخون。。。…:mrgreen::mrgreen:

  5. ياساۋۇل 2013.01.31 , 20:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەجەپمۇ ئۆش بولدۇم مۇشۇ ئەتىدىن كەشكىچە دىۋاننى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان دىۋانىلەرگە ،.،.:twisted:

    • بەختىم 2013.01.31 , 20:32

      ئەگەر دۇنيادا شۇنداق دىۋانىلەر بولمىسا ئىدى، بىزدەك بايلارنىڭ بايلىقى بىلىنمىگەن بولاتتى… :mrgreen::mrgreen:

      ئەجەپ پاساھەتلىك سۆزلىۋەتتىما..
      :idea:

    • كۇسەن 2013.01.31 , 20:54

      ھى ھى ھى :mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  6. قارا ھەرە 2013.01.31 , 20:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ بۇرۇن «ئالىم» دېسە، ھېلىقىن ئېينىشتىيىننىڭ چىرايىدىن باشقا ھېچنىمە كەلمەيتى:mrgreen:
    لىكىن كىيىن ھېس قىلىشىمچە ئالىملارمۇ سىرىتلاردا يۈرسە بىز بىلەن ئوخشاشلا ئىكەن.

  7. ھۆرقىز 2013.01.31 , 22:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھىلىھەم ئالىم دىسە ئۈچ ئەخمەقنىڭكىدە چىقىدىغان ۋىروس يادىمغا كىلىدۇ …. شۇ ۋىروسسىمان ئادەملەمىكى دەپ قالىمە ….

    ۋىروس ئەپەندىمنىڭ باش سۆرىتىگە كىم رەڭ چېچىۋەتكەندۇ ؟

  8. پەرئان 2013.02.01 , 00:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياساۋۇل ، سىز ئوردىغا دىۋانە باشلىغان گۇناھى ئۈچۈن جازاغا لايىق جۇمۇ :mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  9. مەرگەن 2013.02.01 , 11:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەجەپ قىززىپ كىتىپتىغۇ ….
    :wink::wink::wink:

  10. دون_ئەپەندى 2013.02.01 , 15:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي ۋىروس بۇرادەر ماۋۇ تىمىدىن سىزنىڭ باش رەسىمىڭىز مىنى رام قىلىۋالدى نەدىن تاپىدىغانسىز مۇشۇنداق ئېسىل ھەرخىل تۈسكە ئىگە رەسىملەرنى

    • بەختىم 2013.02.02 , 16:58

      مەندىن سورىمىسىڭىزمۇ يۈزى قىلىنلىق قىلىپ دەپ بىرەي سىزگە.. :grin:
      topit.me مۇنۇ توربەت دەردىڭىزگە داۋا بولغۇسى..:mrgreen:

    • دون_ئەپەندى 2013.02.09 , 18:16

      رەھمەت سىزگە بەختىم باشقىلارغا ياردەم قىلىش ياخشى ئادەتقۇ رەھمەت سىزگە

  11. ياغاچ ياساپ 2013.02.01 , 23:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئېينىشتىيىننىڭ تىلنى چىقىرىپ كۈلگەن رەسىم بار ئىدىغۇ ،شۇ رەسىمنى ئىۋۇ رەسىمنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۋەتكەن بولساق ،ھە ئالىم دىگەن مۇنداق بۇلدىكەن دەيتۇق

  12. مېھمان 2013.02.03 , 15:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالىملارنىڭ تەپەككۇرىغا قاراپ ئۈزۈمنى ئۇلارغا ئوخشۇتۇپ قالدىم دىسە، مەن مۇ ئادەتتە كارۋاتقا چۈشكەن كۈن نۇرىغا قاراپ ،قۇياشنىڭ ئورنىنى پەرەز قىلمەن .ھەرقانداق بىر ئالاھىدە ئىشنى كۆرسەم ھەقىقى ماھىيتىنى ھۈشەنمىگچە بولدى قىلمايمەن،بولمىغاندا بەيدۇدىن ئىزدەپ كۈرىمەن

  13. مېھمان 2013.02.03 , 16:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوخخوي ،باش سۈرئەتنى ئاخىرى چىقىۋالدىم

  14. ئىسيانكار 2013.02.03 , 16:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ يۇقىردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاشلا پەرەزقىلاتتىم

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量