نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > تۇغۇلغان كۈن
كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ تۇغۇلغان كۈن ] تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

يېڭى يىلدا نېمە سوۋغا سېتىۋېلىشنى ئويلاۋاتىسىز؟ iPhone؟ iPad؟ ياكى چىرايلىق لايىھەلەنگەن ياندېسكا؟

مانا خاسىيەتلىك قارلار 2010-يىلىنى ئۇزىتىپ، 2011-يىلىنىڭ كېلىشىنى ئالدىراتماقتا، ھەممىمىز يېڭى بىر يىلنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرىمىز. بۇ يېڭى يىلدا كۆپچىلىك ھەر خىل تەبرىكلەش ياكى باشقا پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى ئويلاشتىمىكىن؟ ئەلۋەتتە يەنە نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئۆز-ئارا تەبرىكلەش، تۇغۇلغان كۈن قاتارلىقلارغا قانداق سوۋغات ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇشى، ۋە ياكى ئۆزى ئۈچۈن ياخشىراق بىرەر سوۋغات سېتىۋېلىپ تەبرىكلەپ قويۇشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە يىراق ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان ساۋاقداشلار ئالدىراش ئىمتىھانلار ئارىلىقىدا، يۇرتقا قايتقاندا چوڭلارغا، ئاكا-سىڭىللارغا ۋە ياكى قىز-ئوغۇل دوستىغا كۆڭۈلدىكىدەك بىرەر نەرسە ئالغاچ كېتىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بۈگۈن بىز كۆپچىلىك ئۈچۈن ئوغۇللار ھەم قىزلارغا ماس كېلىدىغان بىر يۈرۈش سوۋغاتلارنى تەييارلاپ چىقتۇق. تېخى سوۋغات سېتىۋالمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى يېڭى يىللىق سوۋغاتلار بىر كۆرۈپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ…

ھازىرغىچە 548 قېتىم كۆرۈلدى