4 مىنۇتتا مارىيونى تۈگەتكەن كىشىمۇ بىلمەيدىغان 12 مەخپىيەتلىك
بەزى ئويۇنلار ھايات، ئەمما ئاللىقاچان ئۆلۈپ بولدى. بەزى ئويۇنلار بولسا ئاللىقاچان ئۆلگەن، ئەمما تېخىچە ھايات.
ئىلگىرى تورخۇماردا مارىيو ئويۇنىنىڭ پۈتكۈل ئۆتكىلىنى 4 مىنۇتتا تۈگەتكەن خەۋەر يادىڭلاردا باردۇ؟ بەلكىم ئۇ كىشىلەر ئويۇننى تېز تۈگىتىپ رېكورت يېڭىلاش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، Super Mario ھەققىدىكى بۇ خەۋەرلەردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بۈگۈن مەن سىلەرگە دەپ بېرەي.
1. مارىيو دېگەن پېرسوناژ تۇنجى قېتىم 1981-يىلىدىكى Nintendo شىركىتىنىڭ ۋاجرا ناملىق ئويۇنىدا ئوتتۇرىغا چىققان.
2. ۋاجرا دېگەن بۇ ئويۇندا ئەڭ دەسلەپتە پېرسوناژ كۈچتۈڭگۈر پوپىي ئىدى، ئەمما نەشىر ھوقۇقى سەۋەبلىك، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ پېرسوناژ ئىشلىتىلمىگەن.
3. ۋاجرا ناملىق بۇ ئويۇندا، مارىيو تۇرۇببا ئىشچىسى ئەمەس، بىر ياغاچچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىشلەنگەن 200 خىلدىن ئارتۇق مارىيو ئويۇنىنىڭ ھېچقايسىدىمۇ مارىيونىڭ بىر تۇرۇببا ئوڭشىغىنىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئەمما دوختۇرنىڭ رولىنى بىر قانچە قېتىم ئالغىنى ھەقىقەت.
4. نۇرغۇن داڭلىق كىشىلەرگە ئوخشاش، مارىيومۇ سۇمبۇلە يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە. يەنى ئۇ 1985-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇغۇلغان، بۇ كۈن دەل خىسلەتلىك مارىيو(بىز كىچىكىمىزدە ئويناپ چوڭ بولغان Super Mario) ئويۇنىنىڭ تارقىتىلغان كۈنىدۇر.
5. مارىيونىڭ ئىسمى «مارىيو» دەپ ئاتىلىشتىن بۇرۇن، ئويۇن ئىشلىگۈچى گۇرۇپتىكىلەر ئۇنىڭغا تاقلىغۇچى(Jump Man) ياكى ئېلكترونلۇق ئەپەندى(Mr.VIDEOGAME) دەپ ئىسىم قويغان.
6. مارىيونىڭ ئىسمى، Nintendo نىڭ ئامېرىكا قارمىقىدا خىزمەت قىلىدىغان Mario ئىسىملىك بىر ئىسكىلات ئىشىچىسىنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن، يەنە بەزىلەرنىڭ ھېكايەت قىلىشىچە، بۇ ئىسىم بويى پاكار دىقماق، ئۈستى بېشى ۋەيرانە ئىتالىيەلىك ئىسكىلات باشقۇرغۇچى Mario Segali نىڭ ئىسمىدىن كەلگەنمىش.
7. گەرچە كىنو نۇسخىسىدىكى مارىيونىڭ ئىسمى «مارىيو.مارىيو» بولسىمۇ، ئەمما Nintendo دىكىلەر ئەزەلدىن ئۇنىڭ فامىلىسىنى رەسمىي ئاشكارىلاپ باقمىغان.
8. مارىيو ئويۇنىدا، بۇلۇت ۋە چاتقاللىققا ئىشلىتىلگىنى ئوخشاش بىر رەسىم ئەندىزىسى، پەقەت رەڭگىلا ئوخشىمايدۇ.
9. موگو ئويۇنىدىكى موگولارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەسلى مەنبەسى زەھەرلىك موگو بولۇپ، يېگەن كىشىدە خىيالى تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ، يەنى بۇ موگونى يەۋالغان ئادەم ئۆزىنى چوڭىيىپ ياكى كىچىكلەپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ.
10. كېيىن چىققان تۆمۈر زەنجىرنىڭ ئىلھامى، مارىيو ئويۇنىنى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ بىرىنىڭ ئىتىدىن كەلگەن.
11. مارىيو پەقەت پاركور ئۇقۇپلا قالماي، يەنە مۇسابىقە ماشىنىسى، تەنتەربىيە ئويۇنى، RPG قاتارلىق ئويۇن تۈرلىرىدىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ باققان.
12. مارىيو يۈرۈشلۈك ئويۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش سوممىسى 400 مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ بازارلىق ئېلىكترونلۇق ئويۇننىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Mario
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 19,630 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: about-mario-12-screet.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئەقلىي قابىلىيەت(IQ)نى سىنايدىغان ئويۇنلار، قانچىسىدىن ئۆتەلەيسىز؟
- كېيىنكى يازما > ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- چەتئەللىكلەر كىرىشتۈرۈپ ھارمايدىغان مەڭگۈلۈك مارىيو
- مارىيو مەستانىسى بولا، مۇشۇنچىلىك بولا
- مارىيو ئويۇنىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تۈگىتىش رېكورتى يەنە يېڭىلىنىپتۇ
- مېرسېدېس GLA نىڭ ياپوندا ئىشلىگەن ئېلانى، مارىيو ئۆزى بىۋاستە باش رولغا چىقىپتۇ
- مارىيو ئەسەبىيلەشسە ساھىبجامال لورا ھەم قاتىل Connor مۇ تەڭ كېلەلمەيدۇ!
- مۇنداق ئويلايلى: ناۋادا 974 دانە مارىيو بىرلا ۋاقىتتا ئاخىرقى نۇقتىغا ئېتىلسا، سىزنىڭچە قانداق بىر مەنزىرە پەيدا بولار؟
- مارىيو بىزگە ئۆگەتكەن 10 چوڭ ھاياتلىق پەلسەپىسى
- موگو(Super Mario) نۇسخىدىكى پاركورنى كۆرگەنمۇ؟
- موگۇلارنى يەنچىپ چەيلەپ، تاملارنى پارتىلىتىپ تاشپاقىلارنى كۆيدۈرۈپ غالجىرلىشىپ كەتكەن بۇ قايسى مارىيودۇ ئەمدى؟!
ئەسلى مارىيو بىلەن بوببىي بىركەندە؟
مۇشۇ مارىيونىڭ كومپيۇتېر ياكى XBOX نۇسخىسىدىكى ئۇيۇنلىرىنى تاپالماي بەك ئاۋارە بولدۇم دېسە
كىچىك ۋاقىتلىرىمىز بەك ئوينايتتۇق ئەمما
مەنمۇ كىچىك ۋاقلىرىمدا ماريو دىسە كىچە ئۇيگە كىرمەي ئۇينىغان ئەتىسى ئانامدىن ئۇلگۇدەك تاياق يەۋاتقان ، بىزنىڭ ئۇيدە ئۇيۇن ماشىنسى يوقتى شۇ چاغلاردا ، كىيىنچە ھىتلىق پۇلنى يىغىپ بىرنى ئالغان ئاكام بىلەن بىرلىشىپ . شۇ چاغلار خلى كۇڭۇللۇك ئۇتۇپتىكەن دەيمەن . ھازىر باللارغا پۇل بەرسىلا تۇرخانىغا چاپىتىكەن . ئۇيدە باللا بىلەن ئۇينايدىغان ئىش يۇق
بىز بۇرۇن ئوينايدىغان لىخوجەنچى ، تەيچەن3 ، گوخولاڭ سەيچې ، پىپىسى كولا ….. دىگەندەك بىرنەچچە ئويۇننىڭ كومپىيۇتېر نۇسخىسى قولۇمغا چۈشتى ، ھەم ئانچىمۇنچە ئويناپ قويىمەن …
ئەگەر ئويناشنى خالايدىغان دوستلار بولسا بوشلۇققا يوللاپ تورخۇماردا ئورتاقلاشساقمۇ بولىدۇ …
ماڭا يوللاپ بېرىڭە مۇشۇ لىخو جەنچېنى كىچىكىمىزدە 2يۇەنگە بىرسائەت پەيدۈي تۇرۇپ ئويناپ كېتەتتۇق
ماڭا مۇشۇ ئويۇنلار بەك لازىم ئىدى بىر يوللىۋەتسىڭىز بوپتىكەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش مەنمۇ قەشقەردە مومكىن بولسا تۆمۈر مۇش ويۇنىدا بىر تۇتۇشۇپ باققۇم بارتى مەندىمۇ 5- 4- نۇسقىلىرى بار مومكىن بولسا ئۈندىدارىڭلارغا قوشاڭلا مىنى ئالاقىلىشايلى 1737813738
ئۇنتۇپ قالماڭلار ھە
بولسا تورغىمۇ يوللاپ قۇيۇڭلار، بىزمۇ ئويناپ باقىلى
كاساپەت مۇشۇ ئۇيۇننى يامان ئۇينايتىم جىمۇ ئۇكام بىلەن تالشىپ …يانلا كىچىك ۋاختىمىز بەلەنكەن …نىم دىگەن شىرىن ھىسلار ھە …ھازىر باللار ما ئۇيۇننى ئۇينىمايدۇ ئۇلار پاڭ-پاڭ ئىتىشنىلا بىلدۇ چايان خۇشاڭدا
مىر تېددىي، مارىئوغا سەت ھەۋىسىڭلا بار ھە ئىشقىلىپ، خوڭدۇلۇ مۇ با
ئېسىل ئويۇن جۇمۇ، مەڭگۈلۈك مارىئو… بۇ ياپوننىڭ ئويۇنى ئەمەسما، konami شىركىتىنىڭ
بۇ ئۇيۇنغا ئامراقلىقىمدىن ھەتتا مانا ئىسمىممۇ موگۇ،مەنمۇ بىر چاغلاردا مەھەللە بويىنچە 30 40 تەك باللارنىڭ ئارىسىدا موگۇۋاڭ دەپ نام ئالغانتىم ،
ھەي ئاشۇ چاغلار نىمىدىگەن ئۇنتۇلماس چاغلار ھە ،
ھازىرمۇ ئانچە ،مۇنچە .موگو ھەم رامبۇ خۇندۇلۇنى ئويناپ قۇيمەن ،
بۇرۇن يامان ئويناپتىكەنمىز ھازىر مۇ باتبات ئويناپ قۇيمەن !