تورخۇماردىكى باللا تىژلىقمۇ؟
باللا تىژلىقمۇ؟ ئۇزۇن بوپتۇ ئەھۋاللاشمىغىلى. تۆۋەندە گەپنى بىۋاستىلا قىلاي.
تورخۇمار يەنە ئاغرىپ يېتىپ قالغىلى بىرەر ئايدىن ئاشتى. ئاساسلىق سەۋەبى، مۇلازىمېتىردىن ۋە سىستېمىدىن ئازراق كاشىلا كۆرۈلۈپتۇ. قېرىشقاندەك دەل مۇشۇ مەزگىلدە مەن سەپەردە سىرتتا بولۇپ قالدىم، شۇڭا ھەر قېتىم تورنىڭ ئالدىغا كەلسەم تورخۇمارنىڭ مۇلازىمېتىرىنى بىر قېتىم قايتا قوزغىتىپ قويۇشتىن باشقا جىق ئىش قىلىشقا شارائىت بولمىدى(بىر قېتىم قايتا قوزغىتىپ قويسام نەچچە سائەتكىچە نورمال ئىشلەيتى شۇ مەزگىلدە). ماۋۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان ھەپىلىشىپ يۈرۈپ تورخۇمارنى ھەر ھالدا جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىن ئەچىقتىم، خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتتى دېسەكمۇ بولىدۇ.
ئەمدىكى گەپ، تورخۇمار جىمىپ كەتتى دەپ ھەقىچان نۇرغۇنىڭلا ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قالدىڭلار، ئۇنداق ئاسان تاشلاشمايلى. تورخۇمار تېخى ھايات، يېتىپ قالغىنى يوق. ئالدىمىزدا مەن خېلى بىر مەزگىلگىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ بېكەت ئومۇمىي كۆرۈنمە يۈزى، ئىقتىدار قاتارلىقلارنى يېڭىلىماقچى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شارائىت يات بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا ماقالىلەرمۇ يېڭىلىنىپ ماڭىدۇ(مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مەن يالغۇز قىلىمەن). شۇڭا تورداشلارمۇ بولسا ئوبدان ماقالىلەر بولسا تەمىن ئەتسەڭلەر، بىكار تۇرماي ھېلىقىدەك رەسىملەر، ھېلىقىدەك فىلىملەرنى يوللاپ تۇرساڭلار، كارىدوردىمۇ ئەركىن مۇنازىرە قىلىشساڭلار بولىدۇ، ھەممىمىز بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ بىر كۈچەپ باقساق، تورخۇمارنىڭ ئاۋات ھالىتى ناھايىتى تېزلا قايتىپ كېلەلىشىدە چاتاق يوق. مەن يالغۇز 4 يىلدىن ئۇزاق كۈچەپتىمەن، يەنە نەچچە يىلغىچە كۈچىيەلىشىمدە مەنچە چاتاق يوق.
شۇڭا قىلىدىغان بىر قانچە ئىش:
1. تورخۇمارنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، مۇقىملىق ھەممىدىن مۇھىمدۇر
2. رەسىم/فىلىم سەھىپىسىنى تورداشلارنىڭ ياردىمىدە جانلاندۇرۇش
3. تورخۇمارنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ۋە بېكەت ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىپ چىقىش
ئۇنىڭدىن باشقا، تورداشلارغا بىر ئىشنى مەلۇم قىلىپ ئۆتسەم، تورخۇمارنىڭ ھازىر ھېچقانداق ئىقتىسادى كىرىم مەنبەسى يوق. ئىلگىرى گۇگېل ئېلانىدىن پايدىلىنىپ مۇلازىمېتىر ئۆزىنىڭ چىقىمىنى قامداپ ماڭاتتى، كېيىن ئېلان سەۋەپسىزلا توختىتىۋېتىلدى. بەيدۇ ئېلانى ئېلىپ قويغان بولساممۇ ئىككى ئايدىلا ئۇمۇ توختىتىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تورخۇمار پۈتۈنلەي زىيان ۋە چىقىمغا مېڭىۋاتقان بېكەت ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭ ۋە بىر قىسىم ئاكتىپ تورداشلارنىڭ ئەجرىگە ھېچكىم ھەق تەلەپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بېكەت بۇنداق ئۆزىنىمۇ ئۆزى قامدىيالمىسا، داۋاملىق ھايات تۇرۇش مەسىلىسى كىشىنى ئويلاندۇرۇپ قويىدۇ. تورخۇماردەك تور بېكەتلەرگە ھەم ئېلان بېرىدىغان شىركەت كارخانىلار تېخى يوق. بۇ مەسىلە ئىزچىل بېشىمنى قاتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
شۇڭا يېقىنقى نەچچە كۈن ئىچىدە، سىناق تەرىقىسىدە، تورخۇمار ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئىئانە بېتى ئېچىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. بۇمۇ بېكەتنىڭ داۋاملىق جان ساقلاپ مېڭىشى ۋە مەۋجۇدلىقى ئۈچۈندۇر. ئەگەر قوللاپ كۆڭلىنى بىلدۈرۈشنى خالايدىغان تورداشلار بولسا، شۇ بەت ئېچىلغاندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ تورخۇمارغا بولغان ئازغىنە كۆڭلىنى ئىپادىلىسە، بۇمۇ مەن ئۈچۈن كۆپ ئىلھام بولغۇسى.
خوش، گەپنى مۇشۇ يەردە توختىتاي. دوست-بۇرادەرلەرگە تورخۇمارنىڭ بالنىستىن چىققانلىقىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇمىغايسىلەر.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 29,174 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: hello-guys.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > [پارول] باشلانغۇچ مەكتەپ خانىمى سوپىيەمنىڭ ئۇچرىشىشى
- كېيىنكى يازما > قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
پۇل يوق
ئۇفففف خۇداغا شۈكرى .،.ھەنىم بولسا ئاخىرى بالنىستىن چىقىپتۇدە .،. بەكلا خۇما بوپ كۆنۈپ قاپتىكەنمە .،.،ھەر كۈنى كىرسەم ئېچىلماي بەك ئىچىم تىتىلداپ يۈرۈپ كەتتىم بۇ بىر ئايدا .،.،.،
ئىشقىلىپ ئوڭۇشلۇق ساقايىپ قايتىپ كەلگىندىن بەكمۇ خوش بولدۇم .،.،.مىنىڭچە ھەممە باللا تور خۇمارنىڭ يەنە زۇكام بوپ قالماسلىقى ئۈچۈن يېڭى چىقىرىلغان قائىدە پەرمانلارنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن ‹ ئۆزەمچە› .
چاتاق يۇق .سىز ۋە بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز چۇقۇم بىكار كەتمەيدۇ،پايدىلىق تېملارنى دائىم يۇللاپ تۇرغايسىز،،،،
مەنمۇ قوشۇلمەن بولسا بىكەتنىڭ alipay ھىساۋاتىغا ئۇرغىلى بولدىغان بولسا ناھايىتى ياخشى بولاتتى
مەن ھىلىقىدەك رەسىملەنى يوللاي
ئىئانىنى قانداق بىرمىز
چاتاق يۇق قوشۇلمەن
ئاخىرى نورمال ھالەتكە كەلدى بەك بەك خوش بولدۇم
مارەك بۇلسۇن ھىچ بۇلمىسا باننىستىن چىقىپتۇ . ئەمدى بۇلسىمۇ پۇلغا قارماي قۇرساققا ياخشى يىگۇزۇپ باقىمىساق بۇدا قايتا يىتىپ قالسا نامىزىغا پۇل؛ۇ يىگىلى باردىغان ئىش ئۇخشايدۇ
مەن تورخۇمارنى 2010 يىلىدىن باشلاپلا بىلىمەن ھەم سادىق ئىشتىراكچىسى ، مەن تورخۇمارنى شىنجاڭ كومپىيوتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ قارمىقى ئاستىدىكى بلوگ دەپ بىلىدىكەنمەن . ئەگەر بىزنىڭ قوللىشىمىزغا توغرا كەلسە قاراپ تۇرمايمىز ( گەرچە ئاز بولسىمۇ ) . تورخۇمار كۇلۇبى ھەممىمىزنىڭ كۇلۇبى
ئەمدى ئوڭشالدى دەپ تۇرسام يۈزۈمنى تۆكۈپ يەنە يېتىۋالغىلى تاس قالدى دېسە ئېكىس ئېكىستەك، ئەمدى ئوڭشالدى چوقۇم.
ماۋۇ گەپكە قاچانغىچە كۈلەمەن
ماۋۇ گەپ ئىۋۇ باش سۈرەتتىكى قىرى بىلەن قوشۇلوپ تازا كەپتۇ
ھا ھا ھا ھا
بىزدەك تور خۇمارلار تورخۇمار سىز نەلەردە سەرسان بولۇپ يۇرۇيمىز ……
ساقايغىنىڭىزغا مۇبارەك ، قايسى بۆلۈمدىلىكىڭىزنى بىلگەن بولساق يوقلاپ باراتتىكەنمىزدە ……
ئاخىرى نورمال ئەسلىگە كەلدى بۇ تورخۇمار . خۇمار بوپ قاپتىكەنمىز . مۇلازىمىتىر باھاسىغا كەلسەك پۇل بىرەلىگەنلەر پۇل بەرسەك . ئاندىن ماندا كۇندە بىر چىكىپ قويسا بولىدىان باشقا ئىلانلا يوقمىدۇ پۇل تاپقىلى بولىدىغان . ھازىر بۇ ئىلان بىلەن پۇل تاپىدىغان ئىش كاساتلاشتىمۇ نىمە .
ئاخىرى بالنىستىن چىقىپتۇ. مارەك بولسۇن. بىر ئايدىن بويان كۈندە دىگۈدەك ئېچىپ باقىمەن. بەزىدە ئېچىلىپ بەزىدە ئېچىلماي دىگەندەك… ئەمدى ياخشى بوپتۇ.
قارىغاندا كارىدوردا ھازىرچە ئاپتاپقا قاقلىنىپدەم ئالغىلى بولمايدىغان چىراي…. تېخى بىزىلىپ بولمىغان بولسا كىرەك.
ئىئانىنى نەگە سالىمىز ؟
ئاخىرى ئېچىلىپتۇدە ! تورخۇمارنى ئۇنتۇپ قالايلا دەپتىمەن ! تورخۇمارنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئىئانە قىلساق قىلايلى !
تورخۇمار ھەرگىز يېتىپ قالمىسۇن!!! ئېچىلمىسىمۇ كۈندە ئاز بولغاندا 2 3 قېتىم بولمىسا 10 20 قېتىم ئېچىپ قويىمەن
تورخۇمار يېتىپلا قالمايدىغان ئىش بولسا پولنىڭ ئىشىغا كەلگەندە مەن چۇقۇم كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ياردەم قىلىمە
ئېلان بېرەيلى .
تەببىركار ئۇستامدىن ئۇتنۇپ قالاي ماۋۇ تور بەتنىڭ كۇرۇنمە يۇزنى ئۇزگەرتمەيلى بولامدۇ …مەن مۇشۇ كۇرۇنمە يۈزنى ياخشى كۆرۇپ كىلۋاتمەن …تەرەققى قىلغان تور بەتلەرنىڭ قايسى بىرى كۇرۇنمە يۈزى ئالماشتۇرغان دەيسىز ؟؟؟ئىۋۇ مىسرانىم تۇر بىتمۇ نەچچە يىل بولدى كۇرۇنمە يۈزنى ئالماشتۇرمىغلى ….ماقما ۋىرۇس ئەپەندى تەببەرىكارجان
ما پول مەسىلسىگە كەلسەك سىزدە قاسى بانىكىنىڭ كاسى ئۆزەمبى ئايلاندۇرۇپ بىرەي …بوممىسا تۇرخۇمارغا چىقسام 502دىگەن خەت چىقىپ يامان تىشىمغا تەگدى.. ھە راس يانا بىر گەپ ما تۇرخۇمارغا تىزىملىتىپ كىرىشنى بىلمەي تامنىڭ كامىردىن كىرىپ ئىنكاس يازامماي چىقىپ كىتدىغانلار خىلى جىق …شۇڭا يانا ئامبۇلاتۇريگە كىرىپ قاممىسا دەيدىغان ئۇمۆدۇم بار …..
ياخشى باشلىنىش
ئىئانە بېتىنىڭ ئۇلانمىسى يازما ئاپتورى تەرجىمىھالى قىسمىغا بىزنى قوللاڭ دېگەن ئۇلانمىدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئەگەر بەك تاپالمايدىكەنمەن دېسەڭلەر، تېخىمۇ يوغان قىلىپ ھەممە بەتكە چىقىرىپ قويىمەن
ھەييا ئاخىرى ئىچىلدى ھە ،بۇ تور خۇمار ،باغلىنىپ قاپتىكەن دىسە ئادەمنى ،
بىز چوقۇم قوللايمىز
تامامەن قوشۇلىمەن
مۇلازىمىتىرنى قوزغۇتۇشقا بىر ئادەم ياللاپ ئىشلەتسىڭىز بولغۇدەك
باش سۈرىتىڭىزدىكى خەت بەك چىرايلىق چىقىپتۇ. مېنىڭمۇ شۇنداق قىلىۋالغۇم بارتى. ئۆزىڭىز قىلدىڭىزمۇ يا بىرەرسىگە يازغۇزدىڭىزمۇ؟ ئۆزىڭىز لايىھىلىگەن بولسىڭىز نەچچە پۇل؟
ياخشى باشلىنىش ،
كۆرۈنمە يۈزىنى يېڭىلاشنىڭ ھاجىتى بارمۇ زادى؟ ھازىرمۇ چىرايلىق،ئاددىي، ئىلمىي. بولسا ئاپتورلارغا يازما ئۇيۇشتۇرۇشقا كۈچەش كېرەك. بىزگە كېرىكى شەكىل ئەمەس، نان تېگىدىغان مەزمۇن.
مەن تورخۇمارغا ئانچە بەك ئېنكاس يىزىپمۇ كەتمەيمەن بىراق بۇ بىكەت تاقىلىپ قالسا ۋەششى ئىچىم پۇشىدۇ. ئىئانە ئىشىغا كەلسەك قولىمىز كۆكىسمىزدە. يەنە بىر گەپ بازار ئېچىشتا ئالدىمغا كىلەمىكىن دەپ ئولتۇرماي ، شىركەتلەرگە بىرىپ ئەھۋالنى ئېيتىپ ئېلان قويسا قانداق پايدىلىق تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ دىگەندەك ئىشلارنى قىلىپ ئاستا ئاستا ماڭدۇرساڭلار بولىدۇ. بازار ئېچىش توغۇرلۇق بىلمەكچى بولغانلىرىڭلار بولسا مەندىن مەسلىھەت ئالساڭلار بولىدۇ.
تەدبىرجون، ئەمما ماۋۇ داستىرخان بەك ئۇماق سېلىنىپتۇ، جۇما!!! ئەمدى توردا تىلەمچىلىك قىلىشتىن نۇمۇش قىلساڭلىچۇ؟ تور بېكەتچىلەرنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ………
بۇ نومۇسلۇق ئىش ئەمەس. تورداشلارنىڭ تەكلىۋى بىلەن يولغا قويۇلغان ئىش. سىزگە ئوخشاش تور بېكەتتىن كۆرىدىغاننى كۆرۈپ تاقاپ چىقىپ كېتىدىغان زىيارەتچىلەردىن نومۇس قىلسام توغرا بولىدۇ.
كەتتى ئەمىسە كىچىككىنە بولسىمۇ كۆڭلىمىز . تورخۇمارنى داۋاملىق قوللايمىز
@مەسۇم
ئۆزلىرى قانداقتۇر توربىكەتچىلەرنىڭ يۇزىنى كۆتەرگۈدەك نېمە ئىش قىللا غوجام ~~ تورخۇمارنى ئۇنى بۇنى دىمىسلە باكا قارغىش ئىلىۋالىلا جۇما ~~
بىز خالاپ بېرىمىز قوللايمىز چىدىمىغان بولسىلا لازا سۈكەپ ئىچىشتۇرۋالسىلا ~~
نىماندا ~~….خەپ بولدىلا جىق گەپ قىمماي ~
يىڭى تىما يوققۇ 20 كۈن بولاي دېدى window10 ، كوررېكتور،قاتارلىق يىڭىلىقلارنىمۇ بولسا چىقىرىپ قوياڭلا ئاندا قىماي~ ماقىما ؟