ئاجايىپ ئاقسا ئىشلەنگەن بىرىنچى شەخس تىپىدىكى ھەرىكەتلىك فىلىم: تەڭداشسىز ئەبلەخ
بۇ Ilya Naishuller ۋە Sergey Valyaev ئىككىيلەن تەرىپىدىن ئىشلەنگەن يۈرۈشلۈك ھەرىكەتلىك قىسقا فىلىم، فىلىمدىكى ئەڭ يارقىن ئالاھىدىلىك شۇكى، كۆرۈنۈشلەر پۈتۈنلەي بىرىنچى شەخس(ئەدەبىيات دەرسىدە بىرىنچى شەخىس نېمىنى بىلدۈرەتتى؟)نىڭ ئورنىدا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، يېتەكچىلىك تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك چىققان. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ قوراللىق ئېتىشىش، ھوللىيۋود ئېلىمېنتلىرى ھەممىسى تولۇق سەپلەنگەن بولۇپ، ھەقىقەتەن ئاقسا چىققان دېيىشكە بولىدۇ.
ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكى باش پېرسوناژ خىزمەت ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ، تۇيۇقسىز بىر دانە مەخپىي نومۇر تاپشۇرۇپ ئالىدىغان جايدىن باشلىنىدۇ…
1-قىسىم
2-قىسىم
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: فىلىم، كىنو، ھەرىكەتلىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: bad-motherfucker.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Google Glass(گۇگېل كۆزەينىكى)نى تاقاپ قىزلار بىلەن ئۇچرىشىشقا بارغاندا…
- كېيىنكى يازما > تورداشلار ياساپ چىققان «نوكىيا خەرىتىسى» ئۈنۈمىدىكى 3D كۆرۈنۈشلەر! بىر خىل ھوللىيۋود كىنولىرىنىڭ پۇرىقى بار دېسە؟!
- «يەرشارى فىلىم ئېكىسكۇرسىيىسى 2013» – توردىكى ئۇنۋېرسال كۆرۈنۈشلەرنىڭ كىرىشتۈرۈلمىسى، قالتىس چىقىپتۇ
- ھەزىللەشتۈرۈلگەن COD پۇرىقىدىكى «مارىيو جېڭى» فىلىمى، ئۈنۈملىرى خۇددى چوڭ كىنولاردىكىدەكلا چىقىپتۇ
- سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرى ئىشلىگەن قورقۇنچلۇق مىكرو فىلىم: سايە
- يەنە بىر يۈرۈش قالتىس كىرىشتۈرۈلمە | 61 بۆلۈم ئايال چولپانلارنىڭ ھەرىكەتلىك فىلىملىرىنىڭ توپلانمىسى
- كىنو-فىلىملەردىكى قايسى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ تويۇپ قالدىڭىز؟
- كىچىكىمىزدە كۆرۈپ قانمايدىغان گۇمپا چولپانلىرىنىڭ كىنولىرىدىكى ماھارەت توپلىمى، قايسى كىنولارنى كۆرۈپتىكەنسىز؟
- تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كاتتا ئىشلەنگەن مۇردا فىلىمى – مۇردىلار دۇنياسىدىكى جەڭ(World War Z) نىڭ CG ئىشلىنىش تەپسىلاتى
- بىز X1 Parkour گۇرۇپپىسىنىڭ 3 يىل جەريانىدا چىقارغان پاركور فىلىملىرىمىز…
- [ئۇيغۇرچە خەتلىك] كىشىنى ئويغا سالىدىغان قىسقا فىلىم – نۆلنىڭ ھاياتى(Zero)
- فانتازىيەلىك قىسقا فىلىم «جانباز ماشىنا ئادەم»
بۇ دىۋانما?
ھى ھى ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن دىۋان دەيدىغان گەپ مودىدىن قالدى
ئەمدىكى مودا بولسا نوچى نوچى تېمىلارنى يوللاش
سىمسىز توردا چىققان بولسام كۆرەركەنمە, ئىقىم يەتمەيدۇدە لىكىن …. مۇشۇ ئىقىمنى قاچان چەكسىز قىلىۋىتە دەيمە …
galaxy s3 نىڭ قىتىۋالىدىغان كىسىلى باركەن , ھەرگىز ئالماڭلار , مۇشۇ ئىنكاس يىزىۋاتساممۇ قىتىۋالدى دىسە…
007 دەكلا يامان ‹‹ مەن ›› كەن بۇ…
ئەمما ئالامەت ھۇزۇر ئېلىۋالدىم بۇ فىلىمدىن. بىردەممۇ ئارامچىلىق يوق ئۇرۇپ-سوقۇپلا….ئاۋۇ بوۋاقنى نەگە ئاپىرىپ قويغاندۇ
خىلى نوچى ئويۇندەكلا چىقىپتۇ!
دەھشەت لام دىيەلىدىم شۇ
ئاۋۇ ماۋزۇدىكى‹‹ھەرىكەتلىك فىلىم››دېگەن خەت ‹‹ھەرىكەتلىكفىلىم››بولۇپ قاپتۇ.توغرىلاپ قويسا بولغۇدەك…
تۈزىتىپ قويدۇم، رەھمەت
گوگىل كۆزەينىكىدە سۈرەتكە ئالغاندەك قىلىدىغۇ بۇنى؟!…
گوگېل كۆزەينىكىنى تاقاپ چۈشكەن سۆرەتكەندە ئاۋۇ ھە (نۇرنىجات ئەپەندى) ماۋۇزە لېكىن ئالامەت دەھشەت كنودەك قىلىدۇ ، چۈشۈرۈپ قۇيۇپ ئاخشاملىققا يوتقاندا يېتىپ كۈرەيچۇ.
بۇ فىلىمنى تولۇق 90 مىنۇتلۇق كىنو قىلىپ ئىشلىگەن بولسا تازا پەيزى چىققۇدەك، كۆرۋېتىپ ئۆزۈمنى فىلىمدىكى «مەن» دەكلا ھېسياتقا كەپ قالدىم.
ئېچىپلام GoPro نىڭ ئېلانىنى كۆرگەندەك بولدۇم . كۆرۈپ بوپ ھەركەتلىك ئۇيۇندىن بىرنى ئويناپ بولغاندەك بولدۇم .
مەن تېلېفۇندا چىقسام تورخۇمارغا يوللانغان فىلىملار پەقەت قويۇلمايدۇ. باشقىلىرى نورمال بولمىسا.
Android ما؟
ئاخىرىدىكى ئاۋۇ بېچارە بوۋاققا بەكرەك ئىچىم ئاغرىدى ، بېچچارە بوۋاق كەتكەن يېرىدىن قايتىپ كېلەممەيدىغان بولدىدە ….. (مەن) نىڭ بالىسىمۇنىمە ئۇ بوۋاق ؟؟