نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

تورداشلار ياساپ چىققان «نوكىيا خەرىتىسى» ئۈنۈمىدىكى 3D كۆرۈنۈشلەر! بىر خىل ھوللىيۋود كىنولىرىنىڭ پۇرىقى بار دېسە؟!

«يانفون 40 ياشقا كىردى» دېگەن تېمىدا، تورداشلارنىڭ نوكىيا توغرىلىق ئىنكاسى كۈچلۈك بولدى، دېمىسىمۇ، شاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان نوكىيا نەچچە يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە رىقابەتچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق زەربىگە ئۇچرىدى. بىراق بۇنىڭلىق بىلەن نوكىيانى ئىنكار قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. نوكىيانىڭ مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىپ باققانلار بولسا، بۇ شىركەتنىڭ ئىزچىل ھالدا مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن مەھسۇلات لايىھەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. بۇنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىنىڭ بىرى – Here خەرىتىسى…

nokia-3d-maps

NOKIA تەرەپنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، نوكىيا خەرىتىسى ئىلغار بولغان «ئارىلاشما ۋېكتورلۇق رەسىم» تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇپ، نۆۋەتتە 74 دۆلەتنىڭ 46 خىل تىلىدا يولباشچىلىق قىلىشنى قوللايدىغان، 26 دىن ئوشۇق دۆلەتنىڭ قاتناش ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە 180 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ تەپسىلىي خەرىتىسى تەمىنلەنگەن ئىكەن.

نوكىيا Here خەرىتىسىنىڭ توردىكى مەنزىلى: http://heremaps.cn

يېقىندا تورداشلار نوكىيانىڭ خەرىتىسىدىكى 3D كۆرۈنۈشلەردىن پايدىلىنىپ بىر بۆلەك سىن ياساپ چىققان بولۇپ، سىندا نيۇيورك، چېكاگو، تورونتو، لوس-ئانژېلىس قاتارلىق شەھەرلەردىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك ئىمارەتلەر كىرىشتۈرۈلگەن، ئۈنۈمى ئىنتايىن قالتىس چىققان(ئۈستىدىكى خەرىتىدىن كىرىپ شۇ شەھەرلەرنى كۆرەلەيسىز).

Wide Web World



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ، ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,373 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 05-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: wide-web-world.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. سەردارى 2013.04.05 , 18:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋاننىڭ ماڭا قالغان چىغىۋا

  2. ئۇيغۇرباي 2013.04.05 , 18:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىماندا ئىسىل يەرلەر ئۇ !!!:wink:

  3. خۇشال 2013.04.05 , 19:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ خەرىتە قالتىسكەنغۇ لىكىن بىزنىڭ مەھەللىلەنى 3D ھالەتتە ئايلانغىلى بولمايدىكەن ….:mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  4. ئويغان 2013.04.05 , 19:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نوكيانىڭ بەك كۆپ پاتنېتلىرى باردە،لۇمىيا 920 دا كامىرانى يولغا توغۇرلىسا خەرىتىگە ئوخشاش ئالدى تەرپىنى بەلگىلەپ بىردۇ دەپ بەك كۆپ ئاڭلىدىم .ئەمما ئۆزۈم باشتىن ئۆتكۈزمىدىم.
    ھازىر نوكيانىڭ يىللىق كىرىمى 300 مىليون ياۋرو.(كىرىم بىلەن ساپ كىرىمنىڭ پەرقى بار) يىللىق زىيىنى 23 مليون ياۋرو. خىزمەتچىلىرى 98 مىڭ.يىرىمدىن ئارتۇقراقى تىلگىراف ئۇسكۇنلىرى ئورتاق مەبلەغ چىقارغان نوكيا شىمىس (西门子) خەۋەرلىشىش شېركىتىدە.
    سەنشىڭ راسلا نوكيانىڭ ئورنىنى ئىلىپ ئەڭ چوڭ يانفۇن ئىلەپچىقارغۇچىغا ئايلاندىدە.
    بۇنداق ئىش ھىچ بىر كەسىپتەشۇنچىۋىلا تېز دەرىجىدە بولۇپ باقمىغان.
    مىكىروسوفىتنىڭمۇ نوكياغا بولغان قوللىشى كىلەر يىلى يەتتىنجى ئايدا توختايدۇ.
    نوكيا غەيرەت قىل!

    • ئويغان 2013.04.05 , 19:24

      غەيرەت قىل دىگەندىن باشقا نېمە دىيشىمنى ئۇقالمىدىم،نوكيا ئاخىرى ئورنىدىن تۇرامۇ ياكى مەغلۇپ بولامۇ،لېكىن مەغلۇپ بولسا ھەرگىز ئۆزىنى مىكىروسوفىتقا ياكى باشقا شېركەتلەرگە سېتىۋەتمەي مەغلۇپ بولغانلىققىنى جاكارلاپلا تاقالسا بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى نوكياغا خاس ئىش بولاتتى. چوقۇم تاقىلىشنڭ ئالدىدا خاتىرە سۇپتىدە ئەڭ ئاخىرقى يانفون چىقىردۇ. نوكيانىڭ مىكوروسوفىتقا تاينىشى توغرىمۇ خاتامۇ بىر نىمە دىمەك تەس بوپ قالدى .مىكىروسوفىت ئەينى ۋاقىتتا ئالمىغا ياردەم قىلىپ ئالما ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن .ئەمما نوكياغا كەلسەك جوبىس نوكيادا ئىشلىمەيدۇدە. مەنلا بېرىپ ئۆزۈمنىڭ تەكلىپلىىرمنى بىر قويۇپ باقسام.
      راس HTC شەخسىلەر بۇيرۇتمىسى بويچە يانفون ئىشلەپچىقىردىغان بوپتۇ. ،ئەمدى ھەممىمىز ئۆز ئالدىمىزغا يانفوندىن بىرنى لاھىيلەپلا ئىشلىتىدىغان ئوخشايمىز
      بىرە شەخسى لاھىيەڭلارنى دەپ باقمامسىلەر

  5. ئويغان 2013.04.05 , 19:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا ئويۇن ئوينىغىلى بولمايدىغان ،مىنىڭ بارمىقىمنىلا تونۇيدىغان ، يۈتۈپ كەتسە خالىغان ۋاقىتتا بىرىپ تىپىۋىلىپ ئاخسا ياندۇرۇپ ئەكىلۋالغىلى بولدىغان، رەڭگى كۈلرەڭ بولسا ھازىرچە مۇشۇ يىتىتى .

    • ئويغان 2013.04.05 , 19:44

      مەكتەپتە يۈتۈپ كەتكەن 4S يادىمغا كەلدى ،مۇشۇ گەپلەرنى دەپ ………..تولىمۇ مەجبۇر 5 نى سېتىۋالىغان. 4S نى قايتا ئېلىشنىڭ ئورنى يوق 5 نىڭ تىخى چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسىنىڭ قاچان چېقىشىنىمۇ بىلگىلى بولمىغان ۋاقىتلارتى.

  6. ۋاقتىم 2013.04.05 , 20:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راستىنلا ئېسىلكەن…:se:

  7. سەنسىز 2013.04.05 , 22:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنىلام نوكيا تىلفۇنلارنىڭ ئالدى جۇما :se::se:

  8. قاراخان 2013.04.05 , 22:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    nokia چوقۇم غەلبە قىلىمەن دەيدىكەن چوقۇم ئاندىروئىد سۇپىسىغا كۆچۈپ SAMSUNG , HTC قاتارلىقلار بىلەن بىر لىنىيىدە تۇرۇپ ئالمىغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتسە مېنىڭچە ئۈمىد با. ئىلگىرى خەنچە تور بىكەتلەردىن شۇ توغرىسىدا ئازىراق ماتېرىيال كۆرگەنتىم.
    ئەگەر نوكىيا ئاندىروئىد سۇپىسىغا يۆتكەلسە خېلى كۆپ ئىستىمالچىنى ئۆزىگە تارتالىشىدا گەپ يوق، بولۇپمۇ ئالمىغا پۇلى يوق مەندەك ئولتۇرۇپ قالغانلارغا:mrgreen:

    • ئويغان 2013.04.05 , 22:43

      ئاندىرويىد قا كۆچسە ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى يوقۇتىپ قويار،ئەمدى بېرىپ بۇمۇ بىر ھېساپتا ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى ساقلىغىنى،گوگۇلغا بېقىنغاندىن .گوگۇلغا يېقىنلاشسا بەلكىم موتۇرۇللانىڭ كۈنىگە قېلىشى ئېنىق.

      سەنشىڭ ئۆز ئالدىغا سىستىما يېزىۋاتىدۇ گوگلىغىلا تاينىپ قالماسلىق ئۈچۈن.گوگۇلمۇ سەنشىڭدەك ئاندىرويىد نى كەڭ تارقىتىدىغان يانفونىغا ھازىرچە گەپ قىلمايدىغان چىراي.گوگۇل يانفون ئىشلەپ چىقىردىغان ۋاقىتقىچە سەنشىڭ ئۈلگىرەمدۇ يوق. ئەگەر سەنشىڭ ۋىندوۋوس سەككىز سىستىمىلىق يانفون چىقىرىپ قالسا نوكيا نېمە بولاركى ، يا ئاخىرى يانفون گوگلى يانفون،مىكىروسوفىت يانفون ،ئالما يانفون دەپ ئۈچى قالارمۇ ؟دۆلەت ئىچىدىكى يانفون شېركەتلىرى نىمىلا ئەھۋال بولىشدىن بىخەتەر ھالەتتە تۇرىۋېردۇ.
      ئالمىلا ئۆزىگە خاس قورغان بىلەن ساقلىنىپ تۇرۋاتىدۇ.
      يۇمشاق دىتال ئاخىرى ئۆزنىڭ كۈچىنى قاتتىق دىتالغا تونۇتىپ قويدى.

    • ئابومجان 2013.04.06 , 00:50

      نوكىيا تېلفۇن ھەقىقەتەن دەۋىر سۈرگەندە بىر زامانلادا ، نوكىياغا ئەجەپ ئىچىم ئاغرىيدۇ، تۇنجى ئىشلەتكەن ئەقىللىق تېلفۇنۇم نوكىيا ئىدى، يېڭى سېستىما يازاي دىسە خەقلەرنىڭ ئۇنىڭغا كۆنمىگى ئاسان ئەمەس ،ئەنجۈرگە كۈچەي دىسە ھېچ بىر ئالاھىدىلىكى قالمايدۇ ،دۆلىتىمىزدىكى نەدە بىر تاغ تۇرا شىركەتلەرنىڭ ئەنجۈر تېلفۇنىمۇ خېلى يامان ، بۇلۇپمۇ شىياۋمى نىڭ MIUI سېستىمىسى خېلى ئالقىشقا ئىرىشىۋاتىدۇ، مىنىڭچە باشقىچىراق يول تاپقىنى ياخشى ، ئەنجۈرگە كۆچسە ئۆلگىنى شۇ

    • ئابومجان 2013.04.06 , 01:03

      سەپلىمىسى ئوخشاش ئەنجۈر تېلفۇن بولسا ، نوكىيانىڭ باھاسى دۆلىتىمىزدە ئىشلىگەن تېلفۇنلارغا قارىغاندا چۇقۇم قىممەت بۇلىدۇ ، ھېچ ئالاھىدىلىكى بولمىغان نوكىيانى نىمە ئۈچۈن ئالىمە ؟ ماركىسىنى دەپما؟ شۇڭا نوكىيا دو تىكىپ ئىسىل سېستىمىدىن بىرنى يازسا ياكى جان بېقىش ئۈچۈن ئەرزان باھالىق ئەنجۈرلەرنى ئىشلىگىنى ياخشى، ماركىسى ھەرخىل بولغان بىلەن مۇشۇ ئەنجۈر تېلفۇنلار ماڭا ئوخشاشلا تۇيىلىدۇ جۇما ، ئەنجۈر ئالما ، مۇشۇنىڭدىن باشقا ئىسىلراق تېلفۇن سېستىمىسى يوق ئوخشايدا جۇما ، ما خەقنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۈلۈپ ئۇخلاشنىمۇ ئۇنتۇپتىمە

    • بانكىر 2013.04.06 , 18:57

      نوكىيانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى قايسى بىر مۇخپىرلارنى كۈتۋىلىش يىغىنىدا ئوچۇق قىلىپ نوكىيا ئاندىرۇئىد سېستىمىسىنى ئىشلەتمەيدۇ، ئۆ ئۆزنىڭ خاسلىقىنى ساقلاپ قىلىشنى 1-ئورۇنغا قويىدۇ، ئاندىروئىدنى ئىشلىتىش نىيتىمىز بولسا ئاللىبۇرۇن ئىشلەتكەن بولاتتۇق، بۇ كەمگىچە ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، نوكىيا بۇنىڭدىن كىيىنمۇ wpبولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتمايدۇ، دەپتۇدەك.
      نوكىيا 920نىڭ سىتىلىشى ئىزچىل ياشى بولۋىتىپتۇ، ھەتتا مال يىتشمەسلىك مەسىلىسىمۇ يۈز بىرىپتۇ. 920يانفونى نوكىيانىڭ بۇنىڭدىن كىينكى تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل مىش.
      نوكىيا كىىنكى قەدەمدە تاختا كومپيوتېر ئىشلەپچىقىرىپ تاختا كومپيوتېر بازىرىدا ئۆزىنىڭ ئورنىنى تىكلەيمىش،
      لىكىنزە مىنىڭ كۆزۈم يەتمەيۋاتىدۇ، ئالدىنقى كىنى بىر خەۋەردە نوكىيانىڭ جۇڭگۇدىكى باش شىتابىنى ستېۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى، شۇنداق بىر گىگانىت شىركەتنىڭ ھەش پەش دىگۈچە موللاق ئىتىشى ئادەمنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدۇ.

    • ئويغان 2013.04.06 , 19:52

      باش شىتابى ئەمەس شاڭخەيدىكى بايراقدار دۇككىنىنى تاقىۋەتتى.تاختا كومپىيۇتېرنى راس ئىشلەيدىغان ئوخشايدۇ.لۇمىيا 920 نى ئاساسەن بۇرۇنقى نوكيانىڭ قوللىغۇچىلىرى سېتىۋىلىپ باردۇ ،ئالما ۋە قارا بۆلجۈرگەن تەرەپتىن كەلگەن ئادەم يوق ھىساپتا.

  9. پىنھان 2013.04.06 , 00:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نوكىيانىڭ يانفۇنلىرى قارىماققىمۇ باشقا يانفۇنلاردىن سۈپەتلىك ، ئىسىل تۇرىدۇ . نى نى يانفۇنلارنىڭ ئالدىدا باشقىچە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتالايدۇ . ئەمما نوكىيا ئوغاۋالىدەكلا ئىناۋەتنى ساقلاپ ئاندرويىدەتەك پاخال سېستىمىغا يۈزلەنمىدى .. ھېلىمۇ ئۆزىنىڭ قان تەرىگە كەلگەن سمبىيان دىن مۇ بەك تەس ئاجرىدى بۇلار . ئەمدىكى ئۈمىد مۇشۇ windows 8 يانفۇنىدا قالدى .

    • ئابومجان 2013.04.06 , 01:02

      بەك ئىسىل گەپ قىپسز ئاكا ، ماڭىمۇ بەك پاخال تۇيىلىدۇ بۇ ئەنجۈر ، 30خىل تېلفۇننىڭ يىلتىزى يەنىلا شۇ ئەنجۈرغۇ ، ئادەمنى مايىل قىلغىدەك سەل ئەقلىيلەشكەن سېستىمىدىن بىرنى يازسا بۇلتى نوكىيا

  10. ئىلتەبىر 2013.04.08 , 00:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نوكىيانىڭ يانتېلېفۇنىدا تارتىلغان سۈرەت نېمە دىگەن سۈزۈك! مەن ئىلگىرى ئىشلەتكەن نوكىيا يانتېلفۇنۇمنى ئەسلەيمەن.

  11. رىتىم 2013.04.08 , 02:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نوكىيا مىكروسوفىت بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن بازارغا سالغان wp8 سېستىمىلىق لۇمىيا تىپىدىكى تېلىفۇنلىرى سۇزۇكلىك دەرىجىسى تولىمۇ يۇقىرى شۇنچىلىك كۇركەم،نەپىس،سىپتا ،چىرايلىق.نوكىيا باشتىن باشلاپ ھازىرغىچە باشقىلارنى دورىماي خاسلىقىنى ساقلاپ كەلدى.بۇنڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولغۇسى.بۇرۇنقى سەلتەنەتلىك سالاپىتىنى قايتا ياراتقۇسى! غەيرەت قىل نوكىيا!!!!!

  12. رىتىم 2013.04.08 , 10:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    غەيرەت قىل نوكىيا!!!!!!

  13. تۇلپار 2013.05.11 , 00:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    0xc0000142دېگەن نېمە دېگنې ئۇيۇننې ئاچاي دېسەم شۇ خەت چېكۋالدې

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量