نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

غەرىبكە ساياھەت ھەققىدىكى سىز ئوقۇمىغان بىر قانچە پارچە خەت

ئەلقىسسە تاڭ سېڭ باشچىلىق غەرپتىن نوم ئەكىلىش ئۆمىكىدىكىلەر قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئۆز تۆھپىسىگە يارىشا مۇناسىپ خىزمەت ئورۇنلىرىغا تەقسىم قىلىنىپتۇ ، يېقىندا ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا يىزىشقان بىر قانچە پارچە خېتى توردا تارقىلىپ يۈرۈپتىمىش، ئۇنداقتا بىز بۇ خەتنىڭ مەزمۇنىغا قۇلاق سالايلى.

tangceng

بىرىنچى پارچە خەت: تاڭ سېڭنىڭ چوڭ شاگىرتى سۈن ۋۇكۇڭغا يازغان خېتى

ۋۇكۇڭ، قانداق ئەھۋالىڭ؟ قايسى كۈنى يىغىندا بۇلۇپ قېلىپ تېلېفۇنۇڭنى ئالالمىدىم، ئۆزەڭمۇ بىلىسەن ھازىر يىغىن زاللىرغىمۇ كۈزۈتۈش ئاپاراتى ئورنىتىۋىتىشتى ، تېلىفون ئىشلىتىشكە بولمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزەن گەپلەرنى تېلېفۇندا چۈشەندۈرۈشمۇ ئەپسىز. غەربتىن نوم ئەكىلىش  يولىدىكى جاپا-مۇشەققەتلەردە سەن بولمىغان بولساڭ، ئېھتىمال مەن ئاللىمۇقاچان ئالۋاستىلارغا يەم بۇلۇپ بىر زەمبىل پوققا ئايلىنىپ بولغان بۇلاتتىم. مەن بىلىمەن، سەن تولىمۇ غايىلىك ھەم جاسارەتلىك ئىدىڭ، ئەمما ھازىر ساڭا راسلا ئۇۋال بولدى. گەرچە غەرىپتىن نوم ئەكىلىش خىزمىتىدە سىنىڭ نەتىجەڭ ناھايىتى گەۋدىلىك بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى. ھازىر قايسى دەۋىر، بۇرۇنقىدەك ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغىلا تايىنىۋېلىش كۈپايە قىلمايدۇ، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىمىسەك بۇلامدۇ دەيسەن.
تۆت شاگىرتنىڭ ئىچىدە، ئاق ئەجدەرئاتنىڭ دادىسى غەربىي دېڭىزنىڭ شاھى، ئۆلچەملىك «ئەمەلدارنىڭ پۇشتى»، نومنى ئېلىپ قايتىپ كىلىپ نەچچە كۈنگە قالمايلا غەربىي دېڭىزنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىقىغا بەلگىلەندى. ئالدىنقى قېتىم مىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلىپتىكەن. ئۇنىڭ ھازىرقى سۆلىتى مەندەك بىر ئەرش سىياسىي كېڭىشى مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ سۆلىتىدىنمۇ قالتىس بۇلۇپ كىتىپتۇ. باجى بىلەن شىياسېڭ تۆۋەندىن ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلگەنلەر، ئۇلارنى كونا خىزمەت ئورنىغا قايتۇرۇپلا قالماي يەنە تۈنۈگۈنكى دائىمىي كومىتىت يىغىنىدا تۇلۇق بېلەت بىلەن رەسمىي ئىدارە دەرىجىلىك كادىر بۇلۇشى قارار قىلىندى.
سەنچۇ ؟ تاشنىڭ قېتىدىن چىقتىڭ، ھىچقانداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشۈڭمۇ يوق، ماتىرياللىرىڭىمۇ تۇلۇق ئەمەس، پەقەت ئۆزەڭگە تايىنىپلا تىرىشىشىڭ كېرەك. باجىنى مازاق قىلىپلا يۈرمەي، كىشلىك مۇناسىۋەت جەھەتتە ئۇنىڭدىن كۆپىرەك ئۆگەن. ئۇ ھازىر خۇددىي بېلىق سۇغا ئېرىشكەندەك ، يۇقۇرنىڭ سىزىقىدىن چىقماي ياخشى كىتىپ بارىدۇ.ئايال كادىرلار ئارىسىدىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر كۈچكە ئىگە. ئالدىنقى قېتىملىق ئىلغار ياش كادىرلارنى كۆرسۈتۈشتە، سەن ئىككى بېلەتكە ئېرىشتىڭ. بىر بېلەتنى مەن تاشلىدىم، يەنە بىر بېلەتنى ئۆزۈڭ تاشلىغان. ئەمما باجىنىڭ بېلەت سانىچۇ، ئۇنىڭ ھەممىنىڭ ئالدىدا، ئاڭلىسام ئاي پەرىسى چاڭ ئې مۇ ئۇنىڭغا بېلەت تاشلاپتىمىش، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگۈرىشى مۇشۇنداق تىز تۇرسا، مەن چېغىمدا تازا ماسلىشىپ كىتەلمەيۋاتىمەن. شىيا سېڭنىمۇ خېلە ئېغىر بېسىق، يۇۋاش كۆرەتتىم. ئۇمۇ لىيۇ شا خې دەرياسى بۇيىغا ئۆي – مۈلۈك شىركىتى قۇرۇپ، ئايغا داچا سېلىپ تۇقۇمىچى قىز بىلەن بىللە تۇرۇۋېتىپتۇ. ئاڭلىسام ھۆر پەرىلەر بىلەن ئاپاق چاپاق بولۇپ يۈرەمىش، ئوننەچچە يۈرۈش ئۈيى بار دەيدۇ.
ۋۇكۇڭ، سەن چۇقۇم يۇقۇرى قاتلامدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلىمىساڭ بولمايدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرش ئوردىسىنى قالايمىقان قىلىپ چارە كۆرۈلۈپ، بىرتەرەپ قىلىنغان يامان تەسىرىڭنى يوقۇتۇشۇڭ لازىمدۇر. سىنىڭ چىمەنتاغ مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتىتىدا ۋاقىتلىق ئىشلەۋاتقانلىقىڭغىمۇ ئۈچ يىل بۇلۇپ قالدى، مەنمۇ ئارلىقتا سەن ئۈچۈن كۆپ يول ماڭدىم، خېلە ماسلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ باردىم، ئەمما تا ھازىرغىچە رەسمىلىشەلمەيۋاتىسەن. زادى نىمە سەۋەپتىن؟ سەن بۇ توغۇرلۇق ئوبدان ئويلۇنۇپ كۆرگىن. مىجەزىڭدىكى سەۋەنلىكلەر ئۈستىدىن غالىپ كەل، داۋاملىق باشقىلارغا ئۆتكۈر كۆزلۈرۈڭ بىلەن تىكىلىپ تۇرۋالماي ، كىچىك پېئىلراق بولغىن. كەلسە كەلمەس گەپنى ئازقىلىپ، مايمۇن ئېغىزلىقىڭنى ئۆزگەرت. ھازىر ئارىمىزدا بويتاقتىن سەنلا قالدىڭ. ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ بۇ يامىنى كەلسە سىنىڭ ئىستىل مەسىلەڭگە بېرىپ تاقىلىشىمۇ مۇمكىن. ئۆيلەنمەي تۇرۇپ قانداقمۇ كەسىپتە نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ. مەنچە بولغاندا پاسىق سۆڭەك ئالۋاستى خېلە يامان ئەمەس. ئالدىنقى قېتىم بىر كېچىلىك بەزمىخانىدا كۈرۈشۈپ قالدىم. ئۇ سىنى «مەيدىسىدە تۈكى بار ، ھەقىقىي ئەركەك» دەيدۇ. خەقنىڭ ئۆتمۈشىگە ئېسىلۋالماي، ئۇنىمۇ ئويلۇشۇپ باق.
ئالدىنقى كۈنى ئاياللار دۆلىتىنىڭ پادىشاھى يەنە توي ئىشىمىزنى ئالدىرتىپ تېلېفۇن ئۇرۇپتۇ. مەنمۇ تىزراق قىلىۋىتەيمىكى دەيمەن بۇ توينى. ئۇ گەرچە ئۆمۈچۈك جىندەك جەزبىدار، توشقان جىندەك ئوماق بولمىسىمۇ، بەرىبىر پادىشاھ دە؛ كىيىنكى يۇقۇرى قاتلامدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ھەم كەلگۈسى ئىستىقبالىمدا راۋرۇس يۆلەك بۇلالايدۇ. ئۆمۈچۈك جىن، توشقان جىنلار خالىسا ئارلىشىپ ئۆتسەك بۇلىۋېرىدۇ ئەمەسمۇ.
بولدى، سەل جىق سۆزلەپ قويدۇم. ئۆزۈڭنى كۆپ ئاسىرا.
__ تاڭ سېڭ

20131220183840_86066

ئىككىنچى پارچە خەت:  سۈن ۋۇكۇڭنڭ پاسىق سۆڭەك ئالۋاستىغا يازغان خېتى

ئاپپاق سىڭلىم ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ ئاۋۋال سىزدىن تولىمۇ سەمىمىيلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن. تۈنۈگۈن ئۇستازىمنىڭ بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. خەتنى قايتا-قايتا ئۇقۇپ چىقتىم. خەتتە مىنىڭ قەلبىمدىكى ھەقىقي دەردىمنى تىلغا ئېلىپتۇ. مەن ئەمدى سەل ھۇشۇمنى تاپقاندەك بولدۇم. كېچىچە كىرپىك قاقماي ئويلۇنۇپ ھەممىنى چۈشىنىپ يەتتىم. نەچچە يۈز يىل ياشاپتىمەن. جاھاننى مالىمان قىلىپ ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەي ياشلىقىمنى بىھۇدە ئۆتكۈزۋېتىپتىمەن. ھازىر ئويلىسام ئىچىم تولىمۇ ئاچچىق بولىدۇ. ئۇستاز گەرچە سەل ساختىپەزرەك بولسىمۇ، ئەمما ماڭا سەمىمىي گەپ قىلىپتۇ. ئۇنىڭغا چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېتىمەن.
غەربتىن نوم ئەكىلىش ئەمىليەتتە يۈرۇن سۇلتان بىلەن بۇتساتۋانىڭ ئەتراپلىق پىلانلىغان قىلتىقى. سەپەر ھەرگىزمۇ بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا مۈشكۈلمۇ ئەمەس. مەندەك بىر يۇقۇرى ماھارەتلىك ئەۋلىيا ئەزەمگە نىسبەتەن، بىردەمچىلىك ئىش ئىدى. ئەمما ئۇستاز بولسا ئۆستۈرۈش ئوبىكتى، پەقەت ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەت تەجىربىسى كەمچىل خالاس. شۇڭلاشقا تۆۋەنگە چېنىقىشقا چۈشۈرۈلگەن. لىكىن ئۇنى يالغۇز يولغا سېلىشقا بولمىغاچقا، مەن باجى، شىيا سىڭ ۋە ئاق ئات قاتارلىق خاتالىق ئۆتكۈزگەن بىرقانچىمىزنى ئۇنىڭغا بىللە قۇشۇپ قۇيۇشتى. سەپىرىمىزدىكى توققۇز يەردە توققۇز سەكسەن بىر مۈشكۈلاتلارنىمۇ بۇتساتۋا ئىنچىكە پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇستازغا ھەرگىزمۇ خەۋىپ يەتمەيدۇ. بىز نەگىلا بېرىپ كىمگە يۇلىقايلى، ھەممىسى ئاۋالىك سۇۋارا بۇتساتۋاغا بەش قولدەك ئايان. ھەر قېتىملىق جىددىي پەيىتتە مەن ئۇنى ئىزدەپ بارمىساممۇ، ئۇنىڭ بىرەرسىنى ياردەمگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېنىق. سىزدەك ھىچقانداق بىر ئارقا تېرىكى يوق ئاجىزەدىن بۆلەك، ئاشۇ ئاتالمىش ئالۋاستىلارنىڭ، قايسى بىرى بىرەر بۇتساتۋانىڭ ئەرمىكى بولمىغان تەغدىردىمۇ، بىرەر ئەۋلىيانىڭ ئاسىراندىسى ئەمەس. ئۇلارنىڭ قۇلىدا ئەۋلىيا ئەمبىيالارنىڭ سەرخىل قوراللىرى تۇرسا، مەن قانداقمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ بۇلالايمەن. تېخى مەن جېنىمنى تىكىپ قۇيۇپ بۇرنۇمدىن قان كەتكۈچە ئېلىشىپ،  مەغلۇپ قىلاي دىگەندە، ئۇلارنىڭ ئارقا تېرەكلىرى كىلىپ «ۋۇكۇڭ، بۇدا يۈزۈمنى قىلغىن، بۇنى مەن ئېلىپ كىتىپ جازالاي» دىسە، مەن يەنە نىمە دىيەلەيمەن.  شۇ ئاچچىقىمدا سىزدەك يۆلەنچۈكسىز ئاجىزەنى ئۇرۇپ قويدۇم، مىنى يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈڭ.
ھازىر ئۆسىدىغان يېشىمدىنمۇ ئۆتۈپ كەتتىم. ئەمدى ئۇ ئىشلارنى ئويلىغىممۇ يوق، ياخشىراق بىر قىزنى تېپىپ، ئۆيلىنىۋالسام، بەخىتلىك خاتىرجەم بىر ئائىلەم بولسا، ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرسەم دىگەنلا ئۈمۈدۈم قالدى. ئىككىمىزمۇ ئۇرۇشمىغىچە تېپىشماس دىگەندەك، بۇرۇن ئارىمىزدا كۆڭۈلسىزلىكلەرمۇ بولغان. تۇنۇشقان قىزلىرىم ئىچىدە ئەڭ قول قۇيىدىغىنىم دەل سىز. گەرچە سىز ھۆسىنقامەتتە تولغان، تولىمۇ ئىقتىدارلىق بولسىڭىزمۇ، ئەمما ھىچقانداق بىرەر ئەمەلدارغا سۈيىڭىزنى چىقىرىپ بىرەر نەپكە ئېرىشىش ئارزۇسىدا بولماي، ئۆزىڭىزگە تايىنىپ جاھان سوراپ كەلدىڭىز. ئۆتمىشنى ئەسلەپ باقسام، مەن ھەقىقەتەن سىزنى تولىمۇ ياقتۇرىدىكەنمەن. ئەمىليەتتە بىزنىڭ خارەكتېرىمىزدىكى، رومانتىكلىقىمىز، راستچىىللىقىمىز، مۇھەببەت نەپىرىتىمىز تولىمۇ ئوخشاش ئىكەن. سىزنىڭمۇ يېشىڭىز بىر يەرگە باردى، بۇنداق ئولتۇرىۋەرسىڭىز ئاي پاتەم بولۇپ قالىسىز. بولمىسا ئىككىمىز بىللە ئۆتسەك قانداق بۇلا؟ مەن ئىسكىلىت غارىغا بارساممۇ بولىدۇ، ۋەياكى سىز چىمەنتاغقا كەلسىڭىزمۇ بولىدۇ. بىز بىرلىكتە چىمەنتاغنىڭ ساياھەتچىلىگىنى راۋاجلاندۇرساق بۇلارمۇ؟ مىنىڭ بىر گۇمپا كەسپىي-تېخنىكا تەربىيلەش مەكتىپى ئېچىش پىلانىم بار. سىزنىڭچۇ؟ قانداق ئارزۇ- ئارمانلىرىڭىز بار؟ مەن چۇقۇم سىزنى قوللايمەن. سىز بىلەن بالا-چاقىلىق بولۇپ، ئۇلارنى ياخشى تەربىيلەپ، داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، كەلگۈسىدە كاتتا ئەمەلدار قىلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئۇلارنىڭ بىزدەك كۈنگە قېلىشىنى ھەرگىزخالىمايمەن.
بىلمەيمەن، مىنىڭ بۇ ئارزۇ ئىستىكىم ئەمەلگە ئاشامدۇ يوق. خەۋىرىڭىزنى كۈتىمەن. سىزگە خۇشاللىق تىلەپ : ئەرىشكە تەڭداش ئەۋلىيا ئەزەم
___سۈن ۋۇكۇڭ

20131220183930_91285

ئۈچۈنچى پارچە خەت:  پاسىق سۆڭەك ئالۋاستىنىڭ سۈن ۋۇكۇڭغا يازغان خېتى

سۈن ئەپەندى، خېتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. مىنى ھازىرمۇ ئەسلەپ تۇرغانلىقىڭىزغا كۆپ رەخمەت. كەچۈرۈڭ، مەن سىزگە ياتلىق بۇلالمايمەن. ئالدىڭزىدا تولىمۇ خىجىلمەن. بۇ ھەرگىزمۇ سىزگە ئاداۋەت ساقلاپ يۈرگىنىم ئەمەس، ھەرگىز خاتا چۈشەنمەڭ. ئەينى چاغدا سىز مىنى گۈرزىڭىز بىلەن ئۇرۇپ كاللامنى سىلكىپ قويغاندىلا، ئاندىن ھۇشۇمنى تاپقان ئىدىم. ئاشۇ ۋاقىتتا ئۇستازىڭىز، باجى ۋە شىيا راھىپلار مىنىڭ ئالۋاستى ئىكەنلىگىمنى بىلسىمۇ، ئۇستازىڭىز ساختا بىلمەس بۇلۇۋېلىپ، قەستەن بىر كۆزىنى قىسىۋالدى. باجى ماڭا قانات سۆرەپ ئۈلگۈردى. شىياسىڭ تۇخۇ يۈرەكلىك قىلىپ كەينىڭىزگە ئۆتىۋالدى. پەقەت سىزلا مەرتلىك بىلەن كۆكرەك كىرىپ چىقىپ، مىنىڭ تازا ئەدىۋىمنى بەردىڭىز. دىمىسىمۇ ئاشۇ چاغلاردا مەن ھەقىقەتەن تاياققا لايىق ئىدىم. نۇرغۇن كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ قېنىمغا پاتمايلا قالغان ئىدىم. پەقەت سىزلا دادىللىق بىلەن ماڭا تەربىيە ئىشلەپ، قايتىدىن ئادەم بۇلۇش يۇلۇمنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدىڭىز. شۇ چاغدا مەن ، سىز غەرىپتىن قايتىپ كەلسىڭىز سىزنى ئىزدەپ بېرىپ، توي قىلىپ، بالىلىق بۇلۇپ ، ئېشىڭىزنى ئىتىپ ، كىرىڭىزنى يۇيۇپ خىزمىتىڭىزدە بۇلۇشنى نىيەت قىلغان ئىدىم. ئەمما كىيىن نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى. بارا-بارا قارىشىمدىمۇ ئۆزگۈرۈش بولدى.
سىلەر نومنى ئېلىپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ، ئۇستازىڭىزنىڭ نەتىجىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مەنسەپكە ئېرىشتى، ھەم ناھايىتى تىز ئۆسۈپ ئالىي رەھبەرلىك ئورنىغا چىقتى. بەلكىم سىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. سىز چىمەنتاغقا قايتقاندىن كىيىن مەن ئەرشتىكى كېچىلىك بەزمىخانىلاردا ئىشلەپ يۈردۈم. كىيىن ئۇستازىڭىز بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ داۋاملىق كىلىپ مىنى ئىزدەپ ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ يۈردى. ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ غەرىپتىن يېنىپ كىلىپ ئاياللار دۆلىتىنىڭ پادىشاھى بىلەن توي قىلغانلىقىنى، ھازىر مۇناسىۋىتىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ئايال ھازىر بەئەينى چىشى يولۋاسنىڭ ئۆزىمىش، ھەركۈنى بېشەملىك قىلىپ كوتۇلداپ، تېللېفۇن، كىيۇ كىيۇ ، ئۈندىدار قاتارلىق شەخسىي پاراڭ خاتىرىلىرىنى تەكشۈرۈپ ئارام بەرمەسمىش. ئەڭ يامان بولغىنى بىر نەچچىنى تۇغۇپلا، بەدەن شەكلى ئۆزگۈرۈپ، چوشقىدەك سەمىرىپ كىتىپتىمىش.
ئۇستازىڭىز يەنە ماڭا ، ئەينى چاغدا ماڭا كۆزىنىڭ چۈشكەنلىكى، ئەمما تۆۋەنگە چۈشۈپ چېنىقىش مەزگىلىدىكى تەشكىلىي تۈزۈمنىڭ چىڭلىقى، ئىستىل مەسىلىسىدىن ئەنسىرەپ شۇنداق ساختا قىياپەتكە كىرۋالغانلىقى، كىيىن غەرىپتىن قايتىپ كەلگەندە ئىزدەي دەپ ئويلىغانلىقى، ئەمما ئاياللار دۆلىتىنىڭ پادىشاھىنىڭ دادىسى بېسىم ئىشلىتىپ تۇرۋېلىپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن ئامالسىز ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىنى ئۆزىگە كىچىك توقال بۇلۇشۇمنى ئۈتۈندى. نام ئەمەلدىن بۆلەك، ھەممە نەرسىنى بېرىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ مەن ئۇ ماڭا ئېلىپ بەرگەن داچىغا كۈچۈپ باردىم. ئۇستازىڭىز قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئاق ئاتنىڭ ئورنىغا يۇقۇرىدىن بىر ماشىنا ئېلىپ بېرىپتىكەن، ئۇ ماشىنىنىمۇ ماڭا سوۋغا قىلىۋەتتى. مەن ئۇستازىڭىزنىڭ سىرتتا باشقا ئاياللار بىلەن ئاپاق چاپاق بۇلۇپ يۈرگەنلىكىنىمۇ بىلەتتىم. ئۇنىڭ يالغان ئارخىپ ياساپ ئۆمۈچۈك جىننىڭ يېشىنى ئۆزگەرتىپ، باشقا بىر ئىدارىگە رەسمىي شىتاتلىق كادىر قىلغانلىقىنى، توشقان جىننى ساياھەت ئىدارىسىگە يۆتكەپ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئىش بىجىرىش بۆلىمىگە مۇئاۋىن كاتىپ قىلغانلىقى قاتارلىق مەخپى سىرلىرىنى بىلسەممۇ، مەندە نىمە ئامال دەيسىز، ئاچچىقنى ئىچىمگە يۈتمەكتىن باشقا ئامال بولمىدى. ئالدىنقى يىلى مەن ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم، فامىلىسىنى قوللىنىشقا پېتىنالماي ئۆزەمنىڭ فامىلىسىنى ئىشلەتتىم.
سۈن ئەپەندىم، خاپا بولماڭ، ھەم مىنى پەس كۆرمەڭ. سىز بىلەن بىرگە ياشىسام نامىملا بۇلىدۇ خالاس، ئەمما پۇل بولمىسا قانداق قىلىمىز؟ سىز بەلكىم بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، مەن نامراتلىقتىن بەك قورقىمەن، ھازىرقى ئۆي باھاسىدا ئۆي ئېلىپ بۇلالماسلىقىمىز مۇقەررەر، بىر ئۆمۈر ئۈڭكۈردە ياشاپ ئۈتىمىزما؟ ئىككى-تۆتتال شاپتۇلنىڭ پۇلىغا قاراپ ئولتۇرساق جان باققىلى بۇلامدۇ، بالىنى باقمىساق، ئۇقۇتمىساق، ئىش تېپىپ بەرمىسەك، ئۆي ئېلىپ بەرمىسەك، ۋاي ۋۇي ، ئاسان ئەمەس جۇمۇ؛ ھازىر ئادەملەر سىزنىڭ پۇلىڭىز بولسىلا سىزگە باشقىچە نەزىرىدە قارايدۇ، پۇلىڭىز پاكىزمۇ پاسكىنىمۇ چاتىقى يوق، سىز گۇمپا كەسپىي-تېخنىكا تەربىيلەش مەكتىپىنىڭ گىپىنى قىلىپسىز، مەنچە يەنىلا بولدى قىلىڭ. كالتەكنى ئىككى ئۈچ پىرقىرىتىپ قويغانغىلا خەق سىزدىن گۇمپا ئۆگىنەمۇ؟
ئاخىردا سىزگە ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسىراڭلا دىيەلەيمەن. راسلا ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسىراڭ، شاپتۇلنىڭ پوستىنى سۇيۇپ يەڭ، ھازىرقى مىۋە-چىۋىلەرنىڭ ھەممىسىگە دېھقانچىلىق دورىسى چاچىدۇ، يۇيۇپمۇ چىقىرالمايسىز. ئاڭلىسام كالا دىۋە ئۈلۈپ كىتىپ، بانان يەلپۈگۈچلۈك مەلىكە تۇل قېلىپتىمىش، قارلىق مەزگىلىمۇ تۇشاي دەپ قاپتۇ، بەلكىم ئۇياقلاردىن ئۈمۈد بار بۇلىشى مۇمكىن.
خەير-خوش سۈن ئەپەندى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
  • ھالقىلىق ســــۆز:
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,528 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: gherpke-sayahet-xet.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئابومجان 2013.12.21 , 23:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان دىگەننى ئوتتۇرۇپ ژىتىۋەتتىم بۈگەن ، 2014-يىللىق دىۋاننىمۇ ئولتۇرۇپ بوغان ئوخشايمە:mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  2. م 2013.12.21 , 23:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دەشتقۇ ،بۇلارنىڭ رىۋايىتى قاچانمۇ تۇگەر ھە؟:grin:

  3. مەن 2013.12.22 , 00:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئامرىقىم بارمۇ سىز

    • مەن 2013.12.24 , 08:34

      ئىنكاسنى ماۋۇ يەرگە يېزىپ قوياپتىمەن . ئەسلى ئاۋۇ يەرگە يازماقچىتىم .

  4. yawaxboy 2013.12.22 , 17:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالامەت يىزىپىتۇ

  5. ئەلى 2013.12.23 , 12:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سازكەندىن بىرسى كەتتى،،قارىغاندا پەندە-نەسىھەتلەردىن ساۋاق ئالمىساق راستىنلا بۇلمىغدەك،،،

  6. مۇتەللىپ 2013.12.23 , 22:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پاھ بەك ئىسىلكەن

  7. رىۋايەت 2013.12.24 , 15:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەق بەسەيلەر سۇلالىسىدىكى جەمىيەت بىرخىل قىزقارلىق سۆكۈلۈپتۇ ،قەلەم قابىليىتى كۈچلۈككەن

  8. مايماق 2013.12.25 , 12:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىككى كۈن بۇرۇن خەنزۇچىسىنى ئۇقىغانتىم ،ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量