نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

مەھمۇد قەشقەرى بىلەن مەن شەخسەن تونۇش ئەمەس، لېكىن بىلىشىمچە ئۇ بىر ئۇلۇغ شائېر…

«مەھمۇد قەشقەرى بىلەن مەن شەخسەن تونۇش ئەمەس، لېكىن بەزىبىر مەلۇماتلارغا قارىغاندا مەھمۇد قەشقەرى ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى» تۆۋەندىكى سىن مەزمۇنىدىكى بۇ بىر جۈملە سۆز ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. ئانا تىلىنى كېكەچلەپ سۆزلەۋاتقان بۇ بىر توپ قىزلار ھەتتا ئەڭ ئاددى بىر قاتار مىللى ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزنى بىلمەيدۇ. بىلال نازىمنى، نوزۇگۇمنى بىلمىسە مەيلىتى لېكىن مەھمۇد قەشقەرىگە بولغان قارىشى راستىنلا ھەر بىرىمىزنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.

qizlar

مەزكۇر سىن قازاقىستان رېسپوبىلىكىسى يىللىق گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى، ئۇيغۇرئۆلكىسى مۇسابىقە رايۇنىى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدىكى ئونىۋېرسال بىلىمىنى سىناش باسقۇچى بولۇپ مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ماھىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلىمىنىڭ چولتىلىقى ئادەمنى بىزار قىلىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇلار پۈتكۈل قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. لېكىن ئويلىنىشقا تىگىشلىك يەنە بىر مەسىلە شۇكى بىزنىڭ قىزلىرىمىزمۇ يەنە قانچە زامانلاردىن كېيىن مۇشۇ ھالەتكە قالار ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۈگىنىش خوش ياقمىغان ئېلىپبەگە ھازىر زار بولىۋاتىمىز. دىمەك ئۇلارنىڭ بۈگۈنى بىزنىڭ كەلگۈسىمىز بولىشى مۈمكىن. شۇڭا ھەربىر ئۇيغۇر زاتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرتىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشتىن ئارتۇق ۋەزىپىسى يوق دەپ ئويلايمەن.

قوشۇمچە : ئوسمان مەمتىمىن ئىجىراسىدا « ئانا تىلىم »



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 30 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. پىنھان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇلار ھەتتا يات يۇرتلاردا ئۇيغۇر بولۇپ ياشاۋاتىدۇ دىگەن يەردە ئارلىقتىكى سۆزلەر لەپتوپنىڭ سەزمە تاختىسىغا قول تىگىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئۆچۈپ كېتىپ چۈشىنىكسىز بولۇپ قاپتۇ . ئۆزەڭلار چۈشىنىپ ئوقارسىلەر . قايتا تۈزەتكۈم يوق ….. ئەمەلىيەتتە ئوتتۇردىكى سۆزلەرنى ئۆزەڭلەر ھېس قىلىۋالساڭلارمۇ ياخشىدەك تۇرىدۇ .

  2. جۇرئەت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .(پىنھان)قېرىندىشىم ۋە بارلىق مۇنبەرداشلار ..(پىنھان)قېرىندىشىم راس دىدى ئەسلىدىنلا بىز ئۇيۇشقان ئۇيغۇر مىللىتى ئوز ئارا بىر-بىرى مىزگە مىھىرلىك بۇلىشىمىز بىزنىڭ ئەزىلدىنلا گۇزەل ئەن-ئەنىلىرىمىزدىن بىرسى ..بۇنى يۇقۇتۇپ قۇياي دىدۇق مۇشۇنداق داۋاملىشى ۋەرسە بىزمۇ قالىمىز ئوز ۋەتىنىمىزدە شۇ ئاقىۋەتكە…………………………………………………………. :mad:

  3. داداش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن سىلەردەك غەزەبلىنەي دېسەممۇ، ھېچ غەەزبلىنەلمىدىم، چۈنكى @##$%^&&*))@@#$%%%

  4. سادا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇلارنى كۆرۈپ ئابدىقادىر جالالىدىننىڭ ‹ ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا › دىگەن ئەسىرىدىكى ئابزاس يادىمغا كىلىپ قالدى . :- مەن چەتئەلگە چىقتىم. ئۇلار مەندىن ‹ سەن كىم ؟ › دەپ سورىدى . ‹ ئويغۇر › دەپ جاۋاپ بەردىم، ئۇلار بېشىنى چايقاشتى . سانى 1000 غا يەتمەيدىغان ئېسكىمۇسلارنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ. لىكىن سانى 10 مىليۇنغا يتىدىغان ئويغۇرلارنى ئۇلار بىلمەيدۇ. ئەگەر 10 مىليۇن كېسەكتىن ئىمارەت قوپارساق پۈتۈن دۇنيانى تاڭ قالدۇرىدىغان قەسىر پۈتكەن بۇلاتتى . ئويغۇر دىگەن نامنى قامۇس ئېنسكىلۇپىدىيەلەردىن ئىزدىسەك بىر ئابزاس سۆز بىلەن ئىزاھلاپ بولدى قىپتۇ. لىكىن چىۋىن ، پاشا توغۇرلۇق بايانلار نەچچە ۋاراقتىن ئاشىدۇ . بۇ ئىشلار ماڭا بەك ھار كەلدى .

  5. سىرداش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ ناخشا ھەقىقەتەن ياخشىكەن

  6. ئىليار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يۈزىنى داپتەك قىل «بىلمەيمە » دىيىشىنى تېخى …
    ھەجەپ سەت كۆرۈنۈپ كەتتى ئاۋۇ …
    توۋۋا~

  7. مىرزا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇلا ئەڭ ئاددى ساۋاتلانىمۇ بىلمەيدىكەنغۇ؟ توۋا

  8. باھادىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رىياسەتچى دەرۋىش ئانسامبىلىدىكى بودەك شۇما،ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۆزلەيدىكەن بولمىسا…بۇلار ئۇيغۇرتىلىنى بەك بىچارە سۆزلەيدىكەن…ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالايلا دەپتۇ

  9. ئابباس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دوسلار ماڭا ئۇلارنى ئۇيغۇر. دىمەڭلار

باھا بېتى: 1 2





باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)