قاتىل ئەقىدىسى4 چىقماي تۇرۇپ پاركورسى چىقىپ بوپتۇ ئەمەسمۇ؟!
«قاتىل ئەقىدىسى» فرانسىيەنىڭ داڭلىق ئويۇن شىركىتى UBisoft ئاچقان بىر تۈرلۈك مۇنەۋۋەر ئويۇن، مۇنداقچە ئېيتساق، شۇ بىر ئالىي دەرىجىلىك ئوغرى، تامدىن-تامغا ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ، ھەر خىل فانتازىيە. ئويۇندىكى ئەڭ كلاسسىك ھەرىكەت: ئېگىز جايدا تۇرۇپ پەسكە سەكرەش. ئارقىدىن شاراق-شۇرۇق قىلغان ئاۋاز بىلەن بىر دۆۋە ساماننىڭ ئۈستىگە چۈشۈش. ئۇنداقتا رېئاللىقتا بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز؟ جاۋابى: پاركور.
تورخۇماردا ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان «قاتىل ئەقىدىسى» دىكى Altair نىڭ قىياپىتىدە ياسىنىپ پاركور ئويناش ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇداقىسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ماھارەت. كۆرۈنۈشلەر CANON EOS 1DC 4K دا سۈرەتكە ئېلىنغان.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: پاركور، ماھارەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,140 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: assassins-creed-4-parkour.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > چەتئەللىك تورداشلار ياساپ چىققان نىمجان(半条命2) فىلىمى – Gravity Gun
- كېيىنكى يازما > 4 مىنۇتتا كىنوچىلىق تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ 25 ئالاھىدە ئۈنۈم ئىشلىتىلگەن كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ چىقىش(TOP25)
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
- بېشىدا ياڭاق چېقىپ دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان پاكىستانلىق يىگىت [V]
- ئۆتكەن بىر يىلقى توردا نام چىقارغان داڭلىق شەخسلەرنىڭ كارامەتلىرى توپلانمىسى
- ۋەھشەت ئويناپ قويغان كوچا پۇتبولى! توپ دېگەن پۇتقا چاپلىشىپلا تۇرىدىكەنغۇ بۇلارنىڭ؟!
- سىرلىق تىك-تاك پىچاق زادى قانداق ئىش؟ تىك-تاك پىچاقچىلار يەنە نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراشتۇ؟
- پۇت-قولى يوق يىگىت CS:GO دېگەننى تىتىۋېتىدىكەن، ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەر ئاز ئەمەس
- ھەقىقىي ئادەم نۇسخىسىدىكى Temple Run ئويۇنى
فەچەت! تېما قىلىپ يوللاي دەپ يوللىماپتىكەنمەن. ئەمدى يەنە بىر كۆرۈۋېتەي.
ئەمدى بۇنىڭكىنىمۇ كۆرىدىكەنمىزدە ، رەھمەت ئېمسە
بوپ قۇيدىكەن ھە
كوچىدا يۈگرەپلا يۈرىدىكەنغۇ ،ئادەمنىڭ ئىچى پۇشۇپ قالىدىكەن ، بىرسىنى قوغلاپ ياكى قوغلىتىپ قىلسا تېخىمۇ ياخشى چىقمامدۇ دەيمەن .
بىر بۇرادىرىم بەك ئامراقتى بۇ ئۇيۇنغا ، سىننى كۈرۈپ ئاغىنەمنى ئەسلەپ قالدىم ، تېلفۇن قىپ قۇياييا ھازىر
بۇنى سىنغا قانداق ئالغاندۇ؟ ھېچ بىر تىترىگەن ھالىتى يوقكەن، قاتمۇ قات سۈيقەستتەك تىترىمەپتۇ بۇ.
تورخۇماردا شۇنداق بىر تېما بولىدىغان. قولدىلا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ سىلكىنىشتىن ساقلاپ، تەڭپۇڭ ھالەتتە سىنغا ئېلىشقا ياردەم قىلىدىغان ئۈسكۈنىنىڭ بارلىققا كەلگىنىنى تونۇشتۇرغان. شۇ ئۈسكۈنىنى ئىشلەتكەن بولىشى مۇمكىن.
سىتانىكاڭ دەيدىغان بىرنەرسىگە كامىرانى ئورۇنلاشتۇرۇپ سۈرەتكە ئالسا مۇشۇنداق تىترىمەيدۇ .
فىلىمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى ئون نەچچە سىكونتلۇق يېرىنى فىلىم تولۇق تۈگىگىچە تولۇق كۆرۈڭ، ئاخىرىدا سۆرەتكە ئېلىش جەريانى كۆرستىلىپتۇ.
توغرا مەنمۇ بۇنى تورخۇماردا كۆرگەن سىلكىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان توك كەتمەيدىغان ئۈسكۈنە.
بولۇپمۇ مايمۇندەك تامغا يامىششلىرىنى كۈرۈپ ھەيران قالدىم دىسە ،يا سۇنۋۇكۇڭنىڭ كىچىك بالىسىمۇ بۇ
بۇ ئۇيۇننىڭ خەنزۇچە ئىسمى نىمە
خەنزۇچىسىنى 刺客信条دەيدىغۇ دەيمەن .. قالتىس چىقىپتىغۇ
راس گەپ قىلسام ،فاركورسىنىڭ تايىنى يوقىكەن ، مەن مەنزىرە كۇرۇپ چىقتىم ، يۇگۇرگەن جايلىرى بەك چىرايلىقكەن.
راسىت شۇنداقكەن، ھەرىكەتلىرى شۇنداق ئادەتتىكىچە.
ئەمەلىيەت بىلەن ئۇيۇن ئوخشىمايدۇدە ….
ئاسان ئەمەس پەچەت قىپتۇ!!