يەرشارىنى بىر مەھەل قاپلىغان دۇنياغا داڭلىق ئويۇن – ماشىنا ئوغرىسى(GTA) نىڭ تور(Online) نۇسخىسى چىقماقچى!
ماشىنا ئوغرىسى(GTA) ئويۇنىنى بىلمەيدىغانلار يوق دېيەرلىك. جۈملىدىن مەنمۇ كومپيۇتېرنىڭ مائۇسىنى تۇنجى تۇتقان ۋاقتىمدىمۇ مۇشۇ ئويۇننى ئوينىغان. نەخ گەپكە كەلسەك، 10-ئاينىڭ 1-كۈنى GTA Online(ماشىنا ئوغرىسى تور نۇسخىسى) ئېلان قىلىنىدىكەن. ئاۋال تەشۋىق فىلىمىنى كۆرۈپ كۆزنىڭ پىتىنى ئۆلتەگەچ ئولتۇرىلى.
GTA Online تەشۋىق فىلىمى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: GTA، ئويۇن، تور ئويۇنى، فىلىم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 31,057 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: gta-online-video.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > موگۇلارنى يەنچىپ چەيلەپ، تاملارنى پارتىلىتىپ تاشپاقىلارنى كۆيدۈرۈپ غالجىرلىشىپ كەتكەن بۇ قايسى مارىيودۇ ئەمدى؟!
- كېيىنكى يازما > سوقۇنۇپ كىرىش تىپىدىكى چوڭ سىغىملىق ئويۇن – ھۈجەيرە بۆلۈنمىسى6: قارا تىزىملىك
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
بۇ ئويۇننىڭ ھەممە نۇسخىسنى ئويناپ تۈگىتىپ بولغان ئىدىم. تور نۇسخىسى چىققىنى مېنى بەك خۇشال قىلدى . تەقەززا بىلەن كۈتىدىغان بولدۇمدە
جۇڭگودا بازارغا سېلىنسا تېڭشۈن ۋاكالەتچىلىكىنى سېتىۋېلىپ ئۈزىنىڭ بەلگىسىنى ئەڭ ئۈستىگە چېقىرۋالىدۇ ھەقاچان …
لىكىن ئۇيۇن بۇلا مۇشۇنداق بۇلا كاساپەت ،ھەر قانداق ئۇيۇننىڭ ئىلىمىنتى تىپىلدىغان ئۇيۇنكەن جۇمۇ .لىكىنزە مۇشۇ جۇڭگوغا كىرەمۇ مۇشۇ ئۇيۇن .
ۋاھ….بۇ مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئويۇن ….2 3 يىل بۇرۇن مۇشۇ ئويۇننى تاماملاشتا بەسلىشىپ يۇرەتتۇق،تور نۇسخىسىىنىڭ ئىلان قىلىنىىشىنغا تەشنا بولغىلى نەۋاخ…
ھە باللا ، ما نۇسخىسى چىقسا ، توردا نومۇرىمىزنى قالدۇرۇپ قويۇپ ، بىر رايوندا ئوينايلى ماقۇلما؟
ئەڭ ياختۇمايدىغان ئويۇننىڭ بىرسى مۇشۇ، تور نۇسخۇسى قانداقراق چىقاركىن؟
باشقا ئويۇنلاردەك ھەمكارلىشىپ ئوينىساققۇ بەك ياخشى بۇلاتتى. ئەمەسما
مەن ئەڭ ئامراق ئويۇننىڭ بىرسىتى بۇ …………….. بىر چاغلادا تازا ئونايتۇق …
تور نۇسقىسى قانداق چىقا ھەممەيلەن ئۆز ئالدىمىزغا بىر شەھەردە بىر بىرسىمىزنىڭ ماشىنىمىزنى بۇلاپ ئوينامىزمۇ
قايسى دۆلەتتە قايسى شىركەت ئېلان قىلىدىكەن ؟؟
ئەمما لېكىن بەك ئەركىن ئويۇن جۇمۇ بۇ
ئويۇن بۇرۇنقىدەك بولسا . ئاۋۇنىڭكىدەك باشقا مۇسابىقە ياكى بانكا بۇلاشنى دىگەندەك ئىلمىنتلارنى ياماق چۈشۈرۈپ قاچىلىسا ئاندىن ئوينىغىلى بولسا بۇمۇ بولغۇدەك . لىكىن توردا قانداق ئۇسۇلدا بولىدىغاندۇ ؟؟؟
ئەلۋەتتە جۇڭگۇبازرىغا كىرىدۇ.جۇڭگۇمۇ ئالدىنقى قاتاردىكى ئويۇن ھەۋەسكارلىرى دۆلىتى.تىڭشۇندىنمۇ.ئاغرىنىپ كەتماڭلا. بۇ لا ئويۇنلانى قىممەت سېتۋېلىپ ئەزەن تەمىنلاتىدۇغۇـ ماۋۇ ئەنگىلىيەدىكى باللا ئۇقۇدۇ.بۇيەدە جۇڭگۇدا ھەقسىز ئويناپ بوغان ئۇيۇنلانەمۇ پۇلغا ساتدىغان ^ەپ
بۇ ئويۇننىڭ ھېلىقى ۋېلىسىپت مىنىپ باشلىندىغان بۆلۈمىنى يەرلىك توردا تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولاتتى، بىرسى ماشنا ھەيدىسە ياندىكى كومپىيۇتېردىكىسى شۇ ماشنىغا چىقىپ ئوق ئېتىپ دېگەندەك.
دۆلەت بايرىمىلىق چىقىدىكەندە بۇ ئويۇن ،قىنى خۇماداشلا شۇ چاغدا بەسلىشىپ باقايلى ،ماخما ،
بۇ ئويۇننىڭ چۇشۇرۇش ئورننى يوللاپ قويساڭلار؟مەنمۇ ئويناپ باقسام
ئۇيۇننىڭ 5-بۆلۈمى 16-سىنتەبىردە ئېلان قىلىنىدىكەن.
نىمىدىگەن ياخشى
بولدۇ، مەن بىر ئويۇن خۇمارى مىنى قارشى ئىلىشىڭلانى ئۇمۇد قىلمەن. ھە راس قانداق قىلسام رەسىممنى چىقىرىمەن.
مەنمۇ ئەڭ دەسلەپتە كومپىيوتېرنى مۇشۇ ئويۇننى دەپ قىزىققان… ئۇ چاغدىكىسى بىر ئاق تەنلىك ۋاشىنگېتوندا ۋەزىپە ئورۇنلاپ ئوينايتتى…شەھەرلەرمۇ كىچىك ئىدى…كېيىن بارا-بارا تەرەققىي قىلىپ مۇشۇ ھالەتكە يەتتى…ئويلاپ باقسام ھەممە نەشرىنى ئويناپ بېقىپتىمەن…ۋەزىپىنىمۇ ئالامەت ئورۇنلاپ قوياتتىم… مېنىڭ بىر غايەم بار ئىدى مۇشۇ ئويۇن توغرۇلۇق-مۇشۇ ئويۇننىڭ تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۈرۈمچى شەھىرىنى لاھىيەلەپ ئويناپ كەتسەك ھە؟!-دەيدىغان
مەنچە بۇ ئويۇن چىقىپ جۇڭگۇ بازىرىغا كىرسىمۇ، چوقۇم 国服دەپ بازارغا سالىدۇ، ئاندىن كىشىلەرنىڭ ئويناش ئەھۋالىغا قارىتا ئويۇندىكى ھەقلىق نەرسىلەرنى ئوغىدىن قىممەت ساتىدۇ، ئەگەر ئوينىساقمۇ مەۋھۇم دۇنياغا پۇلا خەجلەپ ئۆتسەك بولىدۇ، ھازىرقى تور ئويۇنلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق، بىزنىڭ بالىلار ئەمىلى ئەھۋالى، ئائىلە ئىقتىسادى دېگەنلەر بلەن ھېسپلاشمايلا پۇلنى مۇشۇنىڭغا خەجلەيدۇ، مەنمۇ تور ئويۇنى ئوينايمەن، بىراق ئۇنداق ئۆزەمنى بىلمەي ئويۇنغا كىرىپ كېتىدىغانلردىن ئەمەس، بۇ ئويۇن چىقسا مەنچە ئىزدىنىپ دۆلەت سىرتىدىكى مۇلازىمىتىرلارنىمۇ سىناپ باقساق بولىدۇ، كۆپچىلىك چەتئەل بىلەن دۆلەت ئىچى مۇلازىمىتىرىرىنى سېلىشتۇرۇپ باقساڭلار بولىدۇ….
مەنمۇ بۇ ئۇيۇنغا شۇنداق ئامراقتىم ،،،،ھازىرمۇ ئۇكام بىلەن ئىككىمىز تالىشىپ تۇرۇپ ئوينايمەن،،،بۇ ئۇيۇن ھەقىقەتەن ياخشى
بۇنى توردا ئوينىسا قانداقراق بولار ، ئا تەشۋىقات فىلىمىگە قارىسام قەبىھ ئىشلىگەندەك تۇرىدۇ
راس 10.1 چىقامۇ بۇ ئويۇن بەزى ئويۇنلار ئىلان قىلىندىغان ۋاقتىدا ئىلان قىلىنمايدىكەن
مەنغۇ PS3تە بۇﺋﻮيۇننىڭ تولۇق نۇسقىسىنى تورغا يوللانغان كۈنى چۈشۈرۈپ ﺋﻮﻳناشنى باشلىۋەتكەن ھەقىقەتەن پەيزى ﺋشلەپ قويۇپتۇبۇﺋﻮﻳۇننى مەنزىرلىرىمۇ ﺋەمىلىدەكلابۇرۇنقى نۇسقىلىرىدن نەچچە ھەسسە ياخشىدەك ھىس قىلدىم.
ئويۇن 4.ئاينىڭ14.كۈنى ئىلان قىلىندى باللا بىلەن توردا بىللە ۋەزىپە ئورۇنداپ ئويناۋاتىمىز
ئويۇننىڭ steamدڭن سىتىۋىلىش باھاسى187 كوي