3D تېخنىكىسىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، كومپيۇتېر ئويۇنلىرىمۇ ئاجايىپ نادىرلىشىپ كېتىپ بارىدۇ دېسە، مەزكۇر ئويۇندا سىز بىر مەۋھۇم پلانېتتىكى سان-ساناقسىز تاشقى پلانېت ئالۋاستىلىرى ۋە قاراقچىلار بىلەن جەڭ قىلىسىز، ئويۇننىڭ ئىچكىرىلىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ سىرلىق تۈسكە تولغان بىر سۈيقەست سىزنىڭ يولىڭىزنى توسماقچى بولىدۇ. Lost Planet ئويۇنىنىڭ گەرچە كومپيۇتېر سەپلىمىسىگە بولغان تەلىۋى بىر ئاز …..
كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بەزىبىر ئىشلارغا ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئەقلى ھەيران قالىدۇ، ھەتتا كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ بولۇش ئۇنچە ئاسان ئىشمۇ ئەمەس. ئىنسان كۆزىنىڭ كۆرۈش ئالاھىدىلىكى تۈپەيلى، بەزىدە كۆزىمىز بىزنى ئالداپ قويىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بېرىپ قالىدۇ، تۆۋەندىكى مەنزىرىلەر دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالى .
نۇرغۇن ھاللاردا بىز تور بېكەت لايىھەلەۋېتىپ، بىر قىسىم چىرايلىق ئايكون ئەندىزىلىرىگە مۇھتاج بولۇپ قالىمىز، بلوگ ياساش بولسۇن، تور بېكەت ياساش بولسۇن ۋە ياكى باشقا لايىھە ئىشلىرىدا بولسۇن، چوقۇم لازىمى بولىدۇ. بىراق بىز ئەسلىدىنلا بىر تۇغما لايىھەلىگۈچى ئەمەس، چىرايلىق ئايكونلارنى ياساپ چىقىشقا نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدىغىنى ھەممىمىزگە ئايان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە تورداشلار …..
گەرچە توردىكى كۆچۈرمىكەشلىك ھەققىدە خېلى كۆپ يازمىلار يېزىلغان بولسىمۇ، يەنىلا بىر قىسىم «يازما ئوغرىلىرى» يازما كۆچۈرگەندە ئەسلى مەنبە ئۇچۇرىنى قوشۇشنى خالىمايۋاتىدۇ ياكى مەنبەنى چىقىرىۋېتىپ ئاندىن كۆچۈرىۋاتىدۇ، شۇ سەۋەپتىن بىر قىسىم ئىجادى يازما ئاپتورلىرى گاڭگىراپ قالىدىغان، ئۆزىنىڭ ئەمگىكىنى قانداق قوغداشنى بىلەلمەيۋاتقان ئەھۋال مەۋجۇد. گەرچە بۇ خىل ئەھۋالنى %100 توسۇپ كەتكىلى …..
ئالدىنقى قېتىم يوللانغان بىر قانچە يۈرۈش ئېنگلىزچە تاللانما ناخشا توپلىمى تورداشلارنىڭ خېلى ياخشى ئىنكاسىغا ئېرىشىپتۇ، بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ رەتلەنگەن يەنە بىر يۈرۈش نادىر چەتئەل ناخشىلىرىنى يوللاپ قوياي. ئېنگلىزچە ئۆگىنىۋاتقان ۋە لاتىنچە ناخشىلارنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان تورداشلارغا ئەسقېتىپ قېلىشى مۇمكىن.
مەن ئادەتتە ياپونىيەنىڭ كارتون فىلىملىرىنى خېلى كۆرۈپ قويىمەن. Naruto دېگەندەك كارتونلارنى كۆرۈۋاتقىلىمۇ ئاز-كەم 5 يىل بوپتۇ، ئىلگىرى توردىن مۇشۇ فىلىمگە ئاۋاز بەرگەن ئارتېستلارنىڭ نەقمەيدان ماھارىتىنى كۆرۈپ بىر ھوزۇرلانغان ئىدىم. بىراق مەن كۆرگەن ئۇ سىندا ھەر بىر پېرسوناژ ئۈچۈن، ئايرىم ئاۋاز ئارتېستلىرى سەپلەنگەن ئىدى. بۈگۈنكى بۇ سىندىكى قىزچاق …..
ئېنىرگىيە توپى2 (action ball2) بولسا، بىر تۈرلۈك خېلى يامان ئەمەس ھېسابلىنىدىغان كىچىك ئويۇن ، ئېكران كۆرۈنمە يۈزىگە 3D ئۈنۈم ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئويناش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن ئاددى ۋە قىزىقارلىق، ئاخىرىدا تورخۇمار دوستلارنىڭ روزى ھېيتنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزىشىگە تىلەكداشمەن!
ئۈستىدىكى فىلىم- 2009-يىلى ئىشلەنگەن ھىندى فىلىمى « خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر » فىلىمى بولۇپ، ھىندى چولپىنى شاھرۇھخاننىڭ يەنە بىر نادىر ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى بۇ فىلىمنى كۆرگەن چاغدا، ناخشىلىرىنى ئاڭلىمايلا ئۆتكۈزىۋېتىپتىكەنمەن. ئالدىنقى كۈنى توردىن بۇ فىلىمنىڭ تەشۋىقات فىلىمىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ مۇنداقلا قويۇپ بېقىۋېدىم، كارامەت كۆز ئالدىمدا شۇ ھامان نامايەن بولدى، ئەسلىدە …..
يېقىندا Adobe شىركىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك يېڭىلاپ، ئەڭ يېڭى CS5 نۇسخىلىرىنى ئېلان قىلدى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىچىدە كۆپچىلىككە تونۇش بولغان Adobe Photoshop مۇ بار بولۇپ، بۈگۈن كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلگىنىم، Photoshop CS5 نىڭ ئىخچاملاشتۇرۇلغان ۋە ھەقسىز ئاكتىپلىنىدىغان نۇسخىسى . بىر قىسىم زىيادە چوڭ سىغىمدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ياقتۇرمايدىغان، چۈشۈرۈشكە ھورۇنلۇق قىلىدىغان ۋە ئاكتىپلاش ئاۋارىچىلىقىدىن قورقىدىغان تورداشلار ئۈچۈن ياخشى …..
بۇ يازمىدا توردىن يىغىۋېلىنغان بىر قىسىم تەگرەسىملەرنى قالدۇرۇپ قوياي، دائىم ئېكران رەسىمىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان دوستلار ياقتۇرۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. چۈشۈرگەندە رەسىمنى چېكىپ كىرگەندىن كېيىنكى ئۇلانمىدىن چۈشىرىۋالساڭلار بولىدۇ.
بۇ بولسا، Pixar نىڭ 2009-يىلى ئىشلىگەن، «ئۇچار ئۆي ساياھەت خاتىرىسى» فىلىمىنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمىغا قوشۇپ ئىشلەنگەن بىر تۈرلۈك ئىنتايىن نادىر 3D قىسقا كارتون فىلىم . فىلىم ۋەقەلىكى يۈكسەك كومىدىيە ۋە ئاجايىپ تەسەۋۋۇر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن، بىر كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىگۈدەك تەۋسىيە دەرىجىلىك كارتونلارنىڭ بىرى…
QQ ھازىر ھەر بىر كىشىنىڭ كۈندىلىك تور مەشغۇلاتىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل قورال بولۇپ قالدى، ئەلۋەتتە 腾讯 شىركىتىنىڭ QQ نى بۇنچىلىك دەرىجىدە ئومۇملاشتۇرالىشى ۋە غەلبە قازىنىشى ئارقىسىغا, نۇرغۇن ھېكايىلەر ۋە قىسمەتلەر يوشۇرۇنغان. تۆۋەندىكىسى ئەينى يىللىرىدا بولۇپ ئۆتكەن QQ تور نامى توغرىسىدىكى ھېكايەت بولۇپ، توردىكى ماتېرىياللارغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىپ …..
ھەي مەن مۇشۇ تۇرخۇمارغا تىمىنى ئەمەس ئىنكاسنى دەپلا كۇندە يۇقلايمەن دىسە يامان قىززىق ئىنكاسلار كۇپ جۇمۇ