مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ06-كۈنى  كۆرۈلىشى: 371 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ بەدەن تېرىسىدە پەيدا بولىدىغان، تېز تارقىلىپ يۇقىدىغان ماش ياكى پۇرچاق چوڭلۇقتىكى قىزىل رەڭلىك ئۇششاق مودۇرلاردىن ئىبارەت ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، بۇ كېسەل بىلەن ھەرقانداق ياشتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى ئاغرىيدۇ. بۇ كېسەل بىلەن بىر قېتىم ئاغرىغاندىن كېيىن قايتا ئاغرىمايدۇ، چېچەك چېكىلسە بۇ كېسەلگە قارشىلىق كۈچ پەيدا بولۇپ يۇقۇملانمايدۇ. 

سەۋەبى: ياۋا چېچەكنىڭ پەيدا بولۇلشىدىكى سەۋەب ئىككى خىل بولۇپ تەبىئىي سەۋەب ۋە غەيرىي تەبىئىي سەۋەبتىن بولىدۇ. 

1. تەبىئىي سەۋەپ: تەبىئىي سەۋەب ھامىلىنىڭ ئانا قورسىقىدىكى ۋاقتىدا ئانىنىڭ ئوزۇقلىنىش يولى بىلەن بەدىنىگە كىرگەن نەرسىلەرنىڭ تەركىبىدىكى چېچەك پەيدا قىلغۇچى جاراسىملارنىڭ ئانا تېنىدىن ھامىلە تېنىگە ئۆتۈش ۋە بۇ ئامىللارنىڭ بالا بەدىنىدە ساقلىنىپ قېلىشى تەبىئىي سەۋەب دېيىلىدۇ. 

2. غەيرىي تەبىئىي سەۋەب: بۇمۇ ئىككى خىل بولىدۇ. 1) قان قىيامىنىڭ ئۆزەىرىشى ۋە ئۇفۇنەتلىنىشى سەۋەب بولىدۇ. 2) باشقا خىلىتلارنىڭ بۇزۇلۇشى، ھاۋانىڭ پەۋقۇلئاددە ئېشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان سېسىق گاز، بۇزۇق ماددىلارنىڭ تەسىرىدە چېچەك پەيدا قىلغۇچى جاراسىملار كۆپىيىپ كېتىپ، بۇ كېسەل كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. 

3. ئۇنىڭدىن باشقا چېچەك كېسىلىنىڭ ئۇفۇنەتلىرى ۋە جاراسىملىرى بىلەن بىۋاستە يۇقۇملىنىش بۇ كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەب ھېسابلىنىدۇ. 

ئالامىتى: دەسلەپتە زۇكامغا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، كېسەل بالىنىڭ بەدىنى قىزىيدۇ. جۇغۇلداش پەيدا بولىدۇ، باش ۋە بېلى ئاغرىيدۇ، كېرىلىدۇ، ئەسنەيدۇ، يۆتىلىدۇ، بۇرنى قىچىشىدۇ. يۈز-كۆزلىرى قىزىرىدۇ، ئۇسسايدۇ، ئاغزى تاتلىق بولىدۇ، گېلى قۇرۇيدۇ. بۇ ئالامەتلەر كۆۈلۈپ ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە تارقاق كىچىك قىزىل مودۇرچاقلار پەيدا بولۇشىغا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ يۈزلىرى ئىسىلىدۇ. يەتتە-سەككىز كۈندە مودۇرچاقلار تولۇق چىقىپ بولۇپ، چوڭىيىپ، ماش چوڭلۇقتىكى ئاق يىرىڭلىق قاپارچۇقلار قېتىشقا باشلىغاندا، پۈتۈن بەدەنلىك بەلگىلەر يەڭگىللىشىدۇ. ئىككى-ئۈچ ھەپتە ئۆتكەندە قاپارچۇقلار قېتىشىپ، قارامتۇل قاقاچ باغلاپ تۆكۈلۈشكە باشلايدۇ. بەزىلىرى تېشىلىپ يىرىڭ چىقىپ كېتىدۇ. قاقاچلار تۆكۈلۈپ بولغاندىن كېيىن قاقاچ ئورنى چوڭقۇر تاتۇق بولۇپ قالىدۇ. بۇ تاتۇقلار خەلق ئىچىدە چېچەك ئىزى ياكى چوقۇر دەپ ئاتىلىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: قاننى سۇيۇلدۇرۇش، ھارارەتنى پەسەيتىش، بۇزۇق ماددىلارنى تازىلاش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورىلار بىلەن داۋالاشتا: 

1-رېتسىپ: قىزىل گۈل، كۇندۇر، سەبرى، ئەنزىرۇت ۋە خۇنسىياۋشاندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۈرمىدەك يۇمشاق ئېزىپ، جاراھەتكە سېپىپ بەرگەندە بۇزۇلغان ئارتۇق گۆشلەرنى يەيدۇ. جاراھەتلەرنى پۈتتۈرىدۇ. 

2-رېتسىپ: چېچەك قاپارچۇقلىرى پىشماي قۇرۇشى كەينىگە سۈرۈلسە ئەدەس، قىزىل گۈل ۋە يۇلغۇن ياغىچىنىڭ قىرىندىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئۈستىگە ئازراق تۇز سېلىپ پاكىز پاختا بىلەن يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرگەندە چېچەك كېسىلىگە شىپا قىلىدۇ. 

3-رېتسىپ: كاپۇر ۋە سەندەلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا قوشۇپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرگەندە ھارارەتنى پەسەيتىدۇ. 

4-رېتسىپ: يېڭى سۈت بىلەن كۈنجۈت يېغىنى قاينىتىپ يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرگەندە جاراھەتنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىلىرى سۈرىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: نېلۇپەر شەربىتى، ئەرقى شاھتەررە، ئەۋرىشىم شەربىتى قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: سۇيۇق-سەلەڭ، ئاسان سىڭىدىغان غىزالارنى بېرىپ يەللىك، مايدا قورۇلغان تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.