ئالدىنقى يازمىمىزدا جېپنىڭ ۋەكىللىك نادىر ئوغلانى – چارۋىچى بىلەن تونۇشقان ئىدۇق. جېپنىڭ دۇنيادىكى ھەممە ئادەم تونۇيدىغان مۇشۇ گەۋدىسى بىلەن پۈتكۈل دالا ماشىنىسى ئورتاق ھالدا «جېپ ماشىنا» دەپ ئاتىلىدۇ. تىپىك دالا ماشىنىسىنىڭ ۋەكىلى بولغان جېپنىڭ تارىخىغا خېلى كۆپ ئەركەكلەر قىزىقسا كېرەك. قېنى، بىرلىكتە ئۇلارنىڭ شانلىق تارىخىغا نەزەر سېلىپ كۆرەيلى.
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن دالا ماشىنىسىنى «جېپ ماشىنا» ياكى 吉普车 دەپ ئاتاشقىنىنى ئاڭلايمىز. Jeep ئۆزىنىڭ باشتىن-ئاخىر ساقلىغان خاسلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن شۇ قەدەر ئورۇن ئالالىغانكى، پۈتۈن بىر ماشىنا تۈرىنى ئۆزىنىڭ ماركىسى بىلەن ئاتايدىغان قىلىۋەتكەن.
چاپقۇرلار ئائىلىسىگە تەۋە ماشىنىلىرى كەڭ تارقالغان گىرمانىيە داڭلىق ماركىسى PORSCHE «پورش» نىڭ كايەن دەيدىغان بىر SUV سى بار. كۆپ قىسىم ھەۋەسكار دوستلار بىلسە كېرەك. نۆۋەتتە ھازىرچە مەخسۇس چاپقۇر ياسايدىغان بىر ماركىنىڭSUV شەكلىدىكى 4 ئىشىكلىك ماشىنىنى ئالاھىدە ياسايدىغاندىن پەقەت پورشلا بار. ئاڭلىساق يېقىندا قاتىل چاپقۇر ماركىسى «لەمبورگىنى» Lamborghini بۇنىڭغا رىقابەتچى ياسىغۇدەكمىش …
10 ئاي مۇقەددەم «جانغا ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەر (1)» دېگەن بىر يازمىمىزدا يېڭى شوپۇرلار ئۈچۈن ماشىنا ھەيدەشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك جەمئىي 15 تۈرلۈك ئىشلارنى ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۈگۈن شۇ يازمىمىزنى داۋام قىلىمىز.
BMW نىڭ SUV (دالا ماشىنىسى) لىرىدىن BMW X3, X5, X6 لەرنىڭ بارلىقىنى كۆپىنچىمىز بىلىمىز. يېقىدىن كۆزگە خېلى بۇرۇندىن باشلاپ سىغىپ قېلىۋاتقان X5 بىلەن ئۇنىڭ ئۇكىسى بولمىش X3 نىڭ ئارىسىغا X4 دەپ ئاتىلىدىغان بىر SUV نى ئىشلەپ چىقىرىدىكەن. BMW ئورگان تەرەپ X4 نى ئەڭ تېز بولغاندا 2014 – يىلى بازارغا سالىدىغانلىقىنى بېكىتكەن.
تويوتا كەمرىي TOYOTA CAMRY نىڭ 2012-نۇسقىسى بازارغا سېلىنماقچى بولىۋېتىپتۇ. يېڭىلىغانسىرى ياشىرىپ كېتىۋاتقان بۇ لايىھەلەرگە قاراپ ئادەم باشقىچە سۆيۈنۈپ قالىدىكەن. كېلىپ بىر كۆرۈپ باقايلىمۇ؟
Audi نىڭ ئېسىل چاپقۇرى R8 ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان بىر توپ ئاشىقلار بۇ گۈزەل چاپقۇرغا مەستانە بولۇپلا يۈرۈشتى. «ئۆزگىرىشچان ماشىنا ئادەملەر» نىڭ 2-بۆلۈمىدە بۇ چاپقۇر ئۆزىنى كىچىككىنە نامايەن قىلىشى بىلەن بۇ چاپقۇرغا مەستانە بولغۇچىلار سانى تېخىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار