ئالما تېلىفۇنى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېلىفۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن بىز بىلىپ بولمايدىغان نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى، تېگىگە يېتىپ بولمايدىغان سىرلارنى، چەكسىز كېڭەيتىشچانلىققا ئېگە بولغانلىقى ئۈچۈن بىزگە كۈندە يېڭىلىق بېرەلەيدىغان يوشۇرۇن ئىقتىدارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. سىز ئايفون ئىشلەتكۈچى بولسىڭىز ئايفونىڭىزنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ بەلكى مەن ئۆزۈممۇ بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئىلگىرى بەزى دوسلار مېنىڭ ئايفونىمنىڭ ئۈستىدە نېمىشقا ئۇيغۇرچە ”پاسىبان“ دىن باشقا يەنە بىرتال ماشىنا ۋە ئايفوننىڭ رەسىمى بارلىقىنى سورىغان ئىدى. بۇ ئەسلى رەسىم ئەمەس. بەلكى ئايفوننىڭ ئۆزىدە بار بولغان گۈزەل ئايكونلاردىن تەركىب تاپقان Emoji كونۇپكا تاختىسىنىڭ كارامىتى…

داۋامىنى ئوقۇش »

كومپىيۇتېردا بەزى تېكىست ھۆججەتلىرىنى ئايفوندا كۆرۈشكە ئېھتىياج تۇغۇلىدۇ. بۇنى مۇرەككەپ جەريانلار ئارقىلىق PDF كە ئايلاندۇرۇپ iBooks ئارقىلىق ئېلكىتاب شەكلىدە كۆرۈشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. تۆۋەندە TXT فورماتىدىكى ھۆججەتنى ئايفوندا مۇكەممەل كۆرەلەيدىغان ھەقسىز ئەپنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

توپ قۇرۇلغان 2 كۈندىن بۇيان توپقا قوشۇلغان دوسلارنىڭ سانى 40 قا يەتتى. بۇ توپقا كۇلۇبىمىزدىكى ئايفون، ماشىنا، فوتوگرافىيە ھەۋەسكارلىرى يىغىلغان بولۇپ، قىزىقىشىمىزدا ئورتاقلىق بولغان دوسلارنى، ئورتاق پىكىردىكىلەرنى بىر يەرگە يىغىش ئاساسى مەقسەت قىلىنغان. قوشۇلغان بارلىق دوسلار ئۆز-ئارا ھۆرمەت ۋە ئىززەت-ئېكرام بىلەن چىرايلىق مۇنازىرىلىشىشى كېرەك. ئەخلاقسىز سۆزلەرنى ۋە رەسىملەرنى يوللىغۇچىلار بىردەك توپتىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. مەدەنىي تور مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ULY نى قوللىنىڭ.

داۋامىنى ئوقۇش »

بەزىدە كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ۋاقىتتا ئايفوننى ئېلىپ ئۇچۇر ئېۋەتىش خوش ياقمايمۇ قالامدۇ؟ بەزىدە كومپىيۇتېردىكى بىر پاتمان مەزمۇنلارنى بىرسىگە ئۇچۇر ئارقىلىق ئېۋەتىش توغرا كەلگەندە ھەممە مەزمۇننى قولىڭىز بىلەن ئايفوندا يېزىش خوش ياقمايمۇ قالامدۇ؟ بۇ چاغدا كومپىيۇتېر ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاشنى ئويلاپمۇ قالغان بولغىيتىڭىز ھە؟ قېنى كېلىڭ، بۇ چۈشىڭىزنى رىئاللىققا ئايلاندۇرايلى.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئۇقتۇرۇش! ئۇقتۇرۇش! پاسىبان كۇلۇبى QQ توپى قۇرۇلدى! ئايفونداشلار، ئالمىداشلار، ماشىناخۇمارلار، فوتوگراف ھەۋەسكارلىرى توپى قۇرۇلدى!  داۋامىنى ئوقۇش »

高德导航 توغرىسىدا ئىلگىرى بىر يازما يېزىپ چۈشەندۈرگەن ئېدىم(يازما 1  ۋە يازما 2 دىن كۆرۈڭ). ئۇ چاغدىكىنىڭ نەشىرى سەل كونىراپ قالدى. ھازىر يېڭى نۇسقىسى چىقىپتۇ. بۇ قېتىمقىسىنىمۇ سىلەر بىلەن تەڭ ئىشلەتكىم كەپقالدى. يول باشلىغۇچ لازىممۇ؟ ئۇنداق بولسا مەرھەمەت!

داۋامىنى ئوقۇش »

نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئىشىلىتىپ كېلىۋاتقان بۇرادەرلەر iTunes تىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىغۇ دەيمەن. شۇڭا بۇ جەرياندا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان ئوخشايدۇ. شۇڭا بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچەمگە ئاساسەن ئازراق تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم.

داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش